تېمىنى كۆرۈپلا «ساياھەتنى كىممۇ ياخشى كۆرمىسۇن، پۇل ، شارائىت بولسا ھەممە ئادەم ساياھەت قىلمامدۇ دەيمەن!»دەيسىز ھەقاچان، مەنمۇ دەيمەن.🥳

ياپونىيەدە مەن ياقتۇرىدىغان بىر ھەدەم بار، ئۇ: «ھازىر كىيىم-كىچەك، يەنە بىر نەرسىلەرگە پۇل خەجلىگۈم كەلمەيدۇ، پۇل يېغىپ ساياھەتلا قىلغۇم كېلىدۇ. ساياھەت ئۈچۈن كۆمەكتىن بىرنى تۇتتۇم مەخسۇس، پەقەت 500 يىنلىق تەڭگىنىلا تاشلىسام، بىر يىلدا خېلى كۆپ بولۇپ قالىدىكەن.»دېگەنىدى.

سىز قىلالامسىز بىلمىدىم، مەن شەخسەن كۆزۈم چۈشكەن بىرەر سەتەڭ كۆينەكنىڭ مەرىدىن كېچىپ«ساياھەت ئۈچۈن»دەپ ئىقتىساد قىلالمىدىم، ھەم قىلالىشىمغا ھېچ كۆزۈم يەتمەيدۇ. ئەمما، مەخسۇس ساياھەت ئۈچۈن 500 يىنلىق تەڭگىنى تاشلايدىغان كۆمەكتىن بىرنى تۇتالىشىم، يىلدا ساياھەت ئۈچۈن ئازدۇر-كۆپتۇر ئىقتىساد ئاجىرىتالىشىم مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەك ۋاقىت، پۇل تەلەپ قىلالمايدىغان كىچىك-كىچىك ساياھەتلەرنى قىلالايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرەلىشىمىز تامامەن مۇمكىن. ئوكەي، ئۇنداقتا بۈگۈنكى ئىددىيە بىلەن بەكرەك تونۇشۇپ باقايلى.

 

 

 

سەپەرگە چىقىش

 

ساياھەت قىلىش قارىغۇلارچە قاراش، بىر تەرەپلىمە، تار نەزەر-دائىرىنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملبك دورىسى. يەر شارىنىڭ بىر بۇرجىكىدە  پۈتۈن ھاياتىڭىزنى ياشاپ ئۆتكۈزسىڭىز، ئادەم ۋە شەيئىلەرگە نىسبەتەن كەڭرى، ساغلام بولغان ھايات قارىشىنى يېتىلدۈرەلمەيسىز.

مارك تۋېن (ئامېرىكىلىق يازغۇچى)

دەم ئېلىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىز دەل مېڭىڭىزنىڭ  سىزگە بىر نەرسە دېمەكچى بولغان ۋاقتى بولۇشى مۇمكىن. ساياھەت قىلىش ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىن بىر پەس يىراق ۋاقىت ئۆتكۈزۈش-بەدەن ۋە روھنى تىنچلاندۇرۇپ، ئېنىرگىيە-كۈچ تولۇقلايدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت.

ساياھەت قىلىش بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ. ھەتتا قىسقا ساياھەتمۇ. 2012-يىلدىكى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، كىشىلەرنىڭ %88 ى ئىككى كۈن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ساياھەت ئارقىلىقمۇ روھى بېسىملىرىنى ئۇنتۇپ، ئارام ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۈندە ياشايدىغان تونۇش مۇھىتىڭىزدىن ۋاقىتلىق يىراقلىشىش دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن ۋاقىتلىق قۇتۇلۇش ۋە يېڭىچە نوقتىدىن ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىدۇ. ئەگەر سىز ھازىر بېسىم، ئۈمىدسىزلىك،زېرىكىش ياكى تۇرمۇشىڭىزدا قىسىلىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلسىڭىز دەم ئېلىش سىزنىڭ ئەقلىڭىزنى تازىلاش، يېڭى ئىلھامغا ئېرىشىش پۇرسىتى بولالايدۇ.

ساياھەت قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ئاجايىپ ئۈنۈملۈك. دوكتور كولېت فابرىگورتنىڭ 1995-يىلىدىكى تەتقىقاتىدا ساياھەت قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە دائىم قاتنىشىشنىڭ دېۋەڭلىك خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

بېرىپ باقمىغان يەرلەردە، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، يەپ باقمىغان يېمەك-ئىچمەك ۋە يېڭىچە مۇھىتتا، مېڭىمىز بۇ يېڭىچە بىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يېڭى نېرۋا يولىنى تۈزۈشكە، قايتا تەڭشەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ مېڭىنىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

ساياھەت قىلىش، بولۇپمۇ ناتونۇش جايلارغا ياكى چەت ئەللەرگە ساياھەت قىلىش، بارلىق سېزىملىرىمىزنى ئىشقا سالىدۇ. يېڭىچە تەم، ئاۋاز، مەنزىرىلەر، پۇراقلارنى سىزىمىز، تىتىيمىز. بېرىپ باقمىغان كوچىلاردا مېڭىش، پۇل ئالماشتۇرۇش، پىلان تۈزۈش ۋە چەت ئەل تىلىنى ئىشلىتىش جەريانىدا مېڭىمىزنىڭ ھەر خىل قىسىملىرىنى ئىشلىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يېڭى تەجرىبىلەرگە دۇچ كېلىش ئىجادچانلىقنى قوزغىتىدۇ ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۆزىگە تونۇش مۇھىتتىن ھالقىش ئەقىل-پاراسەتنى كېڭەيتىدۇ، ئادەمنى تېخىمۇ جانلىق قىلىدۇ، ئىشەنچ ۋە قەيسەرلىكنى ئاشۇرىدۇ.

 

قانداق قىلغاندا ساياھەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرەلەيمەن؟

 

دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ساياھەتنى ئالدىن ئويلىشىش

شارائىت يار بەرسە ساياھەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇڭ. ئەلۋەتتە، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ مەقسىتى ئارام بولسىمۇ، ساياھەت ئارقىلىق ئېنىرگىيە توپلاش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدىن بىرى.

 

تۆۋەن چىقىمدا ساياھەت قىلىشمۇ گۈزەل ئىش

كەمپىلارغا بېرىش، ماشىنىلىق دۆلەت ئىچىنى ساياھەت قىلىش، بەك بولمىغاندا بىر تال سومكىڭىزنى دۈمبىڭىزگە ئارتىپ يېقىن ئەتراپدىكى تەبىئەتنى ۋەلسىپىتلىك ئايلىنىش دېگەندەك. مۇنداق ساياھەتكە كۆپ چىقىم كەتمەيدۇ،  ئەڭ مۇھىمى سەپەر جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىڭىز، ئېرىشكەنلىرىڭىز. ماڭا ئوخشاش ئانچە-مۇنچە ۋەلسىپىتلىك  ياكى پىيادە بېرىپ باقمىغا ن كوچىلار، مەھەللىلەرنى ئايلىنىپ كېلىشمۇ  كىچككىنە بىر گۈزەل ساياھەت.

تەبىئەت بىلەن ئۇچىرىشىش

تەبىئەت-داۋالايدۇ، ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئېنىرگىيە بېرىدۇ، ئىجادچانلىقىڭىزنى قوزغايدۇ. شەخسەن مەن ساياھەتكە بارىدىغان ئىش بولسا تەبىئەت ئىچىدىكى يەرلەرگە بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ تاللايمەن.

 

نەپىس ھەم تەۋەككۈلچىلىككە تولغان سەپەرلەر

بەزىلەر دېڭىز ساھىلىغا بېرىشنى ياخشى كۆرىشى، يەنە بەزىلەر   ياۋروپانىڭ قەدىمى شەھەرلىرىدە ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىشى مۇمكىن. ئوخشىمىغان جايلارغا بېرىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى ئارام ئېلىشنى سىناپ بېقىش ھاياتنىڭ تۈرلۈك تەملىرى، رەڭلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدىغان نەپس جەريان ھېسابلىنىدۇ.

 

يالغۇز ساياھەت قىلىش ئادەمنى تېخىمۇ ئۆسۈپ-يېتىلدۈرىدۇ

يالغۇز ساياھەت قىلىش ئۆزى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، ئۆسۈپ-يېتىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ. يېڭىچە شەيئىلەرگە پەقەت ئۆز نۇقتىڭىزدىن قارايسىز، ئىنىچىكە تەرەپلەرگە دېققەت قىلىسىز، ئەڭ مۇھىمى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىڭىزگە تايىنىسىز. سەپەر جەريابىدا ئالەمنىڭ كەڭرىلىكىنى، ئادەملەرنىڭ تولىمۇ ياخشىلىقىنى قايتا بايقايسىز. مېڭە باشقىلار بىلەن ساياھەت قىلغانغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ غىدىقلىنىشقا ئۇچرايدۇ. ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ئاشىدۇ.

مەن ئۈچ يىل بۇرۇنقى تۇغۇلغان كۈنۈمدە ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم يالغۇز ساياھەت قىلىپ بېقىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىغانىدىم. كېچىدە قورقۇپ چىراغنى يورتۇپ قويۇپ ئۇخلىغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ئاددى ساياھىتىمنىڭ ھەر بىر بۆلىكىدىن  بەك ھوزۇرلانغانىدىم.

 

دوستلار ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە ساياھەت قىلىشمۇ كۆڭۈللۈك

دېمىسىمۇ شۇنداق ھە! يالغۇز ساياھەت قىلىشنىڭ پايدىسى كۆپ بولغىنىدەك، باشقىلار بىلەن ساياھەت قىلىشمۇ بەكلا كۆڭۈللۈك.  بىللە ساياھەت قىلىش يېقىنلىق ۋە مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. پەقەت ئائىلە ئەزالىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى دوستلار، خىزمەتداشلار ۋە ساۋاقداشلار بىلەنمۇ ساياھەت قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىش تېخىمۇ كۆڭۈللۈك مىنۇتلارنى ئۇلغايتىدۇ.

 

كيوتو

كىچىك چاغلىرىمىزدا ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن ساياھەت-پاياھەت دەيدىغان گەپلەرنى ئاڭلىمايتتۇق. ئۇلارغا ئۇنداق شارائىتمۇ يوقتى. ئاددىيسى ئالى مەكتەپتىكى چاغلاردا مەھمۇد قەشقرىنىڭ مەھبەرسىنى كۆرىۋالاي، بۇغدا كۆلى، سايرام كۆلللىرىگە بېرىۋالاي، تەكلىماكاندا بىر مېڭىپ باقاي..دەيدىغان ئارزۇلار بولماپتىكەن. تاكى بۈگۈنگىچە ئۆزىمىزنىڭ زېمىنىدىكى گۈزەللىكلەردىن ھوزۇرلىنالمىغىنمىغا ئۆكۈنۈشۈم ، پۇرسەت بولسا ئالتۇن تۇپراقنىڭ ھەر بىر يەرلىرىگە ساياھەتكە بېرىش ئارمانىم بار….

رىئاللىققا قايتىپ كەلسەم، بۇ يىل ئوكىناۋاغا، خوككايدولارغا بارغۇم بار. ياق، ئەسلىدە پاراخوتلۇق دۆلەت ئىچىنى ئايلىنىدىغان ساياھەتكە بارغۇم بار.  بۇ يىل بارالمىساممۇ كېلەر يىللىرى پارىژغا، لوندونلارغا بارغۇم بار…سىلەرنىڭچۇ؟

 

************************

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...