ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: بالىڭىز ھەقىقەتەن ئەيىپلىنىشكە تېگىشلىكمۇ؟(13)

8,982 قېتىم ئوقۇلدى

پەرزەنت تەربىيسىدە ھەممە ئىشلار بەك مۇكەممەل بولۇپ كەتمەيدۇ. بالا بۇدۇنياغا ئاپىرىدە بولغىنىدا،ئاتا-ئانىمۇئەمدىلا مەكتەپكە قەدەم قويغان 1ـ يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسىدۇر. ئاتاـ ئانىمۇ، بالىمۇ ئانچە ـ مۇنچە مەغلۇب بولىدۇ ھەم مۇشۇ مەغلۇبىيەتلىرى ئىچىدە ئاستاـ ئاستا پىشىپ يېتىلىدۇ، مۇكەممەللىشىدۇ.

      –     ئاكې خاشى دايجى

We Know The Way Clip – Moana

 

(13)

ھەقىقەتەن ئەيىپلىنىشكە  تېگىشلىكمۇ؟

 

بالىلىرىمىزنى ئەيىپلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن ئويلىنىشقا تىگىشلىك يەنە مۇنداق بىر نوقتىمۇ بار. يەنى،«بالىنىڭ بۇ قىلغىنى ھەقىقەتەن ئەيىپلىنىشكە تىگىشلىكمۇ؟»دىگەن مەسىلىدىن ئىبارەت. بىزقەتئى ئەيىپلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەيىپلىسەكمۇ بەرىبىر پايدىسى بولمايدىغان ۋە ياكى   ئەيىپلىمىسەكمۇبولىدىغان ئىشلاردا بالىنى ئارتۇقچە ئەيىپلەپ قالىمىز.

بىز بۇنى مۇنداق ئىككى نوقتىغا ئايرىپ چۈشىنىپ باقايلى.

( 1)  تېخى ئىش ئۇققۇدەك ياشتا ئەمەس.

( 2)  ئاتا – ئانىلارغا نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ، باشقىلارغا دەخلى –تەرۇزيەتكۈزمەيدىغان ئىشلار.

 

(1)

تېخى گەپ ئۇققۇدەك ياشتا ئەمەس

بىر ياشقا كىرمىگەن بالىلار

يېشىغا توشمىغان بالىلارنى مىسالغا ئالساق، ئۇلارگەرچە ئۆز كۆڭلىنى مەلۇم دەرىجىدە بىلگۈدەك بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگۈدەك ياشتا، ئەھۋالنى ئىگەللىيەلىگۈدەك ھالدىمۇ ئەمەس.

دېمەك، بۇ مەزگىلدىكى  بالىلارغا مەلۇم قائىدە بىكىتىپ باشقۇرىمەن دېيىش مۇمكىن ئەمەس ئىش. يەنى، بالىنى قائىدە بىلەن باشقۇرىمەن دېگەننىڭ ئورنىغا بىخەتەرموھىت يارىتىپ بەرگەن تۈزۈك.

بىز يەنىلا سۈرەتلىك مىسال ئارقىلىق بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ كۆرەيلى.

بىر ياشلىق بالا قائىدە چۈشەنمەيدۇ

دەزمالنى تۇتساڭ بولمايدۇ، بىلدىڭمۇ ؟!  ،_ دەپ ۋارقىرىدى ئانا قويۇلغان دەزمالنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن تەمشەلگەن بالىغا.

تارتمىنى ئاچساڭ بولمايدۇ،- دەپ ئىككىمىز كىلىشكەنغۇ ؟! دېدى ئانا جىددىيلىشىپ تارتمىدىكى قايچىنى قولىغا ئېلىۋالغان بالىسىغا.

پەشتاقتىن چىقساڭ خەتەرلىك…جىم تۇرساڭ بولمامدۇ؟!


بالىغا بىخەتەر بىر موھىت يارىتىپ بىرىش زۆرۈر

مەسلەن ، ئالدىنقى مىسالنى قايتىدىن تەپەككۇر قىلايلى.

بالىغا تۇتساڭ بولمايدۇ دەپ ئاچچىقلاپ قائىدە سۆزلىگەندىن كۆرە، ئىشلىتپ بولغان دەزمالنى ۋاقتىدا بالىنىڭ قولى يەتمەيدىغان يەرگە ئېلىۋەتكەن تۈزۈك. ھەتتا، دەزمالنىڭ سىملىرىنىمۇ بالىنىڭ قولى يەتمەيدىغان ھالدا بىر تەرەپ قىلىمىز.

ئاۋۇنىڭدەك قايچا سېلىنغان تارتمىلىرىمىز بولسا، بالا ئاچالمايدىغان قىلىپ تاقاپ قويايلى.

بالىمىز پەشتاقتىن چىقىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا چىقساڭ بولمايدۇ،- دەپ ئاقماس ئاچچىقلارنى قىلغاندىن كۆرە، بالىمىز پەشتاقتىن چىقىۋاتقاندا ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ يىنىغا بارغان تۈزۈك.

 

مېنىڭ بالىلىرىمنىڭمۇ ماۋۇنىڭدەك ئۇخلاشلىرى بولىدىغان..

بىر ياشتىن – ئىككى ياشقىچە بالىلار

بىر- ئىككى ياشلاردىكى بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ دىگەنلىرىنى،كۆرسەتمىلىرىنى چۈشەنگۈدەك بولىدۇ،- يۇ ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇدەك ھالدا بولالمايدۇ.

بىريېرىم ياشلاردىن كىيىن بالىلارنىڭ“ ياق، بولمايدۇ! “ دەيدىغان دەسلەپكى قارشىلىق مەزگىلى باشلىنىدۇ. بۇ دەل بالا قەلبىنىڭ يېتىلىشكە باشلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. بۇ مەزگىلدە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا قانداق مۇئامىلە قىلغىنىمىز تۈزۈك؟

 

بىر– ئىككى ياشلىق بالىلارنى تېخىچە گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ دەپ ئەيىپلەشلىرىڭىز – خاتا 

كىتاب ئىشكابىدىكى چىرايلىق تېزىلغان كىتابلارنى پەسكە ئېلىپ بۇزىۋاتقان بالىغا دادا ئاچچىقلاپ توۋلىدى.

نېمە قىلىۋاتىسەن؟ كىتابلىرىمغا چېقىلما دەپ ئېيتتىمغۇ؟!

تاماق ۋاقتىدا ئۆرە تۇرىۋالماي جايىڭدا جىم ئولتۇر،چاپسان!

ئەمسە، مىسالدىكى دادا بالىغا قانداق مۇئامىلە قىلغىنى تۈزۈك ئىدى؟

 

  ئەيىپلەشتىن كۆرە، سۆز ئارقىلىق ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن تۈزۈك

يەنى، نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرىمىز.

كىتابلارنىڭ ھەممىنى چۇۋۇپ خۇش بولدۇڭمۇ؟ كىتابلار بۇ يەردە تۇرسا دەسسەپ سىلىشىمىز مۇمكىن، بىللە جايىغا تېزىپ قويايلى- ھە بالام،- دىدى ئانا مىھرىبانلىق بىلەن كىتاب قويغۇچتىكى كىتابلارنى چۇۋۇپ ئويناۋاتقان بالىسىغا.

ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە بۇنداق ئۆرە تۇرىۋالىسڭىز پوڭڭىدە يىقىلىپ كەتسىڭىز مەيلىما؟  راۋۇرۇس ئولتۇرۇپ تاماق يەڭ.

 

ئىككى ياشتىن كېيىن

ئىككى ياشتىن ھالقىغاندىن كىيىن بالىلار تەبئىيلا قارشى تەرەپنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلەيدىغان،ھەتتا،  ئۆزىنىڭ خاھىشلىرىنمۇ ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان بولىدۇ.

يەنى، بۇ مەزگىلدە پۈتۈنلەي چوڭلارنىڭ گېپى بويىچە ئىش قىلالىشى تەس بولسىمۇ،ھەر ھالدا گەپ ئاڭلاشنى، ئازراق بولسىمۇ سەبىر قىلىشنى بىلىدىغان بولىدۇ.

بۇمەزگىل بالىلارنىڭ باشقا بالىلاربىلەن چىقىشىمىقى تەس، شەخسىيەتچى، ھەممىنى ئۆزۈمنىڭلا بولسىكەن دەيدىغان مەزگىلى بولغانلىقتىن، قائىدە – پىرىنسىپلارغا بويسۇنۇش يەنىلا سەل بالدۇر بولسىمۇ يەنىلا ئەقەللىي قائىدىلەرنى بىلدۈرۈش، بولمايدىغان ئىشلارغا قەتئى «بولمايدۇ»، خاتا ئىشلارنى «خاتا» دەپ بىلدۈرۈش،  مىسالغا ئۆچرەت ساقلايدىغان يەرلەردە چوقۇم ئۆچرەت ساقلىمىساق بولمايدىغانلىقىنى، مىۋە شۈپۈكلىرىنى ، ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تاشلىسا بولمايدىغانلىقىنى، قىزىل چىراقتا ساقلايدىغانلىقىمىزنى …دېگەندەك قائىدىلەرنى سۆزلەپ تۇرۇش ،دەسلەپكى قەدەمدە بالىنىڭ كاللىسىغا ئورنىتىش بەكلا موھىم.

مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.

 

ئىككى ياشلىق بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىدەللەردە پەقەت بىر تەرەپنىلا ئەيىپلەش

ئىككى كىچىك دوست بىللە ئويناۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئىككىلىسى بىر ئويۇنچۇقنى تالىشىپ قالدى. .

شۇ پەيتتە ئوغۇلنىڭ ئانىسى توۋلاپ: ئادىشىڭىنىڭ ئويۇنچۇقىنى خالىغانچە ئىلىۋالساڭ بولمايدۇ،- دىدى.

ئاپلا…بۇ چاغدا ئوغۇل قىزچاقنىڭ قولىنى چىشلىۋالدى.

ئاچچىقى كەلگەن ئانا ۋارقىراپ خاپا بولۇپلا كەتتى.. ساڭا دىدىمغۇ ئۇنداق قىلما دەپ ، نىمىشقا پەقەت گەپ ئاڭلىمايسەن ھە؟!،-دەپ.

ئەمدى ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئوخشاش بىر ۋەقەنى باشقىچە ئۇسۇلدا قۇراشتۇرۇپ باقايلى، ئەسلىدە ئاپا قانداق قىلسا بولاتتى؟

 

بالىغا ئىشنى چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ چۈشەندۈرۈش

ئىككى بالا ئويناۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئوغۇل قىزچاقنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنچىقىنى«بۇنى ئوينايمەن»دەپ تارىتىۋالدى.

باشقىلار ئويناۋاتقان ئويۇنچۇقنى تارتىۋىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بۇ بالىغا دەپ تۇرساممۇ يەنە…دەپ ئويلىغان ئانا ئويۇنچۇق تالىشىۋاتقان بۇ ئىككىسىنىڭ يېنىغا كىلىدۇھەم ئوغلىغا مۇنداق دەيدۇ:

بالام، بەك ئوينىغۇڭ كەپكەتسە «بۇنى ئوينىسام بولامدۇ؟»دەپ سورىغىن. قارا، ئادىشىڭ ھازىر بۇنى ئويناۋاتقان تۇرسا ، خالىغانچە تارتىۋالساڭ بولمايدۇ،-دەپ ئويۇنچۇقنى قىزچاققا قايتۇرۇپ بەردى ھەم يىغلىغان ئوغلىغا يەنە مۇنداق دىدى.

ئادىشىڭ ئويناپ بولۇپلا ساڭا بىرىدۇ، ئۇنىڭغىچە بۇ يەردىكى ئويۇنچۇقلارنى بىللە ئوينايلى ھە؟

 

 ئۈچ ياش مەزگىلىدىكى بالىلار

 ئۈچ ياشتىن ھالقىغاندىن كىيىن ، بالىلارئاخىرى ئاز- ئازدىن بولسىمۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلالايدىغان بولۇپمۇ قالىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئاتا – ئانىنىڭ ئۆگىتىدىغانلىرى:

قايسى ئىش توغرا، قايسسى خاتا، بۇ ئىشنى قىلسا نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ- دىگەندەكلەرنى بالا بىلەن تەڭ بىرلىكتە ئويلىنىپ، قايتا- قايتا ئۈگىتىشى بەكلا موھىم.

 

 

(2)

ئاتا- ئانىغا نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق ھىسابلانسىمۇ، كىشىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزمەيدىغان ئىشلار

 

ئېيتىپ تۇرساقمۇ دېگەن ئىشلارنى ۋاقتىدا قىلماسلىق، بەك سۆرەلمىلىك قىلىش، تاماقنى لۆمۈلدەپ يېيش، تاماقنى تۆكۈۋىتىش، نەرسىلەرنى بۇزۇۋىتىش، بىر ئىشنى تەكرار قىلىۋىرىش، نەرسىلىرىنى يۇغۇشتۇرماسلىق ، كېيىم ئالماشتۇرۇشقا قىيىق بولۇش، كەپسىزلىك قىلىش، مەينەت نەرسىلەرنى تۇتۇش، تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىك…دېگەندەك ئىشلاردا ئاچچىقلىنىپ قالىمىز، شۇنداققۇ؟

دىمىسىمۇ بۇلارھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى بىزار قىلغۇدەك ئىشلار بولسىمۇ، ھاياتىغا تەسىر يەتكۈزگۈدەك بەك چوڭ ئىشلاردىنمۇ ئەمەس. ئويلاپ باقايلى، بەزىدە بالىنىڭ خاراكتىرىدە بىز ئامالسىز تەرەپلەرمۇ بولىدۇ ھەم بالىنىڭ بەزىبىر كەپسىزلىكلىرى بالىنىڭ ئۆسۈپ –يېتلىشى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان موھىم باسقۇچ بولۇپمۇ ھىسابلىنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي خاتا قىلمىش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ.

بالا دىمەك، ئەسلىدىنلا  ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان شەخسىيەتچى،  مەغلۇپ بولۇپلا تۇرىدىغان، قىلغان گەپنى ئاڭلىمايدىغان مەخلۇق. 

مانا بۇ نورمال بالىنىڭ ئالاھىدىلىكى. ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ياخشى تەربىيلىيەلمىگىنىڭىزدىن  بولماستىن، بالا دەل مۇشۇنداق سەۋەبلىرى بولغانلىقىدىن بالا دەپ ئاتالغانلىقتىن. بالىلاردىكى ئۆزىنى مەركەز قىلىۋىلىش – دەل “ ئۆزىنى ھەممىدىن موھىم دەپ قاراش “ تىن ئىبارەت. بالىلار باشقىلارنى موھىم دەپ بىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى موھىم دەپ بىلىشنى ئۆگەنمىسە بولمايدۇ.

(مەندىن: بۇ- كۆپىنچىمىز سەل قاراپ قالغان نوقتا. شۇڭا، يېتىلگەن ئادەم بولغاندىن كېيىنمۇ خەق ئۈچۈن ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان گەپ!)

بۇنوقتا بالىلارنىڭ مەيدانىدىن قارىغاندا، ئۆزىنى مەركەز قىلىۋىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. بالىنىڭ خاتالىقلىرى، مەغلۇبىيەتلىرى دەل  ئۈگىنىدىغان پۇرسەتلەرنى بىرىدۇ. گەپ ئاڭلىماسلىقلىرىمۇ بالىلاردىكى ئۆزلۈكنىڭ بېخلىرى بولۇپ، مۇستەقىل ئىددىيەنىڭ يېتىلىش باسقۇچلىرى ھەم ناھايتىمۇ نورمال ئۆسۈپ – يېتىلۋاتقانلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يەنى، بالىلارنىڭ بىر- بىرىدىن بىر نەرسىلەرنى تالىشىشلىرىنى ، يەنى بۇ شەخسىيەتچىلىكلىرىنى “ ئۆزىنى موھىم بىلىش “ ، نەرسە- كىرەكلەرنى ئۆرىۋەتكەنلىرىنى خاتالىقلىرىدىن، مەغلۇبىيەتلىرىدىن ئۈگىنىش ، ئاتا- ئانىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىماسلىقىنى “ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ بىخلىنىشى “ دەپ چۈشىنەيلى .

ئەلۋەتتە،  ئاتا- ئانا بولغۇچى بالىنىڭ ھەر بىر بولۇمسىز قىلىقلىرىغا سەزگۈلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلسا بالا تۈزۈلۈپ خاتالىقىسىز بولۇپ كەتسىغۇ ياخشى، بىراق ، بەزى ئىشلار شۇنداق دىققەت قىلىسڭىزمۇ ئۆزگەرمەيمۇ قالىدۇ، ھەر بىر ئىشقا سەزگۈرلۈك بىلەن بالىنى توختىماي ئەيىپلەپ يۈرسە، ئەكسىچە ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزى چارچاپمۇ  قالىدۇ. ( ئۆزىنى چارچاتماسلىقنىڭ ياخشى بىر ئامالى چىقتى مانا! ) بۇنداق چاغلاردا مۇنداق ئويلاڭ.

كىچىك بالا دېگەن مانا مۇشۇنداق مەخلۇق.ھازىر بىلىپ كەتمىسىمۇ ،كېيىنچە چۈشىنىپ قالىدۇ. بەك ئەيىپلىگۈڭىز كەپكەتسە، بىرەر قىتىم ئەيىپلەپ بولغاندىن كىيىن سەل ئۆزىگە قويۇپ بەرسىڭىز بولار.

 

تەرىڭىزنى تۈرۈپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ بولسىمۇ ئەيىپلىمىسىڭىز بولمايدىغان مۇنداق ئىككى ئىش بار:

بىرى، ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلار. مەسلەن، ماشىنلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان چوڭ يولغا يۈگۈرۈپ چىقىش، خەتەرلىك يەرلەردە ئويناش..دىگەندەك.

يەنە بىرى، باشقىلارغا ئازار يەتكۈزىدىغان ئىشلار. يەنى، زوراۋانلىق قىلىش، ئوت ئويناش..دىگەندەك.

ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاتا-ئانا بولغۇچى كۆڭلىنى ئويلىىشىپ ئاستا-ئاستا يەتكۈزسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن.

*****

دوكتور ئاكې خاشى دايجى ئەپەندىدىن سىزگە سۆز:

پەرزەنت تەربىيەسىدە ھەممە ئىشلار بەك مۇكەممەل بولۇپ كەتمەيدۇ. بالا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغىنىدا، ئاتا-ئانىمۇ ئەمدىلا مەكتەپكە قەدەم قويغان 1 – يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسىدۇر. ئاتا – ئانىمۇ ، بالىمۇ ئانچە- مۇنچە مەغلۇب بولىدۇ ھەم مۇشۇ مەغلۇبىيەتلىرى ئىچىدە ئاستا- ئاستا پېشىپ –يېتىلىدۇ، مۇكەممەللىشىدۇ.

 

مەندىن:

بالىلارنى ماختاشنىڭ قائىدىسى، ئۇسۇلى بولغنىدەك ئەيىپلەشلىرىمىزنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى ھەم يولى بولىدۇ، ئەلۋەتتە .
بۈگۈنكى مەزمۇندا 0 ـ 3 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ خاتالىقىغا قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنى، بالىنىڭ ھەر بىر مەزگىلىدە بالىنىڭ خاتالىقىغا ئوخشىمىغان نوقتىدىن مۇئامىلە قىلىشنىڭ  زۆرۈرىيتىنى بىلدۇق .

يېغىپ ئېيتقاندا، ھىچبىر ئاتا ـ ئانا بالا تۇغۇلىشى بىلەنلا ۋە ياكى ئوقۇۋالغان، ئۈگىنىۋالغان بىلىملىرى بىلەنلا مۇكەممەل ئاتا ـئانا بولالىغان ئەمەس، ئۇلار بالا بىلەن تەڭ ئۈگەنگۈچى .
تاكى كۆز يۇمغىچە ئنسانىيلىقنىڭ مۇقامىغا يېتىش ئۈچۈن  تېرىشقىنىدەك ، ۋايىغا يەتكەن ئاتا ـ ئانا بولۇش ئۈچۈنمۇ  ئۆمۈر بويى  تېرىشقۇچى .

 

**************

 大好き! が伝わるほめ方&叱り方

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. سالام ئەزىزلەر ، ئەسلى بۇ قىتىم بىر بۆلەكنى بىراقلا يوللاي دەپ ئويلىغان ، بەك ئۇزىراپ كېتىپ قالغۇدەك .
    بالىنى ئەيىلەشكە بولـمايدىغان يەنە بىر نوقتا ئامانەت قالدى . كىلەركى قىتىم يوللانماقچى بولغان مەزمۇن داۋامى
    2) ئاتا ـ ئانىلارغا نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ، باشقىلارغا دەخلى –تەرۇز يەتكۈزمەيدىغان ئىشلار.
    ئاخىرىدا ھەممىڭلارغا گۈزەل كۈنلەر ، بالىلار ئۈچۈن ئېسىدە قالغۇدەك گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلەر تېلىكىم بولسۇن ~ ❤️
    – رەيھان

  2. بەك ياخشى مەزمۇنكەن بۇنداق مەزمۇنلا ئۈزلۈپ قاممىسا دىگەن ئۈمىدتىمەن

  3. بەك پايدىلىق مەزمۇنكەن ،رەھمەت

  4. دەبدەبىلىك شوئارلار بىلەن تولغان لىكسىيەلەردىن كۆپ پەرقلىق، ئەمىلىي قىممىتى يۇقۇرى مەزمۇنلار ئىكەن. قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ئاخىرىنى كۈتىمىز ئەمىسە.

  5. بەك ياخشى مەزمونكەنتۇق مىنىڭ باللىرىرىم 4,5ياش ئىدى شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇۋاتقان باللىرىمنىڭ يېشىغا كەلگەندە تۈگەپ قالدى ئاخىرى بامۇ

  6. رەھمەت.بەك مەنپەئەتلىك تىملاركەن.

  7. ئوغلۇم دەل 2 ياشقا توشۇپ مەنلىك ئۆزلۈك قارىشى تىكلىنىپ ھەممىنى ئۆزۈم قىلىمەن ياق دىيىشكە باشلىغان ئىدى بۇ يازما ماڭا تېخىمۇ ياخشى يول خەرىتىسى بولدى رەھمەت سىزگە ئاخىرىنى تەشنالىق بىلەن كۈتىمىز

  8. بەك ياخشى مەزمۇنكەن بىزلەتنىڭ بالا تەربىيىلىشىمىزگە بەك ئەمەلى مىسل بۇپتۇ

  9. ئاپىرىن !بىز ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز ……

  10. بەك ياخشى مەزمۇنكەن بۇنداق مەزمۇنلا ئۈزلۈپ قاممىسا دىگەن ئۈمىدتىمەن

  11. بەك ياخشى يزىلىپتۇ ،رەخمەت سىزگە تىخىمۇ ياخشى مەزمۇنلا بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى