چوڭ-چوڭ ئۆزگىرىشلەر كىچىك ئۆزگىرىشلەردىن كېلىدۇ.ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق ياشاپ باقمىغان ئۆزىدە ياشىيالايدۇ.
دېققىتىمىزنى كۈندىلىك تۇرمۇشمىزغا، ھازىرغا مەركەزلەشتۈرۈپ ھازىردىن ھوزۇرلىنىش، دەل ھازىردا تىرىشىش، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئاكىتىپ تەپەككۇر قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق گۈزەل ياشاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە«ھەپتىدە بىر ئادەت»سەھىپىسى ئېچىلدى. ئوخشاش ئارزۇدىكى دوستلارنىڭ ماڭا ئەگىشىشىنى خالايمەن، بىز بىرلىكتە ئۆسۈپ-يېتىلىمىز.
بىزنىڭ تۇنجى يېتىلدۈرمەكچى بولغىنىمىز-خاتىرە يېزىش ئادىتى.
خاتىرە يېزىش
ئوي-پىكىر، ھېس-تۇيغۇلارنى يېزىپ خاتىرلەپ قويۇش مەن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىش. ئەگەربۇلارنى يازالماي قالغىنىمدا
خۇددى نەپسىم قىسىلغاندەك بىئاراملىق ھېس قىلىمەن.
ئاننې فىرانك
ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ سىناپ بېقىڭ.
خاتىرىڭىزدە«باشقىلارنى قانداق ئويلاپ قالار»لار بولمايدۇ، قەلبىڭىزدىكى ئويلىرىڭىزنى ئەركىن دىيەلەيسىز. قەلبىڭىزنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەندىشىلىرىڭىز، ئازابلىرىڭىز، ھەتتا خاتالىقلىرىڭىزنى نۇمۇس قىلماستىن، تارتىنماستىن ئۆزىڭىزگە ئېيتىپ بىرەلەيسىز. بۇ قانداق قالتىس ھەم گۈزەل مۇناسىۋەت ھە!
ئەڭ قېيىن ئەھۋالدا قالغان ۋاقتىڭىزدا خاتىرە يېزىش ئارقىلىق مەسلىنى ئېنىق كۆرەلەيسىز، يۈزلىنەلەيسىز، مۇرەككەپ ئويلىرىڭىزنى رەتلىيەلەيسىز، ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئىنكاسىڭىز ۋە ئويىڭىزنى بىلەلەيسىز ھەم ھۆكۈم چىقىرالايسىز. بۇ ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلالايسىز.
ئەتراپىمىزدا بىزنى خاتا چۈشىنىدىغان، پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغان ئادەملەر ھامان چىقىپ تۇرىدۇ.
خاتىرە يېزىش ئارقىلىق بىزنى بىئارام قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، ھىسياتىنى چۈشىنەلىگۈدەك، قوبۇل قىلالىغۇدەك كەڭرىلىك، ئازادىلىك تۇغۇلىدۇ.
كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئەمەلىيەتتە تەپەككۇرنىڭ ئەركىن بولىشى، ئىجادچانلىق، بىۋاستە سىزىمنى كونتىرۇل قىلىدىغان ئوڭ مېڭنى غېدىقلاپ، مەسىللەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى بايقىغىلى بولىدۇ.
خاتىرە يېزىش جەريانىدا ئادەم ئۆز ھىسياتى بىلەن ئۇدۇل ئۇچىرىشالايدۇ. قەلبىدىكى ئارزۇلىرى، مۇھەببەت، قورقۇنچ، ئەنسىرەش، ئۈمىدسىزلىك، نەپرەت…قاتارلىق پاسسىپ تەرەپلەرگىمۇ دادىل قارىيالايدىغان، ئەسلىدىكى ئۆزىنى تونۇپ يېتەلەيدىغان ھەم قوبۇل قىلالايدىغان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ چۇڭقۇرلىشىدۇ.
كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ناھايتىمۇ ساغلام بولغان روھى بىسىمنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، بەخىت كۆرسەتكۈچىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ دىيىشكىمۇ بولىدۇ.
چۈنكى، يېزىش ئارقىلىق ھېس-تۇيغۇ، پاسسىپ كەيپىياتنى بېسىۋەتمەي سېرىتقا چىقىرىۋىتەلەيسىز، گۈزەل تۇيغۇلىرىڭىزدىن ھوزۇرلىنالايسىز ئەمەسمۇ!
خاتىرىنى قانداق يازىمەن؟
ئالدى بىلەن بەش مىنۇتلۇق خاتىرە يېزىپ بېقىش
يەنى، كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ۋەزىپە دەپ قارىماستىن، كۆڭۈل ئارام تاپىدىغان ئىش قاتارىدا كۆرۈپ دەسلەپتە پەقەت بەش مىنۇتلۇق خاتىرە يېزىشتىن باشلاپ بېقىڭ.
*
بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەي كاللىڭىزدا نېمە بولسا شۇنى يېزىش
خاتىرە يېزىشنىڭ ئۆلچىمى-قائىدىسى يوق! نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىز، نېمە ئىش يۈز بەرگىنى، شۇ چاغدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز قانداق بولدى؟مۇشۇلارنى تەبىئى يازسىڭىز بولىدۇ. خەتنىڭ چىرايلىقلىقى، مەزمۇننىڭ قانداق بولىشىنى بەك كۆپ ئويلاپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەڭ موھىمى قەلىمىڭىز، تەپەككۇرىڭىزغا ئەركىنلىك بېرىڭ.
*
تېما قويىۋالسىڭىز يازماق ئاسان بولىدۇ
نېمىنى يېزىشنى بىلەلمىگەندە بىرەر تېما ئۈستىدە مەسلەن، كىشىلىك مۇناسىۋەت، خىزمەت، چۈش،ئەنسىرىگەن ئىش..دىگەندەك بەلگىلىۋىلىپ يازسىمۇ بولىدۇ.
*
يازغانلىرىڭىز پەقەت سىزنىڭلا شەخسى مەخپىيىتىڭىز
مەيلى نېمىلا يېزىڭ بولىۋىرىدۇ. ھەتتا، بىرەرىنىڭ يامان گېپى، ئەڭ پاسسىپ ھېسياتلىرىڭىز بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ…بۇ پەقەت سىزگىلا خاس مەخپىيەت.
*
رەسىم، ۋىدىئولارمۇ بولىدۇ.
كۈندىلىك خاتىرىنىڭ چوقۇم خەت-جۈملىلەر بىلەن يېزىلىش ھاجەتسىز.
رەسىم، ۋىدىئو، رەسىم سېزىش، ئاۋازلىق ئۈن قاتارلىق ئۆزىڭىز ياقتۇرغان شەكىلدە قالدۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش تەس كېلىدىغان كىشىلەرگە تېلىفۇنغا كۈندىلىك خاتىرە، رەسىملىك خاتىرە ئەپلىرىنى چۈشۈرۈپ تېلىفۇندا يازسىمۇ بولىدۇ.
*
ئۆزگەرگەن ئۆزىڭىزنىمۇ يېزىپ خاتىرىلەپ قويۇڭ
كۈندىلىك خاتىرە يازغان كۈندىن باشلاپ سىزدە ھەرخىل ئۆزگىرىش بولىدۇ.
ئۆزىڭىزدىكى ئىلگىرلەش، تىرىشچانلىق، ۋۇجۇدىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر، تۇيغۇلارنىمۇ خاتىرىڭىزگە قالدۇرۇپ قويۇڭ.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بۇ سەھىپىگە ئەگىشىىپ ماڭغان دوستلار بىرھەپتىگىچە بۇ خاتىرە يېزىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرالامسىز؟ ئىنكاس قالدۇرۇپ قويۇڭ. ئەمسە، بىر ھەپتىدىن كېيىن 2-ئادىتىمىز بىلەن ئۇچىرىشىمىز.
**************
رەيھان ئابلەت


















































15/07/2020 2:59 چۈشتىن كېيىن
كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى مەنمۇ شۇنداق ياخشى كۆرىمەن، مەنمۇ سىز بىلەن تەڭ بۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىشىمنى داۋاملاشتۇراي .
15/07/2020 4:25 چۈشتىن كېيىن
ئوكېي:-)
04/02/2026 10:49 چۈشتىن كېيىن
مەنمۇ خاتىرە يېزىشنى ئادىتىمگە ئايلاندۇرۇشنى خالايمەن .
06/02/2026 10:51 چۈشتىن كېيىن
گۈزەل❤️
09/02/2026 3:59 چۈشتىن بۇرۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ قانداق ئەھۋالىڭىز ئاللاھ سالامەت قىلسۇن ھەقىقەتەن تەسەوورغا باي ئىكەنسىز ئاللاھ قەلەم قۇووىتىڭىزنى تېخىمۇ يۇقۇرى قىلسۇن ئىلمىڭىزنى تېخىىمۇ زىيادە قىلسۇن مەن بىلوگىڭىزنى يېقىندا كىردىم يازمىڭىزنى ئۇقۇمايدىغان كۇنۇم يوق دىسەممۇ بۇلىدۇ ئاللاھ ھەممىمىزگە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن ھارمىغايسىز
09/02/2026 9:08 چۈشتىن بۇرۇن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۇچۇرىڭىزنى تاپشۇرىۋلىپ خۇش بولدۇم. رەھمەت سىزگە. گۈزەل تىلەكلەر بىرگە بولسلۇن.