توكيودىكى تۇنجى كىتابخۇمارلار سۆھبىتى

1,004 قېتىم ئوقۇلدى

ياپونغا كېلىپ تۇنجى قېتىم خانىمقىزلار بىر سورۇنغا كېلىپ، ئۆزلىرى ئوقۇغان كىتابلىرى، ئويلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تىرىشىۋاتقانلىرى ھەم بۇندىن كېيىنكى نىشانلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان كۆڭۈللۈك بىر سۆھبەتكە، يېغىلىشقا داخىل بولدۇم.

 

Qizlar bar-Gulgine

 

2023-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى يەكشەنبە، بىز«كىتابخۇمارلار ئارامگاھى»دىكى دوستلار سائەت 1:00 ئۇچراشماقچى بولغان كۈن.

بىر يەرگە كىچىكىپ بارىدىغان ناچار ئادىتىمنى تۈزىتىشنى نىيەت قىلغان مەن سائەت 10:00 دا ئۆيدىن چىقتىم. سايتامادىكى ئابلەتنىڭ كىرورەن ئاشخانىسىغا بېرىش ئۈچۈن ئۆيۈمدىن پويىزلىق كام دېگەندە ئىككى سائەتلەر كىتەتتى. دەرۋەقە، ئارىلىقتىكى بىكەتلەردە كىتابخانىغا كىرىشكىمۇ ئۈلگۈرگەن مەن 12:30 لەردە ئۇچراشماقچى بولغان بىكەتكە كەپ بولدۇم.

ئوخشاش ۋاقىتتا بىكەتكە كەلگەن گۈلباھارھەدەم  بىلەن چىرايلىق ھالىتىمىزدە رەسىملەرگە چۈشىۋالغاچ  مۇيەسسەرنى ساقلىدۇق. مۇيەسسەر كەلگەندە بىراقلا تاكسىدىلا ئاشخانىغا بارماقچى بولغان بىزگە، شۇغىنىسى ھېچبىر تاكسى ئۇچىرىمايۋاتاتتى… يەنىلا يېراقتىن كېلىۋاتقان گۈلزارھەدەمنىڭ ماشىنىسىنى ساقلىماقتىن باشقا ئامال بولمىدى. ئۈچ قىز شوخلۇق بىلەن بىربىرىمىزنى رەسىملەرگە تارتقۇچە، ھايالشىمايلا  گۈلزار ھەدەمنىڭ ماشىنىسىمۇ يېتىپ كەلدى.

كوبېدىن ئاتايىن كىتاب سۆھبىتىمىز ئۈچۈن كەلگەن گۈلزار ھەدەملەر بىلەن تۇنجى ئۇچىرىشىشمىز ئىدى. قىززىق، بەزى ئادەملەر ىبلەن ئۇچىرىشىىشمىزخۇددى ئالدىن كىتابلاردا يېزىلغاندەك شۇنداق تەبىئى بولىدۇ، ئارتۇقچە تۈزۈت-رەسمىيەتلەر كەتمەيدۇ. ئەنە شۇنداق گۈلزار ھەدەم بىلەنمۇ خۇددى ئۇزۇن يىللىق تونۇشلاردەك ماشىنىدىلا چاقچاقلار بىلەن سالاملاشتۇق. ھەشپەش دېگۈچە كەپقالغان ئاشخانىغا «ئىسىت، يىراقراق بولسىچۇ، بىردەم مۇشۇنداق كۆڭۈللۈك ماشىنا ساياھىتى قىلاركەنمىز» دىيىشىپمۇ قالدۇق.

ئابلەت ھەم ئوماق ئايالى گۈلمەرەم بىز ئۈچۈن مەخسۇس چوڭ، چىرايلىق خانىسىنى تەييارلاپ قويغانىدى. ۋەتەننى ئەسلىتىدىغان بۇچىرايلىق خانىدا ئالدى بىلەن تەملىك تاماقلار بىلەن غىزالانغاندىن كېيىن سۆھبىتىمىزنى راسمى باشلاپ كەتتۇق.

ئاياللار، پەرزەنت تەربىيەسى، ئوقۇغان كىتابىمىز، كەسپىمىز، بۇندىن كېيىنكى نىشانلىرىمىز...قاتارلىق تولىمۇ كەڭرى دائىرىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىمىز بەسبەستە پىكىر قاتناشتۇرۇش، ھەر بىر ئادەمگە سۆزلەش ۋاقتى بېكىتىپ بەرسەكمۇ 1:00 باشلانغان يېغىلىشىمىز 6:00 لەردىن ئاشقۇچە داۋاملاشتى. يەنە داۋاملاشتۇرىمىز دېسەك داۋاملىشىپ كەتكۈدەك قىزغىنلىقتىكى بىزلەر ئاشخانىنى مۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ئىگەللىۋىلىشتىن خېجىل بولۇپ، ئاشخانىدىن چىقىپ يېقىن ئەتراپتىكى قەھۋەخانىغا باردۇق. قەھۋەخانىنىڭ تاقىلىش ۋاقتى بوپقالمىغان بولسا ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قانچىلەرگىچە ئولتۇرار بولغىيتتۇق ھە! شۇنداقتىمۇ پىقىر ئۆينى تاپقۇچە 11:30 لەر بوپقالدى.

قىسقىسى، تاتلىق كۈلكە بىلەن باشلىنىپ خۇشال ھەم مەنىلىك ئاياغلاشقان بىر كۈنگە رەھمەت ئېيتىپ ئۇخلاپ قالغان بىر كۈنۈم بولدى.

ئۇشبۇ تېمىدا،  كۆپلىگەن دىلى كەڭ، تەپەككۇرى ئىلغار خانىم-قىزچاقلارغا ئىلھام بولۇش مەقسىتىدە ئەھمىيەتلىك يېغىلىشىمىزنىڭ خاتىرىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۇق.

تۆۋەندە، ئارامگاھىمىزدىكى بىر قانچە دوستلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

ئەسكەرتمە: ئۇشبۇ تېمىدىكى قىستۇرما سۈرەتلەر پەقەت  شۇ كۈنى تارتىلغان سۈرەتلەر ھەم ھەممىمىزنىڭ تەستىقى بويىچە ئۇشبۇ بىلوگقا قويۇلدى.

 

خەيرىنسا ياسىن

خەيرىنسا ياسىن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار❤️

30-ئاپرېل ئارامگاھىمىزدىكى شارائىتى يار بەرگەن دوسلارنىڭ، سىڭىللار بىلەن تۇنجى قېتىم دىدارلىشىش سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

بىز ياپونىيە تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان،ھەممىمىز نورمال خىزمەت، ئوقۇش بىلەن بىرگە پەرزەنىت تەربىيلەۋاتقان ئانىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە قاتنىشىپ ناھايتى قىممەتلىك بىر تەپەككۇر غىدىقلاش پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىگىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلدىم.

ئەلۋەتتە ھەممىمىزئالىي مەلۇمات ئالغان ئىلمىي ئانىلار ۋە خانىملار. بىر-بىرىمىزنىڭ قىلغان تەتقىقات ئۈگەنگەن بىلىملىرىمىز ھەر-خىل بولغانلىغى سەۋەپلىك شۇ سورۇندا ھەر-خىل كەسپىي بىلىملەرنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندەك كەيپىياتتا، ئەركىن پىكىرلەر،ئىلمىي بايانلار مېنى تولىمۇ ھاياجانغا سالدى،  باشقىلارنىڭ كەسپىي پاراڭلىرى ۋە تەتقىقات توغرىسىكى جەريانلارنى قېتىقىنىپ ئاڭلاپ بەكمۇ ھوزۇرلاندىم ۋە ئۆزۈم  ئارامگاھ  قۇرۇلغاندىن بېرى ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتقان كۆز قارشىمنى ئېيتىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىگىمدىن سۆيۈندۈم.

شۇ كۈنى قاتنىشالمىغان ئارامگاھتىكى باشقا دوستلارغىمۇ دەيدىغىنىم،  ئارامگاھدىكى ھازىر بار قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، يىل ئاخىرغىچە ئارامگاھ  نامىدىن ئىلمىي ژورنال چىقىرىش تەكلىۋىنى بېرىمەن. مەقسەت، ھەممىمىز ھەر-خىل ساھەدىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆگەنگەن بىلىملىرى ۋە قىلىۋاتقان ئىلمىي ساھەلەر بويىچە ئىلمى ماقالىلەرنى يېزىپ، ئارامگاھ  نامىدا نەشىر قىلدۇرۇش ۋە مۇشۇ ئارقىلىق ئاياللار ئۆزىمىزدىكى قېزىلماي قالغان يۇشۇرۇن ئىقتىدارلىرىمىزنى قېزىپ چىقىرىپ كەلگۈسى ئۈچۈن كەڭرى بىر يول ئېچىشتۇر. ئەلۋەتتە، ماقالىلەرگە ھىچقانداق شەرتلەر قويۇلماسلىغى كېرەك.

بۇندىن كېيىن بۇ ئارامگاھىمىزنى گۈللەندۈرۈپ،ئەزالىرىمىزن كۆپەيتىپ، ياپونىيەدىكى خانىم-قىزلارنىڭ بىر ئىسىل ئارامگاھىغا ئايلاندۇرۇش ۋە پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىپ، ئىلمى ئۇسۇلدا راۋاجلاندۇرۇشدىن ئىبارەت.

ئانا تىلىمىز غېرىپ قالمىسۇن، ئانا تىلىمىزنى قوغداش سىزنىڭمۇ، مېنىڭمۇ، ئۇنىڭمۇ يىغىپ ئېيتقاندا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىمىز دەپ قارايمەن. ئانا تىلىمىزدا ئاياللار ژورنىلى چىقىرايلى، بىرلىكتە تىرىشايلى،  بىز قىلالايمىز!

گۈلزار قېييۇم  

گۈلزار قېييۇم

سالام ئەزىزلەر~❤️

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەرەققىي قىلغان غەرىپ دۆلەتلىرى خارەكتىرىدىكى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان، تىرىشىپ ئىلگىرلەيدىغان, «ماسلاشقانلار ياشايدىغان» كۈچلۈك بىر رىقابەت جەمئىيىتىدە ياشاۋاتىمىز. بۇ جەمئىيەتتىكى مەيلى قايسى ساھە بولسۇن ھەممىسى دىگۈدەك مەلۇم ھەمكارلىق شەكلىدە باشقۇرۇلىدۇ. ئالدىنقى نەچچە يىل ئىچىدە دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ھەمكارلىشىشنىڭ نەقەدەر موھىملىغىنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ يەتتۇق. ئەڭ ئاددىسى باشقىلار بىلەن دوستانە ھەمكارلىشالىساق، تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ.

2022-يىلى 11-ئايلاردا بىز ياپونىيەدىكى بىر توپ خانىملار ئوقۇغان كىتاپلىرىمىزدىن ئۆز تەسىراتلىرىمىزنى ھەمبەھىرلەش، بىر-بىرىمىزنى ئىلىم بىلەن زەرەتلەش، بىر -بىرىمىزنى ئالغا ئىلگىرلىتىشكە ئۆز-ئارا تۈرتكە بولۇشتەك بىر ئۇلۇغۋار ئالاھىدە نىشان ئۈچۈن ئىلغار ئىدىيەلىك، ئالغا ئىنتىلىش روھىغا ئىگە، تىرىشچان سىڭلىم  رەيھاننىڭ  تەشەببۇس قىلغان كىتاپخۇمارلار ئارامگاھىغا يىغىلدۇق.

شەخسەن مېنىڭ كىتاپقا بولغان مېھرىم بالىلىقىمغا باغلىنىشلىق. ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ھەر بىر تەتىل كۈنلىرىم چوڭ دادامنىڭ  ئۆزى ئىخلاس بىلەن قۇرۇپ چىققان ئىككى ئېغىزلىق كۈتۈپخانىسىدا دۇم يېتىپ، دۈم قوپۇپ كىتاپ ئوقۇش بىلەن ئۆتكەن ئىدى. چوڭ دادامنىڭ كىتاپ ئىشكاۋى ئاستدىكى ژورناللار قىسمىغا قويۇلغان «دۇنيا ئەدەبىياتى»نىڭ  يىللىق سانلىرىمۇ قالمايتتى مەن ئوقۇمىغان.

كېيىن ئالىي مەكتەپ ھاياتىم مېنىڭ كىتاپ ئوقۇشتىكى يەنە بىر باسقۇچ مول-ھوسۇللۇق دەۋرىم بولدى. ھازىرقى ۋاقتىمدىكى ئۆزۈمنى «كىتاپنى ياخشى كۆردىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىممۇ؟» دەپ ئۆزۈمنى بىر مەزگىل كۈزىتىپ باققانمۇ بولدۇم. دەرۋەقە ھەر كۈنلۈك ۋاقتىم مەلۇم مىقداردا كىتاپ بىلەن ئالاقىدار ئۆتىدىكەن، كىتاپنى قولۇمغا ئالالمىغان كۈنلىرىم، ماشىنا ھەيدىگەچ ، ئۆي ئىشى قىلغاچ ھىچ بولمىسا ياكى ئۇيغۇرچە ياكى  تۈركچە،  ئىنگىلىزچە مەلۇم ئاۋازلىق ئەسەر ئاڭلايدىكەنمەن. ھەر كۈنى كىتاب بىلەن ھەپىلىشىش ئادىتىم ھىچقاچان ئۈزۈلۈپ قالماپتۇ، كىچىكىمدىن كىتاپنىڭ گېپى چىقسا ھاياجانلىنىشىم ھەم ئارامگاھقا ھىچ ئىككىلەنمەستىن كىرىشلىرىمدىن، ئۆزۈمنىڭ كىتاپنى ھەقىقىي، سەمىمىي ياخشى كۆرۈدىغانلىغىمنى ھىس قىلدىم. . .

بۈگۈن تۇنجى نۆۋەت ئارامگاھتىكى ھەمشىرىلەر بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچراشتۇق. ئۇچرىشىمىز ئۈنۈملۈك، مېھىرلىك، ئىللىق، ھوزۇرلۇق بولدى. ھەقىقەتەن پىكىر ئورتاقلىغىغا ئىگە بولغان بىر تۈركۈم ئىنسانلار بىر يەرگە كەلسە گۈزەل ھەم نەتىجىلىك ئىشلار ۋۇجۇتقا كىلىشى مۇقەررەر. كىتاپخۇمارلارنىڭ نەچچە يىللاردىن ئىگەللىگەن بىلىملىرىمىز، ئۈگىنىش، خىزمەت تەجرىبىلىرىمىز چىچىلاڭغۇ، تەشكىللەنمىگەن، بىرلەشتۈرۈلمىگەن بولۇشى مۆمكىن.  بىز ھەمكارلىشىپ تىرىشىش پىرىنسىپى بىلەن بىر -بىرىمىزنى ئالدىغا ئىتتىرىدىغان پۇرسەتنى ياراتتۇق. ئارامگاھتىكى خانىملارنىڭ قىزىقىشى، كەسپى، بىلىم قۇرۇلمىسى ھەر خىل بولۇش تۈپەيلى ھەمبەھىرلىنىدىغان مەزمۇنلارنىڭ دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرى. دىققەت قىلسام خانىملارنىڭ بەكرەك قىزىقىدىغىنى پىسخىكىلىق مەسىلىلەر، بالا تەربىيەلەش، ۋە يېڭى ھەم پايدىلىق ئادەت يېتىلدۈرۈش قىزغىنلىقى كۈچلۈك ئىدى.

توغرا،ئارامگاھ  مەن ئۈچۈنمۇ يېڭى بىرئادەتنىڭ تۇغۇلغان جايى.
بۈگۈن ئۆزۈمنى بۇ غايىلىك، ئالدىغا ئىنتىلىدىغان، كەمتەر، مېھىرلىك كىتاپخۇمارلار بىلەن تولىمۇ بەختلىك ھىس قىلدىم.

مەن بۇ ئارامگاھقا خۇش كەلدىم…

گۈلباھار مەھمۇد

گۈلباھار مەھمۇد

 كىتاپخۇمار،ئالدىن كۆرەر ،توختىماي ئىزدىنىپ ئالغا ئىلگىرلاۋاتقان خانىم -قىزلارنىڭ ئوقۇغان ،ئاڭلىغان كىتاپلىرىنىڭ مەزمونىنى ،تەسىراتلىرىنى،يېڭى يىللىق پىلانلىرىنى ،ئاددى ئەمما قىزىقارلىق تالاش -تارتىشلارنى ئاڭلاپ،2022-يىل 10-ئايدىن باشلاپ تۇرمۇش ئۇسۇلۇمدا قالايمىقانلىق يۈز بەرگەنلىگىنى،نىشانسىز،ئۈمۈدسىز ،گاڭگىراش ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىگىمنى بىلىپ يەتتىم.

دەل ۋاقتىدا ئارامگاھتىكى ھەر خىل ئىجابى پىكىرلەرنى ئاڭلاپ،دەرھال يېڭى يىللىق نىشان تىكلىشىمنىڭ زۆرۈرلىگىنى ھىس قىلدىم.

 

ئوڭ تەرەپتىكىسى نادىرە تۇردى

نادىرە تۇردى

ھەممىڭلارغا سالام ❤️

تۇنجى قېتىملىق ئارامگاھنىڭ يۈز تۇرانە سۆھبىتىگە داخىل بولدۇم. بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە قاتىنىشىپ، ھەقىقەتەن بەك سۆيۈندۈم، تەسىرلەندىم  ھەم ئىلھام ئالدىم، ئۆزەمنىڭ بەزى يىتەرسىز تەرەپلىرىمنى ھىس قىلدىم، چۈنكى كىتاپنى سۆيۈش، ئوقۇش ، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىش گۈزەل بىر ئىش، لېكىن شۇ كىتاپتا ئوقۇغان ، ئۆزىگە تەسىر قىلغان ، پايدىلىق تەرەپلەرنى ئىخچاملاپ، باشقىلارغا سۇنۇش ، بۇ ناھايتىمۇ گۈزەل بىر ئەخلاق ھەم ئادەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.

مەن كىتاپنى ناھايتى ياخشى كۆرىمەن، گەرچە ھەر كۈنى ئولتۇرۇپ نەچچە سائەت كىتاپ ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىساممۇ، لېكىن كىتاپ يىغىشقا ، ھەم ئۇنىڭغا قاراپ ھوزۇر ئېلىشقا بەك ئامراق، بۇنداق دىسەم كىتاپ ئوقۇماي، كىتاپ يىغىدىغان ئەخمەقكەن دەپ قالماڭلا، كىتاپ ئوقۇشقىمۇ بەك ئامراق، لېكىن شۇ ئىشلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن كىتاپ ئوقۇشقا كۆپ ۋاقىت ئاجىرىتالماي كەلدىم . بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە قاتىنىشىپ ، قىزلارنىڭ تەسراتلىرىنى ئاڭلاپ،ئۆزەمنىڭ كىتاپ ئوقۇغاندىكى تەسراتلىرىمنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشتە ھەم ئۆزەمنىڭ ئىپادىلەش كۈچۈمنىڭ يىتەرسىزلىكىنى ھىس قىلدىم، ھەم بۇ جەھەتتە تىرىشىپ بېقىشقا نىيەت قىلدىم، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر كۈنى چوقۇم ئاز دىگەندە يېرىم سائەت ۋاقىت ئاجىرىتىپ كىتاپ ئوقۇشقا بەل باغلىدىم.

مېنىڭ يېزىقچىلق جەھەتتە قەلىمىم كۈچلۈك ئەمەس ، لېكىن ئۆزەم ئوقۇغان ،ياخش كۆرگەن ، ماڭا تەسىر قىلغان، ھەم مۇھىم دەپ بىلگەن يازمىلارنى خاتىرلەپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىمەن ھەم نەچچە يىلدىن بېرى خاتىرلەپ كېلۋاتىمەن. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ خاتىرلەپ ماڭغان يازمىلاردىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى پات ئارىدا ئىخچاملاپ ئەۋەتىمەن. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ گۈزەل ئىشلارنى، ئادەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا نىسىپ قىلغاي.

بىر – بىرىمىزگە ئىلھام ۋە كۈچ بېرىپ ، بىرلىكتە تىرىشايلى، مۇشۇ توپتىكى بارلىق گۈزەل خانىم- قىزلار بىلەن يەنە بىر قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش نىسىپ بولغاي، ئالدىنقى قېتىملىق كۆرۈشۈش بەكمۇ كۆڭۈللۈك، ئەھمىيەتلىك بولغان ئىدى، بىر – بىرىمىزگە قىيالمىغان ھالدا خوشلاشقان ئىدۇق.

 

مۇيەسسەر

مۇيەسسەر ئەنۋەر

 

ئالدى بىلەن شۇ پائالىيەتنى روياپقا چىقىرىشقا كۈچ چىقارغان ھەممەيلەنگە، مېنى مۇشۇ توپقا ۋە شۇ مەنىلىك پائالىيەتكە تەكلىپ ئېتىپ، گۈزەل بىر ئۇچرىشىشىقا ۋەسلە قىلغان رەيھانگۈل ھەدەمگە رەھمەت ئېيتىمەن.

مەن ئالىي مەكتەپتىن باشلاپ ئىچكىرىدە ئوقۇغانلىقىم سەۋەبىدىن ئانا تىلىمىزدا، تىلداش دىلداش ھەمشىرىلەر بىلەن بۇنداق ئەركىن ئازادە تەپەككۇرلىرىمىزنى قويىۋېتىپ مەنىلىك تېمىلار ھەققىدە بولۇنغان سۆھبەتكە تۈنجى قېتىم داخىل بولىشىم دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم. ھەممىڭلارنىڭ سۆزلىرى مېنى ئېلھاملاندۇردى ۋە نۇرغۇن بۇرۇن ھېس قىلمىغان ياكى بىلىپ يېتەلمىگەن ھەقىقەتلەرنى تونۇتتى. ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئانا تىلىمىزدا سۆزلەش پۇرسىتى بولغىنىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم. ئۆزىمىز ئوقۇغان كىتاپلارنى، ئۇ مەيلى قايسى تىلدا بولسۇن، ئانا تىلىمىزدا باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىش ھەم تەپەككۇرىمىزنى قانات يايدۇرۇپ ئۇنى ھاياتىمىزغا تەدبىقلاش مېنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالدى.

ئەمدى، بۇ يەردە بۇ تەسىراتنى يىزىش ھەم مېنىڭ داتلىشىپ قالاي دېگەن يېزىقچىلىق ھۈجەيرىلىرىمنى قايتا قوزغىتىۋاتىدۇ. يىغىپ كەلسەم، بۇ ئىنتايىن مەنىلىك مەزمۇنلۇق بىر پائالىيەت بولدى. ھەممىڭلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت❤️❤️❤️❤️

 

رەيھان

رەيھان ئابلەت

 

كىتاب ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى ئادەتتىكى كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇلار كەڭرى دائىرىدە پىكىر قىلالايدۇ. ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتا ئۆزى دۇچ كەلگەن مەسىللىرىنى ئېيتالايدىغان، كەڭرى دائىرىدە پاراڭلىشالايدىغان، ئائىلىدىن، خىزمەتتىن، تار دائىرىدىن ھالقىغان ھالدا ئۆزى بولالايدىغان سورۇنى، دۇنياسى بولىشى كېرەك.

مېنىڭ كىتاب،  توپىمىز توغۇرلۇق ئارتۇقچە گەپ قىلغۇم يوق. چۈنكى، ئۇشبۇ بىلوگىمغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان دوستلار كىتاب بىلەن مۇناسىۋىتىمنىڭ خېلىلا يېقىنلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە بىلسە كېرەك. كىتاب ئوقۇش توغۇرلۇق ئارتۇقچە ۋەز سۆزلەشنىمۇ لايىق تاپمىدىم. پەقەتلا تۇرمۇشۇمدىكى  مۇنداق بىرھايات كارتىنىسىنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىش بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.

ھەر كۈنى كەچ ئوغلۇم بىلەن شۇ كۈنى بولغان ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىشتىن ئۈچنى دەپ ئۇخلايمىز.  نېمىشقىدۇرھەر قېتىم ئالدى بىلەن تىلغا ئالىدىغىنىم بىر ئىستاكان قەھۋەرىم بىلەن كىتاب بولۇپ چىقىدۇ. دىمەك، كىتاب ئوقۇش مەن ئۈچۈن رەسمىيەت ئەمەس، كۈندىلىك تۇرمۇشۇمنىڭ ئەڭ تاتلىق بىر بۆلىكىگە ئايلىنىپ كەتكەن.

بىر قانچە ئايلاردىن بىرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ياپونىيەدىكى كىتابخۇمارلار ئارامگاھىدىن ئىبارەت كىتابتىن يۈرۈكىدىن ھوزۇرلىنالايدىغان ئورتاق بىر قىزىقىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ئۇشبۇ ئارامگاھىمىزدا  كەڭرى دائىرىدە پاراڭلىشالايدىغان ئىلغار، ساغلام ئىدىيەدىكى خانىم-قىزچاقلارنىڭ ھاياتنىڭ مانا مۇشۇ ئېغىر، قاراڭغۇ يىللىرىدا بىر-بىرى ئۈچۈن مەشئەل بولۇپ يېنىشى، ئورتاقلىشىشى، بىرلىكتە تەپەككۇر قىلىشى بەك قالتىس ئىش!

مەن ئۇشبۇ ئارامگاھىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل رەڭدارلىق بىلەن بىزىلىشىنى، چارچىغان نىرۋىلار ئارام ئالىدىغان ھەقىقى مەنادىكى بىر ئارامگاھقا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Instagram: @aramgah_jp

ئىنستىگرامدىن يۇقارقى ئىسىمدىن بىزنى تاپالايسىز~ ❤️

 

**************

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. سىرتتىن قايتىپ كېلىپ تېلىفۇننى قولۇمغا ئالسام ئۇچۇرلار بەك كۆپ ئىكەن.راستىنى ئېيتسام شۇ كۈندىكى مەنىلىك ئۇچرىشىشنىڭ بىزنىڭ گۈزەل خانىملارغا قانداق تەسىرات ئەكەلگەنلىگى توغرىسىكى بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ دەرھاللا ئوقۇپ چىقتىم.
    مەن مۇشۇ ئىنكاس رايۇنى ئارقىلىق كىتاپ ئوقۇشقا بىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن رەيھانگۈل سىڭلىمىزنىڭ يېتەكچىلىگىدە قۇرغان بۇ ئارامگاھقا يەنى رەيھانگۈلگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.ئارلىقنى يىراق كۆرمەي كېلىپ، بىزنى ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ كىرورەن ئارامگاھىغا ئاپارغان دوستىمىز گۈلزارغا كۆپ تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرىمەن.شۇنداقلا تەپەككۇرلىرى چاچراپ تۇرىدىغان ياش تەتقىقاتچى سىڭىللىرىمىزدىن شۇنداق سۆيۈندۈم.سىلەرنىڭ تەپەككۇر دۇردانىلىرىڭلاردىن كۆپ ئىلھاملاندۇق ۋە ئۆزىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى توغرا نىشانلىرىمىزنى تىكلىشىمىز ئۈچۈن تەپەككۇرىمىزنى تاسقاش پۇرسىتىگە ئېگە بولدۇق.شۇڭا ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت❤️شۇنداق بىز قىلالايمىز.پەقەت توغرا نىشان بەلگىلەش بەك مۇھىم ئىكەن

ئوقۇرمەن ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

توكيودىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى