پەرزەنتىمىزگە بەرگەن ئەڭ چوڭ سوۋغىمىز

9,208 قېتىم ئوقۇلدى

مەيلى قانچىلىك ئۆگىنىپ كەتكەن بولۇڭ، قانچىلىك پۇلدار بولۇپ كېتىڭ، ۋە ياكى قانچىلىك ئېسىل شىركەتلەردە خىزمەت قىلىشىڭىزدىن قەتئىنەزەر، سىزدە  ئۆز ئىنسانى قىممىتىڭىزگە  بولغان ئىشەنچىڭىز  تۆۋەن بولىدىكەن، سىز بەرىبىر تۇرمۇشىڭىزدا ھەقىقى خۇشاللىققا ئېرىشەلمەيسىز .

پۇلدارلاردىن بولمىسىمۇ، يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بولمىسىمۇ، ئۆزىنى قىممەتلىك ئىنسان دەپ قارايدىغان كىشىلەر يەنىلا بەخىتلىك ياشىيالايدۇ، ھاياتىدا ھەقىقى خۇشاللىقنىڭ تەمىنى تېتىيالايدۇ.

_     ئاكې خاشى دايجى

 

 

魔女の宅急便/めぐる季節

***

ياپۇنىيەلىك بالىلار تەربىيەسى مەسلىھەتچىسى، يازغۇچى ھەم ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئاكې خاشى ئەپەندىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت كىتابلىرىدىكى ئىددىيەنىڭ ماڭا ئەڭ يارايدىغان يېرى شۇكى،  ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭمۇ بىر ئاددى ئىنسانلىقىنى  نەزەردە تۇتقان  ، مەزمۇنلار ئاددى ھەم رىئاللىققا ئۇيغۇن … ئوقۇغانسىرى كىشىگە يىنىك، ئىللىق تۇيغۇ بېرىدۇ …

گېپىمىزگە كەلسەك، بىزنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتىكى مەقسىتىمىز نىمە ؟

بالىلارغا بىرەلەيدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغىمىز نىمە ؟

تۆۋەندىكىسى بۇ ئەپەندىنىڭ كىتاۋىدىكى  يۇقارقى سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ  بىر قىسمى…

 

***

‎ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە بېرەلەيدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى
‎بالا ئۆزىنىڭ بارلىقى بىلەن يەنى، بارلىق ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىللىكلىرى بىلەن سۆيۈلىدىغانلىقىنى بىلىشى.
‎مانا مۇشۇ نوقتا بالىغا يەتكۈزۈلگەندە ، بالا تېخىمۇ چاقنايدۇ .

قىزلارنىڭ ئەرلەردىن تەلەپ قىلىدىغىنى ئۆزىنى بارلىقى بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان بولىشى، شۇنداققۇ ؟!

قەلبىنى چۈشىندىغان كىشى دىگىنىمىز ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىلا ئەمەس، كەم تەرەپلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىپ سۆيەلەيدىغان ئادەم دىمەكلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، يالغۇز قىزلارلا ئەمەس ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ دەل مۇشۇنداق سۆيۈلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنداقلا، مانا مۇشۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قەلبىنى چۈشىنەلەيدىغان ئىتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئەلۋەتتە، بالىلارمۇ دەل شۇنداق!

« بارلىق ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىللىكلىرى بىلەن سۆيۈلۈش» دىگەنلەر دەل بىز ئېيتقان ئۆزىنىڭ ئىنسانى قىممىتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرىدىغان، بالىنىڭ كەلگۈسىدە بەخىتلىك بىر ئىنسان بولىشىدىكى مۇھىم  بىر ئامىل.

 

 ***

‎ئۇنداقتا بالىلىرىمىزغا بارلىقى بىلەن سۆيۈلىۋاتقانلىقىنى قانداق يەتكۈزىمىز؟
‎بالىلارنىڭ خۇشاللىقى ھەم ئازابلىرىغا ئورتاقلىشىمىز.
‎كۆڭلىنى چۈشىنىش دىگەنلىك – “ ئورتاق ھىسياتتا بولۇش “ دىگەنلىكتۇر

يەنى، ئازابلانغانلىرىدا بىللە ئازابلىنىپ ، خۇشاللانغانلىرىدا بۇ خۇشاللىقلارغا جۆر بولغاندا، بالا ئۆزىنىڭ چۈشىنىشكە ئىرىشكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ سۆيۈلىۋاتقانلىقىدىن بەختىيارلىققا چۆمىدۇ.

 ئورتاق ھىسياتتا بولۇش  _ بالىلارنىڭ قەدىر- قىممەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرۈشىكى بەكمۇ موھىم ئامىللاردىن بىرى.

بالا مەغلۇپ بولغاندا،“ شۇنچىلىك ئىشلارغىمۇ تۈگىشىپ كېتەمسەن ؟“ دېيىش بەلكىم بۇ ئەھۋالغا نىسبەتەن ئانچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئورنىغا “ كۆڭلۈڭ يېرىم بولدى- ھە بالام؟“ ، “ بۇنداق بولىشىنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغاندىڭ …“ دىگەندەك بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان سۆزلەرنى دەپ بېرىش  بالىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق .

بالا بىر ئىشلارنى ياخشى قىلالىغاندا، ئاتا- ئانا بولغۇچى ”نىمە دىگەن  قالتىس! “ ، “ بەك ياخشى بولدى!“   دىگەندەك سۆزلەر بىلەن بالىلارنىڭ خۇشاللىقىغا جۆر بولغاندا، بۇ خۇشاللىق تېخىمۇ كۆككە كۆتۈرۈلىشى، بالىدا “ تېخىمۇ تېرىشاي “ دەيدىغان ئىنتىلىش پەيدا بولىشى تۇرغانلا گەپ .

“ بالىنى ماختاش ئارقىلىق ئارتۇقچىلىقلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش “ دېگەنلىك. گەرچە ماختاش بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئاشۇرىدىغان ۋاستىدەك كۆرۈنسىمۇ ، بۇ يەردە ئەڭ موھىمى بالا بىلەن ئورتاق تۇيغۇلاردا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

بالىنىڭ خۇشاللىق ھەم خاپىلىقلىرىدا بىللە بولۇش، بالىغا ئۆزىنىڭ مۇھىم ئادەم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ ھەم بالىدا تېخىمۇ ئۆزلىكىدىن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ئىستەك پەيدا قىلىدۇ.

يېغىپ ئېيتقاندا، بالىنىڭ بارلىقى بىلەن سۆيۈلىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزۈش ، بالىنىڭ قەدىر-قىممەت ئېڭىنى يىتىلدۈرىدۇ. ئۆز ئىنسانى قىممىتىگە ئېشىنىدىغان بالىلارئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بەخىتلىك قىلالايدۇ.

 

***

بۇ مەزمۇنلارنى يېزىۋىتىپ شۇلارنى ئويلاپ قالدىم .

بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىلا ئەمەس ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىمۇ   بىر ـبىرىمىزنىڭ ھىسياتلىرىغا ، خۇشاللىق ، غەلبىلىرىگە تەڭ خۇشاللىنىپ ، ئازابلىرىغا ، قىيىنچىلىقلىرىغا ، كۆز ياشلىرىغا  « ھىسداشلىق » نى ئەمەس «ئورتاقلىشىش « نى تاللىساق، بۇ خىل ئورتاقلىشىش بىزگە مىھىر ـمۇھەببەت، ئىشەنچ ، غورۇر ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى گۈزەل ئىللىقلىقنى  بىرىدۇ .  قىسقىسى ، شەخسەن مەن  ”ھىسداشلىق “  دىن   « ئورتاقلىشىش »  نى ئۈستۈن ئورۇنغا قويىمەن .

ھەرقانداق ئىلغار جەمئىيەت، نادىر كىتابمۇ، مۇتەخەسىسلەرمۇ پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ ھەممە جەمىئەت، بارلىق ئائىلە، پۈتكۈل بالىلارغا چۈشىدىغان مۇكەممەل فورمۇلاسىنى تۈزۈپ بېرەلىگەن ئەمەس .

ھەم ھىچبىر ئاتا- ئانىمۇ خاتالىقلاردىن، كەمچىللىكلەردىن خالىي ئەمەس ئىنسانلارنى ئەڭ  مۇكەممەل دەرىجىدە  سۆيىدىغان تەڭرىدەك ، ئۆز پەرزەنتىنى سۆيەلىگەن ئەمەس… بىراق، ۋايىغا يەتكەن سۆيگۈنى بېرىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن  ئېزدىنىش ھەم تېرىشچانلىقنىڭ ئۆزىلا ئەڭ قالتىس سۆيگۈ بولىشى مۇمكىن.

    「  大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

              ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە  رەيھان    _

تارقىتىڭ...
  1. Dawamini yollixingizni kollayman bu kitapning mazmuni har kandak adem quxinalaydigan darijide quxinixlik h kalgini uz kalamliringiz bilan tehimu guzal mazmunlar qukkusi bayme

  2. رەيھانگۈل،ياخشى ئەسەرنى بەكمۇ ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز.سىزگە ئاپىرىن !!!يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

  3. سىزگە ئاپىرىن،يەنىمۇ تىرىشىڭ

  4. بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە اكى ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى بارمىد؟ ياخشى كىتابكە، ئەجىرلىك بولۇڭ

  5. ئەگەر سىزگە مۇمكىن بولسا، بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئازـئازدىن يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىڭىز بەك مىننەتدار بولاتتۇق.

  6. Terjimingiz bekmu yaxshi chiqiptu tirishing singlim gh,ghelbe tirishqanlargha mensup!

  7. بەك ياخشى كۆردۇم ، داۋاملىق يوللىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن رەيھان …

  8. مەن مۇشۇنداق پەرزەنت تەربىيەلەشكە دائىر مەزمونلانى ئىزدەۋاتقانتىم،رەھمەت…داۋاملىق ئەۋەتىپ تۇرىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن

  9. Salam bu mezmunlani menmu 2 baling anisi bolush süpütim bilen bek yaxturup oquwatime,köp rehmet!!!igisi ejringzni ziyade qisun!!!

  10. تىمىسىنى كۆرۈپلا بەك ياقتۇردۇم،بىلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنكەن.

  11. قولىڭىز تالمىغاي،يەنە مۇشۇنداق ماقالىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز.

  12. بەك ياقتۇردۇم رەھمەت سىزگە رەيھان خانىم

  13. رەھمەتتىن ئۆزگە ئىپادىيەلمىدىم

  14. hakikatan yahxi mazmunlani awatipsiz,kop rahmat

  15. ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنلاركەن ،رەھمەت سىزگە،

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

پەرزەنتىمىزگە

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى