ھەر بىر جان، ھەربىر گىياھنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق، ئۆزىنى راھەت ھېس قىلىدىغان ئورۇنغا، تۇپراققا ئىھتىياجى بولىدۇ. ئوقۇۋاتقان كىتابىمنىڭ ئاخىرىقى بېتىنى ئىشتىن قايتىش يولىدىكى ئابتۇبۇستا  تۈگىتىۋىتىشكە كۆزۈم قىيىماي، ئۆزۈم ئەڭ راھەت ھېس قىلىدىغان باغچامدا ئوقۇش ئۈچۈن ئەپ قويدۇم. بەزىدە ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىپ قىلىشىنى خالىمايدىغان گۈزەل تۇيغۇلارغا تولغان ئىللىققىنە بىر كىتابنى ئوقۇپ چىقىشمۇ گۈزەل رىزىق، شۇنداققۇ؟

خوش، كىتاب ھەققىدە سۆز ئىچىشتىن بۇرۇن سىلەردىن مۇنداق سۇئال سوراپ باقاي: قەيەردە ئۆزىڭىزنى ئەڭ بىخەتەر، راھەت ھېس قىلىسىز؟

ماڭا ئوخشاش ماۋۇ ياقا-يۇرتتتا ياشايدىغانلار«ئانامنىڭ ئۆيىدە» دەپ تۇرىۋالماڭلا ھە!😇 كۆز ئالدىمىزدىكى، رىئاللىقىمىزدىكى جىنىمىز ئارام تاپىدىغان، يۈرىكىمىز تىنچلىنىدىغان يەرنى ئويلىشايلى. ئالدى بىلەن ئۆزۈم جاۋاپ بېرەي. 

🌱ئۆيۈمنىڭ كىچىككىنە گۈللۈكى-يەنى مەن قەھۋە ئىچكەچ كىتاب ئوقۇيدىغان ئورنۇم، ئۇندىن باشقا دەرىزدە يىنىدىكى ئورۇندۇق.

🌱بىز داۋاملىق بارىدىغان ئۆيىمىز ئەتراپىدىكى ئىللىق قەھۋەخانىنىڭ دەرىزە تۈۋىدىكى ئورۇن.

🌱تەبىئەت ئىچىدىكى دەرىزىلىرى كەڭرى، گۈل-چىچەكلەر بار ئازادە قەھۋەخانا.(ۋاي ېېغىپ ئېيتقاندا، مەنزىرىلىك دەرىزە مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ئوخشايدۇ.)

🌱تەبىئەت-مەسلەن، باغچا، گۈل-چىچەكلەرگە پۈركەنگەن يەرلەر، دېڭىز، دەرىزىدىن دېڭىز كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مىھمانخانا(ئۆي بولسا تېخى ياخشى، ئەمما ئۇنداق ئۆيگە بېرىپ باقمىدىم، ئەمما ئاشۇنداق دېڭىز ساھىلىدىكى ئۆيدە بىر مەزگىل ياشاپ باققۇم بار🤓) 

ئەمدى نەق گەپكە قايتىپ كەلسەك،  بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم-ياپونيە يازغۇچىسى ئائوياما مىچىكونىڭ«پەيشەنبە كۈنىدە-قىززىق شاكىلات»ناملىق كىتابى. بۇ بىزئادەتتە ئانچە دېققەت قىلىپ  كەتمەيدىغان تۇرمۇشنىڭ  ئاددىي كارتىنىلىرىنىڭ ئىللىق، گۈزەل تەرەپلىرىنى يىنىك تىل ئارقىلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن كىتاب.

پەيشەنبە كۈنىدە-قىززىق شاكىلات

 

يىگىت ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا ئۆزىچە«كوكوئا خانقىز»دەپ ئىسىم قويىۋالىدۇ. قىزھەر پەيشەنبە كۈنى دەل چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 دە نورۇز گۈللىرىگە پۈركەنگەن بۇ كىچىككىنە قەھۋەخانىغا كېلىدۇ ھەم ھەر قېتىم ئوخشاش دەرىزە تۈۋىدىكى ئورۇندا، ئوخشاش ئىچىملىك بۇيرىتىدۇ.

ئىشسىز قالغان ياش يىگىت تۇنجى قېتىم كىرگەن ساكۇرا گۈللىرىگە پۈركەنگەن كىچىككىنە قەھۋەخانىدا ئۆزىنى خۇددى ئۆز ئۆيىگە كەپقالغاندەك راھەت، تىنىچ  ھېس قىلىدۇ. قەھۋەخانا خوجايىنىنىڭ دەملىگەن قەھۋەسىدىن بىريۇتۇم ئىچىپلا قەھۋەنىڭ خۇشپۇراق، ئېسىل تەمىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ ھەم  خوجايىندىن يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. قىززىق يىرى،50 ياشلار چامسىدىكى ۋىجىككىنە بۇ ئادەم خۇشخۇيلۇق بىلەن «بولدى، راسمى خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ قىلىڭ» دەيدۇ. يىگىتنىڭ ھەتتا يۈز تۇرانە ئىمتىھانسىز، ئوقۇش تارىخى قاتارلىقلار يوق ھالەتتىلا خىزمەتكە قوبۇل قىلىۋەتكەنلىكىگە بولغان ھەيرانلىقىغا خوجايىن بىر ئېغىز گەپ«مېنىڭ باشقىلارنى تونۇيدىغان كۆزۈم بار»دېگەن جاۋابنى بېرىدۇ ھەم ئۇزۇنغا قالمايلا پۈتۈن قەھۋەخانىنى يىگىتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى پات-پاتلا كەپ قويىدۇ. شۇندىىن كېيىن بۇ ئىللىق قەھۋەخانا يىگىتنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان، ياخشى كۆرىدىغان ئورنىغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساكۇرا گۈللىرى ئىچىدىكى بۇ ئىللىق  قەھۋەخانا ھەم  قەھۋەخانا خوجايىنىنى(ماستار) چۆرىدىگەن ھالدا بىر تۇتاش ھېكايىلەر پىرسوناژنىڭ ئۆزتىلىدا بايان قىلىنىدۇ.

يەنى،  تولۇق ئوتتۇرىدىن تارتىپ يىقىن ئۆتكەن ئىككى دوستىنىڭ ھېكايىسى، ئىككى دوستنىڭ بىرىنىڭ توي قىلماقچى بولغىنىنى ئاڭلاپ يەنە بىر دوستى قىزلارنىڭ دوستلۇقىدىكى مۇرەككەپ  تۇيغۇلاردىن ھالقىپ ئاخىرى دوستىنىڭ بەختى ئۈچۈن تىلەك تىلىيەلىگىنى،  يېڭى توي قىلغان بىرجۈپلەرنىڭ ئاۋسىترالىيەدىكى شىرىن ئاي ساياھىتىدە بىر جۈپ ياشانغان بوۋاي-موماينىڭ 50 يىللىق توي تۇرمۇشىدىن ئالغان  تولىمۇ گۈزەل ساۋاقلىرى، قەھۋەخانىدىكى مەلۇم خېرىدار خانىمنىڭ ئائىلە كەچمىشى، ئۇنىڭ پەقەت خىزمەت بىلەنلا بولۇپ، ئوغلىنىڭ ئۆسۈپ-يتىلىشى، ئائىلە ئىشلىرى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يولدىشىنىڭ يەلكىسىگە چۈشكەنلىكى، ئاقىۋەتتە قايتىدىن ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىغا قايتىپ كەلگەنلىكى،سىدىنىكى كىچىكىدىن تارتىپ تۇغما يۈرەك كىسىلى قىزچاقنىڭ ياپونىيەلىك ئەڭ يېقىن دوستى سەۋەبلىك ھاياتقا قايتىدىن كۈلۈپ باققىنى، يەنە بىرقىزنىڭ «سىھرىگەر بولۇش»ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرى… دېگەندەك بىر تۇتاش ھېكايىلەر ئاددى، ئەمما مۇھەببەت تىلىدا ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. 

تەقدىرنىڭ قىزىل يىپى-بەلكىم ئىككى ئادەمنىڭ چىمچىلاق بارمىقىنى  تۇتاشتۇرىدىغان ئاددىيلا بىر قېزىل يىپ ئەمەس، بەلكى ئىككى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئېقىۋاتقان قانلارنىڭ بىرى-بىرىگە ئۇلىنىپ تۇرىشىدۇر. ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئىقىملارنىڭ ئۇزۇن يىللىق چەمبەرچەس باغلىنىشىدۇر. شۇڭا، ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئېقىۋاتقان ئەنە شۇ «قېزىل يىپلار»بىلەن ئۇلىنالايدىغان ئەنە شۇ ئالاھىدە كىشىنى تاپمىغۇچە ئۇنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرسا كېرەك….

كىتابتا ھېلىقى قەھۋەخانا خوجايىنى ماستار كۆپ تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئەمما، ئۇ قەلبىدىكى ئارزۇلىرى ئۈچۈن ئۈنسىز تىرىشىۋاتقان، ۋۇجۇدقا  كۆمۈلگەن تالانتنى قانداق چاقنىتىشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن تالانتىنى بايقاپ، ئۇنىڭ چاقنىشى ئۈچۈن ئۈنسىز يول ئىچىپ بېرىۋاتقان شەخس. ئۇ باشقىلارنىڭ ھاياتىدىكى نۇرلۇق بۇرۇلۇش نوقتىسىنىڭ سەۋەبكارى، پەردە ئارقىسىدىكى ئۈنسىز قەھرىمان.

بەلكىم، بىزمۇ شەخسى ھاياتىمىزدىمۇ  بىلىپ-بىلمەي كىملەرنىدۇرقۇتقۇزىۋاتقان، شۇنداقلا كىملەر تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلىۋاتقان بولىشىمىز مۇمكىن..

بىز تونۇيدىغان ھەم تونۇمايدىغان ئادەملەر، گۈل-گىياھ، ھەر بىر جانلىق، ھەتتا ھەر تاشمۇ.. كۆرۈنمەس يىپ ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ ھەم ئۇلار شۇنچىلىك سۆيۈملۈككى، ئۈنسىز مۇھەببەت ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن كۈچ بولۇپ تۇرىدۇ…

يازمىلىرىم ئىچىدىكى مەلۇم  بىر قۇرلارنىڭ  مەلۇم بىرلىرىنىڭ قەلبىگە كىچىككىنە ئىللىقلىق، ئۈمىد، خۇشاللىق ئاتا قىلالىسا، بىلىپ-بىلمەي كىملەرنىدۇر قۇتۇلدۇرۇپ قىلىۋاتقان بولسا ئۆزۈمنى بىكار ياشىمىغان دەپ بىلىمەن.

*****************

رەيھان ئابلەت

2026.07.01

تارقىتىڭ...