ئۈچ پاي ئوق ئاۋازى

ئېرنىست ھېمىڭۋاي

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

A  Woodland Night

ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى


كېچىدە نىكنىڭ دادىسى جورجى تاغىسى بىلەن بىرلىكتە بىلىق تۇتقىلى چىقىپ كېتىدۇ. قاراڭغۇ ئورمانلىقتىكى كەپىدە 10 ياشلىق نىك ئۆزى يالغۇز قالىدۇ. بىر قانچە كۈن بۇرۇن چىركاۋدا ئېيتىلغان مۇقەددەس ناخشىنىڭ <كۆمۈش يىپلار ئۈزۈلىدۇ…>دېگەن مىسرالىرىنى چۈشىنىپ قالغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىدىغىنىغا تۇنجى رەت ئىشەنگەن نىكنى ئەتراپىدا ھېچكىمى قالمىغان ئورمانلىقتىكى بۇ قاراڭغۇ، يالغۇز كېچىدە شۇ كۈنىدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسى قايتىدىن چىرمىۋالىدۇ. ئۇ ئۆزىنى قورقۇنچتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ≪روبىنسون كىرۇزۇ≫ نى چىقىرىپ ئوقۇشقا باشلايدۇ. (قىززىق، بۇ كىتاب بىر ئەسىر بۇرۇنمۇ بار بولغىيتمىتى ھە؟) بىراق، يەنىلا بۇ قورقۇنچ تۇيغۇلىرىدىن قۇتۇلالماي ئاخىرى≪دادىسىنىڭ جىددى ئىش بولۇپ قالسا ئۈچ پاي ئوق ئاتقىن، قايتىپ كېلىمەن!≫دېگىنىنى ئويلاپ ئۈچ پاي ئوق ئاتىدۇ.

 

 

             «ئۈچ پاي ئوق» ناملىق ئەسەر ھېمىڭۋاي ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن 1975-يىلى <نىك ئادامىس ھېكايىلىرى> نامىدا ئېلان قىلىنغان. ئەسەردە 10 ياشلىق نىكنىڭ مۇقەددەس ناخشىدىكى <كۆمۈش يىپلار ئۈزۈلۈش> نىڭ مەنىسنى ئۆلۈم بىلەن باغلاپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىدىغىنىنى چۈشىنىپ يېتىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. بەلكىم، بۇ ئەسلىدىكى ھېمىڭۋاينىڭ ئىچكى دۇنياسى بولىشى مۇمكىن ئىدى.

 

1905-يىلى، ھېمىڭۋېاي ئائىلىسى ئوڭ تەرەپ بىرىنجى سۈرەتتىكىسى -ئېرنىست ھېمىڭۋاي

ھېمىڭۋاينىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى

 

1899-يىلى ئامېرىكىنى چىكاگو شەھىرىدە تۇغۇلغان ھېمىڭۋاي ئالتە قېرىنداش بولۇپ، ئۈچ ھەدىسى، بىر ئىنىسى، بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاپىسى توي قىلىشتىن بۇرۇن كەسپى ئوپىرا ناخشىچىسى بولۇپ، دادىسى ئالدىنقى يازمىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك دوختۇر ئىدى.

بالىلىق دەۋرىدىكى ھېمىڭۋاي ئۆزىدىن ئىككى ياشلا چوڭ ھەدىسى بىلەن خۇددى قوشماقلاردەكلا چوڭ بولغان بولۇپ، كىچىك چاغلىرىدا قىزلارنىڭ كۆينەكلىرىنى كىيىپ قىزلاردەك چوڭ بولغان ھېمىڭۋاي چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ بۇنىڭ خېلىلا تەسىرى بولغان. ئەينى دەۋىردىكى ئامېرىكا جەمىئىيىتىدە گەرچە ئەرلىك تەشەببۇسىنى قىلىدىغان تەتقىقاتچىلار خېلى كۆپ بولسىمۇ، باي ئائىلىلەردە ئوغۇللىرىغا قىزلارنىڭ كىيىملىرىنى كەيدۈرۈپ قويىدىغان ئىشلار ئاز ئەمەس ئىدى.

 

1901-يىلى. ھېمىڭۋاينىڭ كىچىك ۋاقتى

 

ھېمىڭۋاينىڭ دادىسى مىشىگان كۆلىنىڭ شىمالىدىكى كەڭرى كەتكەن دالىغا يازلىق داچا سالدۇرۇپ يازنى بالىلىرى بىلەن تەبىئەت قوينىدا ئۆتكۈزەتتى. باشقا ئاق تەنلىكلەردىن پەرىقلىق ھېمىڭۋاينىڭ دادىسى داچىدىن ئانچە يېراق بولمىغان مەھەللىدىكى داۋالاپ قوياتتى. ئۇلار مىننەتدارلىق يۈزىسىدىن كۆكتات- ياۋا مىۋىلەرنى ئەكىلىپ بىرەتتى.

ھېمىڭۋاي 8 يىللىق باشلانغۇچ دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 4 يىللىق تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىنى باشلايدۇ.(بۇ ئەينى يىللاردىكى ھېمىڭۋاي ياشىغان ئوكۇپادىكى ئوقۇش تۈزۈمىكەن) بۇ مەزگىلدە ئىسكىرىپكا، پۇتبۇل، تاغقا يامىشىش قاتارلىق مەدەنىيەت تۈرلىرىگە ھەۋەس قىلىدۇ. 1916-ئۇ تۇنجى قېتىم بوكسۇرلۇقنى باشلايدۇ ھەم خېلىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىدىكى چاغلىرىدىلا 39 بەتلىك ماقالە يازىدۇ ھەم ماقالە ۋە شېئىرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلايدۇ.

ھېمىڭۋاي تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈشكە بىر ئايلا قالغان 1917-يىلى 4-ئاينىڭ 6- كۈنى ئامېرىكا بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ. شۇ چاغدا ھېمىڭۋاينىڭ ئەسكەر بولۇش، ئالى مەكتەپكە بېرىش ياكى خىزمەت تاللاشتىن ئىبارەت بىر قانچە يولى بار ئىدى. ئەسكەرلىككە ئۇ بەك ياش كەپقالدى. ئالى مەكتەپكە بارغۇسى كەلمىدى. ئاخىرى گىزىت مۇخبىرى بولۇشنى تاللىدى.

 

ھېمىڭۋايكامنىڭ كېلىشكەن ياش چاغلىرى

مەندىن:
بۇ ئەسەردە دىققىتىمنى تارتقان نوقتا، ئەينى چاغلاردا 10 ياشلىق ئوغۇلنى ئورمانلىقنىڭ ئىىچىگە قويۇپ قويغىدەك، بالا قورقسا جورجى تاغىسىدەك خاپا بولۇپ كەتكۈدەك، نىكدەك ئۆزىنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئۇلارنىڭ تىزرەك قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئۈچ پاي ئوق ئاتقىنىغا نۇمۇس قىلغۇدەك ئوغۇللارنىڭ باتۇر-جەسۇرلىقى ئۈچۈن  يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان بولغىيمىتى ھە؟
يەنە بىرى ھېمىڭۋاينىڭ ≪قىزلارچە بېقىلغانلىق≫نى بىلىپ قالدىڭىز، شۇنداققۇ؟ پىقىرمۇ بۇ كۈنلەردە ھېمىڭۋاي تەتقىقاتچىسى بوپكىتىۋاتىمەندە!

 

**********

 

2020.03.15

رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...