ئىندىئانلار مەھەللىسى
ئېرنىست ھېمىڭۋاي
Faun – Karuna
ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى
نىك دادىسى بىلەن بىللە جورجى تاغىسىنىڭ باشلىشىدا ئورمانلىققا بارغىنىدا،ئىككى ئىندىئان ياش دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دادىسىنى ئىككى كۈندىن بىرى تولغاق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ئىندىئان ئايالنى قۇتقۇزىۋىلىشى ئۈچۈن كېمىگە چىقىرىپ ئىندىئانلار مەھەللىسىگە ئېلىپ كېلىدۇ.
نىكنىڭ دادىسى ھامىلىنىڭ تەتۈرلىكىنى بىلگەندىن كېيىن،ھىچقانداق ئوپراتسىيە ئەسۋابى،ھەتتا مەست قىلىش دورىسىمۇ يوق ئەھۋالدا ئەڭ ئىپتىدائى شەكىلدە جىددىي ئوپراتسىيەگە چۈشىدۇ. بىچارە ئايالنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن توۋلىغان نالىلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئەرلەر ئاۋاز ئاڭلانمايدىغان يىراقراق قاراڭغۇ بىرجايغا توپلىشىپ تاماكا چىكىشىدۇ. مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئوغۇل بوۋاقنى قولىغا ئالغان دوختۇر ئىلمى ژورنالغا چىقارغۇدەك ئۆز مۇۋاپىقىيىتىدىن سۆيۈنىدۇ.
شۇ چاغدا دوختۇر ئاستى – ئۈستى كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە ئۈچ كۈن بۇرۇن دەرەخ كەسكىچە پۇتىنى چانىۋىلىپ ياتقان ئايالنىڭ يولدىشىغا قارىغىنىدا،تەسەۋۋۇر قىلغۇسىزبىرمەنزىرىنى كۆرىدۇ.يەنى ئەرساقال ئالغۇچ بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ قالغان كىچىككىنە نىك قايتىش يولىدا دادىسىدىن ئۆلۈم ھەققىدە سورايدۇ. ھەم دادىسىدىن ئۆلۈمنىڭ ئاسانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈم بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئۇچراشقان سەبى ئوغۇل نىك ئۆزىنى ئۆلمەيدىغاندەك، يەنى ئەنە شۇ ئىندىئان ئەرنىڭ ئۇسۇلىدا ئۆلمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.
ئېرنىست ھېمىڭۋاي ۋە ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى
ھەممىگە تونۇلغان كىلاسسىك ئەدەبىيات پىشىۋالىرىن بىرى ھېسابلانغان ئېرنىست ھېمىڭۋاي 1899-يىلى7-ئاينىڭ21- كۈنى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ يەتتە پارچە رومانى، ئالتە پارچە ھېكايىلەر توپلىمى … قاتارلىقلار بار بولۇپ، 1954-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى بولغان. ھېمىڭۋاي 1961-يىلى7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.
ھېمىڭۋاينىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ياز پەسلىنى ئۆتكۈزىدىغان داچىسى ئىندىئانلار ياشايدىغان ئورمانلىقتىن پىيادە 15 مىنۇتلۇقلا يول ئىدى.
≫ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى≫ئېلان قىلغان 1776-يىلدىن كىيىن،ئامېرىكا بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئىندىئانلارنى ئامېرىكا خەلقىدىن ئايرىلىپ، گىياھمۇ ئۈنمەيدىغان يەرلەردە ياشاشقا مەجبۇرلىغان ھەم ئۇزۇن يىللىق ئېرقى كەمسىتىش تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن. ھېمىڭۋاي ياشىغان تارىخى دەۋىرلەردە ئاق تەنلىكلەر(WASP) ئىندىئانلارنى كەمسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ھېمىڭۋاينىڭ دادىسى ئۇنداق قىلمىغان. شۇنداقلا دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى داۋالاپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۇدەۋىر دوختۇرلار ئىندىئانلارنى بىر بىمار سۈپىتىدە داۋالىمايدىغان، «كەمسىتكۈچىلەر پېشىۋالىرى» دەپ ئاتالغان دەۋىر ئىدى.
ئەسەردىكى 10ياشلاردىكى نىكنى ھېمىڭۋايغا تەقلىد قىلغاندىمۇ بۇ 1910-يىللارغا توغرا كېلىدۇ.
1918-يىلىدىكى ئىتالىيە ئۇرۇشى، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى قاباھەتلىك يىللاردا شەكىللەنگەن ئۆلۈم ۋەھىمىسى بىر ئۆمۈر ھېمىڭۋاينىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىن كەتمىگەن. ئۇيقۇسىزلىقتىن قېينالغان ھېمىڭۋاي 1961-يىلى7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.
ھېمىڭۋاينىڭ ئىندىئان مەھەللىسى ناملىق ئۇشبۇ ئەسىرىدە ھېمىڭىۋاينىڭ بۇ ۋەھىمىلىرىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئەسەر ئەينى دەۋىردىكى ئېرقى كەمسىتىش ۋە ئاياللارنىڭ تۆۋەن ئورنىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
ئىندىئانلاردىن -بۈگۈنگىچە
بۈگۈن 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر، رەيھان ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان سەھەرلەردىكىدەك 24 سائەتلىك ماگزىندىن قەھۋە سېتىۋىلىپ، قۇشلار سايراپ تۇرغان مەھەللىسىدە گۈللەردىن، يېڭى ئېچىلغان چىچەكلەردىن ھوزۇرلانغاچ مېڭىپ، ھەر ۋاقىتتىكىدەك مۇشۇنداق گۈزەللىكتىن بەھرىمان بولالمايۋاتقان قان -قېرىنداشلىرىنىڭ بارلىقى كۆڭۈل ئاسمىنىدىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزدى، يەنە بىر قېتىم چىممىدە بولغان يۈرىكىنى سەزدى…. ئۇ باغچىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئۆزى نەچچە كۈندىن بىرى تەھلىلىل قىلىۋاتقان ھېكايە توغۇرلۇق مۇنۇلارنى يازدى.
***
بىر ئايال، بىر ئانا ئۈچۈن نورمال بىرتۇغۇتنىڭ ئۆزىمۇ، جاننى ئالغۇدەك ھەر بىر تولغاقمۇ بوۋىقىنى قولغا ئېلىش جەريانىدىكى ئاجايىپ ئېغىر بەدەل ۋە قەھرىمانلىق ھېسابلىناتتى.
ھالبۇكى، ئەرلەر ئىككى كۈن جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان تولغاق ئازابىدا قىينالغان ئايالنىڭ ئاۋازىدىن قېچىپ، ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان يەرگە توپلىنىپ تاماكىسىنى چىكىشىدۇ.
ھېچقانداق مەست قىلىش دورىسىمۇ ئىشلەتمىگەن ئەھۋالدا تولىمۇ ئىپتىدائى ھالەتتە ئوپراتسىيە قىلىنىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئايال جورجىنىڭ بىلىكىنى چىشلىگىنىدە «سېسىق ئىندىئان» دەپ ھاقارەتلىنىدۇ.
دوختۇر ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق نالىلىرىنى ئەرزىمەس دەپ سەل قارايدۇ. ئاخىرىدا، ئەر ئايالىنىڭ بۇ ئازابلىق نالىلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر نوقتا شۇكى، ئەسەردىكى بوۋاق جورجىنىڭ بالىسى. يەنى، ئايال ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرغان جورجىنىڭ بىلىكىنى چىشلىگىنىدە يەنە بىر ياش ئىندىئاننىڭ مەنىلىك كۈلۈپ قويىشى، ئاخىرىدا نىك دادىسى ئىككىسىلا بىللە قايتىش يولىدا جورجى تاغىسىنى سورىغىنىدا، دادىسى ئۇنىڭ كېيىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئارتۇق چۈشەنچە بەرمەسلىكى قاتارلىق نوقتىلار ئارقىلىق ئاپتۇر بۇ ھەقتە ئوقۇرمەنلەر پەرەز قىلالايدىغان سىگىنال بېرىدۇ. دىمەك، ئۇ دەۋىردە ئىندىئان ئاياللىرى ئاق تەنلىكلەرنىڭ خالىغانچە دەپسەندە قىلالايدىغان ھەۋەس ئولجىسىمۇ بوپقالغان.
مانا مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ خالىغانچە ئىززەت-نەپسىگە تېگىش، ئاياللارنىڭ ھەق – ھۆرمىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئاياللىق ۋە ئانىلىقنىڭ ئۇلۇغ ئازابلىرى ۋە بەدىلىنى نەقەدەر ئېچىنىشلىق ھالدا قويغان ھە! ئىندىئان ئەرلىرىنىڭ غورورىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش، ئىنسانى كەمسىتىشلەر تارىخ بېتىگە داغ بولۇپ چۈشكىنىدەك ھېلىمۇ ھەم يوقالمىغان بۇ دەپسەندىچىلىكلەرنى ھەر بىرقەلبى ئۆلمىگەن ئىنسان غەزەپ بىلەن يۈرىكىگە يازىدۇ.
تېخى تولۇق ئىللىپ بولالمىغان باش باھارنىڭ سەھىرىدە بۇلارنى يېزىپ بولغىنىمدا بارماقلىرىمنىڭ مۇزلاپ -قېتىپ كەتكىنىنى سەزدىم…ئەمدى ئۆيۈمگە كېرىپ كىتەي، تارىخنىڭ ھەم بۈگۈننىڭ ئاچچىقلىرىدا مۇزلىغان تېىنىم ۋە يۈرۈكۈمنى ئائىلەمدە ئىللىتاي….
****************
رەيھان ئابلەت
2020.03.07 (شەنبە-سەھەر)
ئىنكاس يازىمەن