ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى تاپتىڭىزمۇ؟ يېگۈڭىز كەلگەن نەرسىلەرنى يىيەلمەي بىئارام بولامسىز ياكى يەپ بولۇپ پۇشايمان قىلامسىز؟

بۇ كىتابتا تونۇشتۇرغان پىروگراممىدا سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن تاماقنى يىيەلەيسىز، يەيدىغاننى يەپ بولۇپ پۇشايمان قىلىشتىن، ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەشتىن قۇتۇلىسىز. يىگۈڭىز كەلگەننى يەپ تۇرۇپ تەبىئىي ئورۇقلايسىز. ئورۇقلاشقا بولغان كۆز-قارىشىڭىزدا 180°گىرادۇس ئۆزگىرىش بولىدۇ.

ئۇنداقتا،« % 100غەلبە قىلىدۇ» دەپ قارالغان ئورۇقلاش پىروگراممىسى زادى قانداق پىروگرامما؟

Arrietty`s music

 

 ئورۇقلاش پىروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتى

 

ئۈچ ئايدا ئورۇقلاش پىروگراممىسنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل قائىدىسى بار:

بىرىنجىدىن: ئۈچ كۈن ئورۇقلاش كۈنىنى 「ON」قىلىپ، بىر كۈن「OFF」قىلىپ دەم ئالىمىز. يەنى، 「ON」قىلىنغان كۈندە يەپ-ئېچىش پەقەت سەككىز سائەت ئىچىدە بولىدۇ. قورساق ئاچ ۋاقىت 16 سائەت بولۇشى كېرەك. بۇ ئۈچ كۈندە چەكلەنگەن 30 خىل يىمەكلىكنى يىيىشكە بولمايدۇ. سەككىز سائەتتىن سىرىتقى ۋاقىتتا ئاقسىل، كۆكتات ئىچىملىكى  ئىچىشكە بولىدۇ.

ئىككىنجىدىن: 「OFF」قىلىنغان كۈنىدە بىر ۋاخ تاماقتا يېگۈڭىز كەلگەن يىمەكلىكنى خالىغانچە( چەكلەنگەن يىمەكلىك ئىچىدىكى يېمەكلىك بولسىمۇ بولىدۇ)يېسىڭىز بولىدۇ.  بۇ كۈنى ئۈچ كۈن غەيرەت قىلغان ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلاپ بىر كۈن «ئورۇقلاش» دېگەن ئۇقۇمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىڭ.

ئۈچىنجىدىن: ھەركۈنلۈك تاماق، ئېغىرلىقىڭىز، بەدەندىكى ماي مىقدارىنى خاتىرىلەپ ماڭىسىز.

ناشتىلىق

ئورۇقلاش پىروگراممىسنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى

 

بىرىنجى قەدەمدە: تەييارلىق قىلىش

باشلاشتىن بۇرۇن ھازىرقى بەدەن ئېغىرلىقى، ماي مىقدارى ھەم بەدەن ھالىتىمىزنى خاتىرىلىۋالىمىز. ئورۇقلاش نىشانى بېكىتىپ، ئائىلىدىكىلەر، دوستلىرىمىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى تورداشلارغا ئورۇقلىغاننى باشلىغىنىمىزنى ئېلان قىلىمىز. ئورۇقلاش ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلايمىز. يەنى، ئائىلە ئەزالىرىمىزنىمۇ بىزگە ھەمكارلىششنى تەلەپ قىلىمىز. مەسلەن، مېنىڭ سۆيۈملۈك يولدىشىم ئىشتىن چۈشكەندە، تاتلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىرەر نەرسە ئەكەلمەكچى بولسا، مۇنداق تاتلىقلارنىڭ ئورنىغا پىشلاق ياكى يۈز چاپلىقى ئېلىپ كېىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.

ئىككىنجى قەدەمدە: ئىجرا قىلىش

ئۈچ كۈندە بىر دەم ئېلىش ئورۇقلاش پىروگراممىسىنى راھەت ھالدا كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىجرا قىلىش.

ئۈچىنجى قەدەمدە: خاتىرىلەش

ھەر كۈنى، ھەر ھەپتە، ھەر ئايدىكى ئورۇقلاش ئەھۋالىمىزنى تەھلىل قىلىپ، قانداق غەيرەت قىلدۇق، قايسى يەردە كەتكۈزىۋەتتۇق  غەلبە ھەم مەغلۇبىيەتلىرىنى تەھلىل قىلىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ مېڭىش.

دەم ئېلىش كۈنىدە غەيرەت قىلغان ئۆزىڭىزنى مۇنداقمۇ مۇكاپاتلىسىڭىز بولىدۇ.

ساغلام ئورۇقلاشتىكى خاتا كۆز-قاراشلار

سۇلۇ يارمىسى

بىز ساغلام ناشتىلىق دەپ بىلىدىغان قۇرۇق مېۋە ئارىلاشقان سۇلۇ يارمىسى ، ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، سۇلۇ يارمىسى تاللىغاندا قەنت مىقدارى يوق، قۇرۇق مېۋە ئارىلاشمىغاننى تاللاڭ. مېۋە قېتىش توغرا كەلگەندە، ھۆل مېۋە، سۈتنىڭ ئورنىغا ساپ پۇرچاق سۈتى ئىشلىتىڭ.

سۇلۇ يارمىسىنى تاللىغاندا، شىكەرسىز، قۇرۇق مېۋىسىزنى تاللاپ، ھۆل مېۋە، قىتىق، پۇرچاق سۈتى بىلەن يېسىڭىز بولىدۇ.

بازارنىڭ مېۋە سۈيى

بازارنىڭ مېۋە سۈيىدە كۆپ مىقداردا قەنت مىقدارى بار بولۇپ، ئامال بار ئۆيدە ئۆزىڭىز ياساڭ. بۆلجۈرگەن، نەشپۈت، ئاۋوكادو، مايمۇن شاپتۇلى، پالەك..قاتارلىق قەنت مىقدارى تۆۋەن مېۋە بىلەن كۆكتات ئارىلاشقان ئىچىملىكنى ئۆزىڭىز ساغلام ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلىڭ.

ئاۋوكادو،ئورگانىك پۇرچاق سۈتى،مېغىزلاردىن ياسىغان ئىچىملىك

سۇ ئىچسىمۇ سەمىرىيدۇ

بەزىلەر سۇمۇ سەمىرىتىدۇ دەپ قاراپ سۇنى ئاز ئىچىدۇ. سۇ سەمىرىتىدۇ دېيىش  خاتا قاراش. ئەكسىچە، سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش گۈزەللەشتۈرۈش، زەھەرنى ھەيدەش، ئورۇقلىتىش خۇسىۇسىيىتىگە ئېگە.

 

 

ئورۇقلاش ئادەتلىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىمىزنى ياخشىلاش ھەمدە ساغلام بولغان ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرىۋىتىش ئەڭ ياخشى ئورۇقلاش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

تورلاردا ئورۇقلاشقا ئائىت ۋەزلەر، دەرس ئۆتىدىغانلار بەك جىق. مەن ئۆزىگە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشى دەپ قارايمەن ھەم ماتىرياللاردىن ئىگەللىگەن ئۇزۇن يىللىق چۈشەنچەم ھەم ئۇشبۇ كىتابدىن ئۆگەنگەنلىرىمنى ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ماڭا ھەم بەلكىم ھەم كۆپچىلىككە ماس كېلىدىغان بىر قانچە ساغلام ئورۇقلاش ئادىتىنى تونۇشتۇرىمەن.

مېڭىش ئادىتى

يۈگۈرۈش، يوگا ھەم باشقا  ئېغىر، قاتتىق ھەرىكەتلەرگە قارىغاندا، تېز ماڭغاندا ئېنىرگىيە سەرپىياتى، ماي كۆيدۈرش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. مېڭىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغاندا ئەڭ ياخشى چېنىقىش ھەم ئورۇقلاش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا، مېڭىش-مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھەرىكەتتىن بىرى.

يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بىرى ئەتىگەنلىرى مېڭىشقا چىقالمىدىم. مۇمكىن بولسا ئەتىگەننىڭ ساپ ھاۋاسىدا تەبىئەت ئىچىدە مېڭىش ئورۇقلاشلا ئەمەس، مەن ئۈچۈن روھى جەھەتتىكى دورا ھېسابلىنىدۇ. پات ئارىدا بۇ دورامنى يەنە تېپىۋىلىشقا تىرىشىمەن. ئۇندىن باشقا خىزمەتكە بېرىپ-كىلىش يولى، نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىش..دېگەندەك يوللاردا مەلۇم دەرىجىدە مېڭىپ بەرسە بولىدۇ.

 

يىتەرلىك ئۇيغۇ

 

ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەت بولۇشقا كاپالەتلىك قىلغاندىمۇ ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇيقىغا كىرگەندىكى ئۈچ سائەت بەكمۇ مۇھىم.

 

ھەرىكەت

  1. ئەتىگىنى ئاخشىمى، قېزىل چىراغ ساقلىغاندا..ئازراق بىكار ۋاقىت تاپقاندا ئولتۇرۇپ-قوپۇش ھەركىتى، تاپىنىنى كۆتۈرۈش ھەركىتى قىلىپ بېرىش. مەن قىلالايدىغان ، ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ھەرىكەتتىن بېرى داس-بوشلۇق ھەركىتى. بۇ ھەرىكەت ئاياللارغا، بولۇپمۇ تۇغۇپ باققان ئانىلارغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. يەنى، ئەتىگەن ئاخشامدا 10~15 قېتىمغىچە قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

 

غېزالىنىش تەرتىپى

توغرا بولغان غىزالىنىش تەرتىپىمۇ ساغلام ئورۇقلاشقا پايدىلىق. يەنى، بىرىنجى قەدەمدە كۆكتات، ئاندىن قورۇما، ئاندىن ئاساسلىق تاماقنى يىيىش.

ئاقسىل ئىچىش

ئاقسىل ئىچىپ بەرگەندە، ماينى كۆيدۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئاقسىلنى تاللىغاندا تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ماي كۆيدۈرۈش ئۈنۈمى بولغان پۇرچاق ئاقسىلىنى تاللىساق بولىدۇ.

تاماقنى ياخشى چايناپ، ئاستا يېيىش ئادىتى

تاماقنى تېز يىيىش ھەزىم قىلىشنى ناچارلاشتۇرۇپ، قورساق تويغان سىزىمنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. ئادەتتە، قورساق تويغان سىزىم تاماق يىيىشنى باشلاپ 20 مىنۇت بولغىچە بولىدۇ. تاماقنى ئالدىرىماي چايناپ يىيىش، بولسا بىر لوقمىنى 20 قېتىم چايناپ يىيىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

يىمەكلىك تاللىغاندا

شاكىلات يېگۈڭىز كەلگەندە، 70%لىك قارا شاكىلات يېسىڭىز بولىدۇ.

ئاچچىق نەرسە يىگۈڭىز كەلگەندە، كىمۇچى يەڭ.

ئۇششاق-چۈششەك يىگۈڭىز كەلگەندە، قۇرۇتۇلغان تاتلىق بەرەڭگە، ئارىلاش مېغىز، يېشىل پۇرچاق枝豆 يەڭ.

كاربوناتلىق يىمەكلىككە رەڭلىك يىمەكلىك تاللاڭ. مەسلەن، ئاق بۇغداي، ئاق گۈرۈچنىڭ ئورنىغا قارا ئاشلىق دېگەندەك.

مەن ئۆزۈمدە سىناپ باققاندىن كېيىنكى ئەمەلىيەت قانداق بولدى؟

مەن ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ«ئۈچ ئاي ئىچىدە تەبىئىي ئورۇقلىتىدىغان ئۈچ كۈندە بىر دەم ئېلىش پىروگراممىسى»ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا باشلىدىم.

دەل بىر يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، مەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشتىن بىرى، ناھايتىمۇ ساغلام بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈردۈم. ھازىر قورسقۇم شۇنداق ئىچىپ كەتسىمۇ، ئالدىمغا كەلگەننى يىمەيمەن، ئالدى بىلەن «بۇ ساغلاملىقىمغا پايدىلىقمۇ-يوق؟» دەپ ئويلىشىپ يەيمەن. چىرايىممۇ بۇرۇنقىدىن نۇرلىنىپ، ئۆزۈمنى يېنىك ھېس قىلىدىغان بولدۇم. ئەڭ مۇھىمى ساغلاملىقىم، گۈزەللىكىم ئۈچۈن ئەڭ سۈپەتلىك، ساغلام ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى تېخىمۇ سۆيدۈم.

ئېغىرلىقىمگە كەلسەم، راستىنى دېگەندە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىغان بىلەن، بۇرۇنقى كىيىملىرىم تېخىمۇ ياراشقاندەك ھېس قىلدىم، ئەڭ مۇھىمى بازاردىكى كۆزۈم چۈشكەن سەتەڭ يوپكىلارنى، كۆينەكلەرنى كىيەلەيمەن.

.بۇ خىل ئورۇقلاش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكى- قورساق ئاچ ۋاقىت 16 سائەت بولۇشى كېرەك. ئاچ قورساق ۋاقىت ئۇزارغاندا، بەدەن ئىچىدىكى كېرەكسىز ماددىلار تازلىنىدۇ. بەدەن ئورۇقلاش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. تىرە گۈزەللىشىدۇ. ئىمۇنىتىت كۈچى ئاشىدۇ. دىئابىت ، راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ. بەدەنمۇ، روھى ھالەتتىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ھە-راست، ئۆزۈمدە بولغان يەنە بىر ئۆزگىرىشنى ئېيتىپ بېرىشنى ئۇنتۇپتىمەن. مەن ياپونغا كەلگەندىن بىرى ھاۋاسى ياقماسلىق سەۋەبىدىن رىئاكسىيە كىسىلى بولۇپ قىلىپ، ئون نەچچە يىلدىن بىرى ئۈزۈلدۈرمەي دورا يەپ كەلگەنىدىم. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندىن كېيىن، يەپ كېلىۋاتقان دورامنى ئازلاتتىم، ئامال بار ئىچمەيدىغان بولدۇم. دېمەك، ئىمۇنىتىت كۈچۈم ئېشىپ، تېخىمۇ ساغلام بولۇشقا باشلىدىم.

ئاخىرىدا، تەن ھەم روھىنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان دوستلارنىڭ ئەتە يەنى، 8-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ مەن بىلەن بىرلىكتە ئۈچ ئايلىق ئورۇقلاش سەپىرىگە ئاتلىنىشقا چاقىرىمەن.

تارقىتىڭ...