ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: بىر ئىشلارنى قىلمىغاندا ئېسىلىۋالماسلىق، قىلغاندا بولسا كىچىكتۈرمەي دەرھال ماختاپ بېرىش(7)

6,596 قېتىم ئوقۇلدى

 

メアリと魔女の花 – Mary and The Witch’s Flower

***

(2) ماختاش ئۇسۇلى

بىر ئىشلارنى قىلمىغاندا ئېسىلىۋالماسلىق، قىلغاندا بولسا كىچىكتۈرمەي دەرھال ماختاپ بېرىش

بالىلارنى ماختىغاندا دىققەت قىلىدىغان مۇنداق بىر مۇھىم نوقتا بار.

بالىلارنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىدىغان ۋاقتى، قىلالمايدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ.

دىققەت قىلىدىغىنىمىز، قىلمىغان ئىشلىرىغا ئېسىلىۋالماستىن، قىلغان ئىشىنى كېچىكتۈرمەستىن دەرھال چىن كۆڭلىمىزدىن ماختاپ بېرىشتىن  ئىبارەت.

مىسال ئالساق، بالىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ئويناپ بولغاندىن كىيىن يۇغۇشتۇرىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ، يۇغۇشتۇرمايدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ.ھەتتا، يۇغۇشتۇرمايدىغان ۋاقىتلىرى كۆپ بولىشىمۇ مۈمكىن.ھالبۇكى،بىز يۇغۇشتۇرمىغان ۋاقىتلىرىدىلا ئىختىيارسىز چېچىلىپ قالىمىز «يەنە يۇغۇشتۇرماپسەن،- دە؟!» دەپ.

ئەكسىچە، رەتلىك يۇغۇشتۇرغان ۋاقىتلىرىدا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپمۇ قويمايمىز. نەتىجىدە بالىنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىدە قانچىلىك ئىلگىرلىگەن تەرەپلىرى بولسىمۇ  بالا يەنىلا ئەيىپلىنىدۇ.

بىز ئەكسىچە ئۇسۇل قوللىنىپ باقساقچۇ؟

يەنى، بالىنىڭ قىلمىغان ئىشلىرىنى تىلغا ئالمايمىز، بىراق، قىلغان ئىشلىرى يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك كىچىككىنە بولسىمۇ قالدۇرماي ماختاپ بېرىمىز.

«بۈگۈن ئويۇنچۇقلىرىڭنى يۇغۇشتۇرالىدىڭ ھە، قالتىس جۇمۇ سەن!»، «بۈگۈن تاماقنىڭ قاچىلىرىنى ماڭا ئەكىلىپ بەردىڭ، رەھمەت بالام!» دىگەندەك.

بۇلارنى بالىلارنىڭ قاملاشمىغان قىلىقلىرىغا تەدبىقلىساقمۇ بولىدۇ. مەسلەن، ھەر دائىم سىڭلىسىنى بوزەك قىلىدىغان ئاكىسى بۈگۈن تاساددىبي سىڭلىسىنى بوزەك قىلمىغان بولسا، «بۈگۈن سىڭلىڭ بىلەن ھەجەپ ياخشى ئوينىشىپ بەردىڭ بالام، رەھمەت ساڭا» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ بەرسەك، بالا بارغانسىرى سىڭلىسىغا كۆيۈنىدىغان بولىدۇ، ياخشلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ

ئەمدى مۇنداق  ئەمەلىي مىسال بىلەن گېپىمىزنى چۈشىنىپ كۆرەيلى.

قىلمىغاندا ئەيىپلەش – خاتا

قىلمىغاندا ئەيىپلەش 

ئۈستەلگە قويۇلغان پىچىنىلەردىن يىگەچ بەخرامان ھالدا ئۆزىنىڭ كىتابىنى كۆرىۋاتقان ئوغلىغا ئانىسى ئاچچىقلاندى.

-تاپشۇرۇقۇڭچۇ ھەي بالا؟! تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلەپ بولدىڭما؟

بالا “ ھە….“ دەپ قويۇپ تېلۋىزۇر كۆرۈشكە باشلىدى..ئانىنىڭ تېخىمۇ جۇدۇنى ئۆرلىدى ھەم ۋارقىرىدى:

-تاپشۇرۇقچۇ؟! ئىشلەپ بولدۇڭما؟!

بالا ئانىسىنىڭ كوت-كوتلىقىغا ئاچچىقلانغان ھالدا سومكىسىدىن كىتابلىرىنى چىقاردى ھەم: ماقۇل، ماقۇل..مانا ئىشلەي!،-دېدى.

بالا تاپشۇرۇق ئىشلەشكە باشلىغاندا، ئانا ھېچنىمە دېمىدى. ئويلاپ بېقىڭ، مەجبۇرى ھالدا تاپشۇرۇق ئىشلىگەن شۇ  بالا تاپشۇرىقىنى  ئەستايىدىل  ئىشلىيەلەرمۇ؟ ئاتا – ئانا بولغۇچى مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەكتۇ؟ ئەمدى، ماۋۇ ئوخشىمىغان پوزىتسىيەنى كۆرۈپ باقايلى.

قىلغاندا دەرھال ماختاپ بېرىش – توغرا

قىلغاندا دەرھال ماختاپ بېرىش

 

ئانا ئۆينىڭ دەرىزىلىرىنى سۈرىتىۋاتاتتى، بالا ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى پىچىنىلەردىن يىگەچ كىتابىنى كۆرىۋاتاتتى.( ئانا گەپ قىلمىدى.)

ئانسىى پول سۈرتىۋاتقاندا، بالا پۈتۈن دىققىتى بىلەن تېلۋىزۇر كۆرىۋاتاتتى.( ئانا يەنە بالىغا گەپ قىلمىدى.)

ئەمدى بالا كۆرىدىغانلىرىنى كۆرۈپ بولۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئۈچۈن سومكىسىدىن كىتابلىرىنى چىقىرىشقا باشلىۋىدى، ئاپىسى دەرھال ئىنكاس بىلدۈردى.

-بالام ، مەن دىمىسەممۇ ئۆزلىكىڭدىن تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان قالتىس بالا جۇمۇ سەن! ،-دەپ ماختىدى.

(بۇ چاغدا بالا دېگەن شۇنداق راھەت بىر كەيپىياتتا،- ھە!)

***

مەندىن: بۇ يەردىكى مەسىلە بالىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش – ئىشلىمەسلىك مەسلىسىلا ئەمەس، ئەلۋەتتە.

بالىنىڭ ھەممە قىلىقلىرى، ھەممە ئىشلىرى خاتا بولۇپ كەتمەيدۇ. خاتالىقلىرى ئىچىدىن بەك ئاز ساندىكى توغرىلىقلىرىمۇ چىقىپ قالىدۇ. ئاتا – ئانا بولغۇچى دەل شۇ كىچىككىنە قىلغان توغرىلىقىنى، ياخشىلىقىنى بايقاشقا، ھەم دەل ۋاقتىدا ماختاشقا  دىققەت قىلالىغاندا  بالىنىڭ نادىر تەرەپلىرى كۆپىيىدۇ،-دېمەكچىدە بۇ پىسخولوگ ئەپەندى.

メアリと魔女の花 – Mary and The Witch’s Flower

بۇ ھەپتىمۇ كارتۇن فىلىم كۆرەمدۇق؟

ياپونچىسى : メアリと魔女の花

ئىنگىلىزچىسى : Mary and The Witch’s Flower

ياپوننىڭ 2017- يىلى 7- ئايدا ئېلان قىلغان يېڭى كارتۇن فىلىمى. كىچىك قىزچاق مىئارىنىڭ ئورمانلىقتا كەمدىن – كەم ئۇچرايدىغان، 7 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان سىھىرلىك گۈلنى توساتتىن بايقاپ قالغاندىن كىيىنكى فانتازىيەگە تولغان  ئاجايىپ ۋەقەلىكلىرى تەسۋىرلەنگەن فىلىم.

مەنغۇ كەچتە كۆرگەچكە ئۇخلاپ قالايلا دەپ قاپتىكەنمەن… بىراق، بالىلار ئۇخلاپ قالمايدىغاندەك…😃🙃

ھەپتە ئاخىردىكى  بىر ئائىلە جەم بولغان مىنۇتلار كۆڭۈللۈك بولغاي !🌹

 

چاققان ھە؟!
كىتابىمۇ چىقىپ بوپتۇ!

 

******************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. قىلغاندا ھىچنىمە دىمەي ،قىلمىغاندا قاخشاش دىمىسىمۇ بەك جىق ،ئۇلارنىڭ قىلىشقا بولغان قىزغىنلىقىنى قاخشاپ ئۇلتۇرىۋەتمەسلىكىمىز كىرەك .قۇنچاقنىڭ ئۇچىرىنى بەرگەنگە رەھمەت ،چۇقۇم بالىلار بىلەن بىللە كۇرىمەن .

  2. «بۇ ھەپتىمۇ كارتون فىلىم كۆرەمدۇق» دېگەن بۇ كارتون فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىمۇ بارمىدۇ؟ قايسى توربەتتىن تاپقىلى بولار؟ بىلسەڭلار يوللاپ بەرگەن بولساڭلار. ئۇيغۇرچىسى بولمىسا ، خەنزۇچىسى بولسىمۇ مەيلىتى..

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى