ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: قەدىر-قىممەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ 8 خىل ئاددى ئۇسۇلى(4)

9,339 قېتىم ئوقۇلدى

 بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى، قەدىر – قىممەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈشنىڭ  قانداق كونكىرىت ئۇسۇللىرى بار؟

ئەمەلىيەتتە، ئۇ – كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى پەرزەنت تەربىيەسى جەريانىدا تەبىئى يېتىلىدىغان بولۇپ، بىز بۇنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى 8 نوقتىغا يىغىنچاقلاپ ئۆتىمىز.

 

 

A Woodland Night

(4)

بارچە تىرىشچانلىقنىڭ ئاساسى بولغان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يىتىلدۈرۈشنىڭ 8 خىل ئۇسۇلى

 

(1)

بەدەن بىلەن بەدەننىڭ ئۇچرىشىشى

بالىنى باغرىغا بېسىش، قۇچاقلاش، قولىنى تۇتۇش، باشلىرىنى – دۈمبىلىرىنى سىيلاش، سۆيۈش، بىللە ۋاننىغا چۈشۈش… مانا مۇشۇ ئاددى ھەرىكەتلەرمۇ بالىغا بولغان سۆيگۈمىزنى ئىپادىلەيدۇ، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ.

 (بالىلارنىڭ ئاپىسى ياكى دادىسى بىلەن بىللە ۋاننىغا چۈشۈشى – بۇ ياپون مىللىتىنىڭ بىر خىل مەدەنىيتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار بۇنى ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ئاشۇرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، بىزدەك ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى پەردىشەپنى موھىم دەپ بىلىدىغان مىللەت ياپونلارنىڭ بۇ مەدەنىيىتىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەم باشقىچە ئۇسۇلدا مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەۋىرىمىز، شۇنداققۇ؟!)

 

(2)

تاماق ئېتىپ بىللە يىيىش

بىز دوستىخان مەدەنىيىتىنى، ئائىلىنىڭ بىر دوستىخانىغا جەم بولىشىنى موھىم  بىلىدىغان مىللەت.

بۇ يەردە تەكىتلىنىۋاتقىنىمۇ دەل دوستىخاننىڭ ئىللىقلىقى ھەم بالا ياقتۇرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ بىرىش، بىر ئائىلىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ تاماق يېيىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بالىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە، ئائىلىنىڭ مىھرىنى ھىس قىلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغانلىقى تەكىتلىنىۋاتىدۇ. بالىلىرىمىزنى دوستىخاننىڭ ئىللىقلىقىدىن، بىر ئائىلە جەم بولۇپ تاماق يىگەندىكى بەخىتتىن ھەر كۈنى ھوزۇرلاندۇرۇپ تۇرايلى.

 

(3)

بىللە ئويناش

بالىلىرى تېخى كىچىك ئاتا- ئانىلارنىڭ قەلبى بالىلار بىلەن تەڭ بالىلىق قەلبكە تولىدۇغۇ دەيمەن. بالىلار بىلەن تەڭ بالا بولۇپ بىللە مۈكۈشمەك ئويناش، قوغلاشماق، قارىغۇ چاشقان ئويناش، سىيرىلغۇچ، ئىلانگۈچلەرنى ئويناش، بىللە رەسىم سىزىش، بىللە ناخشا ئېيتىش… ئەمەلىيەتتە، بۇ بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس ئاتا – ئانىلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ كۆڭۈللۈك دەم ئېلىش ئۇسۇلى ھەم بەكلا تاتلىق، بەخىتلىك مىنۇتلار… بۇنداق ساپ، قىزغىن ،  يېشىڭىز ھەم كىملىكىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ھاياتنىڭ ساپ گۈزەل تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدۇرىدىغان مىنۇتلىرىڭىزنى قولدىن بەرمەڭ ھەم قەدىرلەڭ.

 

(4)

بالا يىغلىغاندا بەزلەش

بالىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندا، بىرەر ئىش بىلەن يىغلىغاندا بالىنى بەزلەشكە، بالىنىڭ بۇ تۇيغۇلىرىغا ھەمرا بولۇشقا سەل قارىماڭ.

 

(5)

بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىپ بېرىش

مەسلەن: ”بۇنى ياقتۇرمىدىڭ ھە بالام؟“، ”يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالدىڭغۇ دەيمەن ھە؟“،“بەكلا خۇش بولدۇڭغۇ بالام.“ دىگەندەك.

(6)

بالىنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ بېرىش

ھەر قانداق ئالدىراش بولساقمۇ بالا گەپ قىلغاندا ئەستايدىللىق بىلەن ئاڭلاپ بىرەيلى.

 

 

(7)

بىللە رەسىملىك كىتاب ئوقۇش

بالىلار بىلەن بىللە رەسىملىك كىتاب ئوقۇغاچ ئۆزىمىز تېخى بالىلىق چاغلىرىمىزدا ئوقۇش نېسىپ بولمىغان شۇ ئوماق رەسىملەر، مەزمۇنلار بىلەن ئۇچىرىشىۋالىمىز تېخى !

ياپوننىڭ بالىلار رەسىملىك كىتابلىرى بەك سەرخىل، تۈرلىرى، رەڭلىرى، سۈپىتى شۇنداق ياخشى. ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر بالىلارغا قىسىنىپ قالغۇدەك…

 

 

(8)

بالىنى چىن يۈرىكىدىن ماختاش

“ سېنى ياخشى كۆرىمەن“ ، ”سەن بولغاچقا  بەك كۆڭۈللۈك“ ، “ مەيلى نىمە ئىش يۈز بىرىشىدىن قەتئىينەزەر مەن سېنىڭ قوللىغۇچۇڭ بالام!“ ، ”يەنىلا مىنىڭ بالام ئەڭ قالتىس!“ ، ”سەن بەك ياخشى بالا جۇمۇ!“ ، ”قانداقلا بولمىسۇن مەن ساڭا ئىشىنىمەن“ ، ”تۇغۇلغىنىڭغا رەھمەت بالام!“،  دىگەندەك مانا مۇشۇنداق چىن يۈرىكىدىن بالىسىنى ماختاپ بېرىش بالىنىڭ “ ئۆز قابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچ “ دىن كۆرە “ ئۆز مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچ“ نى يىتىلدۈرىدۇ.

بۇ خىل سۆزلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان بالا ئۆز مەۋجۇتلىقىنىڭ قىممىتىنى پۈتۈنلەي ئىتىراپ قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلىپ چوڭ بولىدۇ.

 يەنى،“ سەن مۇنداق بولغانلىقىڭ ئۈچۈن مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن.“، ”مۇنداق – مۇنداق قىلالىغانلىقىڭ ئۈچۈن سەن قالتىس…“ دىگەندەك شەرتلەر بىلەن ئەمەس شەرتسىز ماختاپ بېرىش، بالىنىڭ ئەسلى ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىش لازىم.

ئەلۋەتتە، يۇقىرىدا دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئورۇندىمىسا بالىنىڭ قەدىر – قىممەت ئېڭىنى يىتىلدۈرگىلى بولمايدۇ،- دىگەنلىكمۇ ئەمەس، ئامال بار قىلالىشىمىزچە قىلىشقا تېرىشايلى دىمەكچى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ماختاش – ماختىماسلىقتىن سىرىت، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز بۈگۈنگە قەدەر قىلىپ كىلىۋاتقان بەكمۇ ئاددى ئىشلار كۆپ، شۇنداققۇ ؟!

مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشلار بىلەن بالىنىڭ قەدىر- قىممەت ئېڭى يېتىلىشى مۇمكىنمۇ، دەپ ئويلاپ قىلىشىمىز مۇمكىن. توغرا! دەل مۇشۇنداق كىچىك ئىشلار  ئۇلاردىكى قەدىر – قىممەت ئېڭىنى يېتىلدۈرىدىغان بەكمۇ موھىم ئىشلار.

بالىنى ھەر ۋاقىت بەك چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ماختاپ كىتەلمىسەكمۇ، ھەتتا، بەزى ۋاقىتلاردا سىلكىپ قالساقمۇ، ھىچ بولمىسا بالىنىڭ تامىقىنى ئېتىپ بېرىش، ئىھتىياجلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىش بىلەنمۇ بالىغا مىھىر – مۇھەببىتىمىزنى، ئۇلارنىڭ  موھىم ئىكەنلىكىنى  يەتكۈزەلەيمىز .

ئاكې خاشى ئەپەندىدىن سىزگە تەسەللىي بولىدىغان بىر جۈملە سۆز:

بالىسىنى گەرچە ئۆزى خالىمىسىمۇ بىلىپ – بىلمەي سىلكىپ تاشلىغانلىق – ئەمەلىيەتتە، پەرزەنت تەربىيەسى ئۈچۈن تېرىشىۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسى.

( ماۋۇ گەپنى قانداق چۈشەنگەنسىلەر؟ مەنچە،  ھىچبىر ئاتا- ئانا بالىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىشنى، ھەتتا ئۇنى كىچىككىنە سىلكىپ قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. بىراق، بەزىدە رىئاللىقتا بولۇپ قالىدۇ… مانا مۇشۇنداق پەيتلەر، يەنى بىزنىڭ خاتالاشقانلىرىمىز، ئۆز خاتالىقىمىزنى تونۇۋاتقانلىرىمىز دەل بىزنىڭ تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ دىمەكچىمىكىن.)

بالىسىنى ئورۇنسىز ئەيىپلەپ قېلىپ، بالىسى ئۇخلاۋاتقاندا، بالىسىنىڭ مەسۇم چىرايىغا قاراپ ياش تۆككەن ئاۋۇ ئانىغا قاراڭ.

سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق مىنۇتلىرىڭىز بولغانمۇ ؟

 

Pete’s dragon

 

***

بىر كۈنى ئىشلەۋاتسام بىرسى مۇنداق دەپ قالدى .
« مۇشۇ تىتانىك دېگەن فىلىمنى يىغلىماي تۇرۇپ كۆرگىلى بولـمايدۇ ـ ھە ؟! »
« ۋاي مەن ئۆمرۈمدە بىرەر قىتىم يىغلاپ تۇرۇپ كۆرۈپ باققىنىمنى بىلـمەيمەن ئۇ فىلىمنى ! » دەپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق .
راستىنى دىگەندە، مەن تىتانىكقا يىغلىمىغان بىلەن ماۋۇ فىلىمنى يېغلاپ تۇرۇپ كۆرگەن .☺️
بالىلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك فىلىم «pete ۋە ئۇنىڭ سىرلىق دوستى »
ئامېرىكىنىڭ 2016ـ يىلى 12ـ ئايدا ئېلان قىلغان ھەقىقى بىر ئائىلە فىلىمى بولۇپ، بالىلارنىڭ باتۇر، جاسارەتلىك، ئەقىللىقلىقى ھەم  ئۇلارنىڭ بالىلارغا خاس ساپ قەلبى، ئىنسانلار  بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى تەسىرلىك مىھىر ـ مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن بۇ فىلىم ئائىلىڭىزنىڭ «ئائىلە ۋاقتى» قىلىپ بالىلىرىڭىز بىلەن كۆرۈپ چىقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

ياپۇنچىسى : ピートと秘密の友達
ئىنگىلىزچىسى : Pete’s dragon

 

***************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ

  2. مۇشۇنداق ئاكتىپ ئىنىرگىيە كۆپلەپ يوللانسا كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئويلىمىغان نەتىجىلەر بىلەن نامايەن بولغۇسى

  3. ياخشى مەزمۇن ئىكەن بالىلارنى كۆپرەك ماختاپ تۇرۇشنىڭ پايدىسى ھەقىقەت بار رەھمەت سىزگە

  4. awu kitabning hanzuqa tarjimisi bamu,setiwelip korup baksak

  5. قالتىس ھۇزۇرلاندىم مۇنۇ ماقالىدىن، قىممەتلىك ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىز تېخىمۇ بەرىكلەتلىك ، ئۆتكۈر بولسۇن خۇشپۇراق رەيھانىم …

  6. Bezi yazmilar Maga atap yazgandeklam .bek yahturdum

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى