«پەرزەنت تەربىيەسى» دىگەنلىك نېمە؟

4,796 قېتىم ئوقۇلدى

«پەرزەنت تەربىيەسى» دىگەنلىك –

بىر بالىنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشى تەڭداشسىز بىر مۆجىزە. ئۇلار ئاجايىپ تالانت، ئارتۇقچىلىق، ياخشىلىق بىلەن بۇ دۇنياغا كەلگەن. بىزنىڭ «بالا تەربىيەلەش» دىگەنلىرىمىز – بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسلىدە بار بولغان تالانتنى، ياخشىلىقلارنى، ئارتۇقچىلىقلارنى، نۇرلارنى بايقاش ھەم ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىش دىگەنلىك بولىدۇ.

                                   – ئاكې خاشى دايىجى

بۈگۈنكى مەزمۇننى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئالدىنقى قىتىمقى مەزمۇننى  كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى  تەۋسىيە قىلىمەن.

 

Ablajan – Uyghur Elphabet Naxshisi

 

ئالدىنقى مەزمۇندا  ئېيتىلغىنىدەك،  بەزىدە يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن  بالىلىرىمىزغا ئاچچىقلىنىپ قالىمىز، ئاقىۋەت يۈرەك پارىلىرىمىزنى ئورۇنسىز ئازارلاپ قويغىنىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ گۇناھكار ھىسابلايمىز.

شۇنداق! ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭمۇ بەزىدە كەيپىياتىنى كونتىرۇل قىلالماي قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولۇپ قالغىنىدەك، بالىلارنىڭمۇ سەۋەبسىز يىغىلىرى، چۈشىنىكسىز ۋارقىراپ-جارقىراشلىرى بولۇپ قېلىشىنى بەكمۇ تەبىئى بىر ئەھۋال دەپ ئويلىيالىغىنىمىزدا، بالىلىرىمىزغىلا ئەمەس ئۆزىمىزگىمۇ تېخىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلالىشىمىز مۇمكىن. (مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئىسىل كىتابلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى دەل مۇشۇنداق! يەنى، سۆزلەر بەك مۇرەككەپ، دەبدەبىلىك ئەمەس، بىراق، ئاددى سۆزلىرى بىلەن سىز تالاي مۇرەككەپ ئويلىرىڭىز بىلەن يېشەلمىگەن مەسلىنى ئاددىيلا يېشىۋىتەلەيدۇ.)

نىمىشقىدۇر تولا ئاچچىقلىنىپ قالىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسام، ئۇلاردىكى مۇنداق ئورتاقلىقنى بايقايمەن، – دەيدۇ ئاكې خاشى ئەپەندى.  ئۇلار ئەسلىدە بەكلا ئەستايىدىل، تولىمۇ تېرىشچان ھەم ئىشلارغا ئاجايىپ ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەر.

ئۇلار بالىدىكى ھەر بىر سەۋەنلىكنى، كەمچىللىكنى پۈتۈنلەي ئۆزىدىن ھەم ئۆزىنىڭ تەربىيەلەش ئۇسۇلىدىكى خاتالىق دەپ بىلىۋالىدۇ، – دە، پەرزەنت تەربىيەسىنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرىۋالىدۇ.

شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىر بالا ئۈچۈن تەربىيە ھەقىقەتەن بەك مۇھىم بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ يارالمىشىدىكى مىجەز-خاراكتىر.

ئوخشاش بىر ئاتا–ئانىنىڭ باغرىدا، ئوخشاش بىر ئائىلىدە، ئوخشاش تەربىيەدە چوڭ بولغان قېرىنداشلارنىڭ مىجەز-خاراكتىرىدىكى شۇنچە چوڭ پەرىقلەرمۇ دەل ئۇلارنىڭ يارالمىشىدىكى پەرىقلەر سەۋەبىدىن بولىدۇ.

يارالمىشتىكى ئىنسان ئالاھىدلىكلىرى ئاللىقاچان مەلۇم دەرىجىدە بىكىتىلىپ بولۇنغان، يەنى، بىزدىكى «سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ» دىيىلگىنىدەك، ئىنساننىڭ ئەسلى مىجەز-خۇيى ئۆزگەرمەيدۇ.

«ئۇنداقتا يەنە نىمە ئۈچۈن بۇنداق پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت  كىتابلار يېزىلىدۇ؟» دەپ سوراپ قىلىشىڭىز مۇمكىن؟!

(شۇ ھە؟! رەيھانمۇ سەھەردە ئۇيقۇسىنى ئۇخلىماي نىمىشقا بۇنداق كىتابلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىيدۇ؟!)

ئەلۋەتتە، تەربىيەنىڭ رولىغا سەل قارىيالمىساقمۇ، يەنىلا ئەسلى يارالمىشتىكى ئالاھىدىلىكنىڭ رولى ھەقىقەتەن بەكرەك موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

بىز دائىملا يېتىلگەن بىر ئىنسانىيلىق قۇدىرىتىمىز بىلەن بالىنى ئۆزگەرتەلەيمىز دەپ ئويلىۋالىمىز. دەرھەقىقەتتە، بۇ خىل ئۆزگەرتىشكە ئۇرىنىشلىرىمىزنىڭ، ھەر بىر «ئۆزگەرتىمەن… ئۆزگەرتىمەن» دەپ ئۇرىنىشلىرىمىزنىڭ «سەن زادى بولمايسەن… زادى بولمايسەن!» دىگەن بالىلىرىمىزنىڭ ئەسلى ماھىيەتلىك ئۆزلىكىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىق ئۇچۇرىنى ئۇلارغا بىرىۋاتقانلىقىمىزنى بىلەلمەيلا قالىمىز.

ئەلۋەتتە، بىر بالىنىڭ بىز ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك تەرەپلىرى نۇرغۇن بولغىنىدەك، ئەسلىدىكى يارالمىش ۋۇجۇدىدا بىز زورلاپ ئۆزگەرتىشىمىز بىھاجەت بولغان يەنە نۇرغۇن، نۇرغۇن ياخشى تەرەپلەر بولغان بولىدۇ.

شۇڭا، بەك بالىمىزنى ئەيىپلىگىمىز، ئاچچىقلانغۇمىز كەپكەتكەندە «ھازىرقى ھالىتىدىمۇ شۇنداق ياخشىغۇ» دەپ ئويلاپ، يەلكىمىزدىكى ئېغىر يۈكلەرنى سەل يېنىكلىتەيلى. بەك تۈزلا ئېيتىۋەتسەك، بالىنى ئۆزگەرتىشتىن «ۋاز كېچىمىز». ۋاز كەچسەك قانداق بولىدۇ؟؟؟!!!

بەزىلەردە بالىنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى «بۇ بالىنىڭ مىجەزى ئەسلىدىلا مۇشۇنداق، مەن ئەمەس كىملا تەربىيەلىگەن بولسا يەنىلا مۇشۇنداق بولاتتى…» دەپ ئويلىغىنىمىزدا، ئەكسىچە، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى ھازىرغىچە بىز بايقىمىغان ئارتۇقچىلىقىرى، تىرىشچانلىقلىرىنى بايقاپ قېلىشىمىز مۈمكىن.

بۇ جۈملىلەرنى يەنىلا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تېخىمۇ چۈشىنىپ باقايلى.

داۋاملىق ئىنكار قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىش – خاتا

– تاماق ۋاقتىدا ئورنۇڭدىن تۇرساڭ بولمايدۇ، – دەپ ئاچچىقلاندى ئانا ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن ئوغلىغا.

– جىم ئولتۇرۇپ تامىقڭنى يە، كېلە مەن يىگۈزۈپ قوياي، ئاغزىڭنى ئاچقىنە، – دىگىنىچە ئوغلىغا تامىقىنى يۈگۈزۈشكە باشلىدى.

بىراق، بالا يەنىلا «يىمەيمەن!» دەپ قەغىش قىلىشقا باشلىدى.

– نىمانچە ئەخمەق قىلىسەن مېنى؟! توختىماي ئادەمنى ئوخشاش گەپنى قىلدۇرىۋەرگەن، – دەپ ئاچچىقلاندى ئانا.

بۇ خىل ئەھۋالدا كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ ئاچچىقلىنىپ قېلىشى نورمال ئەھۋال، بىز مۇنداق باشقىچە نوقتىدىن ئويلاپ باقساقچۇ؟

ئالدىنقى قېتىم تىلغا ئالغىنىمىزدەك، بالىنىڭ بىرەر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلالماسلىقى ئۇنىڭ ھىچ ئىش قىلالمايدىغانلىقىدىن، پۈتۈنلەي ئەسكىلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھازىرچە قىلالمىغان بولسا، چوڭ بولغىچە ئاستا-ئاستا قىلالايدىغان بولىدۇ. ھازىر بەك قىلالمىغان ئىشىنى كۆزىگە كىرىۋالماستىن، بىر ئاز ۋاقىت بېرەيلى، ئۆزگەرتىشتىن ۋاقتىنچە «ۋاز كېچىپ» تۇرايلى.

ھازىرچە قىلالمىدى دەپ ساقلاپ بېقىش – توغرا

تاماق ۋاقتىدا ئوغۇل تاماقلىرىنى شۇنداق تۆكۈپ تاماق ئۈستىلىنى بەسەرەمجان قىلىۋەتتىكى، ئانىسى «بوپتۇ، سەۋىر قىلاي، ھازىرچە بەك كىچىك ئەمەسمۇ؟ جىم ئولتۇرۇپ تاماق يىيەلەيدىغان مەزگىلى ئەمەسقۇ، چوقۇم ئازراق چوڭ بولغاندىن كىيىن بۇ قىلىقلارمۇ ئوڭشىلىدۇ.» دىگەن ئويلار بىلەن ئاچچىقلىرىنى باستۇردى.

لېكىن بالىنىڭ تامىقىنى يەپ بولۇپ «تامىقىمنى يەپ بولدۇم، رەھمەت» دىيىشلىرىدىن سۆيۈنگەن ئانا «مېنىڭ قالتىس ئوغلۇم !» دەپ بالىدىن خۇش بولدى.

بايا تىلغا ئالغان «ۋاز كىچىش» دىگەن سۆزنى مەن چۈشەنگەندەك بولدۇم، سىزچۇ؟

دىمەك، پەرزەنت تەربىيەسىدە باشتىن-ئاخىرى بىزنى يېنىك ھەم خۇشال قىلىدىغىنى يەنىلا بالىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىگە كۆپرەك دىققىتىمىزنى بىرىشمىز ئىكەن، شۇنداقمۇ؟

ئاكې خاشى ئەپەندى بالىلىرى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان، تىرىشۋاتقان ھەم ئۆزىدىن رازى بولمايۋاتقان سۆيۈملۈك ئاتا- ئانىلارغا مۇنداق دەيدۇ:

كۈندە كۆرۈپ تۇرغاچقا ھېس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بالىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى تەربىيلىنىۋاتىدۇ. سىزمۇ ھەم تىرىشۋاتقان، قالتىس ئاتا-ئانىسىز!

 

War for the Planet of the Apes 2017

ئاخىرقى قېتىم كارتۇن فىلىم ئەمەس، مەن بۇ يىل كۆرگەن ئەڭ نادىر فىلىمنى تەۋسىيە قىلپ قوياي.

 “ Avatar“  دەك سىزنى، بىزنى قاتتىق ئويغا سالىدىغان، نادىر بىر روماننى ئوقۇپ چىققاندەك، رىئاللىقنىڭ ئاچچىق كارتىنىلىرىنى، يۈرەكنى ئىللىتىدىغان گۈزەللىكىنى، قەھرىمانلىقنىڭ تىمتاس قۇدىرىتىنى… قايتىدىن تونۇتىدىغان ئېسىل فىلىمنى يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە كۆرۈپ چىققايسىز، ئەلۋەتتە، تېخىچە كۆرمىگەن بولسىڭىز.

ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل ئىشلىگەن فىلمى بولۇپ، ياپون كىنوخانىلىرىدا 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ قويۇلۇشقا باشلىغان. بەلكىم، بۇ ۋاقىتقىچە لىنتلىرى بازارغا سېلىنغان بولىشى مۇمكىن.

ياپونچىسى :猿の惑星: 聖戦記

ئىنگىلىزچىسى : War for the Planet of the Apes

**************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

بىزنىڭ بالىلار ”يېڭى يىل ئاخىرغىچە ئېلىپبەنى غۇنچەملا تۈگەتمىسۇن بىزمۇ تۈگىتىمىز، يېڭى يىللىق پىلانىڭلارغا بىزنىمۇ كىرگۈزۈڭلار“- دەيدىغۇ!🤓

شۇنداق قىلىپ بۇ يىلغا تەۋە ئەڭ ئاخىرقى «پەرزەنت تەربىيەسى» گە ئائىت مەزمۇننى يوللىدىم. يېڭى يىلدىن باشلاپ  بالىلاردا كۆپ  كۆرىلىدىغان مەسىللەر توغرىسىدىكى سۇئال جاۋابلار دىققىتىڭلاردا بولىدۇ. ماڭا ئىنكاسلاردا، ئايرىم ئۇچۇرلاردا مەدەت ۋە ئىلھاملاردا بولغان، يازمىلارنى يۈرىكىدىن ئوقۇپ كېلىۋاتقان  بارلىق قەدىرلىكلەردىن تولىمۇ مىننەتدارمەن. يېڭى يىلدىمۇ تىرىشچانلىقلىرىمىز بىر-بىرىمىزگە مەدەت بولسۇن.💐

 

 

تارقىتىڭ...
  1. يىڭى ييىلدىمۇ يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق ئوقۇشنى دداۋاملاشتۇرىمەن ،ئىنرىلىپ ياشەشنى ئۈزىزگە ھايات مىزانى قىلغان ھەر بىر ئنسان ماڭا تولىمۇ،گۈزەلدۇر

  2. شۇنچىلىك سۈيۈندۈم، بەكمۇ ياخشى يازمىلارنى سۇنىۋاتىسىز، بۇ بايانلارمۇ خۇددى ماڭا قارتىپ دىيىلگەندەكلا، ئوغلۇم 3-يىللىقتا ئۇقۇيدۇ، يە ئانا تىلدىن، يە دۆلەت تىلىدىن تۈزۈك ساۋادى چىقمىدى، توختىماي كۇرۇسلارغا بىرىۋاتىمەن، ئۈزەم ئۈگۈتىۋاتىمەن، ئەمما ياخشى بولمىدى، شۇ توغىرسىدا تۇلا ئازارلىشىپ قالىمىز، راستىنلا ۋاز كىچىشىم كىرەكمۇ، مەيلىگە قۇيۋىتەيمۇ،

  3. شۇنچىلىك سۈيۈندۈم، بەكمۇ ياخشى يازمىلارنى سۇنىۋاتىسىز، بۇ بايانلارمۇ خۇددى ماڭا قارتىپ دىيىلگەندەكلا، ئوغلۇم 3-يىللىقتا ئۇقۇيدۇ، يە ئانا تىلدىن، يە دۆلەت تىلىدىن تۈزۈك ساۋادى چىقمىدى، توختىماي كۇرۇسلارغا بىرىۋاتىمەن، ئۈزەم ئۈگۈتىۋاتىمەن، ئەمما ياخشى بولمىدى، شۇ توغىرسىدا تۇلا ئازارلىشىپ قالىمىز، راستىنلا ۋاز كىچىشىم كىرەكمۇ، مەيلىگە قۇيۋىتەيمۇ، نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم

  4. سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئەگىشىپ ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن،پەرزەنت تەربىيىسى مەڭگۈ ئۈگىنىپمۇ تۈگىتەلمەيدىغان بىر ئىلىم،مەنمۇ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى،شۇنچە ئۈگىنىپمۇ يىڭى يىڭى ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىمەن،بەزىدە بەك تىڭىرقاپمۇ قالىمەن،قەلىمىڭىز ھارمىغاي!

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

«پەرزەنت

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى