ياپون پەرزەنت تەربىيەسى:سۇئال-جاۋابلار (7)

7,579 قېتىم ئوقۇلدى

(7)

بالام يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئاسانلا يىغلايدۇ

Q&A

 

ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ سەبرىسى سىنىلىدىغان بىر قىيىن ئەھۋال – بالىنىڭ يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن يىغلاشلىرى.

سىزنىڭ بالىڭىزمۇ سەۋرىڭىزدىن ئاشۇ خىل ئىمتىھانلارنى ئېلىپ تۇرامدۇ؟ دىققىتىڭىز ئەڭ ئاخىرقى سۇئال – جاۋابتا بولسۇن.

سۇئال:

بالام كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ يىغلايدۇ. «مۇشۇنىڭغىمۇ يىغلامسەن!؟» دىگەنسىرى يىغىلىرى تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ. بەزلەپ قويسام تېخىمۇ مىشچان بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپمۇ قالىمەن. كۈچلۈك بالا بولىشىنى ئۈمىد قىلغانسىرى بۇ بالىنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىساممۇ نېرۋىلىرىم ئۆرلەپمۇ قالىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟

 ياپونلۇق ئوقۇرمەن ئانا

 

 

さようならの夏ーAoi Teshima

جاۋاپ:

گەرچە، يىغلاش – ئەسلىدىنلا كىچىك بالىلارنىڭ ئاساسلىق «خىزمىتى» ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن يىغلاشلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئانا بولغۇچىنى قىيىن ئەھۋالغا قويىدۇ.

ئانىلارغا ئايان بولغىنىدەك، بالا ئۆزىنىڭ قەلبىدىكىنى سۆز بىلەن ئىپادىلىيەلمىگەن ئەھۋالدا يىغلاپ يەتكۈمەي ئامال يوق. بولۇپمۇ بوۋاقلار تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغلاشتىن باشقا ئۆز ئىھتىياجىنى ئىپادىلەش ۋاستىسى يوق.

«يىغلاش» ئارقىلىق ئۆز قەلبىدىكىنى ئىپادىلىيەلىگەنلىك – مېنىڭ نەزىرىمدە ناھايتىمۇ قالتىس ئىش! – دەيدۇ ئاكې خاشى ئەپەندى.

ئەنسىرەشكە تېگىشلىكى – ھىسياتىنى «يىغا» بىلەنمۇ ئىپادىلىيەلمەيدىغان، تۇيغۇلىرىنى، دىمەكچى بولغانلىرىنى كونتىرول قىلىپ سىرتقا چىقىرالمايدىغان بالىلاردۇر.

 «يىغلاڭغۇ» بالىلارنىڭ قەلبىنىڭ يىتىلىشىدىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل بالىلار ئۆزگىچە، تەسىرچان، تۇيغۇلىرى سەزگۈر، ئاقكۆڭۈل بىر ئىنسان بولۇپ چىقىشى مۇمكىن.  بىز بىلىدىغان نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخىسلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «يىغلاڭغۇ» بالىلىقى بولغان.

بالىلارنىڭ يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن يىغلاشلىرى ئانىنىڭ تەربىيلىشىدىكى خاتالىق  ياكى بالىنىڭ غەلىتە بىر بالا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس!

 

ئۇنداقتا، بالىنىڭ ئورۇنسىز يىغىلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟

بالا نىمىشقىدۇر بىرەر ئىش ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلايدۇ، بۇ چاغدا سىز بۇ ياشلارنى توختىتىمەن دەپ ئاچىچىقلانغانسىرى بالىنىڭ يىغىسى تېخىمۇ ئەدەپ تېخىمۇ يامان كەيپىيات شەكىللىنىپ قالىدۇ.

بۇ چاغدىكى  تەدبىر- بالىنىڭ تۇيغۇلىرىغا ئورتاقلىشىدىغان سۆزلەرنى قىلىش.

يەنى،«بۇنداق بولىشىنى خالىمايتتىڭ، شۇنداقمۇ؟»،«ئەسلى مۇنداق قىلغۇڭ بار ئىدى، شۇنداقمۇ بالام؟» دىگەندەك  سۆزلەر بىلەن بالىنىڭ شۇ چاغدىكى تۇيغۇلىرىنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپ بالىغا سۆزلەپ بېرىڭ. بالىڭىزنى مىھرىڭىز بىلەن قۇچاقلاڭ.

مانا مۇشۇنداق چۈشىنىلىشكە ئېرىشكەن بالىنىڭ قەلبىدە «ئاتا – ئانام مېنى چۈشىنىدۇ» دەيدىغان يېقىنلىرىغا، ئەتراپىدىكلەرگە بولغان ئىشەنچ شەكىللىنىدۇ. ھەمدە كۆڭلى چۈشىنلىشكە ئىرىشكەن بالىدا «مەن ناھايتى مۇھىم، قەدىرلىك بىر ئىنسان» دىگەن ئۆزىنىڭ ئىنسانى قەدىر- قىممىتىگە بولغان ئىشەنچىمۇ يىتىلىدۇ. قەلبى كۈچلۈك بالا، قەلبى كۈچلۈك ئىنسان مانا مۇشۇنداق يېتىلىدۇ.

 

بالىڭىزنى مىھرىڭىز بىلەن قۇچاقلاڭ، سۆيۈڭ، «بالام مەغلۇپ بولساڭ ھىچقىسى يوق، يېنىڭدا مەن بار، ئەنسىرىمىگىن!» دەڭ، مانا بۇ بالىغا كۆيۈنگەنلىك.
– يەرشارىدىكى يۇلتۇزلاردىن

 

ئەنسىرەشكە تېگىشلىكى «يىغلىما!» دەپ بالىنىڭ ھىسياتىنى چەكلەپ مەجبۇرى باستۇرۇشتۇر.

ئەلۋەتتە، بەزىدە بۇ يېغا ئاۋازلىرىغا چىدىيالماي دەپ قالسىڭىزمۇ، بۇ خىل چەكلەش پوزىتسىيەرىمىز داۋاملىشىۋەرسە، بالا ئۆز ھىسياتىنى ئىپادىلەشنى خاتاللىق دەپ  ئويلىۋالىدۇ. ھالبۇكى، بالا قارىماققا كۈچ كەتمەيدىغان، گەپ ئاڭلايدىغان ياخشى بالا بولغاندەك  قىلغىنى بىلەن بالىنىڭ قەلبىدىكى بېسىلىپ قالغان  تۈرلۈك ھىس – تۇيغۇلار  كەلگۈسىدە، يەنى، ياشلىق دەۋىرىگە قەدەم قويغان چاغلاردا  پارتلاپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ- دە، تېخىمۇ تەس بولىدۇ.

يەنە بىر ئەنسىرەيدىغان ئىش شۇكى،بالا يېغلىسا نېمە دىسە شۇنى قىلىپ بېرىش.

ئەلۋەتتە، بالىنىڭ «قۇچاقلاپ قويغىن» دىگەندەك تەلەپلىرى، مىجەزى يوق چاغلاردىكى تەلەپلىرى دىگەندەكلىرىگە يول قويۇش مەسىلە ھېسابلانمايدۇ.

لېكىن، بىرەر نەرسىگە  يىغلاپ تۇرۇپ ئىرىشىمەن دىسە، دەرھال ئېلىپ بېرىش – مانا بۇ ئەركىلىتىۋەتكەنلىك ھىسابلىنىپ، بۇ خىل تەلەپلەرگە ماقۇل دىيىش ياخشى ئەمەس.

مانا مۇشۇنداق بالىنىڭ ھىس – تۇيغۇلىرىنى بەك چەكلەش ۋە ياكى بەك زىيادە يول قويۇش بىلەن ئاشۇرىۋەتمەي نورمال بىر پوزىتىسىيەنى ساقلىساق بەك چوڭ مەسىلە يوق دەپ ئويلايمەن.

 نېمىشقىدۇ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا شۇنداق بەسەرامجان بوپكىتىدىغان ئانىلاربار. بۇنىڭ سەۋەبى، ئانىنىڭ چارچاپ كەتكەنلىكى ياكى شۇ ئانىنىڭ يىغلىغۇسى بولسىمۇ، كۆز يېشىنى قەستەن باستۇرۇپ يىغلىيالمىغان بالىلىقى بولغان. يەنى، بۇ خىل بالىلىرىنىڭ يىغىلىرىغا ئاسانلا خاپا بولىدىغان ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا ئۆزى بالىنىڭ چوڭى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىنى – سىڭللىرى يىغلاڭغۇلۇق قىلسىمۇ«مەن بالىنىڭ چوڭى تۇرۇپ يىغلىسام بولمايدۇ!» دەپ پاسسىپ ھىسياتىنى قەستەن باستۇرۇپ چوڭ بولغان ، ئاتا – ئانىسى پەقەت يىغلاڭغۇ ئىنى – سىڭللىرى بىلەن بوپكىتىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە سەل قارالغان بالىلىق ئارقا كۆرۈنۈشى يوشۇرۇنغان بولىشى مۇمكىن..

يىغلاش– مەيلى بالىلار ياكى چوڭلارغا نىسبەتەنمۇ ھەرگىزمۇ خاتا ئىش ئەمەس! ئادەم يىغلىغۇسى كەلگەندە قانغۇدەك يىغلىۋالغىنى تۈزۈك.

ئادەم يىغلىغاندا بىرەرسى تەرىپىدىن چۈشىنىلىشكە، بەزلىنىشكە ئېرىشىشى بىلەن (چوڭلار بەزىدە ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز بەزلەپ قويۇڭ) كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئالغا قاراپ ياشايدىغان كۈچكە ئىگە بولالايدۇ.

يەنىلا ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق بۇ نەزىرىيەنى تېخىمۇ چۈشىنىپ باقايلى.

 

ھېس – تۇيغۇلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنى چەكلىگەندە

 

قىزچاق يىغلىغانىدى، ئانا بىئارام بولدى.

-ئۇڧ، يەنە يىغلىدى…

قىزچاقنىڭ يىغىسى توختىمىدى، ئانا :

-قاچانلا قارىسا يوقىلاڭ ئىش ئۈچۈن مىچىلدىغان! – دەپ ئاچچىقلىدى.

تاماق ۋاقتى ئىدى، قىزچاق يىگۈسى يوق تاماق ئۈچۈن يىغلاشقا باشلىدى.

-ئاپا، بېلىق يىگۈم يوق!

-ئاغزىڭنى يۇم! – دەپ خاپا بولدى ئانىسى.

كۆڭلۈمدىكىنى ئىپادىلىسەم زادى بولمىغۇدەك دەپ ئويلاپ ئۈمچەيدى قىزچاق.

 

 

بالىڭىزنى ئادەتتىكى كىشىلەردىن ھېس – تۇيغۇلىرى كۈچلۈك، ئۆزگىچە بالا دەپ ئويلاپ تۇيغۇلىرىغا ئورتاقلاشقاندا

 

قىزچاق يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن يىغلىغانىدى، ئانا قىزىدىن سورىدى.

-قىزىم، قايسى ئىشقا كۆڭلىڭىز يېرىم بولدى؟

-نائوچىيان مىنى بوزەك قىلدى ئاپا،- دىگىنىچە تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى قىزچاق.

-ئەستا، بۇ بولماپتۇ بالام.

-بۇندىن كىيىن سەن بىلەن ئوينىمايمەن،- دەيدۇ ئاپا!

-ئۇنداق دىگەن بولسا ئەلۋەتتە كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ – دە بالام… بولدى، خاپا بولماڭ قىزىم، يېنىڭىزدا مەن بار – دىگىنىچە بالىنى باغرىغا باستى.

قىزچاقنىڭ كىچىككىنە قەلبىدە «ئاپام مېنىڭ قوللىغۇچۇم» دىگەن ئىشەنچ تۇيغۇلىرى پەيدا بولدى.

سۇئال – جاۋابلارمۇ تامام!

 

 

***********************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ياخشىمۇسىز؟ رەيھان خانىم، بۇ يوللانمىلىرىڭىز بەك ياخشى مەزمۇنكەن، مەن ئوقۇپ بەك تەسىرلەندىم، نۆۋەتتە مەن سىزدىن بىر سۇئال سوراي دېگەن ئىدىم مېنىڭ ئوغلۇم بۇ يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى 7 ياشقا كىرىدۇ، ئوغلۇم 3 ياشتىن باشلاپ ئوڭ-سول قولىنىڭ باش بارمىقىنى شورايدىغان بولۇپ قېلىپ تا ھازىرغىچە بۇ يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىدىم، ماڭا بىر مەسىلىھەت بەرسىڭىز، بۇ ئادىتىنى قانداق قىلسام تۈزىتەلەرمەن؟

    • سالام، ياخشىمۇسىز؟
      بۇ مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىپ كىلىۋاتقىنىڭىزدىن خۇشالمەن.
      بالىلارنىڭ تۇغۇلۇپ 2-4 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ قول، پۇت بارماقلىرىنى شورىشى نورمال بىر ئەھۋال .
      سۈتتىن ئايرىش مەزگلىدىكى بۇ خىل ئەھۋالمۇ بالىنىڭ ئەڭ ئامراق “ ئېمىش “ دىن ئىبارەت بۇ ھوزۇرنى يوقىتىپ قويغاندىكى “ يوقىتىش “ نى مەلۇم دەرىجىدە تولۇقلاش ئۈچۈن بولىدىكەن ، بۇ خىلدىكى بارماق شوراشنى مەجبۇرى چەكلەش ھاجەتسىزكەن .
      ئوغلىمىزغا كەلسەك، ھازىر 4 يىلچە بوپقاپتۇ…دىمەك، ئۇزۇن داۋاملىشىپتۇ…
      مەن ماتىريال كۆرۈپ باقاي ، بۇ سۇئالنى كۆرگەن باشقا دوستلارمۇ بۇ ھەقتە كۆرگەن – بىلگەنلىرى بولسا، بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2. سالام گۈزەل رەيھان ،ھەر يازمىڭىزدىن شۇنچىلىك ھوزۇرلىنىمەن ،مىنىڭ ئويلىغانلىرىمنى خۇددى شۇ يىغلاڭغۇ بالىنىڭ قەلبىنى سۆزگە ئايلاندۇرىۋاتقان ئانىدەكلا بالىلار ھەققىدىكى پىكىرلىرىمنى يازمىچە ئىپادىلەپ تۆكۈپلا بىرىسىز ،ھارمىغايسىز ! گۈزەل باھارنىڭ خۇش ھىدلىرى سىزدىن نىرى كەتمىگەي.
    يۇقىردا بىر ئانا ئۆزىنىڭ يەتتە ياشلىق بالىسىنىڭ 4 يىلدىن بىرى قولىنى ئىمىۋاتقان ئەھۋالىنى دەپ ئۆتۈپتۇ ،مەنمۇ بىلگىنىمنى ئورتاقلىشاي . بوۋاق مەزگىل ۋە ئىككى ياش مەزگىلنى رەيھان دەپ ئۆتۈپتۇ تەكرارلىمىدىم . ئەمدى بالىلار ئۈچ ياش ئەتراپىدا قولىنى ئىمىشنى ئۈگۈنىۋالغان بولسا بۇنى كۆپىنچە شۇ مەزگىلدە بالىلار بىرەر بىسىم ھىس قىلغان ئىش سەۋەپلىك ئەمما ئۆزىنى چۈشەندۈرەلـمىگەن بولسا كىلىپ چىققان ئىپادە دەپ قارىلىدۇ . دەل ۋاقتىدا بايقىلىپ ئامال بار بىسىمنى يوقاتقاندا تەبى ئوڭشىلىدۇ. مەسىلەن، يەسلىدە تىل بىلـمىدىمۇ ،ئۆزىنى ئىپادىلىيەلـمىدىمۇ ،ياكى مۇئەللىمدىن قورققان بولسا بۇنى ئانىسىغا دىيەلـمەيۋاتقانمۇ، ياكى ئانىسى مەجبۇرى يەسلى ياكى بىر يەرگە ئامانەت بەرگەن بولسا بالا بۇنى خالىمىغان ئەمما دىيەلـمىگەن بولسا ،ياكى بالىغا قىلىش تەس بولغان بىر ئىشقا مەجبۇرلىغان بولسا. يەنى بالىلار نىمە ئىش بولىشىدىن قەتتى نەزەر ئەتراپىدا ئۇنى چۈشىنىدىغان ئادەم يوق ،بالا ھەم يىغلىيالـمايدۇ ،شۇنداق ۋاقىتتا بۇ ئەھۋال كۆرۈلىدۇ .ۋاقتىدا تۈزۈتۈلـمىسە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىراز ئىچى سىقىلسا ئىختىيارسىز قولىنى ئىمىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈپ قالىدۇ . بالا تىخى كىچىككەن ،ھىلىھەم بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ مۇڭدىشىپ برىش ،بىسىملىرىنى يىڭىشىغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئوڭشىغىلى بولىدۇ . مۇھىمى بالا مەلۇم بىر ئادەم ئالدىدا ئىچىنى ئىپادىلىيەلەشى كىرەك ۋە بىسىملىرى يىنىكلىتىشى كىرەك .

  3. قەلبى گۈزەل ، مۇھەببەتكە تولغان كىشىلەر بۇ ھاياتقا باھار چىللايدۇ !
    جاۋابىڭىزدىن سۆيۈندۈم ، سۇئالنى سورىغان ئانىنىمۇ بەلكىم ئۆزى ئىزدىگەن جاۋابقا ئېرىشتى- دەپ بىلدىم.
    چۈشىنىش ھەم چۈشىنىلىش ، تىرىشچانلىقلىرىمىز بىلەن بىر -بىرىمىزگە مەدەتمىز.
    پەسلىڭىزدەك تېخىمۇ كۆكلىگەيسىز دوستۇم ~❤️

  4. ياخشىمسىز، مىنىڭ بالام 4 ياش، كىكەچلەپ گەپ قىلىدۇ، بۇ نىنىم سەۋەپتىن

  5. ياخشىمۇسىز، ماۋۇ سۇئالغا نېمە دىيىشنى بىلمىدىم.
    بالا تۇغما كىكەچمۇ؟ ۋە ياكى ئاغرىش سەۋەبىدىن شۇنداق بوپقالدىمۇ؟
    ناۋادا يۇقارقىدەك سەۋەبلەرمۇ يوق تۇيۇقسىزلا نورمال بىر بالا كىكەچ بوپقالسا، بۇ بالا بىر نەرسىدىن، بىر كىملەردىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ، كەمسىتىلگەن بولىشى مۇمكىن، يەنى، روھى جەھەتتە توسالغۇ ۋە بىسىمدىن بولىشى مۇمكىن.
    مەندىن سورسىڭىز مۇشۇنچىلىك دىيەلەيمەن، ئاخىرىدا يەنە بىر ئەسكەرتىپ قويسام ، مەنمۇ ھەممىنى بىلىدىغان “ بىلىمدار “ ئەمەس، سىلەر بىلەن تەڭ ئۈگەنگۈچى.

  6. ياخشىمۇسىز،بالنىڭ ئەتراپىدا كىكەچلەپ گەپ قىلىدىغان دوستى بولسىمۇ شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن.مېنىڭ بالام شۇنداق بولغان.ئۇ دوستى باشقا يەسلىگە يۆتكىلىپ كىتىپ تەبىيلا ياخشى بولۇپ كەتتى.

  7. ياخشىمۇ سىز.
    بالام ھازىر 1يېرىم ياشتا. مۇشۇ 4-ئايدا يەسلىگە بەرمەكچى. تېخى ئىمىۋاتىدۇ. ھازىر ئەنسىرەيدىغىنىم يەسلىگە بارغاندا كۆنەلمەي قالسا قاندا قىلارمىز دەۋاتىمىز. يەنى : ئىككىمىزلا باققاچ بىزگە بەك كۆنۈپ كەتتى. ھەتتا دادىسى ئۆيدە يوق ۋاقىتتا بىر ئوبدان ئويۇنىنى ئويناۋاتقان بولسا ئۇبۇرنىغا كىرشىمىگىلا ئارقامدىن ئەگىشىپ تۇرىۋالىدۇ . سۈتتىن ئايراي دىسەم بۇ يەردە چوڭلار يوق ئايرىشمۇ بىر مەسىلە ئىكەن. ئويناۋېتىپ كېلىپلا ئىمىۋالىدۇ. ئىمىش ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەس قېتىم سانى جىق. يەسلىگە ئاپرىپ قويساق بالىدا قاندا ئەھۋال كۆرۈنەر؟ سىز بالىڭزنى يەسلىگە بەرگەندە بالا قانچلىك ۋاقىتتا كۆنگەن مۇشۇ توغرلىق تەسىراتىڭزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭز رەھمەت.
    * تاماققا بەك قىلىپ كەتمەيدۇ . مىۋىگە ئامراق.
    *ئايرىم تاماق قىلىپ بەرسەم ئازراق يەپ بېقىپ ئىممەن دەپ تۇرىۋالىدۇ. يەسلىگە بارغاندا تاماق يىمەي تۇرۋېلىپ قىينىلىپ كىتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن.

  8. سالام ، چەكلىك كۆرگەن – بىلگىنىمنى ئازراق قالدۇرۇپ قوياي، پايدىلانغۇدەك تەرەپ چىقىپ قالار.
    تەكلىۋىم ، بالىنى يەسلىگە بېرىش مەزگىلىدە ھەرگىز سۈتتىن ئايرىيمەن دىمەڭ.
    بىر ياشتىن كىيىن بالىلارنىڭ ئانىسىنى ئېمىشى ئوزۇقلۇقتىن كۆرە ئانىنىڭ مىھرى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ھوزۇر ئۈچۈن بولىدۇ، بالىنى يەسلىگە بىرىپ ئۆزىڭىزدىن ئايرىش بىلەن تەڭ ۋاقتتا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېمىشتىن ئىبارەت مۇھەببەت ۋە ھوزۇردىن مەھرۇم قىلماڭ، بەك پەۋقۇلئاددە سەۋەپ بولمىسا بالىلار بىزگە كۆرسىتىلگەن مۇددەت ئىككى ياشلارغىچە سۈتتىن ئايرىمىغان تۈزۈك.
    ئىككىنجى بىرى، ياپوننىڭ يەسلىلىرىدە يېڭى يەسلىگە كىرگەن بالىلارنىڭ بىرەر ھەپتە ئەتراپىدا “ كۆندۈرۈش ۋاقتى “ بولىدۇ.
    يەنى ، بالىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ھەر كۈنى قىسقا ۋاقىت يەسلىگە قويۇش ئارقىلىق بالىنى ئاستا – ئاستا كۆندۈرۈپ ، يەسلىگە قويغان ۋاقىتنى بالىنىڭ كۆنۈش ئەھۋالىغا قاراپ ئاز -ئازدىن ئۇزارتىدۇ.
    ئۈچىنجىسى، يەسلىگە كىرىشتىن بۇرۇن مەسئۇل مۇئەللىم بىلەن تەپسىلى كۆرۈشۈپ ، بالىنىڭ ئامراق يىمەكلىكى، ئويۇنچۇقى ، ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىنى، بالىنىڭ مىجەز -خاراكتىرىنى ئېيتىپ بىرىڭ ، مۇئەللىم بەك موھىم .
    بالا ئانىدىن ئايرىلىپ يېڭى موھىتقا كۆنۈش ئۈچۈن بالىنىڭ بۇ ئامراقلىرىنى تولۇقلاپ بىرىش مەلۇم جەھەتتە “ ئايرىلىش قايغۇسى“ نى يىنىكلىتىدۇ.
    ئەڭ ئاخىرىدا قىتىپ قويىدىغىنىم،
    بالا سىز بىلەن مۇئەللىمنىڭ ياخشى مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسۇن ، بالىنى قويۇپ كەتسىڭىزمۇ بالىدا ئاپام ياقتۇرىدىغان ئادەم دىگەندەك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ.
    قەنى دىگەنلىرىمدىن پايدىلىنىپ باقارسىز ، يېقىندىن بىرى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار جىق شۇنچىلىك چارچاپ كىتىۋاتىمەن ، سەل ئارام تاپسام ماتىريال كۆرۈپ بۇ ھەقتە يازما يوللاپمۇ قالارمەن.
    بۇ سۇئالنى كۆرگەن باشقا ئەزىزلەرنىڭمۇ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى، بىلگەنلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    • تىز جاۋاب قايتۇرغىنىڭزغا رەھمەت.
      دادىسىمۇ بەك چىڭ تۇرىۋاتىدۇ ئامال بار 2ياشقىچە ئىمىتىڭ دەپ. مەن شۇ ئىمىش بىلەن بولۇپ تاماقنى ئانچە يىمەي يەسلىدە قىينىلىپ قالامىكى دەپ ئەنسىرەپ قالغان. ماڭا بەك كۆنۈپ كەتتى.قازان بېشىغا كەلسەملا يىغلاپ كۆتۈر دەپ تۇرىۋالىدۇ دادىسى بىلەن ئويناۋاتسىمۇ. قازان بېشىدا بولماي ئولتۇرسام كارى يوق….
      بۈگۈن يەسلى بىلەن كۆرۈشۈپ كەلگەن. سىز دىگەندەك كۆندۈرۈش ۋاقتى بولدىكەن. شۇ ۋاقىتتا كۆندۈرۋالارمىز يەسلىگە. ئالاھىدە بىر نەرسىنى ئويناپ كەتمەيدۇ. شۇنىمۇ سورىغان .

      7بالا بىر سىنىپ بولدىكە. چىقىشىپ ئۆتەرمۇ ئۇرۇۋالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم. قولى بەك تىز .
      ھازىرغىچە بالىلار بىلەن ئۇزۇن بىرگە بولۇپ ئويناپ كۆنمىگەن ، لىكىن تەڭ ياشتىكى بالىلارنى كۆرسىلا چىقىراپ خوشال بولۇپ كېتىدۇ. ئارىسىغا كىرىپ ئوينايمە دەپ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا قاراپ يەنە خوش بولىمە يەسلىگە بارسا كۆنۈپ كەتكۈدەك دوستخۇماركەن دەپ. لىكىن بۇ ياپوننىڭ باللىرى بەك ئىچ مىجەزمىكى بالام يېنىغا بارسىلا قاچىدۇ. ئاندىن ياشتا چوڭراق بالىلار ئوينىشىپ بەرسە، بالام سىلىغان بولۇپ بىر ئىككىنى يۈزىگە ئۇرۋالىدۇ. قولى تىز.
      دىگنىڭزدەك سۈتتىن ئايرىمىسام بولغۇدەك. ھازىرغىچە سۈت پاراشوكى ئىچمەيدۇ.ماڭىلا كۆنۈپ كەتتى. بۈگۈن يەسلى مۇدىرى بالامنى كۆرۈپ بەدىنى خېلى چوڭ ئ‍ىكەن نورمال ياشتىن دىگەن مەمنۇن بولۇپ كەتتىم.

  9. ياخشىمۇسىز ،يازمىلىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇيمە ،ماۋۇ ماقالىنىڭ ئارىىسىدىكى ناخشىنى بەكلا ياخشى كۆدۈم ،لېكىن شۇنچە ئىزدەپ تاپالمىدىم ،ناخشىنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسى ياكى ئىزدەش ئىسمى بولسا يوللاپ بىرەلەسىزمۇ ….بەكلا تاپقۇم بارىدى

  10. خەيرىلىك سەھەر☀️☕️
    手嶌 葵 / さよならの夏 コクリコ坂から
    さよならの夏 – aoi teshima
    ماۋۇ ئىككى خىل ئىسىمدا ئىزدەپ باققايسىز.
    بۇ ناخشىنىڭ مەزمۇنىمۇ بەك گۈزەل.
    ئامان بولۇڭ ~❤️

  11. ياخشمۇسز رەيھان يازمىللىرىڭىز شۇنداق مەزمۇنلۇق، بەك ياقتۇردۇم، مەن مۇنداق بىر مەسىلە توغرىسىدا ئورتاقلىشىپ باقاي دىگەن، مىنىڭ 3يىرىم ياشقا كىرگەن قىزىم بار، يەسلىگە بەرگىلى 4ئاي بولدى، قىزىم بەك ئىچ مىجەز بولغاچقا تازا كۆنەلمىدى، ھازىر قىزىم نىمىلا ئش قىلسا ۋاي قىزىم ئۇنى ئىلىپ بەرسەڭ بارىمەن بۇنى قىلىپ بەرسىەڭ تاماق يەيمەن دىگەندەك ھەممە ئشلارنى بىر شەرت بىلەن ئورۇنداپ كۆنۈپ قالدى، ئشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمسىلا جاھىللىق بىلەن يىغلاپ ئش پۈتتۈردۇ، بۇنداق بولىۋەرسە كىيىنچە ياخشى بولمايدۇ، قانداق قىلسام بولا، مەسلھەتىڭىزنى ئايمىغايسىز، ئۆزرە سوراپ رەيھاندىن.

  12. سالام رەيھان، ئىسىمداشكەنمىز ھە (๑・̑◡・̑๑)
    مەنمۇ بايىلا يېڭى يەسلى ئالماشقان دەل ئۈچ يېرىم ياشلىق ئوغلۇمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن يەسلىگە كۆنۈش مەسلىسى توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ كەلدىم .سىزگە مەسلىھەت بىرىش ئورنىدا بولمىساممۇ ، بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىمنى دەپ باقاي.
    يالغۇز بالىلارلا ئەمەس چوڭلارنىڭمۇ يېڭى موھىتقا كۆنۈشى ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ.
    بولۇپمۇ ئىچ مىجەز بالىلارنىڭ يېڭى موھىتقا كۆنمىكى تاش مىجەز بالىلارغا قارىغاندا تەس بولىدىكەن، شۇڭا، قىزىڭىزدىكى مىجەز ئۆزگىرىشى بەك نورمالمىكىن دەپ قالدىم. چۈنكى، ئۆزىنى يات موھىتتا ئىپادىلىيەلمىگەن بالا ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ھەر خىل شەكىلدە ئىچىدىكىنى چىقىرىشى مۇمكىن .
    بىرى، بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ بالىنىڭ يەسلىدىكى ئەھۋالىنى چۈشىنىش، ئوقۇتقۇچى ئامال بار بالىغا مىھرىنى بىرىپ ئاتا – ئانا بىلەن ماسلاشسا بالىنىڭ كۆنۈشى تىزراق بولىشى مۇمكىن.
    ئۇندىن باشقا ھەر كۈنى يەسلىگە قويۇپ مىڭىشتىن بۇرۇن بالىنىڭ سىنىپىغا كىرىپ بالا بىلەن ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقىنى بىردەم ئوينىشىپ بىرىپ قايتىشمۇ خېلى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولىشى مۇمكىن.
    يەنە بىرى ، بالىنىڭ ھەر بىر ئىشقا شەرت قويۇشى ھەم نامۇۋاپىق ئىشلارنى يىغلاپ تۇرىۋىلىشلىرىغا نىسبەتەن بالىنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋىتىش، بالىغا ئەستايىدىل سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ھەممە ئىشقا ، ھەممە نەرسىگە يىغلاپ تۇرۇپ ئىرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.
    ئۈچىنجىسى، ئامال بار بالا بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقىتنى كۆپەيتىش ، بالا يەسلىگە كۆنگىچە بىرمەزگىل بالا بىلەن بىللە ئۇخلاش، بالىنىڭ ھىسياتىغا ئورتاقلىشىدىغان سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىپ بىرىش ، بىللە ئويناش ….قاتارلىقلارمۇ بالىنىڭ ئىچىدىكى يېڭى موھىتتىكى يىتىرقاش- مەيۈسلىكىنى يوقىتىشى مۇمكىن.
    بىلگەنلىرىمنى مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي.
    قىسقىسى، بالىلارنىڭ يېڭى – يىڭى باش قىتىنچىلىقى چىقىپ تۇرىدىكەن، ھەر قانداق ئاتا – ئانا بولغۇچى تىڭىرقاش، گاڭگىراش، ئويلىنىشلار ئىچىدە بالىلىرىمىزنى چوڭ قىلغاچ ئۆزىمىزمۇ چوڭ بولىدىكەنمىز.
    كۆپمۇ سۆزلەپ كەتتىم ، پايدىلانغۇدەك يەرلىرى چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
    ئامان بولۇڭ~ ☕️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى