ئالى مەكتەپنىڭ ئاخىرىقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسلىمە خاتىرىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئارزۇسىنى يازىدىغان يېرىگە نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئوخشاشلا يازغان «كەلگۈسىدە ياخشى بىر ئايال، ياراملىق ئانا بولغۇم بار»دەپ يازغانلىرىغا قىززىقچى بىر ساۋاقدىشىمنىڭ «ھەي..بۇ قىزلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئارزۇيى يوقمىدۇ..»دەپ يېرىم چاقچاق يېرىم ئىچىنىش بىلەن دېگىنى ھېلىمۇ ئىسىمدە.
ئەلۋەتتە، بىر قىزنىڭ كەلگۈىسدە ياخشى بىر ئانا بولۇشنى، ئايال بولۇشنى ئارزۇ قىلىشى خاتا ئەمەس، كۈلگۈدەك، زاڭلىق قىلغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس. ئەمما، ناۋادا ئاشۇ قىز كۆڭلىدىكىدەك ئەر بىلەن ئائىلە قۇرالمىغان، ئۆزى كۈتكەن ئايال بولالمىغان، ئۆزى كۈتكىنىدەك ياخشى بىر ئانا بولالمىغان بولسىچۇ؟ ھەتتا بالىلىق بولالمىغان بولسىچۇ؟ بۇ ھايات نۆلگە ھېساب بولۇپ كىتەمدۇ؟ بۇ قىزنىڭ ھاياتى بەخىتسىزلىككە تولغان بولامدۇ؟
-سىلەرنىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىڭلار بار بولغىيتتى؟ ئاشۇ ئارزۇ-ئارمانغا تولغان قەلبىڭلارنى ئەسكە ئەپ بېقىڭلارچۇ!
-مېنىڭمۇ ئارزۇيۇم بولغان.
شۇنىڭ بىلەن بەتبەشىرە مەخلۇقلار بىلەن تولغان بۇ قورقۇنچلۇق ماكان تۇيۇقسىز ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن تولغان گۈزەل، مۇھەببەتلىك جايغا ئايلىنىدۇ.
بۇ دەل«مۇناردىكى راپۇنسىل»كارتۇن فىلىمىدىكى مەن ياخشى كۆرىدىغان كۆرۈنۈش.
خوش، مەيلى سىز ئون نەچچە ياش، قىرىق نەچچە ياش ھەتتا 70 نەچچە ياش بولۇڭ قەلبىڭىزدە ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز بار بولغان چاغلار بولغان، ھېلىمۇ ھەم ئارزۇ-ئارمانلار، ھاياتلىق نىشانىڭىز بىلەن ياشاۋاتىسىز، شۇنداقمۇ؟
بۈگۈن ئۆزىمىزنىڭ ھايات نىشانلىرىمىز، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى يەنە بىر ئەسكە ئەپ باقايلى.
ئۆزىگە خاس نىشان تۇرغۇزۇش
بەختلىك ياشىماقچى بولسىڭىز، بەختىڭىزنى ئادەم ياكى نەرسىلەرگە ئەمەس، ئۆز نىشانىڭىزدىن تېپىڭ.
ئالبېرت ئېينىشتېين (نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى)
مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن نىشانى بولۇش، يەنى ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان، پەقەت ئۆزىگىلا خاس نىشانى بولۇش-بۇ ئادەمگە ئۆزگىچە ھاياتى كۈچ، جەزبىدارلىق، سالاھىيەت ئاتا قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى، ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ، خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. ھەر قېتىم مەلۇم بىر نىشانىغا يەتكەندە، ئۆز ئىقتىدارىنى قايتا جەزىملەشتۈرىدۇ.
ناۋادا 70ياشقا كىرگەن بىر بوۋاينىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كۆزلىرى نۇرلانغان ھالدا سۆزلەۋاتقىنىنى كۆرسەك، ھاياتنىڭ نەقەدەر كەڭرىلىكىنى، گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىشىمىز ، بىزگە ئۆز نىشانى ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان شۇ بوۋاينى«بوۋاي»دېيىشتىنمۇ ھېيىقىپ قىلىشىمىز مۇمكىن. يەنى،نىشانى بولۇش-قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك دورا بولالايدۇ. ياش چوڭايغاندىمۇ نىشانى ئۈچۈن تىرىشىش، كەلگۈسىگە قاراپ ئىنتىلىش ئادەمگە يەنىلا ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ ھەم ئۆز يېشىنى ئۇنتۇپ كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىدىغان ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.
مۇشۇ يەرگە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. كورىيەنىڭ يېڭى ئىشلەنگەن«ھايات ساڭا ئاپىلىسىن بەرگەندە»نى كۆپلىرىمىز كۆرگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. فىلىمنىڭ باش ئايال پىرسوناژى يسىن 70دىن ئاشقاندا شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. ئۇ قىزىنىڭ«سىز ھېلىمۇ ھەم ھاياتىڭىزنىڭ باھار پەسلىدە ياشاۋاتامسىز؟»دېگەن سۇئالىغا«شۇنداق، مەن ھاياتىمنىڭ باھار پەسلىدە..»دەپ جاۋاب بىرىدۇ. مەنمۇ 70دىن ئاشقان موماي ھالىتىمدىمۇ كىچىك قىزلاردەك خۇشال بولۇشنى، ھاياتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى قۇچاقلاپ يەنىلا ھاياتىمنىڭ باھار پەسىلىدە ياشىيالىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇمۇ نىشانىمنىڭ بىر بۆلىكى دەپ قارايمەن.
ھېچكىمنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىغان، باشقىلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمىد، كۆز-قاراشلىرى ئارىلاشمىغان نىشانى بولۇش.
مىسالغا، بىر بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن دوختۇر بولۇشنى تاللىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەس ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇسىدا ياشىغان بولىدۇ. ئارزۇ-نىشانلىرىڭىز پەقەت سىزگە، سىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىڭىز ئاساسىغا قۇرۇلسۇن.
ئاخىرىقى نىشاننى كىچىك-كىچىك بۆلەكلەرگە پارچىلاپ ئىجرا قىلىش
ئۇتۇق قازىنىشىمنىڭ سەۋەبى سورىسىڭىز، مەن ئۇنچىلىك قابىلىيەتلىك بولماسلىقىم مۇمكىن. ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن توغرا ئىش قىلىشنى قوغلىشىشتىن ئىبارەت ئاددى، كۈچلۈك نىشانىمنىڭ بولغانلىقى ئۇتۇق قازىنىشىمنىڭ تۈپكى سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
ئىنامورى كازىئو
بۇ تېمىنى يوللاش ئۈچۈن ئۆز نىشانىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ چىقتىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ئەڭ يېقىن دوستۇمغا:«ئەڭ ئاددى خىزمەت قىلساممۇ، ئۆزۈمگە، رەببىمگە يۈز كېلەلەيدىغان بولۇپ ياشىيالىسام كۇپايە.»دېگىنىم ئېسىمدە. ھېلىمۇ ھەم بۇ ھاياتلىق قارىشىمدا بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولماپتۇ. بىر-ئىككى يىل بۇرۇن ئوقۇغان ئىنامورى كازىئو ئەپەندىنىڭ«ياشاش ئۇسۇلى»ناملىق كىتابىنى ئوقۇۋىتىپ قەلبىمنىڭ باشقىچە يورۇپ كەتكەنىدى. ياشاش نىشانىمنى يەنە بىرئەسكەرتكەنىدى.
پىقىرنىڭ ھەر بىر كۈندە تولۇق ياشاش، ھەر بىر كۈندىكى نېممەتلەردىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ھوزۇرلىنىپ ياشاش، ئۆزۈم قىلالايدىغان ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشىش-مانا بۇ نىشانىمنىڭ بىر بۆلىكى. تۆۋەندىكى رەسىم دەل بۈگۈنكى مەن كۆرگەن گۈزەللىك. توكيونىڭ چىچەك پەسلىدىن بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ئاخىرىقى ھوزۇرلىنىۋىلىشىم بولۇشى مۇمكىن.
ئەمدى ھەر بىر قەلب ئېگىسىگە سۇئال: ياشاش نىشانىڭىز نېمە؟
**********************
تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

















































ئىنكاس يازىمەن