نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپات ساھىبى-كازىئو ئىشىگۇرو

1,472 قېتىم ئوقۇلدى

ئەنگىلىيەلىك يازغۇچى، ياپونىيەلىك يازغۇچى دىگەنلەرنىڭ زادى قانداق بىر مەنا بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا كاللامدا ئېنىق جاۋاب يوق. مەن ئۆزۈمنى پەقەت بىر يازغۇچى دەپلا بىلىمەن، خالاس!- دەيدۇ كازىئو ئەپەندى.

بىراق، پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغىنىدا يەنىلا ئەنگىلىيە ۋە ياپونىيەنىمۇ تەڭ تىلغا ئالىدۇ.

كازىئو ئىشىگۇرو

Isadora – Paul Mauriat

 

يېقىندىن بېرى روھىمدىكى چۇقانلارنى سىرتىغا چىقىرالمىغانسىرى مۇشۇ«مەشھۇرلار»نىڭ ئىچىدىكى ئەسلى ئۆزىنى، روھى دۇنياسىنى  ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا قىزىقىپمۇ قالدىم ھەم يېقىنقى ئىككى يىلدىكى مۇھىم پىلانلىرىمدىن بىرىنى دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەردىن بىر قانچىنى ئوقۇش،داڭلىق قەلەم ئىگىلىرىنىڭ تەپەككۇرىنى، قەلبىدىكى چۇقانلىرىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى چۈشىنىپ بېقىشمۇ بولدى.

 2017-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئېلان قىلغاندا ياپوندا تۇغۇلغان، بىراق ئەنگىلىيە گىراژدانى ھېسابلانسىمۇ يەنىلا ياپونلار ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالغان كازىئو ئىشىگۇروھەققىدىكى بايانلار مېدىئالارنى بىر ئالدى ھەم مېنىڭمۇ دىققىتىمنى تارتتى.

شۇنىڭ بىلەن بۇ يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرىلىك ئەسىرى بىلەن تونۇشۇپ قالغان بولدۇم. خوش، ئۇنداقتا بىز راسمى ئەسەر ئۈستىدە توخىتىلىش ئالدىدا بۇ تالانتلىق يازغۇچى بىلەن بىرەر قۇر تونۇشىۋالايلى.

 

2017-يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تاپشۇرىۋالغاندىكى كۆرۈنۈش

 

كازىئو ئىشىىگۇرو ھەققىدە

ھازىرقى زامان رومانىزىم يازغۇچىسى، 2017- يىللىق ئەدەبىيات نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى كازىئو ئىشىگۇرو1954 – يىلى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ياپونىيەنىڭ ناگاساكى شەھىرىدە تۇغۇلغان.

1960- يىلى، يەنى ئۇ 5  ياش چاغلىرىدا دادىسىنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك  بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەنگىلىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ھەم 1982- يىلى بۇ ياپون ئائىلىسى ئەنگىلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كەتكەن.

1959-يېلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى
ياپوندىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئائىلە خاتىرە سۈرىتى & بەش ياشلىق كازىئو ئىشىگۇرو

 كازىئو ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ساناقلىق، بىراق، ھەر بىر ئەسىرى كەڭ جامائەتنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى «ئۇزاقلاردىكى تاغدەك نۇر» يەنى ياپۇن تىلىدا  « 遠い山なみの光» ناملىق رومانى خانلىق ئەدەبىيات بىرلەشمىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بۈگۈنگە قەدەر ئەنگىلىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان كازىئونىڭ بۇ تۇنجى رومانى ئۇنىڭ  كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، دەسلەپكى بالىلىق دەۋرى ئۆتكەن ئەسلى ماكانى، غۇۋا بالىلىق ئەسلىمىسى ۋە تەسەۋۋۇرىدىكى  ياپونىيە  ھەققىدە يېزىلغان.

 

 

ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياپوننى ئاساسى تېما قىلغان ئىككىنجى ئەسىرى  « 浮世の画家»  1986-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ،ھازىرقى كوستا مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن. 

 

ئۈچىنجى ئەسىرى “ كۈنلەر ئەسلىمىسى“ يەنى، ياپون تىلىدا    « 日の名残り» ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ شۆھرەتلىك مۇكاپات ”The Booker Prize“ غا ئېرىشىپ ئەدەبىيات ساھەسىدە چاقنىغان ھەم  1993-يىلى كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن. 

2015 ـ يىلى، يەنى، 10 يىلدىن كىيىن دىداكتىك رومانى « ئۇنتۇلغان ئادەم » ، يەنى ، « 忘れられた巨人» نامىلىق كىتابى نەشىر قىلىنغان .

(كىتابلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى سەل ئابدىكىرىمكامچە تەرجىمە بوپقالدى، بەزىلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم)

 

 بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2005 ـيىلى نەشىر قىلىنغان 6ـ قىتىملىق ئەسىرى « わたしをはなさないで»يەنى، “ مەندىن ئايرىلمىغىن“   دۇنياۋى ئالقىشقا ھەم يۈكسەك باھالارغا ئېرىشكەن بولۇپ، 2010ـ يىلىغا كەلگەندە، سىنارىيلەشتۈرۈلۈپ كىنو قىلىنىپ ئىشلەنگەن.

شۇنداق قىلىپ ئەسەرلىرى ساناقلىق، بىراق، ھەر بىر ئەسىرى دۇنياۋى تەسىر پەيدا قىلالىغان بۇ ئىستىداتلىق يازغۇچى 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەدەبىيات نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇنداقتا، دىققىتىڭلار پات ئارىدا توختالماقچى  بولغان يازغۇچىنىڭ ۋەكىل خاراكتىرىلىك ئەسىرىدە بولسۇن~

 ***************************

رەيھان ئابلەت

 

 

(بىر يىل بۇرۇنقى يازمام ئىكەنتۇق، يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنى تەتقىق قىلىشىم ئۈچۈن خېلى ۋاقىت كېتىپتۇ….😅)

تارقىتىڭ...

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

نوبىل

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى