مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزەلەيدىغان تەنقىدلەش ئۇسۇلى

3,842 قېتىم ئوقۇلدى

ئۈنۈملۈك تەنقىد قىلالايدىغان ھەم بۇ تەنقىد ئارقىلىق بالىلىرىمىزنى بۇرۇنقىدەكلا سۆيىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزەلەيدىغان ئۇسۇل بارمۇ؟

بۈگۈنكى مەزمۇن ئالدىنقى يازمىنىڭ داۋامى…

 

Çalıkuşu Dizi Müzikleri

 

(3)

”ئۇنى قىلساڭ خاتا، بۇنى قىلساڭ بولمايدۇ“ دىگەندىن كۆرە ”مۇنداق قىلغىن“ ئۇسۇلىنى قوللىنىش

بالىلار بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قالغاندا، ئۆزىمىزمۇ بىلىپ – بىلمەيلا ”ئۇ خاتا، بۇ خاتا“ دەپلا چۈشىمىز، – يۇ، قانداق قىلسا بولاتتى؟، – دىگەننى ئۇنتۇپلا قالىمىز.

خاتالىق ئۆتكۈزگەن بالا ئۆزىنىڭ زادى نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى، ئەسلىدە قانداق قىلغان بولسا توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

بۇنداق چاغلاردا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى، قىلىدىغان ئىشنىڭ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بەرگىنىمىز ئەۋزەلرەك.

  بالىلار4-5 ياشلارغا   كىرىپ، ئانچە – مۇنچە ئىش ئۇققىدەك بولغاندا،  ئىشنىڭ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بىرىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بالىنىڭ ئۆزىگە  ئويلىنىش پۇرسىتى بەرسەك ئۈنۈمى تېخىمۇ  ياخشى بولىدۇ. مەسلەن، داۋاملىق نەرسە كېرەكلىرىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان بىر بالىغا ”نەرسلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭ  ئۈچۈن قانداق تەدبىر قوللانساق بولار؟“ دېگەندەك سۆزلەر بىلەن بالىنىڭ ئۆزى يەكۈن چىقىرىشىغا پۇرسەت بەرسەك بولىدۇ.

چۈنكى، باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەمەس، ئۆزى مۇستەقىل ئويلىنىپ ھەل قىلغان مەسىلە بالىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق.

مۇستەقىل پىكىر قىلىشمۇ مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردا يېتىلىدۇ.

تۆۋەندىكى بىر قانچە مىسال ئارقىلىق بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، قانداق تەنقىدلىسەك بولىدىغانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە بىلەلەيمىز.

كارىدۇردا يۈگۈرۈپ ئويناۋاتقان بالىغا :

كارىدۇردا يۈگۈرسەڭ بولمايدۇ، – دەپ توۋلىغاندىن كۆرە،

كارىدۇردا ئالدىرىماي ماڭغىن بالام، – دىسەك ئۈنۈملۈك.

كىتابلارنى  ئويناۋاتقان بالىغا:

كىتابلارنى بۇنداق قالايمىقان تاشلىساڭ بولمايدۇ!، – دەپ ئاچچىقلانغاندىن كۆرە،

بالام، كىتابلارنى رەتلەپ تىزىۋىتەيلى ھە؟، – دىگىنىمىز تۈزۈك.

مېتىرونىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن – بۇياققا چېپىپ يۈرگەن بالىغا:

مېترونىڭ ئىچىدە يۈگۈرۈپ يۈرسەڭ بولمايدۇ!، – دىگەندىن،

جايىڭدا جىم ئولتۇرغىن ھە؟، – دەپ ئالدىنقى مەزمۇندا يەتكۈزگىنىمىزدەك بالىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىنى يەتكۈزگىنىمىز تۈزۈك.

باشقا دۆلەتلەردە قانداق بىلمىدىم، بىراق، ئوقۇغانلىرىمدىن قارىغاندا ياپوننىڭ مېتىرولىرى دۇنيادا بەك ئالاھىدە بولسا كېرەك؟! چۈنكى، ياپوننىڭ مېتىرولىرى ياپونغا تۇنجى كەلگەن چەتئەللىكلەرگە نىسبەتەن ئىچىنى سىقىۋەتكۈدەك دەرىجىدە  بەك تىنىچ. باشقىلارغا دەخلى قىلىش، ئاۋازلىق پاراڭلىشىش، ھەتتا، تېلىفۇن كەلگەندە جىرىڭشىغان ئاۋازلاردىن تارتىپ بىر خىل ئەدەبسىزلىك، جەمىئەت تەرتىپىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ھىسابلىنىدۇ. بىزگىغۇ ھازىر بۇ تىنىچلىق خوش ياقىدىغانمۇ بوپقالدى… مېتىرولاردىلا ئەمەس، ھەر قانداق بىر ئاممىۋى سورۇنلاردا  تېلىفۇننى ئاۋازسىز قىلىپ قويۇشقا كۆنۈپ كەتتۇققۇ بىز.

تېلىفۇندا پاراڭلىشىۋاتقاندا، يۇقىرى ئاۋازدا  دەخلى قىلغان بالىلارغا : ”بالام، تېلىفۇن تۈگىگىچە سەل پەس ئاۋازدا گەپ قىلىڭلار ھە؟ “ دىگىنىمىز تۈزۈك، دىگەندەك…

***

 بالىلىق، يىراقتا قالغان قايتلانماس ئەسلىمىلەر قەلبىمىزدە  بىر ئۆمۈر يادىلىنىپ ئۆتىدۇ. بالىلىرىمىز قانات ـ قۇيرۇقلىرى يىتىلىپ قولىمىزدىن ئۇچۇپ كېتىشنىڭ ئالدىدىكى قىسقىغىنە يىللىرىدا، ئۇلارنىڭ قەلبىنى دۇرۇس، توغرا  ئەقىدىلەر بىلەن تولدۇرۇش  بىز ئاتا – ئانىلارنىڭ ھاياتلىقىمىزدىكى ئەڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسى.
بالىلىرىمىزنىڭ يەنە بىر قېتىم قايتىلانمايدىغان بالىلىقىنى  گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن بېزەپ بىرىشلەر نىسىپ بولغاي ~

بۈگۈنكى گۈزەللىكلەردىن كىچىككىنە كارتىنا

يىراقلاردا قالغان بالىلىق ئىزلىرىنى سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرگە سالاملىرىمىز بولسۇن ~ 🌹

 

********************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ھەركۈن سەھەرلىك 10 مىنۇتلۇق يىغىنىمىز بار، بىر قانچە قېتىم سىزنىڭ خاتىرىلىڭىزنى ئوقۇپ، بۇ ياپونچە كىتابقا قىزىقىپ كىتابتىن پارچىنى كۆپچىلىككە قىسقىچە سۆزلەشكە تەييارلىق قىلدىم. بۇرۇندىن پەرزەنت تەربىيسىگە ئىلمىي نۇقتىدىن يول ئىزدەپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئەر ئايال ئىككىمىزگە بۇ كىتابتىكى مەزمۇنلار خويمۇ ياقتى.( شۇ قېتىملىق سەھەرلىك يىغىندىن كېيىن دوكتۇر يېتەكچىم مىنى دائىم باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پائالىيەت ياكى دەرس بولسا يېنىغا ئەۋالىدىغان بولدى. بىلىپ بىلمەيلا مەن بالىجان دەپ نام ئالدىم…. قىزىق دىسە)
    كىتابنىڭ بەرگەن ئىىدىيىسدە باشقا كىتابلاردەك نۇقۇل نەزەرىيە بولۇپلا قالماي، قاراتمىلىق تەدبىر چارىلەر بولغاچ، ئىشىنىمەن نۇرغۇن كىشىلەرگە ياقتى.
    مەقسەت: ئىزچىللىقتۇر. ئاز بولسىمۇ كۈندە داۋاملاشقان ئىزچىللىق كىشىنى نۇرغا باشلايدۇ. سىز ھەم سىزدەك پەرزەنت تەربىيلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلارغا ئاز بولسىمۇ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا قوللىغۇچىلىرىڭىز، مەدەت بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۈنتۈنسىز مۇشۇ مەنبەلەردىن نەپ ئېلىۋاتقانلىقىنى سىزگە بىلىدۈرۈپ قويۇش ھەمدە مۇشۇ يولدىكى ئەمەللىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىشنى ئىستەپ سىزگە ئائىلىمىز نامىدىن مەدەت خەت يازدىم.
    بارچە جاھان ياخشىلىقلىرى بولسۇن! رەھمەت

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

مۇھەببىتىڭىزنى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى