ئاپتاپقا قاقلانغاچ گۈللۈكۈمدە كىتاب ئوقۇۋاتاتتىم. يېقىنلا يەردە ئاڭلانغان بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازى بىلەن دېققىتىم بۆلۈندى. «خوشنىلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بىرىدىكى بوۋاقمىدۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلىغاچ ئاۋاز ئاڭلانغان تەرەپكە قارىغىنىمدا، بوۋاق ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقان ئانىنى غىل-پال كۆردۈم. بوۋاقنىڭ يېغا ئاۋازى خېلىغىچە توختىمىدى. ھېلىقى ئانىمۇ توختاپ بالىنى قولىغا ئېلىپ بەزلەيمۇ دېمىدى….

ئۆزىنى سۆيمىگەنلىك-دەل يىغلاۋاتقان بوۋىقىغا پەرۋا قىلمىغان، بەزلىمىگەن ھېلىقى ئانىغا ئوخشايدۇ. قەلبىڭىزدىكى يىغلاۋاتقان بوۋىقىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىڭ، بەزىلەڭ، ئۇنىڭ يىغلاش سەۋەبىنى چۈشىنىڭ. شۇ چاغدىلا ئۇ سىزدىكى مۇھەببەتنى ھېس قىلالايدۇ.

بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم خاتتورى مىرېينىڭ يېقىندا نەشىردىن چىققان«ئۆزىنى سۆيۈش قوللانمىسى» ناملىق كىتابى.

«ئۆزىنى سۆيۈش» «ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ» دەيدىغان گەپلەرنى بەك ئاڭلايمىز. ئۇنداقتا، ئۆزىنى سۆيۈش دېگەن زادى نېمە؟ قانداق قىلسا ئۆزىنى سۆيگەنلىك بولىدۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ قەيىرىنى سۆيىمىز؟

ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى دەل دېققىڭىزنى ئۆزىڭىزگە بېرىشتىن، قەلبىڭىزدىكى چۇقانلىرىڭىزغا قۇلاق سېلىشتىن، بايقاشتىن باشلىنىدۇ.

 

Historia De Un Amor – Instrumental Piano

 

بەدىنىمىزدىكى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى

بەدىنىمىزدە«قەلب ئىشىكىمىز» گە تۇتىشىدىغان يەتتە نوقتا بار. بۇ يەتتە نۇقتىنى «ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى» دېيىشكە بولىدۇ. ھەر بىر پەللىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى بولىدۇ..

سىز چاكرا ھەققىدە ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئەلۋەتتە، مەنمۇ بۇ كىتابنى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان.

Chakra-ئەسلىدە سانسكىرت تېلىدىن كەلگەن سۆز بولۇپ ھارۋىنىڭ چاقى، ئايلىنىش، ئېنىرگىيە مەنبەسى دېگەن مەنىدە. بەدىنىمىزدە«قەلب ئىشىكىمىز»گە تۇتىشىدىغان يەتتە چاكرا نۇقتىسى بولۇپ «ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى»دېيىشكە بولىدۇ.ئادەمنىڭ ياشاشتىكى ئىنىرگىيە مەنبەسى مانا مۇشۇ يەتتە نۇقتىدىن كېلىدۇ. (ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)مەن چاكرانى يەتتە ئېنىرگىيە پەللىسى دەپ ئالدىم. ھەر بىر پەللىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى بولىدۇ.

بۇ كىتابتا ئاساسلىقى 2-پەللە يەنى، پەقەت ئانا بىلەن بولغان باغلىنىش ئاساسىدا يېتىلىدىغان، ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئۆزى بولۇپ ياشاش، ئۆزىنى سۆيۈش، ياشاش خۇشاللىقى، نىكاھ-مۇھەببەت…قاتارلىق ئېنىرگىيەلەرنىڭ مەنبەسى ھەققىدە سۆزلىنىدىغان بولۇپ، مەن ئۇشبۇ  يازمامدا 2-پەللىنى قانداق ئاسراش،ئۆىنى سۆيۈشنىڭ كونكىرىت ئۇسۇللىرى ھەققىدە توختىلىمەن.

بەدەندىكى يەتتە چاكرا نۇقتىسى

ئىككىنجى پەللە-كىندىكنىڭ سەل ئاستى قىسمىغا يەنى دوۋساق قىسمىغا  جايلاشقان بولۇپ، بالياتقۇ، بەل، بۆرەكنى كونتىرۇل قىلىدۇ. ئۆزى بولۇپ ياشاش، ئۆزىنى سۆيۈش، ياشاش خۇشاللىقى، نىكاھ-مۇھەببەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ1~10ياشقىچە بولغان مەزگىلدە يېتىلىدۇ. شۇڭا،بالىنىڭ قورساقتىكى چېغىدىن تارتىپ، 10 ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى ئانا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى ئانا بىلەن  ئۇلىنىش بالىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئىنسان ئالدى بىلەن ئانىغا يۆلىنىپ،  يىتەرلىك مىھر-مۇھەببەت ئالمايدىكەن، تايانمايدىكەن، كېيىن مۇستەقىل، يېتىلگەن بىر ئادەمگە ئايلىنالمايدىغان ئۆسۈپ-يېتىلىش قۇرۇلمىسىغا ئېگە.

شۇنداق، ئىنسانىيەت ئانىنىڭ بەدىنىدە تۆرىلىپ، ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدا يېتىلىدۇ. ئۇ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇپ تۇنجى ئېرىشىدىغان مۇھەببەتنى ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىن قوبۇل قىلىدۇ. مىلە ۋاقتىدىن تارتىپ ئانا بىلەن روھ ھەم تەن ئارقىلىق باغلىنىدۇ. ئانا ئەڭ ساغلام ھالەتتە بولماي تۇرۇپ، روھى ھەم جىسمانى جەھەتتە ساغلام، قەلبى يارىلانمىغان بالىنى يېتىشتۈرەلمەيدۇ.

بىر يارىلانغان ئانا ئاڭسىز ھالدا بالىسىنى ئۆزىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا يارىلاندۇرىدۇ. ئانا ئالدى بىلەن ئۆزىنى كەچۈرىۋەتمەي تۇرۇپ، بالىسىنىڭ ئۆزى بولۇشىنى كەچۈرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئانا ئالدى بىلەن  ئۆز يارىسىنى بايقاپ داۋالىنىشى زۆرۈر.

ھازىرقى زامان كىشىلىرى بىلىپ-بىلمەي بالىلىق جاراھەتلىرى بىلەن يېتىلگەن بىر ئادەم بوپقالىدۇ. بەزى كىشىلەردە جاراھەت سەۋەپلىك پەللە (چاق ۋە ياكى ئىشىكنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ)ئېتىكلىك ھالەتتە، بەزى كىشلەردە بەكرەك ئوچۇق ھالەتتە بولىدۇ. قىسقىسى، ھەممىمىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر بالىلىق جاراھەتلەر، ئىككىنجى بەللە جاراھىتى ساقلانغان بولىدۇ. بالىلىقىنىڭ جاراھەتلەنگەنلىكىنى بىلىش ھەم بالىلىق جاراھەتلىرىگە يۈزلەنگەندە، جاراھەتلەر ساقىيىشقا باشلايدۇ. ئۇشبۇ كىتابمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن يېزىلغان.

چاكرا يەنى، ئادەمدىكى ئېنىرگىيە پەللىلىرى تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق ساقىيىدۇ.

1-پەللە تۇپراق بىلەن ئۇچراشقاندا، 2-پەللە دېڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا، 3-پەللە دەرەخ بىلەن ئۇچراشقاندا، 4-پەللە گۈللەر بىلەن ئۇچراشقاندا ساقىيىدۇ. تەبىئەتتىن كەلدۇق، تەبىئەتتە ساقىيىمىز ھەم ئاقىۋەت تەبىئەتكە قايتىمىز. بىز تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى بىز.

 تۆۋەندە 2-پەللىنى تەبىئەت ئارقىلىق داۋالاشنىڭ، ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ، ئۆزىنى ئاسراشنىڭ كونكىرىت ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلى

(1)

ۋاننىغا چىلىنىش

 

2-پەللىنىڭ ئېنىرگىيەسى قالايمىقانلىشىپ كەتكەندە، بالياتقۇنى سوغ ئەپكېتىدۇ. بۇ يەردە تەشەببۇس قېلىنىدىغىنى«ئاستى بەدەننى ۋاننىغا چىلاپ بېرىش»يەنى، 37~39 گىرادوس ئەتراپىدىكى قىززىق سۇغا كۆكرەكنىڭ ئاستى قىسمىنى 20-30 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ بېرىش. بەكرەك سوغ ئەپ كەتكەن كىشلەر ئامال بار ھەر كۈنى چېلىنىپ بەرسە بولىدۇ. قىززىق سۇغا چىلانغاچ كىتاب ئوقۇسىڭىزمۇ، بىردەم مۈگىدىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 مېنىڭ ھەر ھەپتىدە ئۆزۈمگە كىچىك سوۋغىلارنى بېرىدىغان ئادىتىم بار. بۇ كىچىك سوۋغىلارنىڭ بىرى-دەل  ۋاننىغا چىلايدىغان خۇشپۇراق، دورىلارنى سېتىۋىلىش. يەنى ، ياپون مەدىنىيىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولغان ۋاننىغا چىلىنىش ئۆز نۆۋىتىدە ياپونلارنىڭ ئەڭ مۇھىم  ئۆزىنى ئاسراش ئۇسۇلىمۇ ھېسابلىنىدۇ. ياپونلاردا«ۋاننىغا چېلىنىش-99 خىل كىسەلگە داۋا قىلىدۇ»دەيدىغان قاراشلارمۇ بار. شۇڭا، ھەر قانداق بىر ماگزىندا ۋاننىغا چىلىنىدىغان دورىلارنى تاپقىلى بولىدۇ ھەم تۈرىلىرىمۇ شۇنداق كۆپ. بۇ خۇددى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى پۇت چىلايدىغان ھېلىقى دورىلىق ماتىرياللارغا ئوخشاپمۇ قالىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ئىلغارلاشقان شەكلى دېيىشكە بولىدۇ.مەن كۆپىنچە تەركىبىدە زەنجىۋىل، ئەمەن، مېنىرال تۇز..دېگەندەك بەدەننى ئىللىتىدىغان ماتىرياللار قوشۇلغان چىلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىمەن. ئايدا بىر قېتىم ئۆيىمىزگە يېقىن ئارشاڭغا بارىمەن. بۇمېنىڭ بىر خىل ئارام ئېلىش ھەم ئۆزۈمنى ئاسراش ئۇسۇلۇم.

بەدەننى سوغ ئەپكەتكەن، ئەنسىز، ئاسانلا كەيپىياتى بۇزۇلىدىغان دوستلارنىڭ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

 

(2)

دېڭىزغا چۆمۈلۈش

دېڭىزسۈيىنىڭ تەركىبى دەل ھامىلە ۋاقتىدىكى بالياتقۇ سۈيى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ياز كۈنلىرى بېلىڭىزغىچە دېڭىزغا چۆمۈلۈپ بېقىڭ، ئامال بار بېشىڭىزنىمۇ شۇڭغۇپ ئانىنىڭ باغرىدا ياتقان شۇ ھامىلە چېغىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقسىڭىز، بۇنىڭ تېخىمۇ داۋالاش خۇسۇسىيتى يۇقىرى بولىدۇ.

مەن ھېمىڭۋاينىڭ «دېڭىز ۋە بوۋاي»ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇۋىتىپ، دېڭىزنى ئايالغا ئوخشىتىشلىرىدىن ھەيران قالغانىدىم. بۇ كىتابتا دېڭىز سۈيىنىڭ تەركىىبىنىڭ بالياتقۇ سۈيىنىڭ تەركىبى بىلەن ئوخشاپ قالدىغىنى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. بىر قىزنىڭ ھەر قېتىم دېڭىزغا بارغاندا ئاپىسىنى ئەسلەيدىغىنىنى، ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندەك ھېس قىلىدىغىنى يادىمدىن كەچتى.

2-پەللە ئېتىگلىك ھالەتتىكى كىشىلەر دېڭىزدىن، دېڭىز سۈيىگە چۈشۈشتىن قورقىدۇ. دېڭىزغا چۈشۈشتىن قورقىدىغانلار ھېچ بولمىسا دېڭىزغا قاراش، دېڭىزغا يېقىن مەھەللىلەردە ياشاشمۇ 2-پەللىنى ئاسرىيالايدۇ.

 

 

(3)

ئۆزىڭىزگە راھەت بولغان ئۇخلاش مۇھىتى ئاتا قىلىش

قانداقراق ئۇخلاش مۇھىتىدا ئۇخلاۋاتىسىز؟ ھازىرقى ئۇخلاش كىيىمىڭىز يۇمشاق، بەدەنگە يېقىشلىق، ئازادە ئۇخلاش كىيىمىمۇ؟ كارىۋات كىرلىكىڭىز پاكىز، راھەت بېغىشلايدىغان ھالەتتىمۇ؟ ياتاق ئۆيىڭىز ھاۋا ئالمىشىپ تۇرىدىغان ئازادە مۇھىتتىمۇ؟

قانداق بىر مۇھىتتا ئۇخلاۋاتقىنىڭىز سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى قانچىلىك دەرىجىدە قەدىرلەيدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.چىرايلىق، راھەت ئۇخلاش كىيىمىنى كېيىپ، بىر كۈن غەيرەت قىلغان ئۆزىڭىزگە كەچلىك تېرە ئاسراش بويۇملىرىنى ئىشلىتىش، يۈز چاپلىقى چاپلاش..قاتارلىقلارمۇ 2-پەللىنى ئاسرايدۇ. بۇمۇ ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ كونكىرىت ئىپادىسى.

 

ياتاق ئۆيۈمدىكى ياسىمەن گۈلى

(4)

خۇشپۇراقلار

بۇ يەردىكى خۇشپۇراق ئاساسلىقى-ئۆيلەرگە قويۇلىدىغان خۇشپۇراق شام، ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى خۇشپۇراق تارقاتقۇچ چىراغلارغا تېمىتىلىدىغان خۇشپۇراقلارنى كۆرسىتىدۇ. شەخسەن مەن پۇرىقى ئۆزگىچە ئەتىرلەرنىمۇ ياخشى كۆرىمەن.

مەسلەن، ئاپتۇرنىڭ تىلغا ئالغىنى ياسىمەن گۈلىنىڭ پۇرىقى بولۇپ، ياسىمەن گۈلىگە ئاياللىق سىڭگەن بولۇپ، سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ مۇھىملىقىنى، قەدىرلىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىدۇ.

 

يېشىل رەڭنى ياقتۇرىمەن. ئىشلەتكەن رەڭلىك قەلىمىمدىن تارتىپ يېشىل رەڭلىك.

(5)

يېشىل رەڭلىك كىيىم كېيىش ياكى كىچىك بويۇملارنى ئىشلىتىش

يېشىل رەڭ كىشىگە تىنچلىق تۇيغۇسى، مۇھەببەت بېغىشلايدۇ. شەخسەن مەنمۇ يېشىل رەڭنى ياخشى كۆرىمەن. يېشىل رەڭلىك بويۇم ئىشلەتكەندە، ياكى كىيىم كەيگەندە تەبىئىي ھالدا 2-پەللىنىڭ ئېنىرگىيەسى ئەسلىگە كېلىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسى ئاشىدۇ.

 

ئانام ئەتكەن تاماق دەپ ئەتكەن لەغمىنىم ھەم قارا ئۈجمە چاي

(6)

ياشانغان ئانىلارنىڭ قولىدىن تاماق يېيىش

ياشانغان ئاياللارنىڭ قولىدىن تاماق يېيىش ئانىلىق بىلەن ئۇچىرىشىش ھەم بىۋاستە ھېس قىلىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بولۇپ، تەبىئىي ھالدا قەلبكە ئاراملىق بېغىشلايدۇ.

چۈنكى، ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى ياشقا چوڭايغانسىرى ئانىلىق كۈچىيىدۇ. ئۇلار ئەتكەن تاماقتا «ئانىنىڭ تەمى» بولىدۇ. ئانىلىق سىڭگەن تاماق بەدەن ھەم روھنىڭ ئوزۇقى بولىدۇ. تاماق ئەتكۈچى چوقۇم ئانىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ. ياشقا چوڭ «چوڭ ئانا» ياكى«ھامما» دېگۈدەك ياشتىكى ئايال بولسا بولىدۇ.

بىزدىمۇ ئاشۇنداق كۆز-قاراشلار بارمۇ-يوق تۈزۈك ئەسلىيەلمىدىم. ئەمما، بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئىسىمنى بىلىپ تۇنجى تىتىغان موماي ئانامنىڭ لەغمىنىنىڭ تەمىنى، ئانامنىڭ تاماقلىرىنى سېغىندۇردى… ئاپاشلارنىڭ قولىدىن تاماق يەپ باقمىغىنىمغا كام دېگەندىمۇ 8يىل بولغىنىنى ئويلىدىم.

 

 

(7)

قولىڭىزنى كىندىكنىڭ ئاستىغا قويۇپ، چۇڭقۇر نەپەس ئېلىش

كىندىكنىڭ ئاستىغا، يەنى، 2-پەللىگە قولىنى قويۇپ، دېققەتنى شۇ يەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ مەدىتەيشېن قىلىش-2-پەللە ئېنىرگىيەسىنى تەڭشەيدۇ.

ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇپ، ئورۇندۇققا يۆلەنگەن ھالدا دېققىتىڭىزنى كېندىكنىڭ ئاستىدىكى 2-پەللىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ رېتىملىق ھالدا چۇڭقۇر نەپەس ئېلىڭ. ئامال بار يالغۇز، تىنىچ ئۆيدە ئېلىپ بېرىڭ.  توختاتقۇڭىز كەلگەندە توختاتسىڭىز بولىدۇ. بەك مۇرەككەپلەشتۈرىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. جىمجىت ئولتۇرۇپ، چۇڭقۇر نەپەس ئالسىڭىزلا بولىدۇ. ئۈچ مىنۇت، ھەتتا بىر مىنۇت قىلسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ.

ئۇندىن باشقا ئانىڭىزغا ھازىرغا قەدەر ئېيتالمىغان سۆزلىرىڭىزنى ئېيتىۋىلىڭ ياكى خەت يېزىپ دەۋىلىڭ. ھېلىقى ۋاقىتتا ئېيتقان مۇنۇ سۆزۈڭ بەك كۆڭلۈمگە كەلگەن، نېمىشقا شۇنداق دېگەنىدىڭ؟» دېگەندەك.

 

(8)

ئۆزىڭىزگە ساقايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئېگە سۆزلەرنى قىلىپ بېرىڭ

2-پەللە ئېنىرگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان مۇنۇ جۈملىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىڭ، بولۇپمۇ مەدېتەيشېن قىلىپ بولغاندىن كېيىن.

مەن ھەر ۋاقىت پۈتۈن ئالەم تەرىپىدىن سۆيۈلىۋاتىمەن.

مەن مەيلى قانداقلا مەن بولىشىمدىن قەتئىينەزەر ئالەم مېنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مەنمۇ ئەسلىدىكى ئۆزۈمنى سۆيىمەن ھەم كەچۈرىمەن.

سۆيۈملۈك ئۆزۈم، بۇ دۇنياغا كەلگىنىڭگە رەھمەت!

 

(9)

ئۆسۈملۈك-گۈل چايلىرىنى ئىچىپ بېرىش

تۆۋەندە ئۆسۈملۈك -گۈل چايلىرى ئېچىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاسراش ئۇسۇللىرىنى چۈشەندۈرىمەن.

ئۆسۈملۈك  ئېنىرگىيەنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر ئۆسۈملۈك  ئۆز ئىچىگە ئالغان تېما ھەم ئېنىرگىيە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، چاي قىلىپ ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق كام ئېنىرگىيەنى تولۇقلىغىلى، 2-پەللە جاراھىتىنى ساقايتقىلى بولىدۇ.

 

مالىنا چېيى

مالىنا چېيى

 

 مالىنا ئۆسۈملۈكى-«ئانىلىق مۇھەببەت»، «كەچۈرىۋىتىش» ئېنىرگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مالىنا چېيى ئىچىش ئارقىلىق ئانىلىق مۇھەببەت ۋە كەچۈرىلىش ھېسىياتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ ھەم 2-پەللە ئېنىرگىيەسىنى ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

مالىنا چېيى-ئانىغا ئوخشىتىلىدىغان بولۇپ، ئۆزىنى داۋاملىق ئەيىپلەيدىغان، ئۆزىدىن رازى بولمايدىغان، يەنە تىرىشمىسا بولمايدىغاندەك، ئۆزى يىتەرلىك ئەمەستەك ھېس قىلىدىغانلار بۇ خىل چاينى ئىچىپ بەرگىنىدە، خۇددى ئانىسى ئىللىق مىھرى بىلەن ئۇنى قوغداۋاتقاندەك، ئاسراۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ ھەم «ھازىرقى ئۆزۈممۇ شۇنداق ياخشى» دېگەن تۇيغۇغا كېلەلەيدۇ.

ئۇندىن باشقا مالىنا چېيى بالياتقۇغىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيزدىن بۇرۇنقى يېغىندى ئالامەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى«تۇغۇت چېيى» دەپ ئاتىلىپ، تۇغۇتنىڭ ئالدى-كەينىدە ئېچىپ بەرسە تۇغۇتقا پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ.

ئىچىڭىز تىت-تىت بولغاندا، بالياتقۇ ئەتراپى بىئارام بولۇپ، بەل-قورساق ئاغرىغاندا ئىچىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

ئىچىش ۋاقتى: كۈندە بىرەر قېتىم، ئۇخلاشتىن بۇرۇن قىززىق ئىچىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

 

قوۋزاق دارچىن چېيى

قوۋزاق دارچىننىڭ «ئەرلىك ئېنىرگيەسى»بولۇپ، خۇددى يېنىڭزدا تۇرسىمۇ ئۆزىڭىزنى كۈچلۈكتەك ھېس قىلغىنىڭىزدەك خۇسۇسىيەتكە ئېگە بولۇپ، ئەنسىزلىك ھېس قىلغىنىڭىزدا دەملەپ ئىچىپ بەرسىڭىز، كەيپىياتىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سىزگە قۇۋۋەت بېرىدۇ.

نېمىشقىدۇر ئىىچڭىز تىت-تىت بولۇپ، پاسسىپ خىياللاردىن نېرى بولالمىغاندا، ئۆي ئىشلىرى-خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ چارچىغىنىڭىزدا، بەدەننى سوغ ئېلىپ كەتكەندەك ھېس قىلغانلىرىڭىزدا دەملەپ ئىچسىڭىز كۈچ بېرىدۇ، كۆڭۈلنى تىنچلاندۇرىدۇ. بەدەننى ئىللىتىدۇ. ھەزىم قىلىشنى ياخشلايدۇ.

ئىچىش ئۇسۇلى: ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئەتىگەنلىك ناشتا ياكى چۈشتىن كېيىنلىك چاي ۋاقتىدا قېزىل چايلار بىلەن قىززىق دەملەپ ئىچىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ياز كۈنلىرى سوغ چاي قىلسىڭىزمۇ، بەدەننى سوغ ئېلىپ كەتمەيدۇ.

 

ئۈجمە گۈل چېيى ئېچىپ بېرىش

ئافرىقىدەك ئىسسىق جايلاردا ئۆسىدىغان، مىسىردا«ئاياللارغا سوۋغا قلىنىدىغان گۈل» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بەئەينى بىرازىلىيەنىڭ رەڭلىك كىيىم بىلەن فىلامىنكو ئۇسۇلى ئويناۋاتقان ئايالغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق قىزغىن، ئوچۇق، ئاياللارغا خاس پۇراق ئاتا قىلىدىغان ئۆسۈملۈك. چاي قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە ئاياللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۆۋەنلەپ كەتكەندە، مۇھەببەت ۋە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، تۇرمۇشتىن خۇشاللىق ھېس قىلالمىغاندا ئىچىپ بەرگەندە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ، ئاياللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئىچىش ئۇسۇلى: ئىككى-ئۈچ كۈندە چۈشلۈك ياكى چۈشتىن كېيىنلىك چاي ۋاقتىدا قىززىق دەملەپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ چاينىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، قوۋزاق دارچىن بىلەن بىللە ئىچىپ بەرگەندە، مۆتىدىللىشىدۇ ھەم تېخىمۇ مىجەزنى تەڭشەيدۇ.

ئۇندىن باشقا ياسىمەن، ئەمەن قاتارلىقلارنىڭمۇ داۋالاش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، بۇلاردىنمۇ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

 

 

(10)

ئۆزىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت ھەم مەبلەغ  ئاجىرىتىڭ

 

 ئۆزىڭىز ئۈچۈن دەماللىققا قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشتىن بېرى، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت ئاجىرىتىش. قانچىلىك ئالدىراش بولىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ھەر كۈنى كام دېگەندىمۇ بەش-ئون مىنۇت ئۆزىڭىز ئۈچۈن ۋاقىتىڭىز بولۇش. مەسلەن، ئۆزىڭىز يالغۇز قەھۋەخانىغا بېرىپ، خۇشپۇراق دەملەنگەن قەھۋەدىن ھوزۇرلىنىش، دېگەندەك.

ئۇندىن باشقا، بەكلا ئالغۇڭىز كەلگەن ئاياغنى، تېرە ئاسراش بويۇملىرىنى ئىقتىسادىڭىز يار بەرسىلا ئۆزىڭىز ئۈچۈن سېتىۋىلىڭ. كىچىك چاغلىرىڭىزدا ۋە ياكى بۇرۇن كەيگۈڭىز بار لېكىن ئاتا-ئانىڭىز ئېلىپ بەرمىگەن، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كىيەلمىگەن كۆينەكنى سېتىۋىلىڭ. بۇمۇ بەك چوڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېگە. بۇمۇ ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.

 

2-پەللە ئېنىرگىيەسى تەڭشەلگەندە

 

*ئچىڭىزدىكى تىت-تىتلىق يوقۇلۇپ، «نېمە ئىش يۈز بەرسە، مەن يۈزلىنەلەيمەن» دېگۈدەك قەلبىڭىزدە تىنچلىق بولىدۇ.

*ئەتراپىڭىزدىكىلەر تەرىپىدىن ياقتۇرۇلماسلىقتىن ئەنسىرەشلەر يوقايدۇ.

*ئۆزىڭىزنى ئىتىراپ قىلىپ، ئارتۇقچە كۈچىمەيدىغان بولىسىز.

*ئەتراپىڭىزدىكىلەر ۋە ياكى جۆرىڭىز بىلەن بىسىمسىز ، مەلۇم ئارىلىق قالدۇرۇپ راھەت مۇناسىۋەتتە بولالايسىز.

*ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەيدىغان بولىسىز.

*قانداق ئادەملەرنى، قانداق نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى بىلىدىغان بولىسىز.

روھىڭىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماڭسىڭىز، ئۆزىڭىزگە خاس ياشىغان بولىسىز.روھ يەنە بىۋاستە سىزىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەملەرنىڭ بىلىشىدىن، تەپەككۇرىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. روھ-كەلگۈسىنى، شۇنداقلا قانداق قىلسا بولدىغىنىنى بىلىدىغان بولغاچ، روھنىڭ باشلىغىنى بويىچە ياشىغاندا، تەبىئىي ھالدا ئۆزى بولۇپ، ئۆزىگە خاس ياشىيالايدۇ.  ئىككىنجى پەللە، يەنى تۆۋەنكى قورساقنى ئىللىتىش، دېققەتنى بېرىش يەنى تۆۋەنكى قورساققا ئىككى قولىنى قويۇپ چۇڭقۇر نەپەس ئېلىش، ئىككىنجى پەللىگە پايدىلىق گۈل چايلارنى ئىچىپ بېرىش ئۆزىنى كەچۈرگەنلىك بىلەن باراۋەر.2-پەللە ئېنىرگىيەسى تەڭشەلگەندە، ئۆزىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى قوغداپ كەلگىنىنى، ئەجەللىك ئاجىزلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى بىلەن تۇتاش ئېكەنلىكىنى بايقايدۇ.

ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئاسراڭ، سۆيۈڭ. ئەسلىدىكى ئۆزىڭىزنى شۇ پېتى قوبۇل قىلالايدىغان بولىسىز. ئۆزىڭىزنىڭ خۇشاللىق ئىستاكانىغا مۇھەببەت شارابىنى تولدۇرالايسىز.

 

********

 خاتتورى مىرېينىڭ «ئۆزىنى سۆيۈش قوللانمىسى» ناملىق كىتابىدىن تەسىرات

رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...