بالىلىرىمىزدىكى ئارتۇقچىلىقنى مۇنداق كېڭەيتىمىز

4,122 قېتىم ئوقۇلدى

بالىمىزنىڭ كەمچىللىكلىرى بەك كۆپ، بىز ئون ئېغىز گەپ قىلساق، قۇلىقىغا كىرىدىغىنى پەقەت بىر ئېغىز.

ئون ئىشقا بۇيرىساق، بەك قىلىدىغىنى پەقەت بىرىلا بولىشى مۇمكىن، شۇنداقمۇ؟

مانا مۇشۇنداق پىتىر قۇلاق، ئىش خوشياقماس بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قانداق كېڭەيتىمىز؟ دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن.

بۈگۈن بالىلارنى ماختاشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلىنى ئۈگىنىمىز.

 

アナと雪の女王 –    Frozen

***

(1) ماختاش ئۇسۇلى

قىلالىغان شۇ بىر ئىشىنى  ماختاپ بەرسەكمۇ، بالا تېخىمۇ چاقنايدۇ.

 ئون تۈرلۈك  ئىشنى تاپشۇرساق، پەقەت بىرىنىلا قىلالىغان بالىمىزنى ”قىلغىنىڭ ئاران مۇشۇ بىرلا ئىشمۇ؟ قالغان توققۇز ئىشنى نىمىشقا قىلالمىدىڭ؟!“ دەپ ئەيىپلەيمىزكى، ھەرگىز بالىنىڭ قىلالىغان شۇ بىر ئىشىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمايمىز.

ئويلاپ باقايلى، بالا بىز تاپشۇرغان 10ئىشنىڭ بىرىنى بولسىمۇ قىلالىدى، قىلالىغىنى  نۆل ئەمەس!

ئەگەر بالىمىز بىز تاپشۇرغان شۇ 10تۈرلۈك ئىشنىڭ ئىككسىنى قىلالىغان بولسىچۇ؟ بىز چوقۇم يەنە قالغان سەككىز ئىشچۇ؟ دەپ سورايمىز.

 ئۈچىنى قىلالىغاندىچۇ؟ بىزنىڭ يەنىلا تىلغا ئالىدىغىنىمىز قىلالمىغان يەتتە ئىش! بىزنىڭ ئاغزىمىزدىن چىقىدىغىنى نىمە ئۈچۈن ئىنكار قىلىشلا بوپقالىدۇ؟ بالىمىز پەقەت قىلالماي قالمىدىغۇ؟!

مانا مۇشۇنداق ئىنكارلىق  سەۋەبىدىن ”مەن ھىچ ئىشنى قاملاشتۇرۇپ قىلالمايمەن!“ دەپ ھەممىنى چۆرۈپ تاشلايدىغان بالىلار ئاز ئەمەس.

مۇنداق مىسال ئالايلى :

بالا ئىمتىھاندا 60 نۇمۇر ئېلىپ كەلگىنىدە، بىزنىڭ ئالدى بىلەن كۆز يۈگۈرتىدىغىنىمىز بالىنىڭ خاتا قىلغان، كەتكۈزۈپ قويغان 40 نۇمۇرلۇق  يەرلىرى بولىدۇ، شۇنداقمۇ ؟! ھەم يەنە ”نىمىشقا خاتا ئىشلىگەنسەن؟“ ، ”مۇشۇنچىلىك نەرسىنىمۇ بىلەلمىدىڭمۇ ؟“ دەپمۇ سالىمىز. نەتىجىدە، بالىنىڭ قۇلىقىغا كىرىدىغىنى ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ھەم ئۇنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەرلا بولىدۇ، خالاس.

ھالبۇكى، 60 نۇمۇر ئېلىپ كەلگەن بالىغا تۆت ئۆلۈش ئاگاھلاندۇرۇش بەرسەكمۇ، ئالتە  ئۆلۈش راۋۇرۇس ماختىساق، بالىغا نىسبەتەن ئادىل باھا بەرگەن بولىمىز.

يەنە بەكرەك تەكىتلەپ ئېيتقاندا، ناۋادا بالىمىزنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچىسى تۆۋەن، ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئاجىز بالا بولسا ھېلىقى قىلالمىغان 40 نۇمۇرلۇق يەرلەرنى تىلغا ئالماي، پەقەت توغرا ئىشلىيەلىگەن 60 نۇمۇرلۇق يەرنىلا تىلغا ئالساق، ”ۋوي، بۇ مەسىلىنى ئىشلىيەلەپسەنغۇ؟!“ ، ”ھەجەپ قالتىس ئىشلەپسەن!“ دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ماختاپ بەرسەك، بالىدا مەنمۇ بىر ئىش قىلسام قىلالايدىكەنمەنغۇ دەيدىغان ئىرادە تۇغۇلىدۇ، نەتىجىدە قىلالمىغان شۇ تۆت ئۆلۈشنىمۇ قىلالايدىغان بولىدۇ.

سىلەرگە، دەل مۇشۇ مەسىلىنى ناھايتىمۇ ياخشى ئىپادىلەپ بەرگەن بىر بالىنىڭ ماقالىسىنى سۇنماقچىمەن.

***

خۇشال بىر كۈنۈم

بۈگۈن ئوقۇتقۇچۇم ماتىماتىكا ئىمتىھان قەغىزىنى تارقىتىپ بەردى. راستىنى دىگەندە، كۆڭلۈم ئازراق غەش بولدى. چۈنكى، مەن ئەزەلدىن ماتىماتكىدا ياخشى ئەمەس ئىدىم، بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندىمۇ ھىسابلاشتا كۆپ خاتالاشقانىدىم.

ئۇف… يەنىلا 60 نۇمۇر!!!

”ئەمدى ئانامدىن تىل ئىشتىدىغان بولدۇم… داداممۇ ئاچچىقلىنارمۇ …“ دېگەندەك دەككە – دۈككىدە   ئۆيگە قايتىۋاتقان قەدەملىرىممۇ ئېغىرلىشىۋاتاتتى…

ئاخىرى ئۆيگىمۇ كەلدىم،  ئاشخانا ئۆيدىكى ئانامغا ئىمتىھان قەغىزىمنى قورققان ھالدا سۇندۇم… ئويلىمىغان يەردىن ئانام بېشىمنى مىھرىبانلىق بىلەن سىيلاپ تۇرۇپ :

“ ۋۇي، مىنىڭ ئوغلۇم ھىسابلاشنى ياخشى قىلالايدىغان بوپتىغۇ ؟! بۇ ئىمتىھان قەغىزىنى يەنە بىر ئىشلەپ باقساڭ بۇ يەرلەرنىمۇ چوقۇم ئىشلىيەلىگۈدەكسەن !!!“ دېدى.   داداممۇ “ مىنىڭ تېرىشچان ئوغلۇم تارو! “ دەپ ماختاپلا كەتتى!

شۇنداق خۇش بولغانىدىم… دەرھال ماتىماتىكا مەشىق كىتاۋىمنى ئېلىپ، ئاشخانا ئۆينىڭ ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ ئىشلەشكە باشلىدىم.

( ماۋۇ تېمىنى ئەسلى بالىلىرىڭلارنىڭ ئىمتىھان مەزگىلىگە توغرلىسام بوپتىكەن ھە؟ شۇ چاغدا يەنە بىر يوللامىز… داۋامى كىيىنكى ساندا)

アナと雪の女王 – Frozen

***

مۇھەببەت –  دىمەك ھەممە دىمەكتۇر.

2013 – يىلى دىسنىنىڭ ئىشلىگەن بۇ كارتۇن فىلىمى بىر مەھەل يەرشارى مىقياسىدا خېلى ئالقىشقا ئېرىشتىغۇ؟!

بۇ كارتۇننىڭ ناخشىسىمۇ 25 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان، بىزنىڭ بەرنا قىزنىڭ ئېيتقىنىنى قاتقاندا 26 تىللىق دەپ تۇرايلى.

قىسقىسى، كۆرمىگەنلەر يوققۇ دەيمەن، تېخىچە كۆرمىگەنلەر بولسا بىرەر قېتىم كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.

ياپونچە  : アナと雪の女王

ئىنگىلىزچە:     Frozen

アナと雪の女王 – Frozen

***

 يەرشارىنى ئىللىقلىققا ئىگە قىلغان قۇياشنىڭ تەپتىمۇ مۇھەببەتتىن كەلگەنمىش!

مەنمۇ مۇھەببەت ئىچىدە بۇ كىتابىمنى ئاخىرغىچە تەرجىمە قىلىشقا تىرىشاي، سىلەرمۇ ئاخىرغىچە ئوقۇپ بېقىشقا تىرىشىپ باققايسىلەر.

رىئاللىقتا قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بۇ مەزمۇنلاردىن ئاز – تولا پايدىلىنىش نېسىپ بولسا، قىلغان ئەمگىكىمدىن رازى بولىمەن.

ئوكېي، ئاخىرغىچە غەيرەت قىلىپ باقامدۇق؟😜

 غەيرەت قىلايلى!😃

مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىز داۋاملاشقاي!🌹

 

*********************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ئەسلىدە ياپونلۇق بالىلارمۇ تۇغۇلىشىدىن مۇكەممەل ئەمەسكەنغۇ بۇنچە مىساللار يېزىلغىنىغا قارىغاندا،ھەم مەنىلىك ھەم كوڭۈللۈك يازمىڭىز ئۈچۈن رەھمەت، ئاخىرغىچە غەيرەت قىلايلى.

  2. بلوگىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، كىچىكىپرەك بولسىمۇ تەبرىكلەي.
    مەنمۇ ئالاھىزەل 5 يىل ئىلگىلىرى بلوگ ئېچىپ، ئىككى يىلدەك ماڭدۇرۇپ تاشلاپ قويغان.
    دەسلەپ blogbus, ئاندىن wordpress سېستىمىدا ئاچقان.
    ھازىر دىيارىمىزدا تور بىكەتلەر ئاساسەن يوقۇلۇش باسقۇچىدا.كۆپلىرى تاقالدى. ساقلىنىپ قالغان تور بىكەتلەردا بولسا، كۆپىنچىسىدە ئوقۇغۇدەك مەزمۇن يوق، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولمىغاندىكىن سىزدەك بلوگ ياكى تور بىكەت ئېچىپ ماڭدۇرسا ياخشى بولاتتى. چەتئەلدە بولسىمۇ تور مەدەنىيىتىمىزنى گۈللەندۈرسەك ياخشى بولاتتى.

    بۇندىن كىيىن بلوگىڭىزنى داۋاملىق يوقلاپ تۇرىمەن.

  3. ئەەسسەرلىرڭىزنى بىردىن بىردىن ئۇقۇپ چىقۋاتىمەن ،قايتىدىن ئۆزۈمدىكى قىزقىشلارنى تېپۋاتقاندەك بىر ھېستا مەن

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلىرىمىزدىكى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى