ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: بالا دىمەك، شۇنچە دىسەكمۇ ئوخشاشلا مەغلۇب بولۇپ تۇرىدىغان مەخلۇق(19)

6,752 قېتىم ئوقۇلدى

(19)

تەنقىدلەش ئۇسۇلى ( 5 ) 

بالا دىمەك، شۇنچە دىسەكمۇ ئوخشاشلا مەغلۇب بولۇپ تۇرىدىغان مەخلۇق

 

shigotohajime

 

بىز بالىمىزغا دېگەن گېپىمىزنىڭ  بىر قېتىمدىلا تەسىرىنى كۆرسىتىشىنى خالايمىز- ئەلۋەتتە!

ھالبۇكى، بالا–دىمەك قانچە-قانچە قىتىملاپ ئېيتىپ تۇرسىمۇئوخشاش خاتالىقنى قىلىۋىرىدىغان مەخلۇق. شۇڭا، ئوخشاش گەپنى تەكرارلىماقتىن باشقا ئامالىمىز يوق!

بۇھەرگىزمۇ ئاتا- ئانىنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلىدىكى مەسىلە ۋە ياكى بالىنىڭ تەربىيەسىز،ئەسكى بالىلىقىدىن بولماستىن، بالا-دىمەكنىڭ ئەسلىدىنلا شۇنداق بولىدىغانلىقىدىن.

گەپ قىلسا بىر قىتىمدىلا ئاڭلاش دېگىنىمىز، چوڭلارغا قارىتىلغان. تېخى چوڭلارمۇ خاتالىقىنى بىر قىتىم ئەسكەرتىش بىرىپ قويغان بىلەنلا تۈزىتىپ بولالمايدىغۇ بەزىدە؟!

بالىنى بىر قىتىمدىلا گەپكە كىرگۈزىمىز دىسەك، بالىنىڭ يۈرىكىنى  راۋۇرۇس بىر مۇجۇپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن،  بۇ خىل قورقۇتۇپ گەپ ئاڭلىتىشنىڭ زادى زۆرۈرىيتى بارمۇ؟ ھەقىقەتەن گىپىمىزنى ئاڭلارمۇ زادى ؟ بۇ بىر مەسلە.

ئادەتتە، بالىنى بىر قېتىمدىلا گەپكە كىرگۈزىمەن دىسەك، بىلىپ –بىلمەي ئاۋازىمىز يۇقىرى چىقىپ كىتىدۇ، ھەتتا، قولىمىزمۇ تېگىپ كېتىشى مۇمكىن.

بۇنداق گەپ ئاڭلىتىش تەكرارلىنىۋەرگەندە، بالىنىڭ  قائىدىلىك ، ئەدەبلىك بالا بولۇشى دىگەنلەر ئۆزلىكىدىن بولماستىن، ئاتا- ئانىنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرۇپ ئۇلارىدىن قورققانلىقتىنلا بولىدۇ. يامان يېرى بالىنىڭ قەلبىدە جاراھەت يارىسى  قالىدۇ.

قىسقىسى، پەرزەنت تەربىيەسىدە بىر قتىمدىلا بالىغا گەپ ئاڭلىتىمەن دىگەن پېكىردىن ۋاز كېچىشكە، يەنىلا ئوخشاش گەپنى قايتا – قايتىلاپ ئېيتىپ تۇرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ، بالىمۇ مۇشۇ جەرياندا ئاستا- ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

 

بىر قېتىمدىلا گەپ ئاڭلىتىمەن دىسەك

 

دادىسى : ئويۇنۇڭنى ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئويۇنچۇقلىرىڭنى يىغىشتۇرىسەن دەپ قانچە قىتىملاپ  ئېيتتىمغۇ ساڭا !- دەپ ئاچچىقلايدۇ ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ بولۇپ يەنە يۇغۇشتۇرمىغان ئوغلىغا.

 ئۇڧ، ھەر كۈنى ئوخشاش گەپنى قىلدۇرىۋەرگەن …جاق تويدۇم ،- دىدى دادا قانچە قېتىملاپ گەپ قىلسىمۇ ئاڭلىمايدىغان ياغاچ قۇلاق ئوغلىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى رەتلەۋىتىپ.

ئۈچ سائەتتىن كېيىن دادا ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ  ئۆيىنىڭ يەنە قالايمىقان چېچىلغان ئويۇنچۇقلار بىلەن ۋەيرانە تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلىدى.

ساڭا بايىلا دىگەنىدىمغۇ تېخى؟ يەنە نىمە قالايمىقانچىلىق بۇ! قانچە قىتىملاپ ئوخشاش گەپنى دىگۈزىۋىرەمسەن؟ سەن گۇينىزە…- دەپ قايناپلا كەتتى بۇ  قىتىم ئۆزىنى بېسىۋالالمىغان دادا .

مۇشۇ خىل ئەھۋالدا بۇ دادا قانداق پوزىتسىيەدە بولسا بولاتتى؟

 

 

زىرىكمەي – تىرىكمەي گەپنى تەكرار قىلىش ئارقىلىق بالىغا ئاز – ئازدىن ئۆگىتىش

 

دادىسى: ئويۇنۇڭنى ئويناپ بولغاندىن كېيىن ئويۇنچۇقلىرىڭنى يىغىشتۇرغىن-دەپ قانچە قىتىملاپ دىگەندىمغۇساڭا،- دىدى ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ بولۇپ يەنە يۇغۇشتۇرمىغان ئوغلىغا.

كەلگىن، مەنمۇ ساڭا يۇغۇشتۇرۇشۇپ بىرەي،- دىدى ھەم بالا بىلەن بىللە رەتلەشكە باشلىدى.

ئۈچ سائەتتىن كېيىن دادا ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ  ئۆيىنىڭ يەنە قالايمىقان، چېچىلغان ئويۇنچۇقلار بىلەن ۋەيرانە تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ،- يەنە شۇنداق قالايمىقان قىلىۋىتىپسەنغۇ؟ بىللە يۇغۇشتۇرايلى!- دەپ ئويۇنچۇقلارنى ئوغلى بىلەن بىللە يۇغۇشتۇردى ھەم  رەتلىك، چىرايلىق ئۆينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،- قارا ، مۇنداق موھىتتا ئۆزۈڭمۇ خۇش بوپ قالىسەن ئەمەسمۇ؟- دىدى.

(ئۇف، ماۋۇ كېيىنكى مىسالدىكىدەك مۇئامىلە قىلماق ئاسان ئەمەس جۇما دېمىگەن بىلەن)

تەنقدىلىمەي تۇرۇپ خاتالىقىنى تۈزىتىشنىڭ ئۇسۇلى

 

بالىنىڭ ھەربىرناتوغرا ئىشلىرى ئۈچۈن ئاچچىقلىنىپ، تەنقىد قىلغىلى تۇرسا يامان يېرى ئاتائانا بولغۇچى ئۆزلىرى چارچاپ قالىدۇ.

تەنقىدلىمەي، ئەيىپلىمەي، ئاچچىقلانماي تۇرۇپ بالىنىڭ بولمىغۇر قىلىقىنى تۈزىتىدىغان تۆۋەندىكى ئىككى خىل تاكتىكىنى ئۈگىنىۋالسىڭىز ئازراق بولسىمۇ ئېنىرگىيىڭىزنى تىجەپ قالالايسىز.

(1)

دىققەتنى بۇرىۋىتىش

بالىلار تۇتسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى تۇتقاندا، ئوينىسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى  ئويناپ باققۇسى كەلگەندە «تۇتما، خەتەرلىكدىگىنىمىزبالىنى توسۇپ  قالىدىغان ئاماللاردىن  بىرى بولسىمۇ، يەنە بىر تەدبىر«بالام، ماۋۇنى كۆردۈڭمۇ؟»دەپ بالىنىڭ دىققىتىنى ئۇنى  تېخىمۇ قىززىقتۇرالايدىغان باشقا نەرسىگە  بۇرىۋىتىش.

يەنى، بۇ خىل ئۇسۇلدا بالىنى ئەيىپلىمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ خاتا قىلمىشىنى توختاتقىلىق بولىدۇ.

مەندىن: ئائىلىدىكى كىچىككىنە مىسالنى ئالسام، ھەرقېتىم ئىستەمىنىڭ تىرنىقىنى ئالماق شۇنداق تەسكە توختايدۇ، قېچىۋالىدۇ ياكى ئاغرىپ كەتتى دەپ قەستەن ئۇششۇقلۇق قىلىدۇ. بۇچاغدا قوللىنىدىغان ئامالىمدىن بىرسى دەل مۇشۇ دىققەتنى بۇرىۋىتىش تاكتىكىسى. يەنى، بۇ چاغدا دەرھال ئۇ ئامراق ھېسابلاش سۇئاللىرىنى سوراشنى باشلايمەن.

بەشكە سەككىزنى قوشساق قانچە بولىدۇ؟ دىگەندەك. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەخمەق بالام ھەممىنى ئۇنتۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشقا چۈشۈپ كەتكەن پەيتتىن پايدىلىنىپ تىرنىقىنى ئېلىۋالىمەن.

ئۇندىن باشقا بالىلار بازاردا ئۇنى–بۇنى ئالىمەن دەپ بىشەملىك قىلغاندا، باغچىلاردىن قايتقىلى ئۇنمىغاندا دىگەندەك ئاتا – ئانىلارنى قىيىن ئەھۋالدا قويىدىغان پەيىتلەردە قوللانسا بولىدىغان قالتىس تاكتىكا دەپ قارايمەن.

( 2 )

         بالىنىڭ خاتالىقىغا ماسلىشىپ بەرمەسلىك

بالا ئازراق چوڭ بولغاندىن كېيىن ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن قەستەن ئەسكىلىك قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇبۇ ۋاقىتتا بالىغا ئاچچىقلاپ قويساق، بالا تېخىمۇقەغىشلىك قىلىدۇ. بەغەرەزلىشىپ يىغلىسا، نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي بىزمۇ يىغلىغۇدەك بوپ كېتىمىز.

بۇ ۋاقىتتىكى تەدبىر: بالىغا ماسلىشىپ بەرمەسلىك، پەرۋا قىلماسلىق!

 بۇچاغدا بالاھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانلىقىدىن ئۆزى قىلىپ ئۆزى زېرىكىپ قالىدۇدە، ئۆزلىكىدىن توختاپ قالىدۇ.

دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بالىغا دىققەت قىلىمىز ھەم«ماۋۇ ئىشىڭنى توختاتقىنىڭغا رەھمەت بالام» دەپ بالا ئەسكى ئىش قىلمىغاندىلا دىققىتىمىزنى تارتالايدىغانلىقىنى، خۇش بولىدىغانلىقىمىزنى بالىغا بىلدۈرىمىز.

 

 

مەندىن:

دادام ئاشۇنداق ئادەم ئىدى. ئوخشاش گەپنى توختىماي تەكرارلاپ تۇراتتى، نەسىھەتلىرى ئۈزۈلمەيتتى. ئۆز ۋاقتىدا دادامنىڭ بۇ «كوت – كوت» لىقىدىن غۇدۇرايتتۇق…مانا بۈگۈنگە كەلگەندە دادامنىڭ ھەر بىر كوت –كوت سۆزلىرىنىڭ بىر ھېكىمەت ئىكەنلىكىنى يۈرىكىمىزدىن ھېس قىلىپ تۇرۇپتۇق.

بىزنى مۇشۇنچىلىك ئەقىل ھەم قەلىبتە تەربىيەلەپ چىقالىغان ئاتا –ئانلىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمىز بولسۇن~

 

**************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. كىتابنىڭ تەرجىمىسى بارمۇ ؟ سېتىۋالغىلى بۇلارمۇ ؟ ئەجرىڭىزگە رەھمەت

  2. ياخشىمۇسىز ؟ دىگىنىڭىز ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابى بولسا ، تېخىچە يوق.
    باشقا تىللارنى كۆزدە تۇتقان بولسىڭىز
    明橋大二(Ake hashi daiji)
    دىگەن ئاپتۇرنىڭ ئىسمى ھەم يازمىنىڭ ئاخىرىدىكى كىتاب نامى بىلەن توردىن ئىزدەپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ☕️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى