ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: «سېنى سۆيىمەن»نى يەتكۈزەلەيدىغان ئۈچ موھىم نوقتا (16)

4,541 قېتىم ئوقۇلدى

 

(16)

تەنقىدلەش ئۇسۇلى (2)

«سېنى سۆيىمەن»نى يەتكۈزەلەيدىغان ئۈچ موھىم نوقتا

 

بالىنى تەنقىدلىگەندە تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىدا دىققەت قىلساق بالىلىرىمىز يەنىلا ئۆزىنىڭ سۆيۈلىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلانمايدۇ.

( 1) مىجەز-خاراكتىرىنى ئەمەس ھەركىتىنى تەنقىدلەش.

(2) سەۋەبىنى ئېنىق ئېيتىش.

(3) “ مۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ “ ئەمەس “ مۇنداق قىلغىن !“ ئۇسۇلىنى قوللىنىش

 

 Lullaby from a Secret Garden

 

( 1)

 مىجەز-خاراكتىرىنى ئەمەس ھەركىتىنى تەنقىدلەش

تەنقىدلىگەندە موھىمى ئادەمنى  ئەمەس، ھەرىكەتنى تەنقىدلەشكە دىققەت قىلايلى. خاتالىق  ئەسلىدىكى ماھىيەتتە ئەمەس، ئۆزگىرىپ تۇرغان ھەرىكەتتە.

يەنى، «سەن زادى بولمايدىغان نىمىسەن!» – دىگەندەك سۆزلەر، مانا بۇ ئۇنىڭ كىملىكىنى ئىنكار قىلغانلىق.

«مۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى بولمىدى»، – بۇ ئۇنىڭ ھەركىتىنى ئىنكار قىلغانلىق.

كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك مىساللاردىن بۇ نوقتىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ باقايلى:

ئۆزلۈكنى، خارەكتىرىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ

كىشىلىك خاراكتىرىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ

بالىلار ئويۇنچۇق  تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالدى.  بالا  ئويۇنچۇقنى “ ماڭا بەر “ دەپ دوستىنى ئۇرۇپ سالدى.

بېرىپ تۇرغىن دېدىمغۇ ساڭا!  نىمانچە قوپالسەن نىمىسەن؟! سەندەك بالام يوق!- دىدى ئانىسى.

بالا بۇ چاغدا  ئۆزىنى ئوشۇقچە ھېس قىلىپ كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلىدى.

ئانىسىنىڭ  قولىنى تۇتماي ئالىدىدا يۈگۈرۈپ كەتكەن بالىغا ئانا ئاچچىقلاندى.

بۇنداق قولنى تۇتماي يۈگۈرۈپ يۈرسەڭ خەتەرلىك دەپ نەچچە قېتىم ئېيتتىمغۇ ساڭا! پەقەت قاملاشمىغان بالىدە سەن!

بالا  نېمە ئۈچۈن نېمىلا ئىش قىلسا بولمايدىغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلىدى.

يۇقاردىكى مىسالدىكى ئانا قانداق قىلسا توغرا بولاتتى؟

 

ھەركىتىنى تەنقىدلىگەندە

بالىلار ئويۇنچۇق  تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالدى. بالا  ئويۇنچۇقىنى ”ماڭا بەر“ دەپ دوستىنى ئۇرۇپ سالدى.

-بالام، ھەرقانچە ئوينىغۇڭ كەپكەتكەن بولسىمۇ، باشقىلارنى ئۇرۇپ ئالساڭ بولمايدۇ، ئوينىغۇڭ كەلگەن بولسا، دوستۇڭغا  «ئويۇنچۇقنى بىردەم ئوينىۋالسام بولامدۇ؟» دەپ سوراپ ئالغىن، بولامدۇ؟ – دېدى ئانا بالىنىڭ ئالدىغا كىلىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ.

ئاپىسىنىڭ قولىنى تۇتماي ئالدىدا يۈگۈرۈپ كەتكەن بالىغا ئانا بالىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئېيتتى.

-بالام ئۇنداق يۈگۈرۈپ چوڭ يولغا چىقساڭ بەك خەتەرلىك، چوقۇم بىر قېتىم توختاپ ماشىنا بار – يوقلىقىغا قارىمىساڭ بولمايدۇ، – دەپ چۈشەندۈردى.

 

(2)

تەنقىدلەش سەۋەبىنى ئېنىق ئېيتىش

بالىغا مەلۇم ئىشنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولساق، چوقۇم نېمە ئۈچۈن بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق يەتكۈزەيلى.

گەرچە ئۇ تېخى كىچىك بالا بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان ئۇسۇلدا، تىلدا سەۋەبىنى ئېيتقاندا بالا چۈشىنەلەيدۇ. ھەتتا، قايىل قىلالىسىڭىزبۇندىن كېيىن سىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان بولۇپ كىتىشىمۇ مۇمكىن.يەنى، «ۋاي تېخى كىچىك، چۈشەندۈرسەممۇ بىكار» دەپ ئويلىماستىن بالىغا تەنقىدلەش سەۋەبىنى ئېنىق يەتكۈزۈش كېرەك.

«مۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ، ئۇنداق قىلىشىڭ خاتا»  دېگەندىن كۆرە، « مۇنداق قىلساڭ قارشى تەرەپ مۇنداق قىيىن ئەھۋالغا قالىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلساڭ»  بولمايدۇ دېيىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئويلايدىغان،قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىدىغان بالىنى تەربىيلەپ چىقالايمىز.

مىسال كۆرۈپ باقايلى.

سەۋەبىنى چۈشەندۈرمەستىنلا بىر ئىشلارغا مەجبۇرلىغاندا

سەۋەبىنى چۈشەندۈرمەستىنلا بىرئىشلارغا مەجبۇرلىغاندا

«چىشىڭنى چوتكىلا!!!» دەپ ۋارقىرىدى ئانا بالىغا ھەم «نەچچە قېتىملاپ ئېيتساممۇ قېچىپ كىتىۋاتسىنا؟!» دەپ ئاچچىقلىغىنىچە بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ چېشىنى چوتكىلاشقا باشلىدى.

بالا «ئاغرىپ كەتتى، ئاغرىپ كەتتى…» دەپ ھېچبىر بوي بەرمەيتتى.

ئانىسى : «جىم تۇرۇپ بەرسەڭ، بىردەمدىلا تۈگەيدۇ» دەپ ئاخىرى بالىنىڭ چىشىنى چوتكىلىغان بولدى. بىراق،ھەر قىتىم كىچىككىنە چىش چوتكىلاشنىڭمۇشۇنچىلىك تەسكە چۈشىدىغانلىقىدىن  ئانا شۇنداق چارچاپ قالاتتى.

ئەمدى بۇ مىسالدىكى ئانا قانداق تەدبىر قوللانغان بولسا ئۇنداق چارچىمايدىغانلىقىغا مىسال كۆرۈپ باقايلى.

بالىغا بىر ئىشنى قىلدۇرغاندا سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەندە

سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەندە

بالام، چىشىڭىزنى چوتكلايلىمۇ؟ چىشنى چوتكىلاپ تۇرمىغاندا، چىشىڭىزغا قۇرۇت كىرىۋىلىپ، چىرايلىق چىشلىرىڭىزنى قۇرۇت يەپ چىشىڭىز ئاغرىيدىغان بوپقالسا بولمايدىغۇ ھە؟

چىش ئاغرىسا، دوختۇرخانىغا بىرىپ داۋالاتمىساق تېخى ..شۇڭا ، چىشىڭىزنى چوتكىلاپ پاك –پاكىز قىلىۋىتەيلى ھە؟ كىلىڭە ، چىشىڭىزنى چوتكىلاپ قوياي. ۋاي- ۋۇى ، ماۋۇ يەردە قۇرۇت باركەنغۇ؟ مەن قوغلىۋىتەيچۇ بۇ ئەسكى قۇرۇتلارنى…،- دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بالىنىڭ چىشىنى چوتكىلاپ قويدى .

(ئۇڧ، مۇنداق جىق كوتۇلداشلار سەل تەس بولسىمۇ بىراق ، ئالدىنقى مىسالدىكىدەك گەپ ئاڭلىتالماي چارچىغاندىن سەل يىنىكرەك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىككىنجى مىسالدىكىگە ئوخشاش بىر ئىشنى بالىغا مەجبۇرلىغاندىن كۆرە ، سەۋەبىنى ئىنىق چۈشەندۈرسەك، بالىمۇ – ئانىمۇ راھەترەك بولىدىغان ئوخشايدۇ. شۇنداقتىمۇ ماۋۇ مەخپىيەتلىكنى دىسەم، بىزنىڭ كىچىك ئوغۇل ماۋۇ ئۇسۇلنى قوللانساممۇ خېلىلا تەس جۇمۇ!)

 

(3)

« مۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ « ئەمەس »مۇنداق قىلغىن !»ئۇسۇلىنى قوللىنىش

بىز بىلىپ –بىلمەي “ ئۇ خاتا، بۇ خاتا“ دەپلا چۈشىمىز،- يۇ، “ ئەمسە قانداق قىلساق بولار؟“ دىگەننى يەتكۈزمەيمىز.شۇنىڭ بىلەن بالىمۇ ئەمسە قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ.  بەزى ھاللاردا ”مۇنداق قىلىشىڭ خاتا، ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ!“ دېگىنىمىزدىن كۆرە  قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى، قىلىدىغان ئىشنىڭ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىمىز ئەۋزەلرەك.

4-5 ياشلىق بالىلاربولسا، قىلىدىغان ئىشنىڭ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بىرىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بالىغا قانداق قىلسا توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىش پۇرسىتى بەرسەك تېخىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىشى مۇمكىن.مەسلەن، داۋاملىق نەرسە كىرەكلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بىر بالىغا  ”نەرسلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن قانداق قىلساق بولار؟“ دىيىش ئارقىلىق بالا بىلەن بىرلىكتە ئامالىنى ئىزدەپ تېپىش دىگەندەك.

چۈنكى، باشقىلارنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىدىن كۆرە، ئۆزى تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق تاپقان جاۋاب تېخىمۇئېسىدە قالىدۇ. مۇستەقىل پىكىر قىلىش مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردا يېتىلىدۇ.

تۆۋەندىكى بىر قانچە مىسال ئارقىلىق بۇ نوقتىنى يەنىمۇ چۈشىنىپ باقايلى.

 

“ مۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ “ ئەمەس “ مۇنداق قىلغىن !“ ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەللىكى

كارىدۇردا يۈگۈرۈپ ئويناۋاتقان  بالىغا:

كارىدۇردا يۈگۈرسەڭ بولمايدۇ،– دەپ ۋارقىرغاندىن كۆرە،

كارىدۇردا ئالدىرىماي ماڭغىن بالام،- دىسەك ئۈنۈملۈك.

كىتابلارنى قالايمىقان چېچىپ ئويناۋاتقان بالىغا:

كىتابلارنى بۇنداق قالايمىقان تاشلىساڭ بولمايدۇ!- دەپ ئاچچىقلانغاندىن كۆرە،

بالام، كىتابلارنى رەتلەپ تىزىۋىتەيلى ھە؟ ،-  دېگىنىمىز تۈزۈك.

مىتىرونىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن- بۇياققا چېپىپ يۈرگەن بالىغا:

مىترونىڭ ئىچىدە يۈگۈرۈپ يۈرسەڭ بولمايدۇ!- دىگەندىن،

جايىڭدا جىم ئولتۇرغىن ھە؟-  دەپ ئالدىنقى مەزمۇندا يەتكۈزگىنىمىزدەك بالىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىنى يەتكۈزگىنىمىز تۈزۈك.

تېلىڧۇندا پاراڭلىشىۋاتقاندا  يۇقىرى ئاۋازدا دادىسىغا دەخلى قىلغان بالىلارغا : “ تېلىڧۇن تۈگىگىچە پەس ئاۋازدا گەپ قىلىڭلار ھە؟ “  دېگىنىمىز تۈزۈك

 

مەندىن:

باشقا دۆلەتلەردە قانداق بىلمىدىم، بىراق،ئوقۇغانلىرىمدىن قارىغاندا ياپوننىڭ مىتىرولىرى دۇنيادا بەك ئالاھىدە بولسا كىرەك؟! يەنى ، بۇ يەردىكى ئالاھىدىلىك شۇكى،  ياپوننىڭ مىتىرولىرى بەك تىنىچ، باشقىلارغا دەخلى قىلىش، ئاۋازلىق پاراڭلىشىش، ھەتتا، تېلىڧۇن كەلگەندە جىرىڭشىغان ئاۋازلاردىن تارتىپ  بىر خىل ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، ئادەتتە، مىتىرولاردىمۇ تېلىڧۇننى ئاۋازسىز قىلىپ قويۇشقا كۆنۈك بىز!

خاتالىقتىن خالىسىز ياشاش مۇمكىنسىز جاھاندا، ئەتراپىمىزدا خاتالىقىمىز ئۈچۈن بىزنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغان، خاراكتىرىمىز ۋە ئادىمىيلىكىمىزگە ھۇجۇم قىلىدىغان، خاتا ماركىلارنى چاپلىۋالىدىغانلارنى ئۇچىرىتىپ قالىمىز، شۇنداقمۇ؟ باشقىلارنىڭلا ئەمەس ھەتتا ئۆز خاتالىقىمىز ئۈچۈنمۇ ئۆزىمىزنى قاتتىق ئەيىپلەپ ، ئەسلى مىجەز-خاراكتىرىمىزنى كەمسىتمەسلىكىمىز كىرەك.

بۈگۈن ئۈنۈملۈك تەنقىد قىلالايدىغان ھەم بۇ تەنقىد ئارقىلىق بالىلىرىمىزغىلا ئەمەس، سۆيگەنلىرىمىز ھەم ئۆزىمىزنىمۇ بۇرۇنقىدەكلا سۆيىدىغانلقىمىزنى يەتكۈزەلەيدىغان تەنقىدلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالدۇق. مەن رىئاللىقتىمۇ قوللىنىشقا تىرىشىمەن، سىزچۇ؟

 

 

**********************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. تۈپتۈزلا تەرجىمە قىلساق :
    “ ياخشى كۆرىمەن “ نى يەتكۈزەلەيدىغان ماختاش ۋە تەنقىد ئۇسۇلى

  2. ياخشىمۇسىز رەيھان ھەدە . يازمىلىرىڭىزنى بەك ياختۇرۇپ ئاڭلايمەن . جاپا چەكتىڭىز .. 2017 ـ يىلىدىكى يازمىلارنى تاپالـمايۋاتىمەن .مەن تاپالـماي قالدىممۇ ياكى يىل ئۆرۈلگەچكە چىقمامدۇ ؟ بىلەلـمىدىمغۇ ؟

  3. مەنمۇ سىز دېگەن ئۇسۇللارنى قوللىنىمەن ، دائىم توغرىسىنى چۈشەندۈرىمەن كىچىك بولغاچ چۈشەنمەيدۇ دېگەن بىلەن ھازىر خېلى گەپ چۈشىنىدىغان بولۇپ قالدى قىزىممۇ، ياخشى مەزمۇنكەن كۆپ رەھمەت سىزگە

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى