2022.11.16
ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ قۇدىرىتى
باشقىلارنىڭ ئۈمىد كۈتۈشلىرىدىن خالىي بولۇش، ئۆزىگە قايتىش ئۈچۈن
ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە كۈچكە ئېگە.
➖John Didion
自尊心の力
他人の期待から自由になるために、
自分自身を取り戻すために、
自尊心というとてつもなく大きな力がある。
➖ジョン・ディディオン
秋桜(コスモス)-山口百恵
2022.11.17
كېچىكتۈرۈلگەن «رەھمەت»
ياخشىلىقىڭىزغا رەھمەت.
كۆيۈنگىنىڭىزگە رەھمەت.
ھېچكىم كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت.
ئورتاقلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.
ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىز ھەم ھۆرمىتىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.
ئۆزىڭىز بولالىغانلىقىڭىزئۈچۈن رەھمەت.
延び延びになった「ありがとう」
優しくしてくれてありがとう。
思いやりを持ってくれて、ありがとう。
誰も見ていない時でも、人に親切にしてくれてありがとう。
共感してくれてありがとう。
自分を愛し、敬意を持ってくれて、ありがとう。
ありのままの自分でいてくれてありがとう。

قەلبى تەسكىن تاپىدىغان يەردە بىر پەس تىنىچ ئولتۇرىۋىلىشمۇ ئۆزىنى قەدىرلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، شۇنداققۇ؟
2022.11.18
سىز نېمىنى غەلبە دەپ قارىسىڭىز، شۇنىڭ ئۆزى غەلبە
باشقىلارنىڭ غەلبە ئۇقۇملىرى ئۈچۈن تىڭىرقاپ قالماڭ. سىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت سىزگىلا خاس ئۇتۇق ھېكايىلىرىڭىز بار. ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن نېمىنى ئۇتۇق دەپ قارىسىڭىز، شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنداقتا، سىز ئۈچۈن ئۇتۇق زادى نېمە؟
(مەن ئۈچۈن ھەر بىر كۈندىكى ئەڭ كىچىك خۇشاللىق ھەم گۈزەللىكنى بايقاشمۇ ئۇتۇقتىن بىرى، تۆۋەندىكىسى دەل 18-چىسلا جۈمە كۈنىدىكى گۈزەللىكلەر. )
توكيونىڭ كۈز پەسلى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل
2022.11.19
قانداق ئادەملەر بىلەن ئارلىشۋاتقىنىڭىز كەلگۈسىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
ھاياتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىناي دېسىڭىز، روھىڭىزنى ئۇرغۇتىدىغان، سىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولالايدىغان كىشىلەر بىلەن ئارلىشىڭ.
سىزگە ئۈلگە بولالايدىغان ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، مۇنداق كىشىلەرگە يېقىنلىشىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت سىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.
ھەقىقەتەن ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ سەمىمى كىشىلەر بولىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، غەيرەتكە كېلىپ ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئوخشاشلا سەمىمى ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەڭ.
つきあう仲間で将来が決まる
人生の成功を手に入れたければ、自分の魂に火をつけ、メラメラとやる気を起こさせてくれるような人たちと一緒に過ごすようにしよう。
お手本にしたい人がいれば、親しくなって、成功の秘訣を教えてもらおう。
本当に優しい人たちに囲まれて過ごしたければ、自分も同じように優しい人間であることを勇気を持って示そう。
2022.11.20
ۋاقىت چەكلىمىسى
ۋاقىتنى چەكسىز دەپ قاراش خاتا.
بىزنىڭ بىردىنبىر كاپالەت قىلالايدىغىنىمىز، بۈگۈن يەنى،«ھازىر» دەپ ئاتىلىدىغان پەيتتۇر.
ۋاقىت چەكلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، رېئاللىق بىلەن مۇرەسسە قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنداقتا، ھازىردىن باشلاپ سىزگە قالغان ۋاقتىڭىزدا نېمە قىلماقچى سىز؟
時間のジレンマ
時間はいくらでもあると思うのは間違いだ。
私たちに保証されているのは、今日「今」と言う瞬間だけ。時間には限りがある。しかも、現実とは交渉不可能。
さあ、残された時間で何をする?
2022.11.21
ئەپۇچانلىق–ئۆزىگە كۆيۈنگەنلىكتۇر
كەچۈرىۋىتىش– ئاخىرىقى ھېسابتا ئۆز–ئۆزىگە قىلىنىغان ئەڭ ياخشى كۆيۈنۈش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشىڭىزنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋىتىشتىن دىرەك بەرمەيدۇ.
ئۆزىڭىزنى كەچۈرىۋىتىشنى رەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋەرسىڭىز، بىھۇدە قايغۇ-ئازابلارنى تارتىۋىرىسىز، خالاس.
ئۆزىڭىزنى ئەپۇ قىلالىسىڭىز، ساقىيىسىز. قەلبىڭىز راھەت بولسا، ئالغا ئىلگىرىلەيسىز. ئاندىن يەنە قايتا باشلىيالايسىز.
許しはセルフ・コンパッション
「許し」は自分を思いやる究極の行為だ。決してあなたの過去をなかったことにする都合のいい行為ではない。
自分を許すことを拒み続けても、感じる必要のない悲しみと苦しみをもたらすだけだ。許せば癒され、癒されれば前に進める。
そして、再び始められる。
2022.11.22
تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش
تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى– سەلبىي ئوي–خىياللىرىمىزنى بايقىغىنىمىزدا ۋاقتىدا تۈزىتىپ مېڭىش.
قايتا–قايتا مانا مۇشۇنداق تۈزىتىشلەر جەريانىدا، تەپەككۇرىمىزمۇ تەبىئىيلا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋاقىت بىلەن تەكرار–تەكرار مەشىق قىلىشقا مۇھتاج.
考え方を変える
考え方を変えるには、ネガティブなことを考えている自分に気づいたら、すぐに修正するようにするしかない。
何度も何度も繰り返していくうちに、自然と考えが変わるようになる。時間はかかるか、訓練あるのみだ。
2022.11.23
ئاڭ رېئاللىققا ئايلىنىدۇ
پەقەت ئۆچمەنلىك ۋە ئازاب…قا ئوخشاش سەلبىي ئىشلارغىلا دىققىتىڭىزنى بەرسىڭىز، بۇلار رېئاللىققا ئايلىنىپ، مەيلى قەيەرگە بېرىڭ، كىملەر بىلەن كۆرۈشۈڭ ئۇلاردىن كۆرىدىغىنىڭىز ئۆچمەنلىك ۋە ئازاب بولىدۇ. كۈتىۋاتقىنىڭىز مۇشۇلار بولغانلىقتىن، مېڭىمۇ ئۆزلىكىدىن شۇلارنى ئىزدەپ تاپىدۇ.
ئەكسىچە، دېققىتىمىزنى ھېسداشلىق ، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە خۇشاللىقلارغا ئوخشاش يورۇق تەرەپلەرگە قاراتساق، كۆرىدىغىنىمىزمۇ ئاشۇنداق رېئاللىق بولۇپ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن تاپىدىغىنىمىزمۇ ئورتاق ھىسسىيات، ئاق كۆڭۈللۈك، خۇشاللىق بولىدۇ ھەم بۇلارنى يەنە كەڭرى دۇنيادىنمۇكۈتەلەيدىغان بولىمىز. كۆپرەك كۆزىمىزگە چىلىقىدىغىنى دەل دىققىتىمىزنى بەرگەن نەرسىلەر بولۇپ، بىزگە مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى ئەسلا ئۇچراتمايمىز.
ئۇنداقتا، سىز دىققىتىڭىزنى قايسى خىل پەزىلەت، تۇيغۇلارغا قارىتىۋاتىسىز؟ دېققىتىمىزنى قارىتىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى كونكىرىت ئويلىنىپ، دېقققىتىمىزنى شۇلارغا قاراتساق، يېتىلدۈرمەكچى بولغان پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرەلەيمىز، ئېرىشمەكچى بولغان تۇيغۇلارنى تاپالايمىز.
意識したことが現実になる
憎しみや悲しみといったネガティブなことにばかり目を向けていると、それが現実になってしまう。どこへ行っても、誰にあっても、憎しみや悲しみを目にすることになる。それを期待しているから、脳が勝手に見つけ出してくるのだ。
逆に、共感、親切、幸せを意識すれば、それが現実になる。周囲の人たちに共感、親切、幸せを見つけるようになり、より大きな世界でもそれらを期待できるようになる。
認識するものをよく目にするようになり、無関心なものは目にしなくなっていく。
さあ、あなたはどんなに徳や感情に意識を向けるだろう?
どんなふうに意識するかまで具体的に考えれば、身に付けたいと思っている徳を身に付け、感じたいと思っている感情を経験することができる。
2022.11.24
ئارزۇ قوغلىشىش
مەلۇم بىر ئارزۇنى قوغلىشىۋاتقاندا، دىققەتنىڭ باشقا تەرەپلەرگە چېچىلىپ كېتىشى داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش. ئارزۇيىڭىزدىن ۋاز كېچىشنى خالىمىسىڭىز، زېھنىڭىزنى چوقۇم ئۆز ئارزۇيىڭىزغا مەركەزلەشتۈرۈشىڭىز كېرەك. سىز ئۈچۈن ئەڭ موھىم نەرسىنىڭ نېمە ئېكەنلىكىنى ئۆزىڭىزگە تەكرار ئېيتىڭ ھەمدە نىشانىڭىز ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
سۇئال:كاللىڭىزنى باشقا ئىشلارغا چىچىۋىتىش سەۋەبلىك قايسى ئارزۇلىرىڭىزنى قولدىن بېرىپ قويدىڭىز؟ قانداق قىلغاندا ئۆز ئارزۇلىرىڭىزنى قايتا قوغلاشقۇدەك قىزغىنلىقىڭىزنى تاپالايسىز؟
夢を追い続ける
夢を追う途中で、ほかのことに気をとられるのはよくある話だ。
でも、夢をあきらめたくなければ、集中するしかない。
自分にとって何が一番大切か何度も言い聞かせ、目標に向かって努力し続けよう。
ほかのことに気をとられて、どんな夢を逃してきただろう? どうすれば、また夢を追う情熱を取り戻せるだろう?
2022.11.25
ھەممىلا ئادەمگە يارىشىڭىز ھاجەتسىز
ھەممە ئادەمنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىششنى ئويلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز پۈتكۈل ئادەملەر ئۈچۈن يارىتىلغان ئەمەس. تىرىشچانلىقلىرىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماڭ.
みんなのためにあるのではない
みんなに好かれようなんて思わなくていい。
あなたは、みんなのためにあるのではない。
無駄な努力はしないように。
2022.11.26
بەخىتلىك بولۇش ئۈچۈن بەخىتكە ئۆزىنى بېغىشلاش
بەخىت ھەرگىزمۇ بەخت دېگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ. بەخىتلىك بولۇش– بارلىق كۈچىڭىزنى سەرپ قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بەخىت دېگەن گويا ئۆزىنى جەننەتكە چىققاندەك ھېس قىلىشمۇ ئەمەس.
خۇشاللىق دېگەنلىك يۈرەك تىنچلانغان، قانائەت ھېس قىلغان، ئۆزى ھەم ئۆزگىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلالايدىغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.
ئۆزىڭىزدىن باشقا ھەرقانداق ئادەمدىن بەخىت ئىزدىمەڭ. سىزگە بەخىت ئاتا قىلالايدىغان بىرىنى تاپقان تەقدىردىمۇ ئۇ بەخىت پەقەتلا ۋاقىتلىق، خالاس.
قانداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى بەختسىز ھېس قىلىسىز؟ قانداق ۋاقىتتا خۇشال ھېس قىلىسىز؟ يۇقارقىلارنى ھەر دائىم ئۆزىڭىزدىن سوراپ تۇرۇڭ.
幸せになるためには幸せに専念すること
幸せは、幸せとは呼べないものは決して受け入れない。幸せになることに全力を預けることを要求している。とは言っても、天にも昇るような気持ちになるのが幸せではない。
幸せとは、心穏やかで、満ち足りていて、自分にも人にも優しくできる状態にあることを意味する。
自分以外に幸せを求めてはいけない。見つけたとしても、それは一時的なものに過ぎない。
あなたはどんな時に幸せではないと感じるだろう?
どんな時に幸せだと感じるだろう?
自分自身に常に問いかける必要がある。
2022.10.27
ئۆزىگە ئىشىنىش خىتابنامىسى
مەن سۆيۈلىۋاتىمەن.
مەن ھىمايە قىلىشقا ئېرىشىۋاتىمەن
ھەتتا، ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويغىنىمدىمۇ، يەنىلا قەدىرلىنىۋاتىمەن.
自分を信頼するための宣言
私は愛されている。
私は支えられている。
自分の見失っているときでさえ、
大切にされている。
2022.11.28
ھەممىدىن مىننەتدار بولۇش
ھەر كۈنى مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك ئىشلار بولسۇن ھەممىدىن مىننەتدار بولايلى. مىننەتدار بولۇشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىۋالساق، ئۆزىمىزدە بار نەرسىلەرنى ھېس قىلالايمىز. بىزدە يوقلىرىنى بايقىغان تەقدىردىمۇ، بارىغابولغان مىننەتدارلىقىمىز ئۆزگەرمەيدۇ.
يۇمشاق،ئىسسىق كارىۋاتتا ئۇخلىيالىغانلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ.
تەبىئەتنىڭ سىزگە يېقىن بولغىنىدىن، يېشىللىق بىلەن ئۇچىرىشالايدىغانلىقىڭىزدىن، تەبىئەتنىڭ خۇش ھېدىنى پۇرىيالايدىغانلىقىڭىزدىن مىننەتداربولۇڭ.
تۇرۇبىنىڭ جۈمىكىنى تولغىسىڭىزلا، پاكىزە سۇنىڭ چىقىدىغانلىقىدىن مىننەتدار بولۇڭ.
سۆيۈملۈك ئادىمىڭىز بىلەن يەنە بىر كۈننى بىرلىكتە ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ.
دۇنيانى ئۆزىڭىزنىڭ كۆزىڭىزدە كۆرەلەيدىغانلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ.
ھەر كۈنى ئەتىگەندە ھايات كۆز ئاچالايدىغانلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولۇڭ.
ئۇنداقتا، شۇ تاپتا نېمىلەردىن مىننەتدار بولىۋاتىسىز؟ (مەن مۇشۇنداق گۈزەل قۇرلارنى ئوقۇيالىغىنىمدىن، يېزىۋاتقىنىمدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن شۇ تاپتا)
ھەر كۈنى مىننەتدارلىق تىزىملىكىنى يېزىپ چىققاندا، ھاياتقا بولغان پوزىتسىيەمۇ چوقۇم ئۆزگىرىدۇ.
あらゆるものに感謝する
毎日、大きなことから小さなことまで、あらゆることに感謝しよう。
感謝を習慣にすることで、自分がどれだけ多くのものを持っているかに気づかされる。ないものに気づいたとしても、感謝の気持ちが変わらない。
暖かいベッドで眠れることに感謝しよう。
自然が身近にあり、草に触れ、匂いをかぐことができることに感謝しよう。
水道の蛇口をひねるだけできれいな水が出てくることに感謝しよう。
愛する人ともう一日一緒に過ごせることに感謝しよう。
自分の目で世界を見られることに感謝しよう。
毎日、目覚めることに感謝しよう。
あなたは何に感謝しているだろう?
毎日、感謝のリストを書けば、心構えは確実に変化する。

بىز بۇ كۈنى «توكيو بالىلار شادلىقى گورۇپپىسى»دېكى بالىلار بىلەن كۈز يوپۇرماقلىرىدىن ئەسەر ياساش پائالىيتى ئۆتكۈزدۇق. باشقىلار كەپ بولغىچە، ئۇلارنى ساقلىغاچ گۈزەل كۈز يوپۇرماقلىرىدىن ھوزۇرلىنىۋالدىم، كىتابىمنىڭ شۇ كۈنلۈك بېتىنى تەرجىمە قىلىۋالدىم.
2022.11.29
مانا بۇ ئىشەنچ
ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز، باشقىلارغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىڭىزنى ئىسپاتلاپ ئولتۇرىشىڭىز ھاجەتسىز.
これが自信
自分を信じていれば、他の人に自分の存在意義を証明する必要は無い。
2022.11.30
قانائەتلىنەرلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى
قانائەتلىنەرلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ياكى كەچۈرەلمەسلىكىڭىزنى ھەر كۈنى نېمىلەرنى قىلىشىنى تاللىشىڭىز بەلگىلەيدۇ. تۆۋەندە ئەقلىي تاللاشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمىز:
مۇھەببىتىڭىزنى بېغىشلايدىغان ئوبىكتىڭىز بولسۇن.
ئۆز ئارزۇيىڭىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ.
قانچە قېتىم يىقىلىپ چۈشسىڭىزمۇ ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.
قەددىڭىزنى تىك تۇتۇڭ.
ئۆسۈپ–يېتىلىڭ.
ئىجاد قىلىڭ، ئويناڭ.
كۈلۈمسىرەڭ.
قايتا–قايتا مەغلۇپ بوپ بېقىڭ.
يۇقارقىلارنى پايدىلىنىش ئورنىدا ئىشلەتسىڭىزمۇ، ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. قىسقىسى، قانائەتلىنەرلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ياخشى تاللاش ئېلىپ بېرىڭ.
充実した人生を送る方法
充実した人生を送れるかどうかは、あなたは日々何を選択するかで決まる。
ここで賢明な選択をするための秘を紹介しよう。
愛情を注ぐ対象を持つ。
夢をあきらめない。
何度転んでも、立ち上がる。
背筋を伸ばして立つ。
伸びをして、成長する。
創造して、遊ぶ。
笑う。
何度も転ぶ。
これを参考にしてもいいし、しなくてもいい。充実した人生を送るための選択しよう。
شۇنداق، كىتابنىڭ ھەر بىېتى ھەر كۈننىڭ ئەڭ گۈزەل مىنۇتلىرىدا ئوقۇلۇپ، تەرجىمە قىلىنىپ مېڭىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇ رىياسىز ئەمگەك شۇ كۈندىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىنىڭ خاتىرىسى ھەم يېقىملىق مۇزىكىلار بىلەن ئىنستاغا سىتورى شەكلىدە يوللىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئىنستا ئىشلىتىدىغان دوستلار بىرلىكتە ھوزۇرلانغايسىلەر~
***************
تەرجىمىدە: رەيھان ئابلەت
مەنبە: A year of positive thingking by Cyndie Spiegel
ئىنكاس يازىمەن