كۆپ ياشىغان ئادەم  ئۇزۇن ياشىغان ئادەم بولماستىن، بەلكى  مول تەجرىبىسى بار ئادەمدۇر.

Jean-Jacques Rousseau

 

Richard Clayderman – Serenade

 

ماددى بويۇمدىن بەكرەك تەجىرىبە ئۈچۈن پۇل خەجلەش

 

تۇرمۇشتا پۇل بولمىسا بولمايدىغانلىقى، لېكىن پۇلنىڭ بەخىت بىلەن ئوخشاش مەنادا ئەمەسلكى تولا تىلغا ئېلىنىدىغان كونىرىغان پەلسەپە ئىكەنلىكى ھەمىمىز بىلىمىز. ئەمما ماۋۇ نۇقتىدا ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟پۇلنى قانداق يەرگە خەجلەش بەخىت تۇيغۇڭىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۈگۈن پۇلنى قانداق خەجلەش ھەققىدە پاراڭلىشىمىز.

ھاياتىڭىزدا قايسى ئىشقا پۇل خەجلىگىنىڭىزدىن خۇشاللىق تاپقاندىڭىز؟ مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا مۇنداق بىر ئەسلىمەم ئېسىمدىن كەچتى…ئېيتاۋۇر ئالى مەكتەپتىكى چاغلىرىمغۇ دەيمەن. بىر دادىلار بايرىمى كۈنى دادامغا ئاددى بىر ئاق كۆينەكنى سوۋغا  قىلدىم. دادام كىچىك بالىدەك خۇش بوپكەتتى ھەم  شۇ كۆينەكنى خېلى يىللارغىچە «قىزىم ئەپبەرگەن كۆينەك»دەپ ئارزۇلاپ كەيدى. بىر ئاياللار بايرىمى كۈنى ئەتىگەندە  ئانامغا تېلىفۇن قىلىپ«ماۋۇ ئىشكاپنى ئىچىپ باققىنە»دېدىم. ئانام مەن دېگەن ئىشكاپنى ئېچىپ ئالدىنقى كۈنى يوشۇرۇن تەييارلاپ قويغان تۇيۇقسىز سوۋغىدىن شۇنداق خۇش بولغانىدى ھەم ئۆيدىن ئايرىلغان كېيىنكى يىللاردىمۇ نەچچە رەت تىلغا ئالغانىدى… ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا ئانام-دادام ئۈچۈن قىلغان ئەنە شۇ كىچىككىنە «پۇل خەجلىشىم«ئۇلار ئۈچۈنمۇ، مەن ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك ئەسلىمە بوپقالغاندى.

ئەنە شۇنداق پۇل خەجلەپ ئېرىشكەن گۈزەل خاتىرىلەردىن كەلگەن بەخىت تۇيغۇلىرى پەقەت شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا تۇرۇپ قالماستىن ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە كۈلۈمسىرەپ ئەسلىگۈدەك، كەلگۈسى ئۈچۈن يەنە تېرىشقۇدەك ئالغان ئېنتىلىش كۈچى بېرىدۇ.

ۋاقىت ھەم پۇلنى ماددى بويۇمغا ئەمەس ھايات تەجىربىسى ئۈچۈن سەرىپ قىلغاندا بۇ خىل ئەسلىمىلەرنىڭ قىممىتى يىللار ئۆتكەنسىرى تېخىمۇ ئاشىدۇ، ئۆمۈرلۈك قىممەتلىك ئەسلىمە بوپ قالىدۇ.

ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان كوچىلاردا ئېزىپ قىلىش، ساياھەت جەريانىدا قاتتىق يامغۇردا قالغان شۇ ئوسال پەيتتە قىزىقارلىق بىرەر ئىش يۈز بەرگەن بولسا، كېيىنكى كۈنلەردە ئەسلىسە كۈلۈپ كەتكۈدەك بىر گۈزەل ئەسلىمە، ھاياتنىڭ ئۇنتۇلماس يارقىن تەرەپلىرى ھېسابلىنىپ قالىدۇ.

بۇلارنى يېزىۋىتىپ مۇنداق بىر ئىشنى ئەسلەپ قالدىم.
ئالى مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلى ئىدى. بىر قانچىمىز مەكتەپ ھويلىسىدا قاتتىق يامغۇردا قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن باشقا يامغۇردا قالغان «كەپتەرلەر» گە ئوخشاش كۈتۈپخانا ئالدىدىكى لەمپە ئاستىدا بىردەم پاناھلاندۇق.
شۇ چاغدا مايكىسىنى سېلىۋىتىپ يامغۇردا پالاقشىپ كېتىۋاتقان بىر ئوغۇلنىڭ ئالدىمىزغا كەلگەندىلا يېقىلىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ كۈلۈپ كېتىشلىرى، يەنە باشقا ئادەتتىكى كۆرۈنۈشلەرمۇ شۇنداق قىززىق تۇيۇلۇپ ھوزۇرلىنىپ قاقاقلاپ كۈلگەنلىرىمىز ھازىر ئويلىساممۇ ئالى مەكتەپتىكى كىچىككىنە تاتلىق ھايات كارتىنىسى بولۇپ كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ.

 

پۇل خەجلەشنى قانداق ئۆگىنىمەن؟

🔺قىممەت قارىشىڭىزنى ئۆستۈرۈپ بېقىڭ

كېلەر قېتىم بىرەر نەرسە سېتىۋالىدىغان چاغدا مۇنداق ئويلاپ بېقىڭ. بۇنى سېتىۋالسام ماڭا مەلۇم مەنا بېرەلەمدۇ؟ بېرىدىغىنى بىردەملىك خۇشاللىقمۇ ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىكمۇ؟
ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەت بەرگۈدەك ھەم مەلۇم ئەھمىيتى قالغۇدەك نەرسىگە پۇل خەجلەڭ.

مىسالغا، ئەرزانكەن دەپلا ئۆزىڭىزگە ئانچە ماس كەلمەيدىغان نەچچە  قۇر كىيىم سېتىۋالغاندىن، قىممەت بولسىمۇ ئۆزىڭىز ھەقىقى ئىھتىياجلىق بولغان، ئالغۇڭىز كەلگەن كىيىمدىن بىرنى سېتىۋالغان تۈزۈك. مەن ئۆزى ئىھتىياجىلق، ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزىگە خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان نەرسىلەرگە  پۇل خەجلەشنى ئىسراپچىلىق دەپ قارىمايمەن.
ئادەمنىڭ نەزەر-دائىرىسى كەڭەيگەنسىرى باشقىلارنىڭ كۆزىنى چاقنىتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىچكى دۇنياسىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن مەبلەغ سالىدىغان، ئىچكى خۇشاللىقى ئۈچۈن ياشايدىغان بولىدۇ دەپ قارايمەن.

 

🔺كۆپچىلىككىمۇ ھەمبەھىرلەش

مىسالغا ئالسىڭىزمۇ-ئالمىسىڭىزمۇ بولىدىغان بىرەر مايكىنىڭ پۇلىغا ئائىلە بويىچە كىنوخانىدا پەچەت بىر كىنودىن ھوزۇرلىنالىشىڭىز مۇمكىن.مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ ئەسلىمىسدە ئەڭ يېڭى چىققان كارتونلار ئاساسەن ئائىلە بويىچە بىللە كۆرگەن ۋاقىتلارنىڭ بالىلىرىمنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئەسلىسىمۇ تولىمۇ قىممەتلىك بالىلىق ئەسلىمىسى بولۇپ قالىدىغىنىغا ئىشىنىمەن.

دوستىڭىزنى بىرلىكتە سەيلە قىلىشقا تەكلىپ قىلىش، ئائىلە بويىچە بىرلىكتە ساياھەتكە چىقىش دىگەندەك ئىشلار ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن بىللە بەھىرلىنىشنىڭ سىزگە ئاتا قىلىدىغانلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

 

🔺كۆڭۈللۈك مىنۇتلارنى خاتىرىلىۋىلىش

خاتىرىلەرنى رەسىم، كۈندىلىك خاتىرە،ۋىدىئو شەكلىدە قالدۇرۇپ قويغاندا ھەر بىر قارىغاندا، ئادەمگە يەنە بىر قېتىم خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. مەسلەن،مەن ھەر كۈننىڭ ئەڭ گۈزەل دەملىرىنى بىرەر تال گۈل، قۇياش بولسىمۇ كام دېگەندە بىر پارچە رەسىمگە تارتىپ قويىمەن. كېيىن رەسىملەرگە قارىسام، مۇنداق ئىشلار بوپتىكەندە ،-دەپ ئۆزۈم قايتا خۇشاللىنىمەن.

 

🔺«خاتىرىلەر ئۈچۈن پۇل يېغىش»
قىلالىسىڭىز سىزگە ئۆمۈرلۈك خاتىرىلەرنى قالدۇرالايدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئايلىق كىرىمىڭىزدىن مەلۇم نىسبەتتە ئاجىرىتىپ پۇل يېغىشتىن خۇشاللىق تېپىڭ.

🔺قانداق سوۋغىلار ئۆمۈرلۈك خاتىرە بوپ قالىدىغان سوۋغىلار بولالايدۇ؟

تۇغۇلغان كۈن، موھىم خاتىرە كۈنلەردە موھىم ئادەملىرىڭىزگە ماددى بويۇمدىن بەكرەك ئۆمۈرلۈك ئەسلىمە سوۋغا قىلىڭ.
مىسالغا قارشى تەرەپ ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسىنى سوۋغا قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئۇنى مىننەتدار قىلىدۇ.

بىزنىڭ ئائىلىدە ئايدا بىرەر قېتىم ئائىلە بويىچە كىنوخانىغا بېرىش، بىرەر ئائىلە خاتىرە كۈنى، تۇغۇلغان كۈنىدە ئائىلىۋى ساياھەت، ئائىلە زىياپىتى…قاتارلىقلار ئەستىن چىقماس خاتىرىلەرنى قالدۇرغان.  شەخسى ھىسياتىمنى ئېيتسام، «ئانىلار كۈنى»، تۇغۇلغان كۈنۈمدە بالىلارنىڭ دادىسى بىلەن مەندىن يوشۇرۇن سوۋغا تەييارلاشلىرى ھەم شۇ كۈنىدە مۇۋاپىق پەيت تاللاپ سوۋغا قىلىشلىرى ھەقىقەتەن قەلبىمنى ئىللىتىدۇ. ئۇلارنىڭ سوۋغىلىرى،  يازغان خەتلىرى ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ مىننەتدارلىقىنى، مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتكىرىتكىلىرى ..ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس، قىممەتلىك سوۋغىغا ئايلانغان.

 

 

ھەپتىلىك ئادەتنى داۋاملاشتۇرىۋاتامسىلەر؟ رىئاللىقىڭلارغا تەدبىقلاپ بېقىۋاتامسىلەر؟

سالامەت بولساق كېلەر ھەپتە كۆرىشەيلى.

 

***********************

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...