تىنچقىنە يېشىللىق ئىچىدە ھەر خىل گۈللەر ئۆستۈرۈلگەن گۈزەل بىر باغچام ،دەرىزىسى باغچىغا قارايدىغان  ياغاچ ئۆيۈم بولسا، ئەتىگەنلىرى خورازنىڭ چىللىغان، قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىدا كۆزۈمنى ئاچسام، قۇياشنىڭ يېڭى ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگەن  قىزغۇچ ھالرەڭ ھالىتىنى قانغىچە تاماششا قىلغاچ ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلانغاچ  يېڭىچە ئىلھام، تەپەككۇرلاردىن يېڭى ئەسىرىم پۈتسە…يېڭى سېغىلغان سۈت، تونۇردىن قىززىق چىققان نان، يەرلىك تۇخۇم، يېڭى كۆكتاتلاردىن ياسالغان سالاتلار بىلەن ناشتا قىلسام، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ھويلامدىكى گۈللۈككە قويۇلغان كارىۋاتتا ئاپتاپ يىگەچ بىر پەس ئۇخلىۋالسام..كۈتۈپخانامنىڭ دەرىزىسىدىن چۈشكەن كەچكى شەپەق نۇرىدا يېنىك مۇزىكا ئىچىدە دەرىزەم ئالدىدا يېزىقچىلىق قىلسام…

يۇقارقىسى مېنىڭ تاتلىق خىيالىم. بۇ يەنە ھاياتنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن جاق تويغان، دۇنيانىڭ ئادالەتسىزلىكلىرىدىن يۈرىكى زىدىلەنگەن نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىزنىڭ تاتلىق خىيالى بولۇشى مۇمكىن.

 بۈگۈن گۈللەر ئېچىلغان، ئەتىگەنلىك قۇياش نۇر چاچقان كىچىككىنە باغچامدىن ئالغان ئىلھامىمدا يۇقارقى تاتلىق چۈشنى ئۆز رىئاللىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان بىر ئايالنىڭ ھېكايىسىنى  سىلەرگە سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن..

بۇ يەردە ھاياتنى قىزغىن سۆيگەن، ئۆز ھاياتىنى ئاددى، بىراق ئۆزىگە خاس گۈللەرگە پۈركەندۈرگەن، ھازىرقى مۇشۇ دەۋردە  19-ئەسىرنىڭ تۇرمۇش ئۇسلۇبىدا ياشىغان ھەم ھاياتىنى ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن بېغىشلىغان، ياشانغان مەزگىللىرىنىمۇ بەخىت ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرغان بىر موماينىڭ، 100 پارچىگە يېقىن كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بىررەسىملىك كىتاب يازغۇچىسىنىڭ، رەسسامنىڭ، شۇنداقلا قەلبى ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن لىق تولغان بىر قىزچاقنىڭ، تۆت بالىنىڭ ئانىسىنىڭ، ھەم مۇھەببەتلىك بىر ئايالنىڭ ھېكايسى بار. ئۇ بولسىمۇ كۆپىنچىمىزگە تونۇشلۇق بولغان تاشا تىيۇدېر.

nordic wind

 

تاشا تيۇدېرنىڭ قىسقىچە ھاياتى

 

…تىنچقىنە سەھرادا دېھقانچلىق قىلىدىغان يېرىم، باقىدىغان مال-چارۋام، چىرايلىققىنە گۈللۈك باغچام بولسا

 

تاشا -1915-يىلى ئامېرىكىنىڭ  بوستوندا تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى ئۇنىڭغا يازغۇچى تولستوينىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان«ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» رومانىدىكى  ناتاشانىڭ ئىسمىنى قويغان ھەم قىسقارتىپلا تاشيا دەپ ئاتىغان.

ئۇ بەش ياش چاغلىرىدا كۆرگەن سېرىق ئەتىرگۈل ئۇنىڭدا تۇنجى قېتىم گۈل ئۆستۈرۈشكە بولغان ئىشتىياقنى قوزغايدۇ ھەم شۇندىن كېيىن مومىسى، ئاپىسىنىڭ گۈللۈكلىرىگە يارىدەملىشىپ، باغۋەنچىلىك بىلىملىرىىنى ئۆگىنىدۇ.11 ياشقا كىرگەندە لوندوندىكى ئاپىسىنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرغان چاغلىرىدا باققان توخونىڭ ھەر كۈنى بىردىن توخۇم تۇغۇپ بېرىشلىرى ئۇنىڭدا ئۆي ھايۋانلىرىغا بولغان مىھرنى ئويغىتىدۇ.

«تىنىچقىنە سەھرادا دېھقانچلىق قىلىدىغان يېرىم، باقىدىغان مال-چارۋام، چىرايلىققىنە گۈللۈك باغچام بولسا…»مانا بۇ ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئارزۇيى 22 يېشىدا توي قىلىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ ھەم ئېتىزلىقىدىن چىققان ئاشلىق-كۆكتات، ئۆزى باققان كالىنىڭ سۈتى، توخۇ تۇخۇمى، ھايۋانات گۆشى..بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، تۆت بالىنىڭ ئاپىسى بولىدۇ. بالىلىرى كىچىكىدىن تارتىپ تەبىئەت بىلەن ئۇچىرىشىپ، ئاپىسىنىڭ ئۆز قولىدا ئېتىپ بەرگەن تامىقىنى يەپ، ئاپىسىنىڭ كىتاب ئوقۇپ بېرىشلىرى، ئاپىسى تىكىپ بەرگەن قونچاقلاردا ئويۇن قويۇپ بېرىشلىرى ئىچىدە چوڭ بولىدۇ. ئەپسۇس، 43 ياشقا كىرگەندە، يولدىشى بۇ خىل دېھقانچىلىق تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ.

شۇنداقتىمۇ ئۆز ئارزۇيىدىن ۋاز كەچمىگەن تاشا55 يېشىدا ئامېرىكىنىڭ  ۋېرمىنت شىتاتىدىن يەر-زېمىن ئېلىپ، ئوغلى سەپ بەرگەن ئارزۇسىدىكى 19-ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى ئۆيىدە ئاخىرىقى 37 يىللىق ھاياتىنى ياشايدۇ ھەم 2008-يىلى 92يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بىراق، ئۇ ئۆستۈرگەن گۈللەرنىڭ ھېدى ھېلىمۇ ھەم بۇ دۇنيادىن كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە ياشاش ئۇسۇلى كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن  ئىلھام ھەم ئۈمىد  بولۇپ قالىدۇ.

ئەتىگەنلىك تۇنجى يۇتۇم قەھۋەنىڭ ھوزۇرى، مىتىرودا كىتاب ئوقۇۋىتىپ ئۇچىرىتىپ قالغان كىتاب ئىچىدىكى قىستۇرما رەسىمنىڭ گۈزەللىكىگە بىر پەس مەھلىيا بولغان دەملەر، گۈزەل مەنزىرىگە كۆزىمىز چۈشكەن دەقىقىلەر، روھىيتىمىزگە تونۇش بىزنى مەپتۇن قىلىدىغان قۇرلار…

مانا مۇشۇنداق ھارارەت بىلەن باشلانغان يېڭى بىركۈندە كىتابدىن ئوقۇغانلىرىمنىمۇ خاتىرىلەپ قويدۇم.

ئۇ ھاياتىدا يۈز پارچىغا يېقىن رەسىملىك كىتاب نەشىر قىلدۇرغان، مىڭ پارچىدىن ئارتۇق رەسىم كارتىسى سىزىپ چىققان، نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن يازغۇچى، رەسسام بولسىمۇ ئۇنىڭ مەخسۇس خىزمەت ئۆيى، خىزمەت ئۈستىلى بولمىغان. ئۇ ئاددى بىر ئائىلە ئايالى، ئاددى بىر ئانا سۈپىتىدە بالىلىرىغا قارىغاچ، ئۆي ئىشلىرىدىن ئازراق بوشۇنغان چاغلىرىدا  ئاشخانىنىڭ ئۈستىلىدە كىتابىنى يازغان، رەسىملىرىنى سىزغان…ئۇنىڭ ئىشخانىسى، ئۈستىلى دەل ئاشخانىسىنىڭ باغچىغا قارايدىغان دەرىزىسى ئالدىدىكى تاماق ئۈستىلى بولغان. تاشا ئانكىتلارنى تولدۇرغاندا خىزمەت ئورنى دېگەن يەرگە«ئائىلە ئايالى» دەپ يازىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ بۇ خىزمىتىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئائىلە ئايالى بولۇش قالتىس خىزمەت. ئائىلە ئايالى پەقەت ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلىدىغان ئايال بولماستىن، ئۇ يەنە مېۋىلەردىن مۇراببا ياسىغاچ شىكىسپىرنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئوقۇيالايدۇ.

ھازىر ئەڭ گۈزەل

 

«ھازىرغا قەدەر ياشىغىنىم بىكارغا كەتتى» دېگەندىن كۆرە، قالغان ھاياتىڭىزدا ئالدىنقى ھاياتىڭىزنىڭ خۇشاللىقىنىمۇ قېتىپ تېخىمۇ ياخشى ياشاڭ. ھاياتتا بىرمۇ بىھۇدە ئىش بولمايدۇ. ئۆتكۈزگەن ھەر بىر خاتالىقىمىز، ھەر بىر مەغلۇبىيتىمىزدىن ئالغان ساۋاق ھامان بىر كۈنى بىزگە ئەسقاتىدۇ.

تاشا تيۇدېر

ھەر قانداق بىر ئايال يېشىنىڭ چوڭىىىپ كېتىشىنى، قېرىپ كېتىشنى خالىمايدۇ. چىرايلىق يۈزلەرگە قورۇق چۈشىدىن، كۆزلەرنىڭ تورلىشىدىن، بۇرۇنقىدەك تاقىلداپ ماڭالماسلىقتىن…قورقىدۇ. تاشا موماي ئەكسچە يىللارنىڭ ئۆز بەدىنىگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىنى، ئۆزگەرگەن ئۆزىنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم ياشانغاندىمۇ ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلاردىن، ھاياتتىن ھوزۇرلىنىپ ياشاشنى ئەلا بىلىدۇ ھەم 80 ياشتىن ھالقىغان بۇ موماي ھازىرقى ھالىتىنى ھاياتىدىكى پۇلدىن، كەلگۈسىدىن، بالىلاردىن غەم قىلمايدىغان، ياش چاغلىرىدىكى قىلغۇسى يوق ئىشلارنىمۇ ئامالسىز قىلىشلاردىن، ھېرىپ-چارچاشتىن قۇتۇلغان، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان باغچىسى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، كەچتە تېكىپ، كىتاب ئوقۇپ ..ۋاقتىنى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا بېرىدىغان ئەڭ بەخىتلىك دەۋرىم دەپ بىلىدۇ ھەم يېشى چوڭايغانسىرى ھاياتتىن تېخىمۇ ھوزۇرلاندىم دەپ قارايدۇ.

تاشانىڭ بالىلىق دەۋرى قارىماققا «يىتىم بالا» دەك بولغىنى بىلەن شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتكەن. يەنى، ئۇ 9 ياش ۋاقتىدا ئاپىسى رەسساملىق ھاياتىنى باشلاش ئۈچۈن نىيۇيوركقا كېتىدۇ، دادىسى ئاجىرىشىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. تاشىا ئاتا-ئانىسىنىڭ يېقىن بىر دوستىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولىدۇ. بۇ كۆڭۈللۈك ئائىلىدىكى تاشادىن تۆت ياش چوڭ روۋز ھەم مەھەللىدىكى قىزلار بىلەن ئۇنىڭ بالىلىق ھاياتى شۇنداق خۇشال ئۆتىدۇ. ئەمما، ئۇ ھاياتىدىكى ئۆتۈپ بولغان دەۋرگە قايقۇم بار دەپ ئويلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر دەۋر، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھازىر ئەڭ گۈزەل!

بىرەر يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن. كۈتۈپخانىدا مەلۇم كىتابنىڭ مەلۇم بېتىدە مۇنداق قۇرلارنى ئۇچىرىتىپ قالدىم.

ئاياللار ھاياتىدا 20 ياشلىق دەۋرىدە 30 ياشلىقلاردىكى لاتاپەتكە ھەۋەس قىلىپ، 30 يېشىدا 20 ياشلىق دەۋرىنى، 40 يېشىدا 30 ياشلىق ۋاقتىنى، 60 يېشىدا 20 ياشلىق چاغلىرىنى سېغىنىپ ھاياتىنى ئىسراپ قىلىۋىتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ھەر بىر دەۋرىدە شۇ دەۋرىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىش بەك قالتىس ئىش!

تاشيا موماي دەل ئاشۇنداق ئايال. ئۇنىڭ 80 ياشلىق، 90 ياشلىق تۇرىقىدىمۇ ئاياللارغا خاس گۈزەللىك بار، «ئاياللارنىڭ ھەر بىر دەۋرىدە ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى بولىدۇ»دېگەن جۈملىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن.

ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى.

تاشيا ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىغىچە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈللىرى بىلەن ياشىغان. كارۋىتىدىن قوپالمايدىغان بوپقالدىمۇ بالىلىرى ياتاق ئۆيىگە گۈللەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىدا«ناھايتى ياخشى بىر ھايات بولدى. مەن ھەممە ئادەمگە مېنىڭكىدەك بەخىتلىك قېرىلىق نېسىپ بولىشىنى تىلەيمەن»دېگەن. مەنمۇ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىدا «ناھايتى بەخىتلىك ياشىدىم، گۈزەل بىر ھايات بولدى» دېيەلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھاياتلا بولىدىكەن ئارزۇ بىلەن ياشاش

 

ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، كەلگۈسىدىكى ئارزۇ توغۇرلۇق گەپ چىقتى. كام دېگەندىمۇ 65لەردىن ھالقىغان روبىرتتىن باشقا ساۋاقداشلار كەلگۈسىدىكى ئارزۇسىنى سورىغاندا، بەزىلەر كۈلدى. روبېرتنىڭ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ«روبېرىت، سىزنىڭمۇ كەلگۈسى ئارزۇيىڭىز بولسا نېمىشقا بولمىغۇدەك، ئارزۇيىڭىز نېمە؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ مەمنۇنىيەت بىلەن رەھمەت ئېيتقانىدى.

شۇنداق، ئادەملەر قانچە ياشقا كىرمىسۇن، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئارزۇيىنىڭ بولۇشى بەك گۈزەل ئىش!

تاشا موماينىڭ 90 يېشىدىكى ئارزۇسى ئەتىرگۈل يېتىىشتۈرۈش مۇتەخەسىسى بولۇش ئىدى.ئادەملەردە ئارزۇ بولسا، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئۆزى ئويلىغىنىدەك ياشايدىكەن، ئويلاپ باقمىغان مۇۋەپىقيەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.

قىممەتلىك سوۋغا-بالىلىق ئەسلىمە

 

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بېرىدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسىدىن بىرى-كۆڭۈللۈك بالىلىق ئەسلىمە.

ئۇ شىكىسپىرنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇيالايدىغان، گۈللەرنى ئۆستۈرۈپ، رەسىم سىزالايدىغانلا ئائىلە ئايالى بولماستىن، بالىلىرىغا كىتاب ئوقۇپ بېرەلەيدىغان،  تاماق تەييارلاپ دەرياغا سۇغا چۆمۈلگىلى، دالا تامىقى يېيىشكە ئېلىپ بارالايدىغان،  بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تورتنى ئېرىقتا  ئېقىتىپ بالىلارنىڭ دوستلىرىنى ھەيران قالدۇرىۋىتەلەيدىغان، ئۆزى قونچاقلارنى ياساپ، قونچاقلاردا ئويۇن قويۇپ بېرەلەيدىغان، ھەر بىر بايراملاردا ئۆز قولىد ياسىغان زىننەتلەر بىلەن ئۆيلەرنى بېزەپ، ئۆز قولىدا ئەتكەن تاماقلار بىلەن ئۈستەلنى تولدۇرۇپ ئۆينى بايرام شادلىقىغا چۆمدۈرەلەيدىغان….قسىقىسى، بالىلىرىغا ئۇنتۇلغۇسىزبالىلىق ئەسلىمە ئاتا قىلالىغان قالتىس بىرئانا ئىدى. ھەتتا، يولدىشى ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كەتكەندە، تۆت بالىسى بىلەن قالغان تاشا دىھقانچىلىق قىلىپ، رەسىم سىزىپ تاپقان ئىقتىسادى بىلەن بالىلىرىنى ئالى مەكتەپلەرگىچە ئەۋەتكەن ئىدى.

دۇنياغا مەشھۇر تۆمۈر ئايال ساچىر خانىملاردەك كۈچلۈك ئاياللارغا قارىغاندا ئۆز بالىلىرىغا مۇھەببەت ئاتا قىلالىغان ئاددىي ئانىلارنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايمەن. مەنچە بىر ئايالغا، بىر ئانىغا نىسبەتەن بۇلارنى قىلماق ئاددى بولمىغان ۋەزىپە بولسا كېرەك.

تاشيا موماي«ئەتراپىمدا گۈزەل نەرسىلەرنىڭ بولۇشىنى ياقتۇرىمەن. بۇ گۈزەللىكلەرگە قارىغىنىمدا مەندە يېڭىچە ئىلھام پەيدا بولىدۇ»دەيدۇ. ئۇنىڭ باغچىسىكى گۈللىرىدىن سىرىت، ئۆي ئىچىدىمۇ داۋاملىق گۈللەر تېزىلغان بولىدۇ. دەل بۇ تەرىپىمۇ مەن بىلەن ئورتاقلىققا ئېگە. پىقىرمۇ ئەتراپىمدا گۈزەللىكلەرنىڭ بولۇشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. ئۆيۈمدە نان تۈگەپ كەتسىمۇ بولىدۇ، بىراق لوڭقامدا گۈلۈم كەم قالسا بولمايدۇ.😁

«ھاياتىمنى بەئەينى دەم ئېلىش كۈنۈمنى ئۆتكۈزگەندەك ھەر بىر دەقىقىدىن ھوزۇرلىنىپ ياشىدىم.» دەيدۇ تاشا موماي ئاخىرىقى مىنۇتلىرىدا. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئوغلى ياساپ بەرگەن ئۆيىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى 36 يىلىنى ياشىدى ھەم 2008-يىلى 92يېشىدا ھاياتىنىڭ ئاخىرىقى بېتىنى ياپتى.

مەنمۇ گۈللۈكۈمگە قارىتىلغان دەرىزەمنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئەتىگەنلىك قەھۋەرىمنى ئىچكەچ، بۇ كىتابنىڭ ئاخىرىقى بېتىنى قىيالماسلىق ئىچىدە ياپتىم….

گۈزەل بىر ئايالنىڭ گۈزەل ياشىيالىشى ناتايىن، ئەمما گۈزەل ياشىيالىغان بىر ئايالدا چوقۇم گۈزەللىك بولىدۇ. ھاياتىدىكى خۇشاللىقنى تەبىئەتتىن، بالىلاردىن، گۈللەردىن ،تاماق ئېتىشتىن، رەسىم سىزىشتىن، كىتاب ئوقۇشتىن، كەچتە تىكىشتىن…ئالغان ئايالنىڭ ۋۇجۇدىدا پىشىپ-يېتىلگەن، نەپىس ئاياللىق مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ. يالغۇز ياشاش، بولۇپمۇ يالغۇز ھالىتىدىمۇخۇشال ياشىيالايدىغان بولۇش ھەرئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، ئۇ شۇ ئادەمدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۆزىنى سۆيۈش ھەم يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىسىتىتىك تۇيغۇسى ھەم كۈچلۈكلۈك تەلەپ قىلىدۇ.

تاشادەك ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نەپەسلىرىدىمۇ قۇشلارنىڭ ئاۋازىدىن كۆزلىرىنى ئېچىش قەلبدىكى ئاجايىپ تۇيغۇنلۇقنى، تەبىئەت بىلەن بولغان چوڭقۇر ئىلاھى يېقىنلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ 92 يىللىق ھاياتنى ئەڭ نەپىس شەكلىدە ئۆتكۈزەلمىگەن بولسىدى، «مەن بەخىتلىك ياشىدىم» دېيەلمىگەن بولاتتى.. يەنە دەيمەن، ئەڭ ئاخىرىقى نەپسىمىزدە«مەن ناھايتىمۇ گۈزەل بىر ھاياتتا بەخىتلىك ياشىدىم» دەپ مۇھەببەت بىلەن كۆز يۇمۇش، ياراتقۇچىمىزنىڭ ئالدىغا تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن، ۋايىغا يەتكەن روھىمىزنى  ئېلىپ بېرىش ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىقى مەقسىتى بولسا كېرەك.

قەلەمدە: رەيھان ئابلەت

2024.05.03

تارقىتىڭ...