سەن …

1,613 قېتىم ئوقۇلدى

 

The Lonely Ballerina – Michele McLaughlin

 

***

ھاياتىڭىزدا ھەر خىل « سەن » لەر ئۇچراپ تۇرىدۇ …
بۇ « ئۇچىرىشىش » سىزنىڭ ئەمەس ، ھاياتىڭىزنىڭ بۆيۈك باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئىش …
بۇ « سەن » لەر سىزگە ھەر خىل ھىكىمەتلەرنى ، مىھىرنى ، نەپرەتنى ، خۇشال بولۇشنى، كەچۈرىۋىتىشنى، پەرۋا قىلـماسلىقنى ، ئۈنسىز سۆيۈشنى …قىسقىسى ، ئىنسان بولۇشنى ئۈگىتىدۇ  يەنە  ئۆز نۆۋىتىدە سىزنى «سىز » قىلىدۇ .

***

سەن …

  سىنىڭ  مەۋجۇتلۇقۇڭنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن  دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل تەسەللىي .
مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇممۇ ھەم سەن ئۈچۈن ھىچنىمىگە ئوخشىمايدىغان بىر بىغۇبار بەخىت بولغىنىدەك .
ئېسىڭدە  بولسۇن ..سەندىن ھىچنىمە  ھەم  ھىچنىمە تەلەپ قىلـمايمەن ! پەقەت ئۆزۈڭ ئۆزۈڭ بولۇپ ياشىيالايدىغان ، قەلبىڭگە خىيانەت قىلـمايدىغان ، يىقىلساڭمۇ ، ئازابلانساڭمۇ ئورنۇڭدىن تۇرالايدىغان ، قەددىڭنى تىك تۇتۇپ ياشىيالايدىغان ئۆزۈڭ كۈتكەن  ھاياتىڭدا ياشىيالىساڭ   كۇپايە .
چۈنكى ، مەن سىنى ئاجايىپ بىر قەلىب ئىگىسى دەپ بىلدىم !
كۈتىدىغىنىم بار دېيىلسە ، شۇ بىلگەنلىرىمنىڭ خاتا بولـۇپ قالـماسلىقى ھەم ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈم تەرىپىدىن ئالدانماسلىقىم , خالاس  !

سەن …

سەن …كۆڭلۈمنى ئاغرىتتىڭ …
بىراق …مەن …مۇنداق !
دەپ بۇرۇنقىلاردەك   قۇرلار يېزىلـماقچى بولدى …
توختا دېدىم ئۆزۈمگە ! بۇ قۇرلارنى  ھازىرقى ھەم بۇندىن كىيىنكى قۇرلار قىلىپ يېزىپ باقايلى .
ياقتۇرماسلىقىڭدىن ، كۆزۈڭگە سىغماسلىقىمدىن  ، ھەتتا ، مىنى كۆرۈش تۈگۈل ئويلاپ قالساڭمۇ بىئارام بولۇشۇڭدىن ، مەن يوق يەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىمدىن …ئاغرىنمايمەن ، ھەتتا ، سىنى ھاياتىمدىكى « تىكەن » دەپمۇ قارىمايمەن .
ئەكسىچە ، ئىسىمگە كەپقالساڭ ياخشى تىلەكلەردە بولۇشقا تېرىشىمەن .
بۇ مىنىڭ « قالتىس ئالىيجاناپ » لىقىمدىن بولـماستىن ، ئۆزۈمگە قىلىنغان ئادىللىقىم ، كەڭ قورساقلىقىم  .

سەن …

تىنىڭنىڭ ، يۈرۈكۈڭنىڭ ، قىنىڭنىڭ بىر پارچىسىنى  ماڭا بەردىڭ ..مەن ئاپىرىدە بولغان كۈندىن باشلاپ پۈتۈن ھاياتىڭدا ئىسمىمنى يادىلاپ ئۆتتۈڭ …كىچىككىنە كۆز يېشىم ئۈچۈن ئالەمچە دەرت تارتتىڭ ..كۈلكىلىرىم  ئۈچۈن مەندىن ئارتۇق كۈلدۈڭ ..ئالدىڭغا كەلگەن ، كۆزۈڭگە كۆرۈنگەن ھەر بىر گۈزەل رىسىقلار ئۈچۈن ماڭا قىسىندىڭ …دۇئالىرىڭ ، تىلەكلىرىڭ ، ئارزۇلۇرۇڭ ، كۆز ياشلىرىڭ ، سېغىنىشلىرىڭ ..مەن ئۈچۈن بولدى ..ھالبۇكى ، سەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ قىلىپ بىرەلەيدىغان ئىشىم ھالال ، پاكىز ، ياخشى ياشاش بولدى ….ساڭا بولغان قەرزىم ساڭا قايتۇرۇش ئەمەس يەنە ئۆزۈمگە بېرىش بولدى …سەن ھاياتىمدا ئۆسۈمى يوق ، قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنمايدىغان ، قايتۇرىمەن دەپمۇ قايتۇرۇپ بولغىلى بولـمايدىغان بىردىنبىر قەرزنىڭ مىھىر ـمۇھەببەت قەرزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۈڭ …

***

قانچىلىغان « سەن » لەر بار يېزىلـماي قالغان …ئۇلار يېزىلىدۇ ..ئوقۇلىدىغان يەرلەرگە ، يوشۇرۇلىدىغان قۇرلارغا ..ياكى ئۇنتۇلىدىغان بەتلەرگە …

رەيھان ئابلەت

 

 

تارقىتىڭ...
  1. بۇ قۇرلانى ئوقۇپ، ھاياتىمدىكى نۇرغۇن «سەن» لەرنىڭ سىماسى كىنودەك كۆز ئالدىمدا ھازىر بولدى. تەشەككۇرلەر بولسۇن، ماڭا شۇلارنى ئەسلەتكىنىڭىزگە.

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

سەن

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى