-نېمە ئىزدەۋاتىسىز؟

-مەن ئىزچىل ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن. پەقەت بىر نەرسىنى…مەندەك ئادەمنى قوبۇل قىلالايدىغان قەلبىم ئارام تاپىدىغان ماڭا تەئەللۇق تىنىچ بىر جاينى.

***

مەلۇم بىر مەھەللىنىڭ كىچىككىنە كۈتۈپخانىسىدىن ئىزدىگەنلىرىڭىزنىڭ نېمە ئېكەنلىكىنى، ھاياتىڭىزدا دۇچ كەلگەن قىيىن سۇئاللىرىڭىزنىڭ جاۋابىنى تاپالايسىز. ئاشۇنداق بىر كۈتۈپخانىغا بېرىپ باققۇڭىز بارمۇ؟

ئائوياما مىچىكونىڭ «ئىزدىگەنلىرىڭىزنى كۈتۈبخانىدىن ئىزدەپ بېقىڭ»ناملىق ئۇشبۇ كىتابىدا، ئوخشىمىغان ياشتىكى بەش نەپەر ئادەم  خىزمەت ھەم تۇرمۇشىدا ئوخشىمغان قىيىنچىلىق، تىڭىرقاشلارغا دۇچ كېلىدۇ ھەم مەلۇم بىر مەھەللىنىڭ كىچىككىنە كۈتۈپخانىسىدىن ھاياتىدىكى قىيىن سۇئاللىرىنىڭ جاۋابىنى تاپىدۇ.

يەنى، كۈتۈپخانا كىتابخانى كوماچى خانىمنىڭ «نېمە ئىزدەۋاتىسىز؟»دېگەن بۇ سۇئالى بەئەينى بىر پىسخولوگنىڭ بىمارىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تىڭشاش ئۈچۈن بېرىلگەن سىگىنال كەبى، بۇ ئادەملەر ئىختىيارسىز قەلبىدىكى يوشۇرۇنۇپ ياتقان غەلۋىلەرنى، تىڭىرقاشلىرىنى، ئەندىشىلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. كوماچى خانىم ئۇلارنىڭ قەلب تىۋىشلىرىنى ئەستايىدىل تىڭشايدۇ، بۇ ئادەملەرگە ئۆزلىرى ئىزدىگەن كىتابدىن باشقا،  ئۇلار كېرەكلىك تېما بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق يەنە بىر كىتابنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە ھەر بىر ئادەمگە ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ئۆز قولىدا كەشتىلىگەن ئاسقۇچ سوۋغا قىلىدۇ. 

قىزىقارلىق يېرى، كىشىلەر كوماچى خانىم ئۇلارغا سوۋغا قىلغان ئاددى ئاسقۇچ بىلەن بۇ كىتابدىن ئۆزلىرى ئىزدىگەن سۇئاللىرىغا جاۋاب تېپىشىدۇ، ھاياتىدا بۇرۇلۇش بولىدۇ.

ئۇنداقتا، كىتابنىڭ تەپسىلاتى بىلەن تونۇشۇپ چىقامدۇق؟

Ariette-Shos Lament

 

 

21 ياشلىق كىيىم-كىچەك ساتقۇچى قىزچاق-توموكا

 

كىتابنىڭ 1-بابىدا مۇنداق بىر ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ.

21ياشلىق توموكا ئىسىملىك قىز ئادەتتىكى بىر سودا ساراينىڭ ئاياللار كىيىم-كىچەك دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى. ئۇ توكيودىن تولىمۇ يېراق بىر يېزىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قولاي ماگزىنمۇ ئاسانلىقچە تېپىلمايدىغان، بىرەر كىنوخانا، مودا كىيىملەر ماگزىنىمۇ، رىستورانلارمۇ يوق بۇ يېزىسىدىن تېزراق ئايرىلىپ، توكيودىن ئىبارەت بۇ مودا شەھەردە كىنولاردىكىدەك چىرايلىق ياسىنىپ، رەڭگارەڭ تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىدا توكيودىكى قىسقا مۇددەتلىك ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ھەم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھازىرقى سودا سارىيىنىڭ كىيىم-كىچەك دۇككىنىدا ئىشلەيدۇ. ئۇ يېزىسىدىن توكيوغا ئوقۇشقا بارالىغان ساناقلىق كىشىلەرنىڭ بىرى، يېزىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى بوپقالىدۇ.

توموكا يېراق يېزا تۇرمۇشىدىن قۇتۇلغىنى بىلەن، ئاددى بىر خىزمەت ئورنىدا زىرىكىشلىك خىزمەتنى بىر ئۆمۈر قىلىپ ئۆتۈشتىن قورقىدۇ. ئۇنىڭ تەرەققى قىلغۇسى، ياخشىراق خىزمەت ئورنىدا ئىشلىگۈسى كېلىدۇ.

شۇ چاغلاردا  تەھرىرلىك خىزمىتىنى تاشلاپ، كۆزەينەك دۇككىنىغا يۆتكىلىپ كەلگەن يىگىت كىرىيامادىن نېمە ئۈچۈن شۇنداق ياخشى خىزمىتىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى سورايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى خىزمىتىنىڭ ئۆزىگە ماس كەلمىگەنلىكىنى،  دۈم يېتىپ دۈم قوپۇپ، ھەتتا تۈزۈكرەك تاماق يېگۈدەك ۋاقتىنىڭمۇ يوق ھالدا ئىشلىگىنىنى، مۇنداق تۇرمۇشنىڭ ئۇنى بەك چارچاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن  خىزمەت ئالماشقانلىقىنى، ھازىرقى خىزمىتى ئاددىي بولسىمۇ، ھەر كۈنى ياخشى يەپ، ياخشى ئۇخلىغۇدەك، كىتاب-ژورنال ئوقۇشتىن ھوزۇرلانغۇدەك ۋاقتى بار نورمال بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ھازىرقى تۇرمۇشىدىن بەكمۇ رازىلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

ئىشخانىدا خىزمەت قىلىش ئارزۇسىدا بولىۋاتقان توموكا خىزمەت ئالمىشىش ئۈچۈن ھەر خىل ئىقتىدارى ھەم كىنىشكىلەرنىڭ بولمىسا بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، مەھەللە كومتىتىنىڭ كومپىيۇتىر دەرسخانىسغاExcel  ئۆگىنىشكە كىرىدۇ. مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئېكسىلغا ئائىت ماتىريال ئەكىلىشنى تاپىلايدۇ ھەم مۇنداق كىتابلارنىڭ مەھەللە كۈتۈپخانىسىدىمۇ بارلىقىنى ئېيتىدۇ. توموكانىڭ ھاياتىدىكى ئۆزگىرىش دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

«نېمە ئىزدەيسىز؟»دېگەن بۇ ئاۋاز ھاياتىدىن نېمىلەرنىدۇر ئىزدەۋاتقان، ھازىرقى تۇمۇشىدىن نارازى بولىۋاتقان، قانائەت تاپالمايۋاتقان توموكانىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قويۇلغان سەمىمى سۇئال بولىدۇ.

توموكا ئۆزىنىڭ يېزىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىتىكى يۇلتۇز بولۇشنى، پەخىرلەنگۈدەك يەردە ئىشلىگۈسى، ئۇلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغۇسى بارلىقىنى ئويلايدۇ. كوماچى خانىم ئۇنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بىر قانچە كومپىيۇتىرغا ئائىت كىتابلاردىن سىرىت، بالىلار رەسىملىك كىتابى«گۇرى بىلەن گۇرا»نىمۇ تەۋسىيە قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭغا بىر تاۋا قازان كەشتىلەنگەن ئاسقۇچمۇ بېرىدۇ.(بۇ كىتاب مەن چوڭ قىزىم كىچىك ۋاقتىدا بىللە ئوقۇيدىغان، ھەتتا ھازىرمۇ ئەسلىيەلەيدىغان چىرايلىق ئىنتوناتسىيە بىلەن ئوقۇيدىغان تاماق ئېتىشقا ئامراق ئىككى چاشقاننىڭ ھېكايىسى ئىدى.)

يىللاردىن كېيىن بالىلىق چاغلىرىدا ئوقۇغان رەسىملىك كىتابنى قايتا ئوقۇغان توموكا بۇ ئاددىي  بالىلار كىتابى ھەققىدە يېڭىدىن چۈشەنچىگە ئېگە بولىدۇ.توموكا، ئىككى چاشقاننىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇۋىتىپ كىرىيامانىڭ«ھازىر ئۆزۈمنى  ئوبدان غىزالاندۇرىدىغان بولدۇم»دېگەن سۆزىنى ئويلاپ، رەسىملىك كىتابدىكى چاشقانلارنىڭ تۇخۇم بولكىسىنى ياساپ بېقىشنى ئويلايدۇ ھەم تۇنجى قېتىم ئۆيىگە قازان قاتارلىق ئاشخانا سايمانلىرىنى ئالىدۇ ھەم تۇنجى قېتىم ئۆيىدە تاماق ئېتىشى بولىدۇ.ئۇ بولكا پۇشۇرىۋىتىپ، قولىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئەينەك ئالدىغا كەلگىنىدە كۈندە سىرىتتىن سېتىۋالغان تەييار چۆپ، قۇرۇق بولكىنى  يەپ ، كېچىلىرى تېلىفۇنغا قاراپ تۈزۈك ئۇخلىماي چىرايىنىڭ تاتىراڭغۇ، بەدىرەڭ بوپكەتكىنىنى بايقايدۇ. ئۆيىنىڭ رەتسىز، ئەخلەتكە تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ.

بولكا پىشقۇچە ئارلىقتا ئۇ ئۆي تازىلايدۇ، ئۆزىگە شۇنداق ئېغىر ئەمگەك تۇيۇلىدىغان ئۆي تازىلاشنىڭ بىردەملىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ھەم«نېمىشقا شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزۈمگە ياخشى مۇئامىلە قىلمىغاندىمەن؟!» دەپ ئويلاپ قالىدۇ.

توموكا بىر ھەپتە قايتا-قايتا پۇشۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى مەززىلىك تۇخۇم بولكىسى پۇشۇرالايدۇ ھەم ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ كەلگەن خىزمەتدىشى كىرىياما، ئۆز خىزمىتىگە يارىغۇدەك خىزمەت قىلىشنى ئۆگەتكەن ئايال خىزمەتدىشى شۇنداقلا  ئۇنىڭغا بالىلىق ئەسلىمىسىدىكى رەسىملىك كىتابنى تەۋسىيە قىلغان، ئۇنىڭ ھاياتىغا بۇرۇلۇش ئېلىپ كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان كۈتۈپخانا خادىمى كوماچى خانىمغا ئۆزى پۇشۇرغان بولكىسى ئارقىلىق مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

توموكا ئۆزى قىلىۋاتقان خىزمەتنىڭ ئەرزىمەس خىزمەت ئەمەس، ئەكىسچە ئۆزىنىڭ بۇ خىزمەتكە ئەرزىيدىغان ھالدا خىزمەت قىلمىغانلىقىنى،  تېخى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلمىغانلىقىنى، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى، كۆز ئالدىدىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىشنىڭ ھەممىدىن مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.

شۇ ئەمەسمۇ؟ نائېنىق ئەتە ئۈچۈن ھازىرنى قۇربان قىلماسلىق، نېمە ئىشلار يۈز بېرىشى نامەلۇم بولغان كىشىلىك دۇنيادا، دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلالايدىغان ئىشلىرىنى قىلىش ئارزۇسىدىكى كۈنلەرگە ئېلىپ بارىدۇ.

35ياشلىق ئۆي جاھازىلىرى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى-رىيو

 

35 ياشلىق بويتاق يىگىت رىيونىڭ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن تارتىپلا ئىزچىل قەدىمى بويۇملار دۇككىنى ئېچىش ئارزۇسى بار ئىدى. ئەمما، يىللار ئۆتۈپ كېتىۋەردى. ئۇنىڭ ئارزۇسى شۇ پىتى قىلىۋەردى.

ئاشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاسارە-ئەتىقىلەرگە قىزىقىدىغان قىز بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ھەم قىزنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر كومىتىدىكى بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپ قالىدۇ ھەم  پائالىيەت سىنىپنىڭ يېنىدا كۈتۈپخانىمۇ بارلىقىنى بايقاپ ئىختىيارسىز كۈتۈپخانىغا كىرىدۇ.

نېمە ئىزدەيسىز؟

يەنىلا ئوخشاش بىر سۇئال ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى بىر ئاسارە-ئەتىقە دۇككىنى ئېچىش ئويىنىڭ بارلىقىنى، تىجارەت باشلاشقا ئائىت ماتىرىيال ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

كوماچى خانىم ئۇنىڭغا تىجارەتكە ئائىت كىتابدىن سىرىت ئۆسۈملۈككە ئائىت كىتابنىمۇ قوشۇپ تەۋسىيە قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭغا مۈشۈك كەشتىلەنگەن ئاسقۇچ سوۋغا قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئىزدىگەنلىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئۆسۈملۈككە ئائىت كىتاب ھەم مۈشۈك ئۇنىڭ ھەم خىزمىتىنى قىلغاچ مۈشۈك+كىتاب بىرلەشكەن قەھۋەخانا ئاچقان ئادەم بىلەن تونۇشۇشقا ھەم قانداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىمۇ قىلىش بىلىن بىرگە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر مۇھىت بەرپا قىلالىغانلىق تەجىربىسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولىدۇ ھەم ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشەنچكە كېلىدۇ.

ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق مەڭگۈ پۈتمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەدەم بېسىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى دەل ھازىر. قول تۇتۇپ ئىش باشلىغاندا تەييارلىقلار ئۆزلىكىدىن پۈتۈشكە باشلايدۇ.

قىلىدىغان ئىش شۇنچىلىك كۆپ تۇرسىمۇ«ۋاقتىم يوق»دەپ ھېچ قىلمىغاندىن كۆرە، ۋاقتى بار چاغدا قىلالايدىغان ئىشنى قىلغان تۈزۈك.

40 ياشلىق ئانا-ناتسۇمى

 

بەلكىم، ھاياتىڭىزدا ئەڭ غەيرەت قىلغان ۋاقتىڭىز-تۇغۇلغان ۋاقتىڭىز. شۇندىن كېيىن يۈز بەرگەن ھەر قانداق ئىش چوقۇم تۇغۇلۇشتىنمۇ ئارتۇق قېيىن بولغان ئەمەس.شۇڭا، تۇغۇلۇشتىن ئىبارەت ئەڭ قېيىن ئىشنى يېڭەلىگەندىكىن، قالغان ئىشلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچ گەپ ئەمەس.

***

 بىر ئانىنىڭ ئانىلىق جەريانى سۆزلىنىدىغان، ئاياللارنىڭ روھى دۇنياسىنى بەك ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن كىتابنىڭ ئۇشبۇ بابى ماڭا بەك ياقتى.

گەرچە بۇ ئانا 40 يېشىدا ئەمدى تۇنجى بالىنىڭ ئانىسى بولغان، مەن بولسام 32 يېشىمدا ئاللىقاچان ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، چوڭ بالام ئاللىقاچان باشلانغۇچنىڭ نەچچىنجى يىللىقىدا بولۇپ بولغان بولسىمۇ ياشىغان جەمىيەت، ئانىلىق ھەم ئانىلار دۇچ كېلىدىغان خىزمەت، تۇرمۇش، بالا، ئارزۇ ئوتتۇرىسىدىكى قىيىنچىلىق، تىڭىرقاش، ئازاب مەلۇم دەرىجىدە ئوخشاش بولغاچ بۇ بابنى شۇنداق بىرىلىپ ئوقۇپ چىقتىم.

شۇنى ئېنىق دىيەلەيمەنكى، كىتابدىكى ئانا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇر ئانىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس. مۇساپىرلىق، سېغىنىش..يەنە بىر نىمىلەرنى سۆزلىمەي. ئەڭ ئاددىيسى  بىز يەنە 50 يىل ياشىساقمۇ يەنىلا«چەتئەللىك»ھېسابلىنىدىغان دۆلەتتە ئانا بولىمىز،خەقنىڭ تىلىدا خىزمەت قىلىمىز، ئوقۇيمىز..بالىلىرىمىزئالدىدا كىملىك، دىن..تۈرلۈك مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز….بولدىلا،  ئالدى بىلەن كىتابدىكى ئانىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

ناتسۇمى ئاياللار ژورنىلى تەھرىراتى ھەم كۆزگە كۆرۈنگەن خىزمەتچى. ئۇ 40 يېشىدا قىزىنى يەڭگىيدۇ ھەم خىزمەتكە بولغان مەسئىۇلىيىتى ھەم قىزغىنلىقى سەۋەبىدىن تۇغۇت دەم ئېلىشىنىمۇ ئالماستىن بالا ئۈچ ئايلىق ۋاقتىدىن باشلاپلا يەسلىگە بېرىۋىتىپ خىزمەت ئورنىغا قايتىدۇ. ئەپسۇس، ئۇنىڭ شۇنچە بەدەل تۆلىگەن خىزمەت ئورنىنى يېشى ئۆزى بىلەن تەڭ ئەمما توي قىلمىغان باشقا بىرسى ئىگەللەپ بولىدۇ ھەم ئۆزى ياقتۇرمايدىغان باشقا بىر بۆلۈمگە يۆتكىۋىتىدۇ.بۇنىڭدىن ناتسۇمىنىڭ ئىچى بەك ئاچچىق بولىدۇ ھەم ھېلىقى بويتاققا ھەسەتمۇ قىلىپ قالىدۇ.

بالىسى سەۋەبلىك چەتكە قىقىلغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ بىر تەرەپتىن بالىنى يەسلىگە ئاپىرىپ-ئەكىلىش، بالا بېقىش، تاماق ئېتىشلەر ئۇنى ھالسىرتىدۇ. شۇنداقلا، نېمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئائىلە، پەرزەنت ئۈچۈن شۇنچىۋالا بەدەل تۆلەيدىغىنىنى، نېمىشقا بەدەل تۆلەشكە تېگىشلىكى ئايال بولۇپ قالىدىغىنىنى، بۇ تەڭسىزلىكنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئانىلارغا سۇئال: ھاياتىڭىزدا ئانا بولغاندىن كېيىن ياخشى خىزمەت، ئوقۇش پۇرسەتلىرى دېگەندىن ۋاز كېچىپ بالىنى تاللىغاندا، بالىنىڭ كۆپ مەسئۇلىيىتى زىممىڭىزگە چۈشۈپ چارچىغىنىڭىزدا، بالا ئۈچۈن كۆپرەك بەدەل تۆلەيدىغىنى نېمە ئۈچۈن ئاياللار؟ بالا ئەرنىڭمۇ بالىسى تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئۇ نورمال خىزمەت، نورمال ئىشلىرىنى قىلىپ ئانىلارلا مۇنداق بەدەل تۆلەيدۇ دەپ ئويلاپ باققانمۇ؟ ئانىلار شۇنچىلىك بەدەل تۆلەپ ئاقىۋەتتە بۇ بەدەللىرى ئىتىبارسىز قالسىچۇ؟

ناتسۇمى ئەنە شۇنداق تۈرلۈك بىسىملار ئىچىدە روھى جەھەتتىن تۈگۈشۈپ كىتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قىزىنى سىرىتنى ئايلاندۇرۇپ كەلمەكچى بولۇپ، مەھەللە كۈتۈپخانىسىغا بېرىپ قالىدۇ ھەم بالىلاركىتابى ئىزدەش جەريانىدا كوماچى خانىم بىلەن ئۇچىرىشىدۇ. ئوخشاشلا«نېمە ئىزدەيسىز؟»دېگەن بىر جۈملە سۆز ئۇنىڭ قەلبىدىكى غەۋغالارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. كوماچى خانىممۇ ئوخشاش ھالدا ئۇنىڭغا بالىلار كىتابىدىن باشقا يەنە بىر كىتاب تەۋسىيە قىلىدۇ ھەم يەرشارى كەشتىلەنگەن ئاسقۇچ سوۋغا قىلىدۇ.

ناتسۇمى كىتابدىن ئۆزىگە تەئەللۇقلىرىنى ئالىدۇ، يەرشارىنىڭ كەڭلىكىنى يولنىڭ پەقەت بىرلا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ خىزمىتىنى ئۆزگەرتىپ بېقىش قارارىغا كېلىدۇ ھەم كۆڭۈلدىكىدەك بىر نەشىرياتقا ئىشقا چۈشىدۇ. بۇ يېڭى خىزمەت ئورنىدا بالىلار كىتابلىرىمۇ نەشىر قىلىنىدىغىنى ئۈچۈن كىچىك بالىسى بار ناتسۇمىنىڭ پىكىرى ھەم قىزىنىڭ تاللاشلىرىمۇ نەزەرگە ئېلىنىدۇ. ئىلگىرى خىزمىتىگە توسالغۇ دەپ ئويلىغان بالىىسىنىڭ، يېڭى خىزمەت ئورنىدا  قوبۇل قىلىنغانلىقى، شۇنداقلا بالىنىڭمۇ ئۆز خىزمىتىگە يارىدەم ئېلىپ كېلىۋاتقىنىدىن خاتىرجەملىك ھەم  كۈچ ھېس قىلىدۇ.

شۇنداق، ئۆزىدە مەلۇم كەملىك ۋە ياكى ئارتۇقچە دەپ ئويلىغان مەلۇم تەرەپلەر شارائىت ئۆزگىرىپ قالسا ئەكسىچە ئارتۇقچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن. يەر يۈزىدىكى ئوخشاش بىر نەرسە ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان پەسىلدە ئوخشىمىغان مەنا بەرگەنگە ئوخشاش. بىزدە كەم ياكى ئوشۇقچە نەرسىلەرنىڭ بەزىدە مۇھىت ئۆزگەرسە ئەكسىچە مەنا بېرىدۇ.

 يازغۇچى مىزۇئې خانىم ئېيقىنىدەك، ھايات ھەمىشە مۇشۇنداق  قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.مەيلى نېمىلا ئىش بولسۇن ئويلىغىنىمىزدەك بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بەزىدە ئويلاپمۇ باقمىغان خۇشاللىقمۇ بوپقالىدۇ. بىر ھېسابتا ئويلىغىنىمىزدەك بولمىغىنىمۇ ياخشى. ھېساب-پىلانلىرىڭىزنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشى-بەخىتسىزلىك ۋە ياكى مەغلۇبىيەت دەپ ئويلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشلارئەنە شۇنداق ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ، ئۆزىمىزمۇ، ھاياتمۇ.

پۇتىمىز تۇپراقتا، كۆزلىرىمىز ئاسمانغا باقسۇن. ئۆزگىرىش ياسىغاچ ئىلگىرىلەپ ماڭايلى. ئېچىلغان بەتنىڭ قارشىدىكى بىراۋغا تېخىمۇ چوڭ ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن.

 30 ياشلىق ئىشسىز يىگىت-خىرويا

 

نېمە ئىزدەيسىز؟

مەن ئىزچىل ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن. پەقەت بىر نەرسىنى…مەندەك ئادەمنى قوبۇل قىلالايدىغان قەلبىم ئارام تاپىدىغان مەن تەئەللۇق تىنىچ بىر جاينى.

***

بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ رەسسام بولۇش ئارزۇسىدىكى خىرويا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، لاھىيلەش مەكتىپىدە رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىدۇ. ئەمما، رەسىم سىزىشتىن ئىبارەت بۇ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان خىزمەت تاپالماي ھەش-پەش دېگۈچە 30 ياشقا كىرىپ قالىدۇ. ئۇ باشقا خىزمەتلەرنى قىلىپ باققان بولسىمۇ، سالامەتلىكى يار بەرمەي ھۆددىسىدىن چىقالماي ئاخىرى بىكارچى بولۇپ قالىدۇ.

شۇنداق بىر كۈنلەردە ئانىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن مەھەللىدىكى باشلانغۇچقا ئورۇنلاشقان«مەھەللە كومتىتى»دىغا كۆكتات سېتىۋىلىشقا چىقىپ، بىر موماينىڭ قولىدىكى ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر قونچاققا كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنى سەزگەن موماي بۇنى كۈتۈپخانىدىكى كوماچىنىڭ ياسىغانلىقى ئېيتىپ بىرىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان خىرويانىڭ كۆز ئالدىغا ئوماق، ياش بىر قىز كېلىدۇ ھەم ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا كىرىدۇ. ئۇ كوماچىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ياش، ئوماق قىز ئەمەس، 50 كە يېقىنلاشقان، مۆشۈكئېيىقتەك يوغان بىر ئايال ئېكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئەمما، كوماچىنىڭ«نېمە ئىزدەيسىز؟»دېگەن ئاشۇ سۇئالى ئۇنى ئۆزىگە، قەلبىدىكى ئارزۇلىرىغا قايتۇرىدۇ…ئۇ ئىخىتىيارسىز ئۆزىنىڭ بالىلىقى ھەم ئارزۇلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىدۇ. كوماچى خانىم ئۇنىڭغا رەسىمگە ئائىت كىتابدىن باشقا«داۋىن كۆرگەن دۇنيا»ناملىق كىتابنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ئايروپىلان شەكلىدىكى ئاسقۇچ سوۋغا قىلىدۇ.

بالىلىق چاغلىرىدا«تارىختا قالغۇدەك رەسسام بولىمەن»دېگەن ئارزۇلاردا بولغان، 30 ياشقىچە ھېلىغۇ تارىختا قىلىشكەن، ھەتتا رەسىم  سىزالىغۇدەكمۇ خىزمەت تاپالماي ئۆزىنى بۇ دۇنياغا ئارتۇقچە چاغلاپ چۈشكۈنلەشكەن خىرويانىڭ شۇندىن كېيىن ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئۇ18 ياشتىكى ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ. تارىختا ئەمەس، بىرەر ئادەمنىڭ يۈرىكىدە قالغۇدەك بولسىمۇ رەسىم سىزىشنىڭ ھەم بىر ئادەمنىڭ يۈرىكىدە بولسىمۇ ياشاشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئاددىي بولسىمۇ ئېلان دوسكىسىغا رەسىم سىزالايدىغان خىزمەت تاپىدۇ ھەم بۇ خىزمەتتىن خۇشاللىق تاپىدۇ. تۇنجى ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى لىتابقا سېلىپ گۈل بىلەن ئانىسىغا سۇنىدۇ. ئانىسى يۇم-يۇم يىغلاپ تۇرۇپ لىتابنى ئوغلىغا قايتۇرۇپ بېرىپ، گۈلنىلا قوبۇل قىلىدۇ.

بىراۋنىڭ يەنە بىرىنى خىيال قىلىشى-ئاشۇ ئادەم ئۈچۈن ياشايدىغان ئۆي سالغان بىلەن باراۋەر. تارىخنى ئادەم يازىدۇ. ھەقىقى تارىخىنىڭ زادى قانداقلىقىنى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ. شۇڭا، تارىختا قىلىش ئەمەس، قەلبلەردە قىلىش ھەممىدىن گۈزەل.

65ياشلىق پىنسىيەگە چىققان-ماسائو

 

مەن ئاپرىدە بولغان كۈن، دەل ھازىرنىڭ ئۆزىدىكى بۈگۈن، شۇنداقلا بۇندىن كېيىن كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان كۈنلەر…  ھەر بىركۈنتولىمۇ قىممەتلىك.

***

65ياشلىق ماسائو ئەپەندى 42 يىل ئىشلىگەن خىزمەت ئورندىن پىنسىيەگە چىقىدۇ. نېمىشقىدۇر پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بىكارچىلىقتا نېمە ئىش قىلىشنى بىلمەي قالىدۇ. بىردىنلا جەمىيەت تەرىپىدىن ئۇنتۇلغاندەك، تاشلىۋىتىلگەندەك تۇيغۇغا كەپ قالىدۇ. شۇنداق كۈنلەردە ئۇنىڭ ئائىلىلەر كومتىتىدا كومپيۇتىر دەرسى ئۆتىدىغان ئايالى ئۇنىڭ  دەرسخانىغا قاتنىشىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ماسائو ئەپەندى بۇ دەرسنى قېيىن ھېس قىلىدۇ ھەم بۇنىڭغا ئائىت ماتىرىيال ئىزدەپ كۈتۈپخانىغا كىرىدۇ.

يەنە ھېلىقى سۇئال:نېمە ئىزدەيسىز؟

پىنسىيە يېشىغا يەتكەن بۇ ئادەم بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلىپ، ئەمدىلىكتە ئۆزمەۋجۇتلۇقىنى تاپالمايۋاتاتتى… شۇنداق، ئۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئىزدەيتتى….ماسائو ئەپەندى ئوخشاشلا كومپيۇتىرغا ئائىت كىتابدىن سىرىت «شېئىرلار توپلىمى»تەۋسىيە قىلىنىش بىلەن بىرگە بىر قايچا شەكىللىك ئاسقۇچ سوۋغا قىلىنىدۇ.

مۆجىزە كەبى ماسائو ئەپەندى بۇ شېئىرلارنى ياقتۇرىدۇ ھەم «دەرىزە»ناملىق شېئىر ھەققىدە ئويلىنىپ قالىدۇ. ئوخشاش بىر جايدا بولسىمۇ، مانا مۇشۇنداق كۆرۈنمەس توساقنىڭ بولۇشى قارشى تەرەپتىكى ئادەملەرنى ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ. ئۇ قىزى بىلەن چۈشلۈك تاماق يەۋىتىپ قىزىنىڭ ئوخشىاش شېئىر ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىى، قىزىنىڭ شۇنچىلىك ئىجابى پىكىر قىلغانلىقىنى بايقايدۇ ھەم قىزىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئاددى بىر قىسقۇچپاقىلاپ ماڭغان ئەسلىمىسىنىڭ تاكى ھازىرغىچە قىزىغا شۇنداق تەسىر قىلغانلىقىنى قىزىدىن ئاڭلايدۇ. ئەسلىدە، بۇ بوۋايمۇ بىكارغا ياشىمىغانلىقىنى، كۆز قاراش نوقتىسىنى ئۆزگەرتىپ باققاندا دۇنيانىڭ تېخخمۇ كىڭىيدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ھەر بىر كۈننىڭ تولىمۇ قىممەتلىك، بولۇپمۇ ئەڭ سۆيگەنلىرى بىلەن ياشىغان ھەر بىر كۈننىڭ تولىمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىدۇ.

مېنىڭچە، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قانداق مۇناسىۋەت جەمئىيەت بولۇپ ھېسابلىنىۋىرىدۇ. باغلىنىش بولغان ھەر قانداق ئىشنىڭ مەيلى ئۆتمۈشتە ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن ھامان نەتىجىسى بولىدۇ.

كىتابنىڭ ئاخىرىدا ماسائو ئەپەندى كوماچى خانىمدىن كىتاب تەۋسىيە قىلغاندا مەقسەتلىك تەۋسىيە قىلامدۇ-يوق سورايدۇ. ھەممىدىن قىززىقى، كوماچى خانىم شۇنداقلا تەۋسىيە قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئادەم ئىزدىگەنلىرىنى ھەقىقەتەن كۈتۈپخانىدىن تاپامدۇ؟ شەخسى قارىشىمدا ئادەم كىتابدىن ھەر خىل تەپەككۇرنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا قوبۇل قىلىدۇ، ئاخىرىدا ئۆزىگە تەدبىقلايدۇ. نەتىجىدە جاۋاب يەنىلا ئۆزىدىن چىقىدۇ.

ھەممىلا ئادەم ھايات تاپشۇرغان تاپشۇرۇقنى كۆتۈرگىنىچە نېمىلەرنىدۇر ئىزدەۋاتىدۇ.

ئۇلار كىتابنى ئېچىپ، ئىچىدىكى مەزمۇننى يېمەكلىككە ئوخشاش چايناپ، ئۇنى ئۆز ھاياتىنىڭ قان-قېنىغىچە سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن قالغىنىنى ئۆز ھاياتىنىڭ يەشمىسى سۈپىتىدە ياشاۋاتىدۇ.

ھاياتنىڭ بەزىدە چۇڭقۇر، يەنە بەزىدە ۋاقىتلىق قېيىن سۇئاللىرى، يېڭىشكە تېگىشلىك مۈشكۈلاتلىرى، سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز ئېغىر سۇئاللىرى بولىدۇ.

ئادەملەر كۈچىنىڭ بارىچە جاۋابىنى ئىزدەيدۇ،-يۇ، جاۋابنىڭ تېشىدا ئەمەس، ئىچىدىن تېپىلىدىغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ.

************************

قەلەمدە: رەيھان ئابلەت

ئائوياما مىچىكونىڭ«ئىزدىگەنلىرىڭىزنى كۈتۈپخانىدىن ئىزدەپ بېقىڭ»ناملىق كىتابىدىن تەسىرات

تارقىتىڭ...