ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: «رەھمەت» ئەڭ قالتىس ماختاش سۆزىدۇر(11)

9,306 قېتىم ئوقۇلدى

#كۈندە بىر جۈملە##日本子供教育#

«رەھمەت»- ئەڭ قالتىس ماختاش سۆزىدۇر.
ئىنسان ئۈچۈن ھەممىدىن موھىم بولغان ئىنسانى  قەدىر- قىممەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈردىغان سۆزدۇر.

 

 

借りぐらしのアリエッティ

 

(11)

  ئەڭ  قالتىس ماختاش سۆزى-رەھمەت

ماختاش ئۇسۇلى(6)

ئەڭ ئاددى ئەڭ ئۈنۈملۈك ماختاش سۆزى“رەھمەت“دىن ئىبارەت. يەنى،“رەھمەت“يالغۇزمىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش سۆزى بولۇپلا قالماي يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قالتىس ماختاش سۆزىدۇر.

بىزنىڭ باشقىلارنىڭ بىزدىن مىننەتداربولغىنىدىن خۇشال بولغىنىمىز،دەل باشقىلارغا ئازدۇر- كۆپتۇر بولسىمۇ يارىدەم قىلالىشىمىز ئارقىلىق مەۋجۇتلۇق قىممىتىمىزنى ھېس قىلغاندىكى  خۇشاللىقتۇر.

يەنى، ”رەھمەت“ – دەل تۇنجى باپتا تىلغا ئېلىنغان ئىنسان ئۈچۈن ھەممىدىن موھىم بولغان ئىنسانى  قەدىر- قىممەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈردىغان سۆزدۇر.

 ياشلىق باسقۇچىغا قەدەم قويغان بالىلارنى ئۇستىلىق بىلەن ماختىمىسىڭىز“بۇنچىلىك ئىشلارغا يالغاندىن ماختىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ!“ دەيدىغان بالىلارمۇبالىلارمۇ بار تېخى! مۇشۇ خىلدىكى بالىلارغىمۇ ماختاشلىرىمىزنى ناھايتى ياخشى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان سۆز دەل ”رەھمەت“ دۇر!

كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ، ھەتتا، بىر نەرسىنى ئۇياقتىن – بۇياققا ئەپقويغۇدەك  بەكمۇ كىچىك ئىشلاربولسىمۇ“رەھمەت“دېيىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىنسانى قەدىر- قىممەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

مەنمۇ باشقىلارغا يارىدەم قىلالايدىكەنمەن، مەنمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئىھتىياجىلىق ئادەمكەنمەن،- دىگەن ئىشەنچ بالىلارنىڭ قەلبىدە يىتىلگىنىدە، ئۇلاردا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ، جەمىئەت تەرتىپىنى ئاڭلىق ساقلىيالايدىغان ساپانىڭ يىلتىزىمۇ بولىدۇ. ئۆزىنى قىممەتلىك دەپ قارايدىغان كىشىلەر باشقىلارنىمۇ قەدىرلىيەلەيدۇ.

بىز يەنىلا ئەمەلى مىساللارئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز دىققەت قىلماي كەلگەن ئۇششاق نوقتىلارغا دىققەت قىلىپ باقايلى.

 

 

ئاتا- ئانىلارنىڭ پەقەت بالىلىرىدىنلا مىننەتدارلىق تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىغا ”رەھمەت“ ئېيتماسلىقى خاتا

ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى “ رەھمەت “ ئېيتىشمايدۇ

– ئۈستەلنىڭ ئۈستىنى سۈرتۈپ بولدۇم ئاپا، – دىدى قىزچاق تاماقلارنى تېزىش ئۈچۈن ئۈستەلنى سۈرتمەكچى بولغان ئاپىسىغا.
– ھە… – دىدى ئاپىسى سوغۇقلا.
– ئاپا، چوكىلارنىمۇ تىزىپ بولدۇم .
– شۇنداقمۇ!
بۇ خىل ئاتا – ئانىلار بالىلىرىدىن مىننەتدار بولمايدۇ، ئەكسىچە پەقەت بالىلىرىدىن ”رەھمەت“ تەلەپ قىلىدۇ.
– ياتاق ئۆيىڭىزنى تازىلاپ قويدۇم، ماڭا نىمە دىيىش كېرەكلىكىنى بىلەمسىز؟! بۇنداق چاغدا ”رەھمەت“ دەيمىز مۇنداق ، – دەپ ئاچچىقلاندى ئاپىسى ئۈنسىز تۇرغان قىزىغا

رەھمەت، – دېدى قىزچاق ئىلاجىسىز تەرىزدە.

 

كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ بالىلارغا بولغان مىننەتدارلىقىنىمىزنى يەتكۈزەيلى

– قىزىم، سۈرتكۈچنى ئېلىۋېتەمسىز؟
– مانا ئاپا.
– رەھمەت.
– بالام ، ئۆينى تازىلىۋىتەي دىگەنىدىم، بۇ ياققا ئۆتۈپ تۇرامسىز،- دىدى ئاپىسى كىتاب كۆرىۋاتقان قىزىغا.
– رەھمەت قىزىم، – دېدى ئانا بىر چەتكە ئۆتۈپ تۇرغان قىزىغا.

بالىلارنى پۇل ياكى ماددى بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلاشتا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

«بالىلار ياخشى ئىش قىلغاندا پۇل ياكى ماددى بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلىساق بولامدۇ؟» دىگەندەك سۇئاللارنى ئاڭلاپ قالىمەن.

ھەقىقەتەنمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بالىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى، تېرىشچانلىقلىرىنى ھەقىقەتەنمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بالىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى، تىرىشچانلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ئىجابى تەرىپى بولسىمۇ، بۇ خىل ئۇسۇل داۋاملاشقاندا، بالىلارپەقەت ۋە پەقەت پۇل ۋە ياكى ماددى بويۇملارغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇپ قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە بىرەر نەرسىگە ئېرىشەلمىسە ھىچ ئىش قىلمايدىغان، قىلغۇسى كەلمەيدىغان ، بارلىق قىلغان –ئەتكەنلىرى پەقەت مەلۇم بىر ماددى بويۇمغا، پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈنلا بولۇپ قىلىشى كىشىنى ئەنسىرىتىدىغان بىر ئەھۋال.

بىزنىڭ ھەقىقى يېتىشتۈرمەكچى بولغىنىمىزپۇل ياكى ماددى بويۇملاردىن ئەمەس، قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ خۇشال بولىشدىن، مىننەتدارلىقىدىن خۇشاللىق تاپالايدىغان ئىنسان يىتىلدۈرۈش.

بالىلار ياخشى ئىش قىلغاندا، پۇل ياكى ماددى بويۇملار بىلەن ئەمەس خۇشاللىق بىلەن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ رەھمەتئېيتىشنى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

يەنى، بۇ مەسلىنى بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ كونكىرىتراق چۈشەندۈرگەندە، باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى سىنىپىغا چىققۇچە بولغان ياشتىكى بالىلارنى ئالاھىدە كۈنلەردىن باشقا ۋاقىتلاردا پۇل ياكى ماددى بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلاش ھاجەتسىز.

ياشلىق باسقۇچىغا قەدەم قويغان بالىلارغا نىسبەتەن، بۇمەزگىل دەل ئۇلارنىڭ دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ماددى بويۇملارغا نىسبەتەن قىزىقىشى ۋە ئىھتىياجى شەكىللىنىدىغان مەزگىلى بولغاچقا، قۇرۇق«رەھمەت»بىلەنلا كۆڭلىمىزنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان ئىشلار بولىدۇ.شۇڭا، قىسمەن چاغلاردا، ئالاھىدە كۈنلەردە پۇل ياكى ماددى بويۇملارنى مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىپ ئانچەمۇنچە كۆڭلىمىزنى ئىپادىلىسەك بولىدۇ.

 

مەندىن: بالىلىرىمىزنى مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بار ئىنسان بولسىكەن دىسەك، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز كىچىك ئىشلاردىنمۇ مىننەتدار بولۇشنى، خۇشاللىق تېپىشنى، يەنە ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلاپ بالىلىرىمىزغا ”رەھمەت“ دىيىشنى بىلىشىمىز زۆرۈر.

ياپۇنلارنىڭ بالىلىرىغا دەيدىغان، بالىلىرى ئاڭلىسىمۇ ئىپتىخارلىق ھەم غورۇر ھېس قىلىدىغان  مۇنۇ سۆزىنى ياقتۇرىمەن. “ تۇغۇلغىنىڭغا رەھمەت بالام!“

بۈگۈن، بۈگۈنلا  ئەمەس ھەر كۈنى ئوماق، بۇ دۇنيانىڭ ساپلىقى، گۈزەل جەننىتى، يەر يۈزىنىڭ پەرىشتىلىرى بالىلىرىمىزنى باغرىمىزغا بېسىپ تۇرۇپ ئۇلارغا مۇنۇ سۆزنى ئېيتىپ تۇرايلى.

يۈرەك پارەم، ھاياتىمنىڭ نۇرى بالام، تۇغۇلغىنىڭغا رەھمەت !

 

借りぐらしのアリエッティ

 تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى. مىيازاكى ئەپەندىنىڭ كارتۇن فىلىملىرىنى ياقتۇرىدىغانلار كۆپقۇ دەيمەن. ئاۋۇ ئاخىرقى رەسىمدىكىسى مەن ياقتۇرىدىغان كارتۇنىدىن بىرى. ئىشلەنگىنىگە 7- 6 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ تېخى كۆرمىگەنلەر بار بولىشى مۇمكىن. مەزمۇنىمۇ ياخشى، ئەڭ مۇھىمى رەڭ، كىرىشتۈرمە مۇزىكىلىرى بەك ئوماق ھەم چىرايلىق فىلىم. بالىلىرىڭلار بىلەن بىللە كۆرۈپ ئائىلە كىنوخانىسىنىڭ  كۆڭۈللۈك بىر ۋاقىتىنى  ياراتقايسىلەر. ئامان بولۇڭلار ~

كارتوننىڭ ياپونچە ئىسمى:  借りぐらしのアリエッティ

ئىنگىلىزچىسى: The Borrower Arrietty

(ئۈچ يىل بۇرۇنقى كارتون توغۇرلۇق ئۇچۇرۇمكەنتۇق)

 

**********************

 

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. يەنە ھە ـراست ! بۇ پەقەت ماختاش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ ئاددى ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى . بۇندىن كىيىنكى مەزمۇنلاردا يەنە تەپسىلى تونۇشتۇرۇلىدۇ ئىمكانىيەت بولسىلا .
    ئاخىرىدا ، يىقىملىق سۆزلىرى بىلەن ياقتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقان قەدىرلىكلەرگە تەشەككۈرلەر ~
    چۈشىنىش ھەم چۈشىنىلىش ئەڭ گۈزەل ئىلھام .
    ـ رەيھان

  2. ئىلغار ئىددىيە ئىكەن. ئاخىرىنى داۋاملىق يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز…

  3. پەرزەنت تەربىيسدىكى ئىنچىكە ھەم ئەھمىيەتلىك بىر مەزمۇن بىلەن تەمىنلەپ بىز مىننەتدارلىقنى ئاۋۋال ئۈزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەكلىكىدەك بىر بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزدىن تۇلىمۇ مىننەتدارمەن ئەجىرلىك بۇلۇڭ،مۇمكىن بۇلسا ئاكې خاشى ئەپەندىنىڭ كىتاپى بىلەن يۈز كۈرشۈش نىسىپ بۇلسا بەك ياخشى بۇلاتتىكەن

  4. بالىلارنى تەربىيلەشتىكى كىچىك ھالقىلاردىنمۇ خەۋەردار قىلىۋاتقان ئەزىزلەر ھارمىغايسىلەر،

  5. بەك ياخشى مەزمۇنكەن ، رەھمەت

  6. بەك ياخشى مەزمۇن ئىكەن.

  7. رەيھانگۈل ،ئىسمىڭىزغا ئوخشاش ئەتراپقا خۇش پۇراق تارىتىپ ، پەرزەنت تەربىيىسى ،ئادىمىلىك نەزىرىيىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزمۇننى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .

  8. دۇنيادا ئۇرۇق تۇققاندارچىلىق ،قان قېرىنداشلىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن گۈزەل مىھىر مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى مۇشۇ يېشىمدا تور دۇنياسىدىكى مۇشۇنداق ئېسىل يازمىلاردىن ھىس قىلغانمەن .رەھمەت رەيھان

    • دۇنياغا مىھىر بىلەن قارىساق ھەقىقەتەن ئىللىقلىق ، مىھىر ـ مۇھەببەتنى ھىس قىلالايمىز …ئەمەلىيەتتە ، سۆيۈملۈك ئىنسانلار يەنىلا كۆپ ..ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ قەلبىممۇ ئىللىقلىققا تولدى ❤️☕️❤️

  9. رەھمەت سىزگە رەيھان خانىم

  10. rahmat sizga,minglaqa taxakkurla bolsun

  11. بەك ئىسىل مەزمۇنكەن بەك ياقتۇردۇم، رەھمەت سىزگە ! رەيھان خانىم

  12. بەك ياخشى مەزمۇنكەن، رەھمەت سىزگە . ❤️❤️❤️

  13. ئەسەرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن،ماڭا پەرزەنت تەربىيسى توغرسىدا نۇرغۇن ئويلىنىشىمغا ئاساس سالىدۇ.رەھمەت سىزگە!

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى