(12)
بالىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن تەربىيلىسە ياخشىمۇ؟ يەنى،بىزدىكى ≪جەننەتتىن چىققان كۆك تاياق، يۈگۈرتىدۇ يالاڭغىياق≫دىگەن نەزىرىيەدىكى بوشلۇق
خوش، ئەمدى نۆۋەت «تەنقىد» كە كەلسۇن.
بالىنى ماختاشنىڭ موھىملىقى تەكىتلەنگەندە چوقۇم »بۇنىغۇ بىلەتتۇق، بىراق، بالىنى سەل قاتتىقراق باشقۇرۇپ تەربىيلىمىسە بولماس؟« دىگەندەك قارشى پىكىرلەرچىقىپ قالىدۇ. دىمىسىمۇ بالىغا قاتتىق بىر ئاچچىقلانغىنىڭىزدا گېپىڭىز تىزلا كۈچىنى كۆرستىپ، بالىڭىز گەپ ئاڭلىغاندەك قىلىدۇ،-يۇ، بۇنىڭلىق بۇ ئاچچىقلار ئەكەلگەن ئەجەللىك زېيانلارغا سەل قاراشقا بولماس.
ماختاش ۋە تەنقىدلىرىمىززادى نېمە ئۈچۈن ؟! ئەلۋەتتە، يامان، خاتا تەرەپلىرىنى تۈزىتىپ دۇرۇسلۇقنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنىمۇ-ئۆزگىنىمۇ بەخىتلىك قىلالايدىغان ھاياتتا ياشىيالىشى ئۈچۈندۇر.
ھالبۇكى،≪خاتالىقنى تۈزىتىمەن≫ دەپ خاتا تەنقىد ئۇسۇلىنى قوللىنىش – بالىنىڭ قەدىر- قىممەت ئېڭىنى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىتىدۇ.بالا ئۆزىنى بولۇمسىز، قەدىرسىز، ياشىغىنىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق بىر ئىنسان دەپ چۈشىنىۋىلىپ تۈگۈلۈپ ياشايدىغان بوپقالىدۇ. ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ قەدىرلەشنى ئۇقمايدۇ.
ئەلۋەتتە،بالىنى پەقەتلا تەنقىدلىمەي تەربىيلەشنى بەك توغرا دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بالىنى زىيادە ئەيىپلەپ بەخىتىسىز بىر ئىنسانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشنىڭ زىيىنى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭدۇر. بەخىتىلىك بالىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ماختاشلىرىمىزنىڭ تەنقىدلىرىمىزدىن كۆپ بولىشىنىڭ ناھايتى ئۈنۈملۈك چارە دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى كونكىرىت مىسال ئارقىلىق چۈشىنىپ باقايلى.
castle in the sky
(1)
بالىنىڭ قەلبىنى يېتلىدۈرۈشتە ئەڭ مۇھىمى بالىدىكى قەدىر-قىممەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش
ماختاش – بالىنىڭ قەلبىدە قەدىر – قىممەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈردۈرۈشنىڭ ئاساسى.
«رەھمەت»، «سېنى سۆيىمەن» دىگەندەك بالىنى ماختايدىغان، ئىلھام بولىدىغان سۆزلەر بىلەن ئۆسۈپ – يېتىلگەن بالا ئۆمرىدە قانداق بىر قىيىنچىلىققا يولۇقسىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. ماختاش، ئىلھام بىرىش – بالىنى ساغلام، كۈچلۈك، بەخىتلىك قىلىدۇ.
(2)
ماختاش ئارقىلىق ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇلىدۇ
ئەگەر ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ بولسا، بالا تەنقىدلەنگەن تەقدىردىمۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ تەنقىدلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ ھەم بۇ تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلالايدۇ.
ئەگەر بالىنىڭ قەلب ئىشىكلىرى ئاتا – ئانسى ئۈچۈن تاقالغان بولسىچۇ؟ ئۇنداقتا ئاتا – ئانىىسىنىڭ دىگەنلىرى ھەرگىزمۇ يۈرىكىگە بارمايدۇ. ھەتتا، «ئاتا – ئانام ماڭا ئۆچ، مەن بىلەن خوشى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن مېنى مۇشۇنداق تەنقىدلەيدۇ» دەپ ئويلىۋالدۇ.
ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچكە ئائىت مۇنداق ئەمەلىي مىسالنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
≪ئاپام مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ ئاپامنى بەك ياخشى كۆرىمەن≫دەپ ئويلايدىغان بالا مۇنداق بولىدۇ.
ئاپا بولغۇچى بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ”بالام، بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ!” دەپ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەندە≪ئاپام ماڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتىدۇ بۇ گەپنى≫ دەپ چۈشىنىدۇ.
ئاتا- ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇلمىغان بولسىچۇ؟
بالام ، بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ،-دىسە، ≪ئاپام زادى مېنى پەقەت ياخشى كۆرمەيدۇ!≫دەپ چۈشىنىۋالىدۇ.
(3)
تەنقىدكە قارىغاندا ماختاش بالىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرىشىگە پايدىلىق
ماختالغان چاغلاردا «يەنىمۇ تېرىشاي!» دىگەن ئىستەك چوڭلاردىمۇ بولىدۇ، شۇنداققۇ؟!
ئەكسىچە، تەنقدىلىنىش كۆپ بولغانسىرى ھىچ ئىش قىلغۇسى كەلمەيدىغان، ئىشنىڭ ئاق-قارىسىنى پەرىق قىلالمايدىغان، ياخشى ئادەت يىتىلدۈرمىكىمۇ تەس بوپقالىدۇ، ئۆزنۆۋىتىدە ئانىلارمۇ بالىلىرنى تەنقىد قىلغانسىرى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ.(راسمى)
تەنقىدلىنىۋەرگەندە ئىشلار تېخىمۇ يامانلىشىدۇ. بۇ نوقتىنى يەنىلا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تېخىمۇ چۈشىنىپ باقايلى.
تەنقىدلەۋەرگەندە ئىشلار تېخىمۇ يامانلىشىۇ
ئانا: نەرسىلىرىڭنى يۇغۇشتۇرغىن دېسەم ، ھەممە نەرسە يەنە شۇ پىتى تۇرىدۇغۇ،- دەپ خاپا بولدى ئانا ئۈستەلدە چېچىلىپ تۇرغان ماتىرياللىرىنى شۇ پىتى تاشلاپ قويۇپ ، بىر خىيالىدا يوق ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناۋاتقان ئوغلىغا قاراپ.
ئانا: ماڭا قارا، ئويۇنۇڭنىمۇ ئويناپ بولغاندىكىن ھەممىنى بىر- بىرلەپ دىگۈزگىچە يىغىشتۇرساڭ بولمامدۇ؟!
ئۇف! سالغان كىيىملىرى سالغان يەردە تۇرغان،-دىدى شۇنچە گەپ قىلسىمۇ ھىچ بىر گەپ قۇلقىغا كىرمەيۋاتقان ئوغلىغا
ئەمدى ئانىنىڭ سەۋرى قاچىسى تولغانىدى.
ئۆزىنى بىلمەيدىغان! نېمىشقا مۇشۇنچىلىك ئىشنىمۇ قىلىشنى بىلمەيسەن؟!-دەپ ۋارقىراپلا كەتتى.
ئەكسىچە، بالا پەرۋاسىز ھالەتتە شۇلارنى ئويلىدى: «ئىش قىلىپ نىمىلا قىلسام بەرىبىر».
بالىنى ماختاپ بەرسىڭىز، ئىشلارنى ئۆزلىكىدىن قىلىدىغان بولىدۇ.
ئانا: پاھ، مىنىڭ قىزىم ماتىرياللىرىنى ئۆزى رەتلەۋاتىدۇ مانا، – دەپ كىتاب – قەلەملىرىنى يۇغۇشتۇرىۋاتقان قىزىنى ماختىدى.
ئانا: ئاپىسىغا يارىدەملەشكۈدەك چوڭ بولغان قىزىم.
قالتىس! قىزىمىز قاچا – قۇچىلارنى يۇغۇشتۇرغۇدەك بوپتۇ مانا، – دەپ ئاپىسى ھەم دادىسىنىڭ كىچىككىنە قاچىلانى يۇغۇشتۇرۇپ قويسا ماختاشلاردىن خۇش بولغان قىزچاق «تېخىمۇ كۆپرەك ئىش قىلىپ ئۇلارنى خۇش قىلايچۇ!» دەپ ئويلىدى.
ئەر: بالىنىمۇ ياخشى تەربىيلەۋاتىسىز، ئۆينىڭ ئىشلىرىنىمۇ شۇنداق جايى – جايىدا قىلىۋاتىسىز، ھەقىقەتەن قالتىس جۇمۇ سىز!، – دەپ بالىنىڭ ئالىدىدا ئايالىنى ماختىدى.
ئايالى : ۋاي، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارغۇ بۇ، – دەپ قويغىنى بىلەن كۆڭلىدە شۇنداق خۇش بولدى ھەم قەلبى كۈچ ھەم مۇھەببەتكە تولدى.
(4)
بالىنى كۆپ ئەيىپلىگەندە،خاتالىقلىرىنى يوشۇرىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان بولىۋالىدۇ.
قاتتىق ئەيىپلەنگەن بالا نېمە ئۈچۈن ئۇ ئىشنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىسىدىن تىل ئىشتمەسلىك ئۈچۈن ئۈچۈن خاتالىقلىرىنى، مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان بولىۋالىدۇ.
ئۇنداقتقا يۇقارقى ئەمەلىي مىسالغا قاراپ باقايلى.
ئانا: بۈگۈن ئەتىگەن ≪بېرىپ قويۇڭ≫ دېگەن رەسىملەرنى ئىگسىگە بەردىڭىزمۇ ؟
ئەمەلىيەتتە ، رەسىملەرنى يەتكۈزۈپ بىرىشنى ئۇنتۇپ قالغان قىزچاق راستىنى دىسە ئانىسىنىڭ ≪سىزگە زادى بىر ئىشنى تاپشۇرغىلى بولمايدۇ ..≫ دەپ ئاچچىقلىغان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى ،- دە يالغان سۆزلىدى.
ھەئە، بېرىپ قويدۇم،رەھمەت ئېيتتى،- دىدى قىزچاق.
ئانا: ۋوي، بۇ چاچ قىسقۇچنى قەيەردىن تاپتىڭىز ؟ ،- دەپ سورىدى قىزىنىڭ چىچىدىكى كۆرۈپ باقمىغان چاچ قىسقۇچنى كۆرۈپ.
قىزچاق ئەسلىدە ئادىشىنىڭ بۇ چاچ قىسقۇچىغا ھەۋەس قىلىپ كۆرمەستە ئىلىۋالغانىدى..بىراق، ئۇ بۇنى ئانىسىغا قانداقمۇ ئېيتالىسۇن؟!
ئادىشىم بەردى،- دەپ يالغان سۆزلەپ قۇتۇلدى قىزچاق.
( 5)
ئاتا – ئانىدىن ئەيمىنىش يوقالغاندا، ئەدەب – قائىدە، تۈزۈم – پىرىنسىپ دىگەنلەر ھىچنىمىگە ئەرزىمەس بوپقالىدۇ.
ئەيىپلىنىشتىن قورقۇپ خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىك، ئەسكى ئىش قىلمىغانلىق- ھەقىقى ئەدەب -قائىدىلىك ئىكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىنىڭ بالا كىچىك ۋاقتىدىكى قورقۇتۇشلىرى كۈچ كۆرسىتەلمەيدىغان بولغاندا، بالا ئۆزىنى كونتىرۇل قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. يۇقارقى رەسىمدىكى مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.
بالا كىچىك ۋاقتىدا:
ئانا: ئاتا- ئانىغا گەپ ياندۇرسا بولمايدۇ! ،- دەپ بالىنى ھەيۋىسى ھەم قورقۇتۇشلىرى بىلەن چىچىلغان ئويۇنچۇقلىرىنى يۇغۇشتۇرغۇزدى.
دادا : تاپشۇرۇقۇڭنى تېز ئىشلە! دەپ قوپال بۇيرۇقلىرى بىلەن بالىنى تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزدى.
كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتتىق قوللۇقى بىلەن بويسۇندۇرۇلغان بالا 10 يىلدىن كىيىن:
ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، قوپال تىگىدىغان ھەتتا، قول تەككۈزۈشتىن يانمايدىغان زومىگەرگە ئايلاندى.
مەندىن:
ياپوننىڭ مائارىپ قانىلىدا بېرىلىدىغان جەمىئەتتىكى تۈرلۈك مەسىللەر، جۈملىدىن روھى – پىسخىكا مەسىللىرى تەھلىل قىلىنىدىغان ”Heart-net“ پىروگىراممىسىدا تەخمىنەن بىرەر يىل ئىلگىرى مۇنداق بىر مەزمۇننى كۆرگىنىم ئېسىمدە.
40 نەچچە ياشلىق ئەر ھاراققا خۇمار بولغان. ھاراق ئىچمىسە كۈنى كۈن بولمىغان ئەر پىسخكىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بۇ ئەرنىڭ بالىلىقىغا چېتىشلىق چىققان. يەنى، ئەر تۆت قېرىنداشنىڭ ئۈچىنچىسىغۇ دەيمەن. بىراق، ئانىسى بۇ بالىسىغا باشقا بالىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولالمىغان ھەم ئۇنىڭ نەزىرىدە ئانىسى ئۇنى ئانچە ياخشى كۆرمىگەن. بالا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئانىسىغا ياخشىچاق بولۇپ ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئانىسىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن تىرىشقان.
كىچىك ۋاقتىدا مۇشۇنداق تەڭسىز مۇئامىلىدە ئانىسىنىڭ يىتەرلىك مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئوغۇل چوڭ بولغاندىن كىيىن ئاستا – ئاستا ھاراق ئىچىشكە خۇمار بولۇپ قالغان. يەنى، ئانىسىدىن ئالالمىغان مۇھەببەتنى ھاراق ئارقىلىق تولدۇرماقچى بولغان.
***
دۇنيادا پەرزەنتىنى سۆيمەيدىغان بىرمۇ ئاتا–ئانا بولمىسا كېرەك. بىراق، بالىغا بولغان سۆيگۈنى ئەقىل – پاراسەت ھەم سەۋرىچانلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەتكۈزۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. بالىلىرىمىز بالىلىق دەۋرىدە مۇھەببەتكە تويۇنسۇن. يىلىكلىرى مۇھەببەتكە تويۇنغان بالا بىر ئۆمۈر بۇ مۇھەببەتنى قىماردىن، ئىچىملىك – چىكىملىكتىن، بالدۇر مۇھەببەتلىشىشتىن، زوراۋانلىقتىن… ئىبارەت ئىككىلەمچى مۇھەببەتتىن ئىزدىمەيدۇ.
روھى توق چوڭ بولغان بالىلار بەك باي بولۇپ كەتمىسىمۇ، بەك بىلىمنىڭ چوققىسىغا چىقىپ كىتەلمىسىمۇ ئىللىق ئاپتاپ كەبى ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلالايدىغان گۈزەل ھاياتتا ياشىيالايدۇ.
*******************************
「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」
ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت
10/11/2017 1:36 چۈشتىن كېيىن
e si l
14/11/2017 5:13 چۈشتىن بۇرۇن
رەھمەت، بەك مەنپەئەتلىك ئىكەن.
14/11/2017 9:46 چۈشتىن بۇرۇن
باللادىكى قوقۇش تۇيغۇسىنى قانداق قىلغاندا ئازايتقىلى بۇلدۇ
14/11/2017 11:58 چۈشتىن بۇرۇن
بۇ يەردىكى «قورقۇش » نېمىگە قارىتىلغان ؟ ئاتا ـئانىدىنمۇ ؟ ياكى باشقا نەرسلەردىنمۇ ؟
17/11/2017 5:02 چۈشتىن بۇرۇن
Rehmet Sızge ☺️
19/03/2020 1:37 چۈشتىن بۇرۇن
❤️❤️❤️❤️❤️