بالىلاردىن كۈتىدىغانلىرىمىز ئېشىپ كىتىپتىمۇ؟

5,258 قېتىم ئوقۇلدى

بەزى ھاللاردا بىز ئۆزىمىزنى  ئۆزىمىزدىن ھالقىغان تەلەپلىرىمىز بىلەن چارچاتقاندىن سىرت، بۇ ئۈمىد – تەلەپلىرىمىزنى باشقىلارغىمۇ يۈكلەپ قويىمىز دە ئۆزىمىزنىمۇ، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىمۇ كۆرۈنمەس ئىشكەنلەر بىلەن سقىپ بىئارام قىلىپ قويىمىز. شۇنى ئۇنتۇپ قالىمىزكى،  باشقىلاردىنلا ئەمەس ھەتتا ئۆزىمىزدىن  كۈتىدىغانلىرىمىز، تەلەپلىرىمىز ئەمەلىيەتتىن  يۇقىرىلىغانسىرى بەخىت كۆرسەتكۈچىمىزنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى.

جۈملىدىن بالىلىرىمىزغىمۇ ھەم شۇنداق! ئويلاپ باقايلى، ئۇلارغا قويغان ئۈمىد –  تەلەپلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىۋاتامدۇ – قانداق؟

 

千と千尋の神隠し- Always with me

***

(3) ماختاش ئۇسۇلى

«نىمىشقا مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمايسەن؟»  دىگەن سۆزنى «ۋۇي، قىلالاپسەنغۇ مانا!» دىگەن سۆزگە ئايلاندۇرۇشنىڭ كارامىتى

بىز كۆپىنچە ھاللاردا بالىلاردىن بەكرەك ئۈمىد كۈتۈپ تۇرىۋالىمىز. يەنى، «مۇنداق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»،  «مۇنچىلىك قىلالىسا ياخشى بولاتتى…» دىگەندەك. ئەلۋەتتە، بالىلارمۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، بارغانسىرى ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

گەرچە، بۇ خىل كۈتۈش ھەم تىرىشچانلىقلار بەك مۇھىم بولسىمۇ، بالىلاردىن كۈتكەن ئۈمىد ھەم تەلەپ بالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن يۇقىرىلاپ كەتكەندە، بالىمۇ ھەم ئاتا – ئانىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ.  كۆپ ھاللاردا ئاتا – ئانىلارنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقالماسلىق، كۈتكەن ئۈمىدلەرنى يەردە قويۇش بىلەن نەتىجىلىنىپ قالىدۇ.

بالىلىرىمىزغا نىسبەتەن ئىنكار قىلىدىغان سۆزلىرىمىزنىڭ كۆپىيىپ كىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ۋاقتىمىزدا، بالىلىرىمىزغا قويغان تەلەپلىرىمىزنى تۆۋەنلىتەيلى. «بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلالمىساڭ بولماس؟!» ئەمەس، «قىلالماسلىقىڭ ئادەتتىكى نورمال بىر ئىش» دەپ ئويلايلى.

 «تېخى بالا ئەمەسمۇ، بۇلارنى قىلالماسلىقى تەبىئى ئەھۋال.»  «ئاكا بولغىنى بىلەن ئەمدىلا 3 ياشقا كىردى ئەمەسمۇ، قىلالمىسىمۇ ئامال يوق!» دەپ ئويلىيالىغان ۋاقتىمىزدا بالىمىزنىڭ قىلالماسلىقى تەبىئى ئەھۋال بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بەزىدە شۇنداق بىر ئىشلارنى قىلالىغىنىدا «ۋۇييۇ… قىلالىدى مانا!» دىيەلەيدىغان بولىمىز، قورساق كۆپىكىمۇ، يوقىلاڭ ئىشلارغا چېچىلىشلارمۇ بولمايدۇ. (بالىلىرىمىزغا ئاچچىقلانماسلىقنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى چىقتى! )

ھەرۋاقىتتىكىدەك ئەمەلىي مىساللارنى كۆرۈپ باقامدۇق؟

ئاتا – ئانىنىڭ بالىغا قويغان تەلىپى ئەمەلىي ئەھۋالدىن يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە

ئاتا – ئانىنىڭ بالىغا قويغان تەلىپى ئەمەلىي ئەھۋالدىن يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە

 – تاماق ۋاقتىدا بولسىمۇ جىم ئولتۇرساڭ بولمامدۇ ؟! باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپمۇ جىم ئولتۇرالمىغان، – دىدى ئانا تاماق ۋاقتىدا تاماق ئۈستىلىدىن ئايرىلماقچى بولغان قىزىغا ئاچچىقلىنىپ.

  – ياق ! چىشىمنى چوتكىلىغۇم يوق،- دىدى قىزچاق ئاپىسى چىشىنى چوتكىلاپ قويماقچى بولغىنىدا.

– نىمە ياق؟! مەن دىمىسەممۇ چىشڭىزنى ئۆزلىكىڭىزدىن چوتكىلىسىڭىز بولىدۇ! دىدى ئانا.

– يەنە بىر نەرسىلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟ ئالاقىلىشىش خاتىرىسىگە (ياپۇندا يەسلى، مەكتەپلەر بىلەن ئائىلە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە خاتىرىسى) يېزىپ قوياي، قايتىدىغان چاغدا نەرسلىرىڭىزنى راۋۇرۇس بىر تەكشۈرىۋىتىپ قايتىڭ دەپ قانچە قېتىملاپ ئېيتىپ تۇرساممۇ؟! – دەپ ئاچچىقلاندى ئانا يەنە بىر نەرسىسىنى ئۇنتۇپ قالغان قىزغا.

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدىڭىز، ئۆزىڭىزنى بىلىپ يۈرەسىز!، – دىگەندەك گەپلەرنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىدىغان بالىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.

بالىلاردىن كۈتكەن ئۈمىد ئەمەلىي ئەھۋالدىن بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەندە مانا مۇشۇنداق «نىمە ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلالمايدىغاندۇ؟!» دەپ قالىمىز.

ئەمدى بۇ مەسىلىنى يەنە باشقىچە نوقتىدىن ئويلاپ كۆرەيلى.

بالىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىمىزنى تۆۋەنلىتەيلى

بالىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىمىزنى تۆۋەنلىتەيلى

تاماق ۋاقتىدا جىم ئولتۇرالمىغان قىزچاققا قاراپ ئانا «كىچىك بالا دىگەنزە زادى مۇشۇنداق» دەپ ئويلىدى.

 – ئاغزىڭىزنى ئېچىڭە قىزىم ، تېخى بالا بولغاندىكىن ئامال يوقتە مۇشۇنداق چوتكىلاپ قويمىسام …ھە،-  تۈگىدى مانا… – دىگەچ چىشىنى چوتكىلاشنى خالىمىغان قىزىنىڭ چىشىنى چوتكىلاپ قويدى ئانا.

 – مەكتەپتىن قايتىدىغان چاغدا قايتۇرۇپ ئەكىلىدىغان نەرسىلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز يالغۇز تەكشۈرۈپسىزدە؟، – دىدى ئانا بالىنىڭ سومكىسىنى تەكشۈرەۋىتىپ يەنە بىر نەرسىلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان قىزىغا.

مىنىڭ قالتىس قىزىم! مەكتەپكە كىرىپ باشقىچە چوڭ بوپكەتتى مانا!، – دىگەندەك ئانىسىنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلىغان قىزچاقنىڭ قەلبى خۇشاللىققا ھەم ئىشەنچكە تولدى.

ئۈمىد – تەلەپلىرىمىزنى بالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن ئازراق تۆۋەنلەتكەندە «ۋۇييۇ!!! مىنىڭ بالام مۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىغان بولدى» دەپ خۇشال بولالايدىغان بولىمىز.

***

ئويلىنىپ كۆرەيلى، ئاتا – ئانا بولغۇچىمۇ ئوخشاش! «ئاتا – ئانا بولغاندىكىن بۇنچىلىك ئىش قىلىشقا تىگىشلىك ئىشقۇ!»، «ئاتا – ئانا تۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشنىمۇ بىلمەمسەن؟!» دىگەندەك ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەردىن «يېڭى ئانا بولغۇچىنىڭ ھەممە ئىشلارنى بىلىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىشقۇ!» دىيىلگەنلەرنى ئاڭلىساق، قەلبىمىز ئىللىقلىققا، كۈچكە تولغاندەك بولىمىز، شۇنداققۇ ؟! بالىلارمۇ دەل شۇنداق!

(داۋامى بار…)

千と千尋の神隠し

يامازاكى بوۋاينىڭ يەنە بىر داڭلىق كارتۇن فىلىمى. مەنغۇ بۇ كارتۇننىڭ ئۆزىدىن بەكرەك مۇزىكىسىنى ياقتۇرىدىكەنمەن.😊

بۇ كارتۇن فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىلىرىمۇ بار بولىشى مۇمكىن .

ياپونچىسى :  千と千尋の神隠し

ئىنگىلىزچىسى :  Spirited Away

خەنزۇچىسى :  千与千寻

 

ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرىمىز گەرچە يامغۇرلۇق بولسىمۇ ھارارەتلىك ئۆتكەي ~ 🌻

千と千尋の神隠し

*********************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ئاتا ئانىسىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدىغانلار كۆپ….
    شۇڭا ئاۋال ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىپ ئاندىن ئاتا ئانا بولسا بولمامدۇ دەيمەن.

  2. بەلكىم ، شۇ ئاتا ـئانا بولغۇچىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتا ـئانىلىرىنىڭ قۇربانى بولغانلار …

  3. ‏ئادەم بۇلۇشنى ئاتا-ئانا بولغاندىن كىيىن ئۆگىنىپ دىپلوم ئالاي دىگەندە ۋاقتىمىز توشامدىكىن دەيمەنغۇ مەن.

  4. پەرزەنت -مىھىر بۇلىقىمىزدۇر .ئىللىقلىق ۋە مىھىر – مۇھەببەت بولسا ھەتتا ئۆسۈملۈكتىن ئىنسانلارغىچە ھەر شەيئى ،ھەر جانلىق خالايدىغان ،ئىنتىلىدىغان ،ئىستەيدىغان نىشاندۇر .مىھىر ۋە ئىللىقىلىققا تويۇنغان ئىسىل ئەسەرلىرىڭىز ،رەيھاندەك مەڭگۈگە ئۈزۈلـمەي خۇشپۇراق چاچقۇسى !!!

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلاردىن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى