CHOPIN Waltz in A minor
2022.10.16
ئۆزىڭىزدىن باشلانسۇن
باشقىلارنى ھەقىقىي سۆيەلىگۈدەك جاسارەت ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى سۆيۈشتىن كېلىدۇ.
始まりは自分自身
誰かを心から愛する勇気は、自分自身を愛することから生まれる。
2022.10.17
ياخشى–يامان ۋاقىتلارنى قانداق ھېس قىلسىڭىز، شۇنداق قوبۇل قىلىڭ
مەغلۇبىيەت سىزنىڭ باتۇرلۇق بىلەن سىناپ باققانلىقىڭىزنىڭ ئىسپاتى.
ھايات دېگەندە كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ، تاپىنىڭىزنى يەرگە چىڭ دەسسەپ ماڭسىڭىزمۇ، يەنىلا پۇتلىشىپ كېتىدىغان، يىقىلىپ كېتىدىغانئىشلار دېگەن بولۇپ تۇرىدۇ.
يېقىلسىڭىز يەنە ئورنىڭىزدىن تۇرسىڭىز بولىدۇ. يىغلىغۇڭىز كەلگەندە قېنىپ يىغلىۋىلىڭ، ئۇسسۇل ئوينىغۇڭىز كەلسە ئۆزىڭىزنى قويۇپ بېرىپ ئۇسسۇل ئويناڭ، كۈلگۈڭىز كەلگەندە پۇخادىنچىققۇچە كۈلىۋىلىڭ. غەزەپ، ئازاب، خۇشاللىقلارنى ھېس قىلغىنىڭىز كەبى قوبۇل قىلىڭ.
ياخشى كۈنلەرمۇ بولغىنىدەك يامان كۈنلەرنىڭ بولىشى، ھەر خىل ئىشلارنى بولىشىنىڭ ئۆزى –تۇرمۇش! پەقەت خۇشاللىقلا ۋە ياكى ئازابلا بولمايدۇ، ھەر ئىككىسى مەۋجۇت بولغاندا ھايات ھاياتتەك بولىدۇ!
良い時も悪い時も感じるままに感じる
失敗はあなたが果敢に挑戦した証。
目を見開き、地にしっかり足を着けて歩こう。それでも、つまずき、転んでしまうことがある。
その時は、また立ち上がればいい。
泣きたいときには泣く、踊りたくなったら踊る、笑いたくなったら笑う。
怒りや悲しみや喜び、感じるままに感じる。
良い時も悪い時も、いろいろあるのが人生。
どちらか片方だけでもダメ、両方あっての人生だ。
2022.10.18
تېخىمۇجۇلالىنىش
چاقناشتىن ئەنسىرىمەڭ. قۇياش ھېچنىمىدىن قورقماستىن، ھەر كۈنى چاقناپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.
خالىسىڭىز سىزمۇ قىلالايسىز. سىزدە باشقا ھەرقانداق ئادەمدە بولمىغان ئۆزىڭىزگە خاس نۇرلار بار.
より明るく輝く
輝くことを恐れないで。
太陽はちっとも恐れていない。
毎日まぶしいくらいに光り輝いている。
あなたもそうしようと思えばできるのだ。
光を持っているのは、他の誰でもないあなたなのだから。
2022.10.19
سىز بولۇشقا تېگىشلىك ئورۇن
تۈزۈك ئورنۇم يوق، دوستلىرىممۇ يوق دەپ ھەسرەت چىكىشىڭىز مۇمكىن.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز بولۇشقا تېگىشلىك ئورۇن دەل ھازىرقى ئورنىڭىز، سىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇۋاپىق جاي يوق!
ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق ئورۇننى يوق دەپ ئويلىۋالغانلىقىڭىز، دەل ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن. پەقەت ئۆزىڭىزنى قوبۇل قىلالىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئورنۇم بار، تەۋەلىكىم بار دەپ ئويلىيالايدىغان بولۇشقا باشلايسىز.
مەيلى قەيەردە بولۇڭ، مەيلى نەگە بېرىڭ، شۇ يەر دەل سىز بولۇشقا تېگىشلىك ئورنىڭىزدۇر. ئۇ ھېچكىمنىڭ ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت سىزگە تەئەللۇق جاي.
いるべき場所はここ
居場所がない、友達もいないと嘆いているかもしれないけれど、あなたのいるべき場所は、今いるその場所だ。
ほかにあなたのいるべき場所はない。
居場所がないと感じるのは、自分が自分を受け入れていないから。
自分を受け入れて初めて、居場所があると思えるようになる。
どこにいようと、どこへ行こうと、そこがあなたのいるべき場所だ。
ほかの誰の場所でもない。
2022.10.20
ناچار ئىشلارنى ئۆزگەرتىڭ
ھازىر تۇرۇۋاتقان مۇھىتىڭىزدا خۇشال بولالمىغان بولسىڭىز، ئۇنى ئۆزگەرتىڭ.
ダメなものは変える
今いる環境で幸せでないのなら、環境を変えなさい。
2022.10.21
قايسى يولدا مېڭىشنى ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ
«ھېچكىمنىڭ ئارزۇيىمىزغا يامغۇر ياغدۇرۇش ھوقۇقى يوق».
– Marian Wright Edelman
«مۇۋەپپەقىيىتىمىزنىڭ ئۆلچىمى» دىن پارچە
باشقىلارنىڭ سىزگە «ۋاز كەچكىنىڭ تۈزۈك» دەيدىغان گەپلەرنى قىلىشىغا يول قويماڭ. «ئارزۇيۇڭ ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دەيدىغان كىشىلەرگە ئىشەنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
خەق نېمە دېسە دېسۇن، قەلبىڭىزدىكى ئارزۇدىن ۋاز كەچمەڭ! سزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئارزۇ تاللاش ھوقۇقىڭىز بار.
進むべき道は自分で決める
「あなたの夢に雨を降らせる権利は誰にもない」
ーマリアン・ライト•エデルマン
「The measure of our success 」より
「やめておいたほうがいいよ」なんて人に言わせない。
「夢は叶うはずがない」と言う人の話を信じる必要は無い。
何か言われたくらいで、夢を追いかけることをあきらめない。
魂の求めて夢を選ぶ権利はあなたにしかない。
2022.10.22
ئۈمىد كۈتسىڭىز، ئۈمىدسىزلىنىپ قالىسىز
ئۈمىدنىڭ بولغىنى ياخشى، بىراق ئۈمىد كۈتمىگەن تۈزۈك. كۈتكىنىدەك چىقمىسا، ئۈمىدسىزلىنىپ قالىدىغان گەپ.
كېلەر قېتىم ئەنە شۇنداق كۈتكىنىڭزدەك چىقماي ئۈمىدسىزلىنىپ قالغىنىڭىزدا، تەپەككۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ. يەنى، ئۈمىدسىزلىنىشنى مەنپى تەرەپتىن ئويلىماستىن، تۈزىتىشكە تېگىشلىك نوقتىلارنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ بېقىڭ.
2022.10.23
سەلبىي ھېسسىياتتىن قۇتۇلۇپ چىقىڭ
سەلبىي ھېسسىياتنى تاشلاپ قويساق، بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ ماڭىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن ۋاقتىدا قۇتۇلۇپ چىقايلى.
ئۆزىڭىزنى ئازابلايدىغان ھېسسىياتتىن ئۆزىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىڭ. ئەگەر، ئازابنىڭ مۇدھىش قوللىرىدىن قۇتۇلالماي قالغان بولسىڭىز، دۈشمىنىڭىزنى تولۇق مەقسىتىگە يەتكۈزۈپ قويغان بولىسىز.
سەلبى ھىسياتنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، يىنىك، يېڭىچە ئۆزىمىزدە ئالدىغا قارايلى.
ネガティブな感情を手放す
ネガティブな感情は放っておくとどんどん重くなっていく。
だから、さっさと手放そう。
あなたを苦しめる感情から解放されよう。
手に負えなくなったのなら、敵は十分に目的を果たしたことになる。
処分して、すっきり身軽になって前に進もう。

كۈزنىڭ ئىللىق ئاپتىپى ھەم گۈزەل گۈللەردىن ھوزۇرلانغان يەكشەنبە تۆۋەندە شۇ كۈنكى بىر قانچە پارچە رەسىمدىن بىرلىكتە ھوزۇرلانغايسلەر.
2022.10.24
ئۆزگەرتەلەيدىغان ئادەم پەقەتلا ئۆزىمىز
سىز ئۆزگەرتەلەيدىغان بىردىنبىر ئادەم پەقەت ئۆزىڭىز. بۇ–ئادەملەر نۇرغۇنلىغان يىللار سەرپ قىلىپ ئېرىشكەن پاراسەت.
ئەگەر ياشاۋاتقان مۇھىتىڭىز ئويلىغىنىڭىزدەك بولمىسا، ئۆزىڭىزنىڭ نېمىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلاڭ. مەسىلەن، پاسسىپ ئۇچۇرلارنىلا يەتكۈزىۋاتقان نەرسىلەرنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزنى بايقىسىڭىز، باشقىلىرىنى ئوقۇڭ.
ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ خۇشال ئەمەسلىكىنى بايقىغان بولسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنى خۇشال قىلىڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىز بەلكىم، سىزدىكى خۇشاللىق باشقىلارغا يۇقۇشى مۇمكىن.
خۇشال بولالمايۋاتقىنىڭىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟ موھىتىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
変えることができるのは自分だ
あなたが変えることができるのは自分だけ。
これは人間が長い年月をかけて培った知恵だ。
あなたのいる環境が望んでいるようなものではないなかったら、自分を少し変えるために何ができるか考えてみよう。
例えば、ネガティブな情報しか書かれていないものを読んでいるのに気づいたら、他のものを読む。
周囲の人が幸せそうに見えないことに気づいたら、自分が幸せを感じられるようにする。
そうすることで、あなたあなたの幸せが他の人にもうつる可能性がある。
幸せを感じられない原因は何か、環境を変えるには、何を変えればいいか、考えてみよ。
2022.10.25
ئۆزىڭىز بولۇڭ
سىز ئۆزىڭىز بولالىسىڭىز، باشقىلارمۇ ئۆزى بولۇپ ياشىيالايدۇ.
ئىنسانلارغىلا ئاتا قىلىنغان يول قويۇش، ھېسداشلىق، ئاق كۆڭۈللۈكتىن ئىبارەت ساماۋى كۈچكە ماس كېلىدىغان ئارامبەخش بىر جاي بەرپا قىلايلى.
يەنىمۇ ئەسلى ئۆزىمىزدە ياشايلى. سىز شۇنداق قىلالىسىڭىز، باشقىلارمۇ ئۆزىدە ياشىيالايدۇ.
ありのままでいる
あなたがありのままでいることで、他の人もありのままでいることができる。
私たち人間にだけ与えられた偉大な力ー受容、共感、親切のための安全な場所を作り出そう。もっともっと、ありのままでいよう。
あなたがそうすれば、他の人もありのままでいられる。
2022.10.26
شارائىت يارىتىش
«مەغلۇبىيەت»تىن قىچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئورنىڭىزدىن تۇرالايسىز، قانچىلىغان قېتىممۇ ئورنىڭىزدىن تۇرالايسىز.
ھايات نىشانىڭىزغا مۇۋاپىق مۇھىت تېپىڭ، تاپالمىغىنىڭىزدا ئۆزىڭىز يارىتىڭ. نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزدىن مۇۋاپىق ھېچكىم يوق.
環境を作り出す
「失敗」は避けられない。でも、あなたは立ち上がる。何度でも。
目標とする人生に適した環境を探そう。見つからなければ、作り出そう。
自分の夢をつくりあげるのに、自分以上に適した人はいない。
2022.10.28
ئاللىقاچان تەييارلىق پۈتتى
ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىشىڭىزنى قىپ بېقىڭ يا سايرامدىن يا قاينامدىن چىقىدۇ. قورقۇنچلىرىڭىزغا ئەمەس، بىۋاستە سىزىمىڭىزغا ئەگىشىڭ. ئىزچىل قىلغۇڭىز بار ئىشنى قىلماسلىق ئۈچۈن باھانە ئىزدەشلىرىڭىزنى توختىتىڭ.
تەييارلىقىڭىزنى پۈتتى دەپ ئويلاڭ. مەيلى كەينىگە سۈرگەن تەقدىردىمۇ، تەييارلىقىڭىزنىڭ ھازىرقىدىن ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلماقچى بولغانلىرىڭىزنى قىلىڭ.
すでに準備は整っている
一か八かやってみなさい。
ずっと夢に見ていたことを。
恐怖ではなく、直感に従いなさい。
ずっとやりたいと思っていたことをやらない口実を探すのをやめよう。
準備万端、整っている。
先送りにしたところで、今以上に準備が整うと言う事は無い。
今すぐやりなさい。
2022.10.29
ئىشلارنىڭ مۇۋاپىق پەيتى بار
نېمىشقىدۇر ئىشىڭىز ئالغا سىلجىماي قالغان ۋاقىتلاردا، ئۆزىڭىزنى زورلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىر ئىشلارنى ئۆزىڭىزگە مەجبۇرىيەت قىلىۋالسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ھېسسىياتىڭىزغا تەسلىم بولۇڭ. بىر ئاز ئۆزىڭىزگە ئاراملىق بېرىڭ. بەلكىم، بۈگۈن ئۇ ئىشنىڭ پەيتى ئەمەستۇ.
يەر شارى ئايلىنىشتىن توختاپ قالمىسىلا، ئەتە، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغان يېڭى بىر كۈن يەنە كېلىدۇ، مۇمكىنچىلىككە تولغان يېڭى بىر كۈن!
نورمال روھىي ھالەت بولالمايۋاتقاندا، ئادەم ئۆزىنى مەلۇم ئىشنى قىلىشقا زورلاش پەقەت ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، خالاس!
بىر ئاز كۆڭۈلسىز يەردىن يېراقلىشىپ، ئەھۋالنى ياخشىراق چۈشىنىپ، كەيپىيات ياخشىلانغاندا قايتقان تۈزۈك. بۇ دەل سىز تەييار بولغان ۋاقىتتۇر.
物事には適したタイミングがある
どうしても前に進めない時は、無理に進む必要は無い。
そうするのが義務だと思い、感情に身をゆだねよう。
一旦休憩しよう。それがなんであれ、今日はそれをする日では無いのかもしれない。
世界が崩壊しないか限り、明日はまたやってくる。
大きな可能性に満ちた新しい1日が。
正常な心の状態ではない時に無理に何かをしようとしても、ますます状況を悪化させるだけだ。
一旦その場を離れ、現状をよりよく理解し、ポジティブな気持ちになってから戻ってくればいい。
その時こそ準備のできた時だ。
2022.10.30
ياخشىلىق يۇقۇملاندۇرىدۇ
پەقەت ياخشى ئادەملەر بىلەنلا تولمىغان بۇ دۇنيادا ، باشقىلارغا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ئاجايىپ جاسارەت كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، مەيلى باشقىلار كۆرسۇن –كۆرمىسۇن ، ئاق كۆڭۈل بولايلى.
باشقىلارنىڭ ئاق كۆڭۈل مۇئامىلىسىگە ئېرىشكەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭمۇ ھۆرمەت ۋە كۆيۈنۈشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن ئەتراپىدىكىلەرمۇ باشقىلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىدىغان بولىدۇ. مانا بۇ–ياخشىلىق يۇقۇملاندۇرىدۇ،–دېيىشنىڭ سەۋەبى.
قىلىنغان بىر ياخشىلىق بىر ئۈمىد نۇرى بولۇپ تارقىلىدۇ. شۇڭا، ھەر دائىم ئاق كۆڭۈل بولۇشقا تىرىشپ باقايلى.
親切は伝染する
善意の人ばかりではないこの世の中で、人に親切にするのは非常に勇気のいることだ。でも、人に見られていても、見られていなくても親切にしよう。
親切にされた人は、自分も敬意と思いやりを持って接してももらう価値があるのだと気づく。ひとりの人が親切にするのを見て、周りの人たちも利他的な行動をとるようになる。
これが親切は伝染すると言われる理由だ。
ひとつの親切な行いが、希望の光となって広がる。常に親切にするよう心がけよう。
2022.10.31
ئۆزىنى ھۆرمەتلەش خىتابنامىسى
دۇنيانى خۇددى دۈشمىنىڭىزدەك ھېس قىلغىنىڭىزدا (ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇنداق ۋاقىتلىرى ھامان بولۇپ قالىدۇ) ، ئۆزىڭىزگە تېخىمۇكۆيۈنۈڭ ھەم ئۆزىڭىزگە يىتەرلىك مۇھەببەت بېرىڭ.
تۆۋەندىكى سۆزلەرنى كېرەك بولغاندا ئۆزىڭىزگە تەكرار ئېيتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك ئىنسان ئىكەنلىكىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىڭ.
«مەن ئۆزۈمنى ياخشى كۆرىمەن، ئۆزۈمنى ھۆرمەتلەيمەن. مەن باشقىلارنىڭ سۆيۈشىگە، ھۆرمىتىگە، سەمىمىيىتىگە لايىق».
自尊心ための宣言
世間は敵だと感じる時(そういう時は必ずやって来る)自分をいたわり、たっぷりの愛情を注ごう。
次に紹介する言葉を必要な時に何度も唱え、自分が価値のある人間だと言うことを思い出そう。
「私は自分自身を愛し、尊敬している。私は他の人からの愛、尊意、親切を受けるに値する。」
تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت
مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel
شۇنداق قىلىپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىقى ئايلىرىغا، توكيونىڭ ئەڭ گۈزەل ئايلىرىدىن بىرىگە كىرىپ بولدۇق. توكيونىڭ كۈز پەسلىنى ياخىشى كۆرىمەن. ئىللىق ئاپتاپ، بولۇپمۇ نويابىر ئايلىرىدا قىزىرىشقا باشلايدىغان رەڭدار يوپۇرماقلار شۇنچىلىك گۈزەل. شۇ تاپتا ئۇشبۇ قۇرلارنى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى كچىككىنە گۈللۈكۈمدە ئۆزۈمنى كۈزنىڭ ئىللىق ئاپتىپىغا سالغاچ يېزىۋاتىمەن…
شۇنداق، رىئاللىق ئۇنچىلىك گۈزەل ئەمەس. بىراق، ھەر بىر كۈندىكى كىچىككىنە گۈزەللىك، كىچىككىنە خۇشاللىق بىلەن ئۆزىمىزنى، ھاياتىمىزنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرۇشقا، بۇ يىللاردىن بەردەم ئۆتۈپ كېتىشكە، «ھە بىر قىيىنچىلىقتىن كېيىن بىر ئاسانلىق بار»دەپ ساماۋى كىتابلىرىمىزدا ئېيتىلغىنىدەك، ۋەتەندىكى شۇ ئەزىزلەر ئۈچۈنمۇ ئۈمىدنى يوقىتىپ قويماسلىققا مۇھتاجمىز. بۇ كۈنلەردە مانا مۇشۇ كىتابنىڭ ھەر بىتى مەن ئۈچۈن ھەركۈننىڭ جەۋھىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.
قايسى كۈنى بىر سۆيۈملۈك ھەدىمىزنىڭ تېلىفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ مەلۇم سەۋەبتىن شۇنچىلىك كۆڭلى يېرىم، ئۈمىدسىز تۇرغان ۋاقتىدا يوللىغان يازمام يەنى، بۇ نادىر جۈملىلەرنى ئوقۇپ، كۆڭلىنىڭ شۇنچىلىك يورۇپ كەتكىنىنى، مەندىن بەكلا مىننەتدار بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ، بۇ جۈملىلەرنىڭ ماڭىلا ئەمەس باشقىلارغىمۇ كۈچ بەرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇم.
خەير، ئامان بولۇڭلار، داۋاملىق 15 كۈندە بىر قېتىم ئۇشبۇ كىتابنىڭ تەرجىمىلىرىدىن بىرلىكتە بەھىرلىنەيلى.
2022.11.02 سەيشەنبە
ئىنكاس يازىمەن