جىنايەت دېگەن نېمە؟ بىراۋنى ئۆلتۈرۈش شۈبىھسىزكى-جىنايەت، ئۇنداقتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشچۇ؟ تارىختىكى قەھرىمانلار قان تۆكۈش بەدىلىگە قەھرىمان بولغان. پادىشاھلار، ھوقۇقدارلار ئادەم ئۆلتۈرۈپ كەلگەن. ئۇنداقتا بۇ جىنايەت ئەمەسمۇ؟

ھايات ئاجايىپ. بەزى ئادەملەرقارىماققا شۇنچىلىك ئالىيجاناپ، ئەمما ئۇلارشۇنچىلىك رەزىللىكلەرنى قىلالايدۇ، باشقىلارنىڭ ئىززەت-نەپسىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. يەنە بەزىلەرنىڭ ماھىيتىدە ئاجايىپ پاكىزلىق بار-يۇ، ئۇلار«ئەسكى، گۇناھكار».

ھەقىقى جىنايەت باشقىلار تۈزۈپ بەرگەن قانۇن-تۈزۈم، قائىدە-يوسۇنلارغا خىلابلىق قىلىشمۇ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ قەلب قانۇنىغا خىلابلىق قىلىشمۇ؟

 

 

Paul Mauriat-Isadora

 

 دوستويىۋېسكىنىڭ ئىككى قىسىملىق رومانى«جىنايەت ۋە جازا»نى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر يازغۇچىنىڭ تەپەككۇرى، يېزىش ئۇسلۇبىدىكى ئۆزگىچىلىك مېنى ھەيران قالدۇردى.

ئەسەر 1866-يىلى يېزىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى دەۋرىدە«ھازىرقى زامان ئۈچۈن بېرىلگە بىشارەت» دەپمۇ قارالغان. كۆپىنچە«دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر»لەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىدىن بىرى، قارىماققا بەك چوڭ ۋەقەلىك يوق، ئەمما  بىلىپ-بىلمەي «ئاخىرىچۇ؟» دەپ ئىچىگە كىرىپ كېتىش، چۇڭقۇر پىكىر قىلدۇرۇش بولسا كېرەك.

لىۋ تولستوي بىلەن دەۋىرداش ياشىغان، دۇنيا ئەدەبىيات پىشىۋاسى دەپ ئاتالغان دوستويۋېسكىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا بولغان تەسىرىنىڭ نېمىشقا شۇنداق كۈچلۈكلىكىنىڭ سەۋەبىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئەسەرنىڭ ئەڭ قالتىس تەرىپى- ئادەمنىڭ مۇرەككەپ روھى ھالەت تەسۋىرى ئاجايىپ پەيزى ئىپادىلەنگەن. مەن دوستويىۋېسكىنىڭ بۇ يېزىش ئۇسلۇبىنى مەلۇم دەرىجىدە «ئۆلۈۋىلىش سەنئىتى»، «ئارقا كوچا»لاردىمۇ ئۇچراتقاندەك قىلدىم. 

ئاپتۇر ھەققىدە

 

19-ئەسىرنىڭ ئەدەبىيات پىشۋالىرىدىن بولغان لىۋ تولستوي بىلەن دەۋرداش، داڭلىق رومانست، پەيلاسوپ فىيودور دوستويۋېسكى 1821-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى روسىيەنىڭ موسىكىۋا شەھرىدە تۇغۇلۇپ، 1881-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى  60 يېشىدا ۋاپات بولغان.

ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرىلىك ئەسىرى «جىنايەت ۋە جازا»نى دوستويۋېسكى45 يېشىدا يېزىپ چىققان. يەنى، 1866-يىلى نەشىردىن چىققان.  ئۇنىڭدىن باشقا 1868-يىلى نەشىر قىلىنغان«ئەقىلسىز»،1871-يىلى نەشىر قىلىنغان «شەيتانلار»، 1875-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئۆسمۈر»قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

فىيودور دوستويۋېسكى

ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئوتتۇرا ئەسىردىكى چىرىك، چۈشكۈن، بىنورمال روسىيە جەمىيتىنىڭ پۇخرالىرىنىڭ ئىچىنىشلىق نامرات ھاياتى، چىقىش يولى تاپالماي چۈشكۈنلىشىپ ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان دادىنىڭ ھارىقى، ئاچ قالغان ئۇكىلىرى ئۈچۈن تىنىنى ساتقان بىچارە مەسۇمە قىز، ئوغلىنىڭ ئوقۇش راسخودى ئۈچۈن قىزىنى قۇربانلىق قىلىپ بايغا بەرمەكچى بولغان ئانا، باش پىرسوناژ 23 ياشلىق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ نامراتلىق دەستىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغىنى، ئەڭ مۇھىمى چاكىنا، چۈشكۈن جەمىيەتنى ئۆزگەرتىپ نامراتلىقتىكى ئاچ-يالىڭاچ بىچارىلەرنى قۇتقۇزۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشدەك يۈكسەك غايىسى ئۈچۈن جازانىخورنى ئۆلتۈرىۋىتىشنى تاللىغان يىگىت. 

يەنى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى راسكولنىكوف نامراتلىق دستىدىن مەكتەپتىن توختايدۇ. ئۆزى ئولتۇرىۋاتقان تولىمۇ كىچىك، كونا بىرئېغىز ئۆينىڭ ئىجارە ھەققىنىمۇ تۆلىيەلمەيدۇ. ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان چىرىك، بىنورمال جەمىيەتنىڭ قاراڭغۇلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ ھەم دەل شۇنداق ناھەقچىلىكتە ياشايدۇ، ئىسيان قىلىدۇ، چۈشكۈنلىشىدۇ، كىشىلەرنى بۇ زۇلمەتتىن قۇتقۇزىدىغان قەھرىمان بولۇشنى ئىستەيدۇ. ئاشۇ غايە سەۋەبلىك جازانىخور موماينى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ.

ئەجىبا، راسكولنىكوف بىر جازانىخورنى ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن جازالىنىشىم كېرەك دەپ قارىمايدۇ-يۇ، روھى جەھەتتىن قىينىلىدۇ، جازالىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىر جازانىخورنى يوقىتىشنى نامراتلىق دەستىدىن ئېغىر ئېزىلىۋاتقان بىچارىلەرگە سائادەت ئەكىلىشنىڭ باشلانمىسى دەپ قاراپ كەلگەن راسكولىنكوف بۇ غايىسىنىڭ پەقەت شۇ «يوقىتىش» باسقۇچىدا قىپقالىغىنىدىن تۈگىشىپ كېتىدۇ ھەم مانا بۇنى دەل جىنايەت دەپ قارايدۇ.

قىسقىسى، راسكولىنكوفنىڭ بۇ ئۆزگىچە قارىشى ھەقىقى جىنايەتنىڭ نېمە ئېكەنلىكى ئۈستىدە كىشىنى ئويغا سالىدۇ.

ئاخىرىدا ھاياتلىق ئۈمىدىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان يىگىت كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە«يولدىن چىققان»ھېسابلىنىدىغان  قىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پاكىزلىق، مۇھەببەت بىلەن قايتىدىن ھاياتقا ئۈمىد بىلەن باقىدۇ ھەم قايتا تۇغۇلىدۇ.

بەزى ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭدىن يەكۈن-خۇلاسىلەر چىقىرىش ھاجەتسىز. پىرسوناژلار بىلەن ئۈنسىز پاراڭلىشىپ چىقساق، ھاياتنىڭ بىزگە ناتونۇش باشقا بىر تەرىپى بىلەن ئۇچىراشساق، ئاپتۇر بىلەن ئورتاقلاشساق كۇپايە.

ئاخىرىدا، مېنى مۇشۇنداق بىر قالتىس ئەسەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئېگە قىلغان دوستۇم زەينۇرەگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. يەنە داۋاملىق گۈزەل ئەسەرلەر بىلەن ئۇچىرىشىشمنى ئۈمىد قىلىمەن.

*****************************

رەيھان ئابلەت

2025.06.27(جۈمە)

تارقىتىڭ...