ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: سۇئال-جاۋابلار (4)

5,759 قېتىم ئوقۇلدى

بالام دوستلىرى تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىۋاتىدۇ

 

(4)Q&A

 سۇئال:

بالامنىڭ يەسلىدە باشقا بالىلار تەرىپىدىن بوزەك قلىنىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم. بىراق، نېمە بولغانلىقىنى سورىسام پەقەت ئېيتىپ بەرمىدى. بالامنىڭ مىجەزى باشقىلارغا تاقابىل تۇرۇشنىمۇ بىلمەيدىغان بەكلا ئىچ مىجەز بولغاچقا، بۇ تەرىقىدە مېڭىۋەرسە كېيىنكى كۈنلەردە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن. مۇشۇنداق بىر ئىچىدىكىنى دىمەيدىغان بالىغا قايسى خىل ئۇسۇلدا گەپ قىلغان ياخشى ؟

-ياپونلۇق ئوقۇرمەن ئانا

 

Spirited Away

جاۋاپ:

بالىلارنىڭ روھى دۇنياسى شۇنداق بىر دۇنياكى، ئۇنىڭدا ھەر دائىم ھېسسي توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇلار چوڭلارغا ئوخشاش ئۆز ھىسياتىنى كونتىرول قىلىشقا ماھىر بولمىغانلىقتىن، (ئەمەلىيەتتە، چوڭلارنىڭمۇ ئۆز ھىسياتىنى كونتىرۇل قىلمىقى ئاسان ئەمەس، شۇنداققۇ؟) نۆۋەت تالىشىپ ياكى كىچىككىنە بىرەر نەرسە ئۈچۈنمۇ ئاسانلا ئۇرۇشۇپ قالىدۇ.

قارىسىڭىز، بالىلار ئۇرۇشۇپ قالسىمۇ بىردەمدىن كىيىنلا يەنە بىللە ئوينىيالايدۇ، بۇ بالىلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل بىر تەرىپى.

بالىلىق دۇنيا مانا مۇشۇنداق بىر جەريان بولۇپ، ئەنە شۇ ئۇرۇشۇپ – تالىشىشلار ئىچىدە  بالىلار كىشىلىك مۇناسىۋەت دىگەنلەرنىمۇ ئۆگىنىپ چىقىدۇ.

نەزىرىڭىزدىكى «بوزەك قىلىنىش» دىگىنىمىز ئەنە شۇنداق ئۇرۇشۇپ – تالىشىشتىن كىيىنكى بىردەمدىلا يارىشپ قېلىشلار بولسا، يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئەھۋالنى كۈزىتىپ باققىنىڭىز تۈزۈك.

پەقەت، بىر تەرەپ بەكرەك كۈچلۈك، قارشى تەرەپ بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، چوڭلارنىڭ ئارىغا كىرىش زۆرۈرىيتى تۇغۇلىدۇ.

 

ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغان ئەڭ مۇھىم نوقتا شۇكى: «بوزەك قىلىنىش – ھەرگىزمۇ بالىڭىزنىڭ خاتالىقى ئەمەس!» دىگەندىن ئىبارەت.

شۇنداق ئاتا – ئانىلارمۇ باركى، بالىلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغىنىنى ئاڭلىغانلىرىدا «سەندىن ئۆتمىسە بىكاردىن –بىكار خەق بوزەك قىلامدۇ؟!»، «سەن ئىچ مىجەز بولغاچقا…»، « يۈرىكىڭ يوق، قورقۇنچاق بولغاچقا…» دىگەندەك بوزەك قىلىنىش سەۋەبىنى بالىسىنىڭ خاراكتىرى سەۋەبلىك  دەپ قارىۋالىدۇ.

ماقۇل، بالىڭىزنى سىز ئويلىغاندەك ئاشۇنداق خاراكتىرىلىك بالا بولسۇنمۇ دەيلى، ئۇنداقتا، بالىڭىز شۇ ئاجىزلىقى سەۋەبلىك بوزەك قىلىنىشقا ھەقىلىقمىكەن؟!

ھىچكىمنىڭ بىراۋنى بوزەك قىلشقا ھەققى يوق! گەپ بوزەك قىلىنغان تەرەپتە ئەمەس، باشقىلارنى بوزەك قىلغان شۇ قارشى تەرەپنىڭ ناچارلىقىدا.

بوزەك قىلىنىشتا بالىمىزنىڭمۇ گۇناھى بار،- دەپ ئويلىغىنىمىزدا «كۈچلۈكرەك بولساڭ بولىدۇ»، «سەنمۇ گەپ ياندۇرساڭ بولمامدۇ؟!» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن يەنە بالىنى ئەيىپلىگەندە،.سىرىتلاردا باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپ كۆڭلى ئاغرىغان بالا ئۆيدىمۇ تاپا – تەنىلەردىن قۇتۇلالماي تېخىمۇ ئەلەم بولىدۇ.

بۇ خىل باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغاندىمۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ  تاپا –تەنىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئەلەم ھېس قىلغان بالا بۇندىن كېيىن ھەر قانچە باشقىلاردىن قاتتىق ئازار يىسىمۇ، بوزەك قىلىنىسىمۇ، خارلانسىمۇ ئاتا – ئانىلىرىغا ئېيتماسلا بولىدۇ.

شۇڭا، بالىڭىز سىرتتىن ئازار يىگەندە، خورلۇققا، بوزەك قىلىنىشقا ئۇچىراپ سىزگە ئېيتقىنىدا «سەندىمۇ بولغاچقا» دىگەندەك ساختا ئالىجاناپ گەپلەرنى قىلىشنىڭ ئورنىغا بالىڭىزنىڭ ھىچقانداق سەۋەنلىكىنىڭ يوقلىقىنى، باشقىلارنى بوزەك قىلىشنىڭ، باشقىلارغا ئازاربېرىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، خاتالىقنىڭ شۇلاردا ئىكەنلىكىنى بالىڭىزغا يەتكۈزۈش بەك مۇھىم.

بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرايدىغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆڭلى يۇمشاق، باشقىلارنى ئايايدىغان، ئاقكۆڭۈل بالىلاردۇر.

ئۇلار باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ – تالىشىپ يۈرۈشتىن كۆرە سەۋرىچانلىقنى ئەۋزەل كۆرگەن بالىلار بولغانلىقتىن، بۇ خىل بالىلار ئەمەلىيەتتە، قەلبى كۈچلۈك بالىلاردۇر.

 

 

«بالام، كېلەر قېتىم ئۇ بالا سېنى يەنە ئۇرسا مۇئەللىمىڭگە ئېيتقىن، بولامدۇ؟» دەپ بالىغا يول كۆرسىتەيلى. مۇئەللىمىگە ئېيتسا، ئىشنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بالىلارمۇ بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، يەسلىدىن تارتىپ باشلانغۇچ – تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئارلىقتىكى بۇ خىل مەسىللەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى مەسئۇل مۇئەللىملەر بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىپ كەتكىلى بولىدۇ. (ئەلۋەتتە، بالىڭىزنىڭ مۇئەللىمى ئىشەنچىلىك، پاراسەتلىك بولسا )

بەزىلەردە بالىڭىزنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى بالىڭىزدىن ئەمەس، دوستلىرىنىڭ ئاتا –ئانىلىرىدىن ئاڭلاپ قالغىنىڭىزدا، بالىڭىزدىن سورىسڭىزبالا بوزەك قىلىنىش سەۋەبىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ گۇناھى ياكى پەقەتلا ئويۇن دەپ قارىۋىلىپ سىزگە ئېيتمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدۇ.

ۋە ياكى ئاتا – ئانىسىغا ئېيتسا ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىىشىدىن ئەنسىرەپ دىمەيدىغان ئەھۋالمۇ بوپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، بالىڭىزنىڭ سىزگە كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشىنى قىستىماستىن «بالام، يەسلىدە كۆڭلۈڭگە ياقمىغۇدەك، كۆڭلۈڭ يېرىم بولغۇدەك قانداقلا ئىش بولسا ئېيتقىن بولامدۇ؟ ئېيتساڭ تېخىمۇ بوزەك بولىدىغان ئىش يوق» دىگەندەك سۆزلەرنى بالىڭىزغا پات – پات قىپ تۇرۇڭ ھەم بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۈزىتىپ تۇرۇڭ.

تىل ئارقىلىق ئىپادىلىمىسىمۇ، بالىنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن، ھەركەتلىرىدىن بالىنىڭ قايسى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

بالىڭىزنىڭ مەكتەپ–يەسلىلەرگە بارغىلى ئۇنىماسلىقلىرىدىن، قايتىپ كەلگەندە كۆڭۈلسىز كەيپىياتلارنىڭ تەكرارلىنىشلىرىدىن ئاتا – ئانا بولغۇچى بىر نەرسىنى ھېس قىلالايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا چوقۇم بالىنىڭ مەسئۇل مۇئەللىمى بىلەن كۆرۈشۈپ بالىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ كۆرۈڭ.

ئاخىرىدا تۆۋەندىكى مىسالنى كۆرۈپ بېقىڭ.

 

 

سىرىتلاردا ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرىغان بالا ئائىلىدىمۇ ئەيىبلەنگەندە

 

-ئاپا، مەن ھىچ ئىش قىلمىساممۇ تاكېشى داۋاملىق مىنى ئۇرىدۇ.

-ھە؟ سەن ھېچ ئىش قىلمىساڭ خەق سېنى بىكاردىن – بىكار ئۇرامدۇ؟ سەنمۇ چوقۇم بىر قاملاشمىغان ئىش قىلغان گەپ!

كىيىنكى كۈنى ھېلىقى تاكېشى ئوغۇلنى يەنە ئۇردى.

-بولدى قىلە -دىگىنىچە ئۈمچىيىپ قالغان بىچارە بالا«ئانامغا دىسەممۇ بەرىبىر يەنە مىنى ئەيىپلەيدۇ»- دەپ ئويلاپ ھېچكىمگە دىمىدى.

ئاۋۇ ئانا كۆڭلى ئازار يېگەن بالىسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ئىدى؟

 

خاتالىق بوزەك قىلىنغۇچىدا ئەمەس، بوزەك قىلغان تەرەپتە دىگەننى بالىغا  يەتكۈزگەمدە

 

-ئاپا، مەن ھىچ ئىش قىلمىساممۇ تاكېشى داۋاملىق مىنى ئۇرىدۇ.

-ھە؟ نېمىشقا ئۇرغىدەك سېنى بالام؟ داۋاملىق مۇشۇنداق قىلامدۇ؟

جېنىم ئوغلۇم! باشقىلارنى ئۇرۇش ياخشى ئىش ئەمەس، بۇ سەندىكى خاتالىق ئەمەس! باشقىلارنى بوزەك قىلغانلار، ئۇرغانلارنىڭ خاتالىقى.

مەن مۇئەللىمىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاي جۇمۇ بالام.

 

 مەندىن:

بالىلار ئىنسان ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەتلىك ئىززەت – نەپسىنى، قەدىر – قىممىتىنى قوغداشنى، ھۆرمەت ۋە ھۆرمەتلىنىشنى، ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى بالىلىقىدا، مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلارجەريانىدا يېتىلدۈرىدۇ. بالىڭىزنىڭ بوزەك قىلىنىشىغا، بوزەك قىلىشىغا ھەرگىز ھەم ھەرگىز سەل قارىماڭ.

بۇ دۇنيادا ھىچكىمنىڭ ھىچكىمنى بوزەك قىلىشقا ھەققى يوق! خاتالىق بوزەك قىلىنغۇچىدا ئەمەس، بوزەك قىلغۇچىدا!

 

كەلگۈسىڭىزنىڭ پارلاق بولۇش- بولماسلىقى ئۆزىڭىزگە باغلىق.  قېيىنچىلىققا يۈزلىنىپ ،بوشاشماي تىرىشىڭ.

 

******************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. مىنىڭ قىزىمنىڭ بىر دوستى بار،دائىم ئۆزىنىڭ قارىشىنى قىزىمغا زورلاپ تاڭىدىكەن.مەسىلەن ئۆيگە پىيادە كىتەيلى دىسە قىزىم ئاپتوبوستا ماڭغىسى بولسىمۇ ياق دىيەلمەيدىكەن،ئۇنداق دىسە سەن مىنىڭ دوستۇم ئەمەسكەنسەن،مىنى رەت قىلدىڭ دەپ يامانلاپ كۈنلەپ گەپ قىلمايدىكەن،قىزىم بولسا بۇنداق بولىشىنى خالىمايدىكەن،شۇڭا نىمە دىسە ماقۇل دەيدىكەن،ئەمما ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن بىئارام،مەنمۇ ياخشىراق چارە تاپالمىدىم

  2. ئۆزى خالىمىغان ئىشلارنى باشقىلارنىڭ كۆڭلى ئۈچۈنلا قىلىش ー چوڭلار ئۈچۈنمۇ ئازاب .
    قىزچاق ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا « ياق » دىيىشنى ئۈگەنسۇن .
    يەنە بىرى، بالىلاردا قەستەن باشقىلارغا ئازار بىرىش بولمايدۇ، بىر كۈنى ئۇ دوستىنى ئۆيگە بىللە ئويناشقا تەكلىپ قىلىپ، سۆز ئارلىقىدا قىزىڭىزنىڭ قەلبىنى دوستىغا بالىلىق تىل بىلەن چۈشەندۈرۈپ ، بىر كۈنى دوستىنىڭ پىكىرى بويىچە، يەنە بىر كۈنى قىزىڭىزنىڭ پىكىرى بويىچە قايتىش تەكلىۋىنى بىرىپ بىقىڭ .بۇ جەرياندا بالىلار بىر – بىرىنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىشنىلا ئەمەس ئۆزىگە ھۆرمەت قىلىشنىمۇ ئۈگىنىدۇ .

  3. رەھمەت رەيھان ئۇستاز ئەسەرلىرىڭىزنى ئۇقۇپ چەكسىز سۈيۈندۈم،شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەڭگۈ بەخىتلەر تىلەيمەن .

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى