تۈنۈگۈن«ئانىلار بايرىمى»كۈنىدە ئانامنى كۆرۈش ئەمەس، ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالمىدىم…
نەچچە يىل بولدى… بۇ ھاياتىمىزدا دىدارلىشىشنىڭ پۇرسىتى ساناقلىق بولىدىغان مۇساپىرلىقنىڭ، جۇدالىقنىڭ ئۆزىلا خېلىلا يىتەرلىك ئىدى.
ھالبۇكى، بۇ يىللاردا يېرىم دىدارمۇ كام بولدى بىزلەرگە!
تۈنۈگۈن ئامال بار كۆپ ئويلىماسلىققا تىرىشتىم ھەم كۆز ئالدىمدىكى ئائىلە نېمىتىدىن ھوزۇرلىنىشقا تىرىشتىم.
Ana by Abdulla Abdurehim
«مۇھەببەت مەكتۇبلىرى»
ھەر قېتىم «ئانىلار بايرىمى»، «تۇغۇلغان كۈنۈم» دىگەندەك ئالاھىدە كۈنلەر كېلىش ئالدىدا بالىلار دادىسى بىلەن سىرلىق كۇسۇرلىشىپ كېتىدۇ، مېنى قويۇپ سېرىتقا چىققۇسى كەپ كېتىدۇ.
ئاندىن پەيت تاللاپ ئۆز قولى بىلەن ياسىغان ئاتكىرىتكىلار، مۇھەببەت خەتلىرى، مەن ياقتۇرىدىغان ئۇششاق بويۇملار بىلەن مېنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋىتىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك قوبۇل قىلغاندىنمۇ ئارتۇق خۇشال بولىمەن.
بالىلارغا قاراپ بىز ئاتا-ئانىلىرىمىز يېنىمىزدىكى چاغلاردا نېمىشقىمۇ كۆپرەك مۇشۇنداق كۆڭۈل ئىزھار قىلمىغان، ئۆزىمىزچە خېجىل بولغان بولغىيتتۇق-دەپمۇ ئويلاپمۇ قالىمەن،ھاياتىمدا بىرەررەت ئانامغا، دادامغا ئۆز قولۇم بىلەن ئاتكىرىتكا ياساپ باقمىغىمدىن، مۇشۇنداق«سېنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ بىۋاستە ئېيتالمىغىنىمدىن ئۆكىنىمەن…
ئانا دىمەك- بەدەل تۆلەشلا ئەمەس، ئۇ يەنە ھەر قانداق ئىنسان بەدەلسىز ئېرىشەلمەيدىغان شەرەپ ۋە تەڭداشسىز بەخىت!
بىر ئانىنىڭ ھەقىقى بايرىمى- بالىلىرىنى ئەتراپىدا جەم بولغان ھالدا كۆرۈش ئىدى!
بىر ئانىنىڭ ھەقىقى بايرىمى- بالىلىرىنىڭ خۇشال، چىن بەختىنى كۆرگەن كۈنى ئىدى!
بىر ئانىنىڭ ھەقىقى بايرىمى-بالىسىنى باغرىغا بېسىش ئىدى!
ھالبۇكى، بۇ كۈن قاچان كېلىدۇ، ئانا؟!
************
رەيھان ئابلەت
2020.05.11 سەھەر
ئىنكاس يازىمەن