ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: بالىنى ئەمەلى ھەرىكەت بىلەن تەربىيەلەش(14)

5,407 قېتىم ئوقۇلدى

 

پەرزەنت تەربىيەلەش – ئىنسان يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت قالتىس بىر خىزمەت. شۇنداق ئۇلۇغ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەر قانداق كىشى ئۆزىدىن غورۇرھەم ئىپتىخارلىق ھېس قىلسۇن.
تەرجىمىدە: رەيھان

ئانىلاردا مۇنداق بىر روھ بولسۇن.

ئانىلىقتىن ئىبارەت خىزمىتىم باشقىلار تەرىپىدىن بەك ماختىلىشلارغا ئېرىشەلمىسىمۇ مەيلى! بىراق، شۇ بىر ھەقىقەتكى، مەن ھەر قانداق ئادەمدىنمۇ مۇقەددەس بىر خىزمەت قىلىۋاتىمەن.

塔の上のラプンツェル – Tangled

 

(14)

بالىلىرىمىزنى پەزىلەتلىك ئىنسان بولسۇن دىسەك، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانا بولغۇچى بىز ئۆزىمىز ئۈلگە بولايلى

 

بالىنى ناچار قىلىقلىرىنى تۈزىتىپ،دۇرۇس-توغرا ئادەت يېتىلدۈرسۇن دېسەك، ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە شۇكى: ئالدى بىلەن ئاتا – ئانا بولغۇچى ئۆزى ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇش.

يەنى، ئاتا – ئانا بولغۇچى بالىلاردىن كۈتكەن تەرەپلەرنى ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ  كۆرسىتىشى، ئەكسىچە، بالىلارنى قىلمىسىكەن دېگەن ئىشلارنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرى قىلماسلىقى زۆرۈر.

خۇددى، بالىسىنىڭ ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئاتا – ئانىلار بالىغا تېلۋىزۇر كۆرمەي كىتاب ئوقۇ! دەپ بۇيرۇق قىلغاندىن كۆرە، تېلۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ ئۆزى كىتابنى قولىغا ئالغىنى تۈزۈك بولغىنىدەك.

بالىلار بەئەينى ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى سىنئالغۇ ئاپىراتى . ئۇلار چوڭلارنىڭ يارقىن تەرەپلىرىنىمۇ، پاسسىپ تەرەپلىرىنىمۇ ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ چىققۇچى.

يەنى، ئېغىزدا سۆزلىگەندىن كۆرە ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن ھەرىكەت بالىلارغا تېخىمۇ تەسىر قىلالايدۇ.

يەنى، پەزىلەتلىك بىر ئىنساننى يېتىشتۈرىمەن دىسەك، ئالدى بىلەن ئاتا – ئانا بولغۇچى بىز دەل شۇنداق ئادەم بولايلى.

مەسلەن: بالىلىرىمىزغا باشقىلارنى ئۇرساڭ بولمايدۇ، دەپ تۇرۇپ ئۆزىمىز بالىلىرىمىزنى ئۇرساق، بالا«قارشى تەرەپ ئەسكىلىك قىلغاندا، ئۇرغىنىمنىڭ خاتاسى يوق» دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

مانا بۇ «بالا،  ئاتا – ئانىنىڭ ئەينىكى» دىيىلىشنىڭ سەۋەبى.

بالىدىن نىمىنى كۈتىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز شۇ ئىشتا ئۈلگە بولۇڭ

يۇقارقى رەسىمدىكى مىسالغا قارايلى.

ئانا قىزى بىلەن كىتىۋاتاتتى، يولدا تونۇش بىرسى ئۇچرىدى. بىراق، ھەر ئىككىسى گەپ قىلماي ئۆتۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئانىسى قىزىغا :

داۋاملىق باشقىلارغا سالام قىلىشنى تەكىتلەپ تۇرسام، نىمىشقا سالام قىلمايسىز؟ دەپ ئەيىپلىگەندەك گەپ قىلدى.

  قىزى دەيدۇكى، ئاپا ، ئۆزىڭىزمۇ سالام قىلمىدىڭىزغۇ ؟

خۇددى يۇقارقى ئاددى مىسالدىكىدەك، بالىنى باشقىلارغا سالام قىلىدىغان ئەدەبلىك بالا بولسۇن دىسەك، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئاۋۋال سالام قىلغىنىمىزدەك، مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىمۇ، ئالدى بىلەن بالىدىن تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىز ئەمەلىي ھەركىتىمىزدە كۆرسىتەيلى.

 

ئاكې خاشى ئەپەندىدىن  سۆز:

پەرزەنت تەربىيەلەش – ئىنسان يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت قالتىس بىر خىزمەت. شۇنداق ئۇلۇغ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەر قانداق كىشى ئۆزىدىن غورۇرھەم ئىپتىخارلىق ھېس قىلسۇن!

پەرزەنت گۆھەر دىيىلسە، ئانىمۇ بىر تەڭداشسىز گۆھەردۇر.
يولدا بىر ئانىنىڭ بالىسىنى قولىدىن يېتىلەپ كىتىۋاتقان ھالىتىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئىختىيارسىز بۇ ئانا ـ بالىنىڭ كەلگۈسىدىمۇ گۈزەل بىر كۈنلەردە بولىشىنى تىلەپمۇ قالامسىز؟
ياپوننىڭ پەرزەنت تەربىيەسىنى پۈتۈنلەي ناچارلىشىپ كەتتى دەپ كەتكىلى بولـمايدۇ.
بالا گۆھەردۇر. ئۇنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئانىلارمۇ ھەم گۆھەرلەردۇر.
بىز ياپوننىڭ بۇ گۆھەرلىرىنى قوغدىشىمىز، ھىمايە قىلىشىمىز لازىم.

مەندىن:

ئاتا ـ ئانا بولۇش ئەمەلىيەتتە، باشتىن ـ ئاخىرى ئۆزىنى تەربىيەلەش جەريانىدىن ئىبارەت. بالىلىرىمىزنىڭ تاتلىق كۈلكىلىرىدىن، پەرىشتىدەك ئاپئاق كۆڭلىدىن، سەبي قىلىقلىرىدىن، بۇ دۇنيانىڭ نۇرىدەك ئوماق چىھرىدىن يۈرىكىمىز قانچىلىك لەرزىگە كەلسە، قەلىبلىرىمىز قانچىلىك ئىللىق مىھىر ـ مۇھەببەت بىلەن بىلەن نۇرلانسا، پەرزەنت تەربىيەسى جەريانىدىكى خاتالىقلىرىمىز، تېڭىرقاشلىرىمىز، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردىكى ھەقسىزلىقلىرىمىز ئۈچۈن قەلبىمىز شۇنچىلىك ئازابلىنىدۇ. مانا بۇ دەل بىر دادىنىڭ، بىر ئانىنىڭ پىشىپ يېتلىدىغان، قەلبىنى، ئادىمىيلىكىنى تاۋلايدىغان، بالا ئارقىلىق ئۆزىنى قايتىدىن تونۇيدىغان پەيتلىرىدۇر.

بىر نادىر ئانا ئۆزلىكىدىن پەيدا بولـمايدۇ! ئۇنى تىرەپ تۇرىدىغان كۈچلۈك تىرەك،تاشقى زەربىلەردىن ئاسراپ،قوغداپ تۇرىدىغان كۈچلۈك يۆلەنچۈك ھەم ئەتراپىدىكلەرنىڭ مىھىر ـ مۇھەببىتى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ!!!

ئۇيغۇر بالىلىرى ھەم ئۇيغۇر ئانىلىرىمۇ گۆھەردۇر! ئەرلەر، دادىلارلا ئەمەس پۈتكۈل جەمىئەت  شۇنداق دىيەلىسۇنكى :
بىز بۇ گۆھەرلرىمىزنى ھىمايە قىلىمىز، قوغدايمىز.

 

*******************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. سالام ئەزىزلەر ، ھەر دائىم سەھەرنىڭ ئالدىراش پەيتلىرىدە تېمامنى يوللىۋىتىپلا ئالدىراشلا گەپ قىلىمەن .
    بىلوگىمنى سىكاندىرلاش ئارقىلىق قوشۇۋالغىلى بولـمايدۇ ، پەقەت ئادىرىسنى ساقلاپ قويۇش ئارقىلىق كۆرەلەيسىلەر . پات ـپات ئېچىپ تۇرغايسىلەر ، سىلەر ياقتۇرىدىغان يېڭى مەزمۇننى تېپىۋالساڭلار ئەجەپ ئەمەس .
    ئۈندىدار سالۇنىغا كۆچىۋالسام ياخشى بولاتتى ، قوشۇش ھەم كۆرۈش ئىمكانىيتى كۆپىيەتتى …ئالدىراشچىلىق ھەم باشقا سەۋەبلەر بىلەن ھىچ كۆچۈپ بولالـمايۋاتىمەن …
    شۇنداقتىمۇ ھەر ۋاقىت دىققىتىنى بىرىپ كىلىۋاتقان قەدىرلىكلەردىن مىننەتدارمەن . ئامان بولۇڭلار ☕️☀️
    ـ رەيھان

  2. Reihangul yaraisiz. Bu asiringsni back yahturdum. ”Ana hakikatan bibahar gohardur, uni kohdax buruqtur“

  3. مەن شۇنداق قايىل بۇلدۇم تىغىمۇ ياخشى مەزمۇنلارنى يۇللاپ بەرسىكەن دىگەن ئۇمۇتتە مەن ،قانداق قىلغاندا ياخشى بىر ئانا بۇلىدۇ ،سۇراپ باقسام بولامدۇ

    • ياخشى ئانا بولۇش ئۈچۈن ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئانىلىقنىڭ ئىپادىسى .
      بىز نۇرغۇن نەرسىنىڭ ئۆزىمىزگە خاس
      جاۋابىنى پەقەت ۋە پەقەت قەلبىمىزدىن
      تاپالىشىمىز مۇمكىن . چۈنكى ، نۇرغۇن نەرسىنىڭ ئۆلچەملىك قىلىپى يوققۇ دەيمەن .

  4. شېرىن دۈشمەنلەرنىڭ ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ بالا بېقىۋاتامسىز دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا بەك كۈلگۈم كېلىدۇ،ئەجىبا مەن سىرتتا خىزمەت قىلىپ،تاپقان پۇلۇمغا بالامنى باشقا ئادەملەرگە باقتۇرسام توغرا بولارمىدى؟ھەي……ھەممە بالىلارغا ئۆز ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ بېقىلىش نېسىپ بولسۇن

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى