تەبىئەت بىلەن ئوخشاش ناھايتىمۇ قالتىس بولغىنى بەدىنىمىز ۋە قەلبىمىزدىن ئىبارەت تەبىئەتتۇر. ئادەم چۈشەنگەنسىرى بۇ ئاجايىپ بۆيۈك قۇرۇلمىدىن قەلبى لەرزىگە كېلىدۇ. ئادەم قانچىكى تەبىئەتتىن يىراقلاشقانسىرى كىسەلگە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ،-دەيدۇ قەدىمى گىرىتسىيە تىۋىپى خىپىكراتىس.

بەزىدە ئويلاپ قالىمەن مۇشۇ چاچ سوپۇنى، چاچ ئاسراش مايلىرى يوق زامانلاردا ئاياللار قانداق چىچىنى يۇيغان بولغىيتتى؟ يەنە قانداق قىلىپ ئۇزۇن، قويۇق چاچ گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالغان بولغىيتتى؟ ھازىرقىدەك تېرە ئاسراش مايلىرى، بەدەن سوپۇنى..يوق چاغلىرىدا پاكىزلىقى ھەم گۈزەللىكىنى قانداق ساقلاپ قالغان بولغىيتتى؟يۈگۈرەپ چىقسىلا دوختۇرخانا، دوختۇر يوق ئەينى زامانلاردا زۇكامداپ قالسا، ئاغرىپ قالسا قانداق قىلغان بولغىيتتى؟

شۇنداق، قەدىمقى ئاياللار جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ تەبىئەتنىڭ كۈچىدە ئۆز گۈزەللىكى ھەم ساغلاملىقىنى ساقلاپ كەلگەن. مەسلەن، ئۇيغۇر ئاياللىرى جىگدە يىلىمىدە چاچلىرىنى ئاسىرىغان، خىنە ، ئوسمىلاردا تەبىئى گىرىملەرنى قىلغان، ئەينى يىللاردىكى خىمىيەلىك ئوغۇتسىز ئېتىزلىقلاردىن چىققان تەبىئى يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلانغان. دائىم قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچىرىشىپ تۇرغان…دېمەك، تەبىئەتنىڭ كۈچىدە ئۇلار ئۆز گۈزەللىكى ۋە روھى -جىسمانى ساغلاملىقىنى ساقلاپ كىلەلىگەن.

يېقىندا سۇزۇكى نانائېنىڭ«تەبىئەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ئاسراش قوللانمىسى»ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. كىتابنىڭ ئاپتۇرى سۇزۇكى خانىم20 نەچچە ياش چاغلىرىدا رىئاكسىيە كىسىلى سەۋەبىدىن يۈزلىرىگە بىر نەرسىلەر چىقىپ كىتىپ، سىرىتقا چىققۇسى، كىشىلەر بىلەن ئارىلاشقۇسىمۇ كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، سالامەتلىكى ناچارلىشىدۇ. ئاشۇنداق كۈنلەردە ئۆسۈملۈكنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئۇچىرىشىدۇ ھەم ئۆزىنى تەبىئىي ئۇسۇلدا داۋالاشقا كىرىشىدۇ. ئۇ تۇرمۇش ئادىتىنى ساغلاملاشتۇرۇش، تەبىئەتنىڭ كۈچى بىلەن سالامەتلىكىنىڭ  ئەسلىگە كېلىش جەريانى، كەچمىشلىرى ۋە ئۆگەنگەنلىرىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان ئۆزىگە ئوخشاش كۆرۈنمەس«ئاغرىقلار»دا قىينىلىۋاتقان خانىم-قىزلارغا يارىدەم قىلىدۇ ھەم ئۇشبۇ كىتابنى يېزىپ چىقىدۇ.

كىتابتا بەدەننى«ئارام ئالدۇرۇش، ئىللىتىش، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەش»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ نۇقتىدا تەپسىلى توختىلىدۇ. ئائىلىدە ئۆزىمىز تەييارلىيالايدىغان ئاددى  رىتىسىپلار تەمىنلىنىدۇ. مەن بۇ قېتىم باشقا كىتابلارغا ئوخشاش تەسىراتىمنى سۆزلىمەيمەن. پەقەت يېقىندىن بىرى ئوقۇغان  ساغلاملىققا ئائىت  كىتابلىرىمدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز تۇرمۇشۇمغا تەدبىقلاپ تۇرۇپ  قىسقىچە  ئورتاقلىشىمەن.

Richard Clayderman – Hungarian sonata

ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرى

 

مەن سەھەرنى، سەھەرنىڭ قۇياش نۇرىنى، يېڭى قۇياش چىققاندىكى تال-تال قىزغۇچ نۇرلاغا چۆمۈلۈپ كۆزلىرىمنى يۇمۇپ كائىناتنى تىڭشاشنى…شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن. بۇ قۇياش نۇرىدا پۈتۈن ھۈجەيرىلىرىم يېڭىلانغاندەك، جانلانغاندەك، قايتىدىن ھاياتى كۈچكە تولغاندەك، تەبىئەتنىڭ ئىلاھى كۈچىنىڭ تېنىم ۋە روھىمغا سىڭىپ يورۇتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ پۈتكۈل كائىنات تەرىپىدىن سۆيۈلىۋاتقىنىمنى ھېس قىلىمەن…ياق، پۈتكۈل ھۈجەيرىلىرىم، روھىم ھېس قىلىدۇ….

گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ئۆزىنى ئاسراشنىڭ تۇنجى قەدىمى-تەبىئەتنىڭ، بەدەننىڭ بىئولوگىيەلىك قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتنىڭ گۈزەل نۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىش، ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى، كائىناتنىڭ بىر قىممەتلىك مەۋجۇداتى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش. ئەڭ ئاددىيسى قۇياش بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قۇياش بىلەن بىرلىكتە كېچىگە كىرىش، كېچىسى راھەت ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بىرىش.

ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەندە، بەدەننىڭ رىتىمى تەڭشىلىپ، بىئولوگىيلىك سائەت 24سائەتلىك دەۋرىلىككە قايتىپ، 14 سائەتتىن كېيىن تەبىئىي ھالدا ئۇيقۇ ھورمۇنى  مېلاتىنىن ئاجرىلىپ چىقىشقا باشلاپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ.كېچىسى ئۇيقۇسى تېيىز ياكى بىر ئويغىنىپ كەتسە دەرھال ئۇخلىيالمايدىغانلار ئەتىگەننىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈشنى قولدىن بەرمىسە كېچىسى قېنىپ ئۇخلاشقا پايدىسى بولىدۇ.

بۇ يىلقى تۇغۇلغان كۈنۈم ياتاقتىن تارتىلغان سەھەردىكى قۇياش

بەدەننى ئىسسىق تۇتۇش

تۇنجى قىزىمنى يەڭگىگەندە، دوختۇرخاندىكى مەن بىلەن بىللە تۇغقان ئانىلارنىڭ توڭلاتقۇدىن ئىچىملىك ئېلىپلا ئىچىشلىرى، تۇغۇتتىن كېيىنلا ھەر كۈنى يۇيۇنۇشلىرى..ماڭا ياپونلۇقلاردا ئىىسىق-سوغۇق قارىشى چورتلا يوق بىلىنگەنىدى. ھالبۇكى، بۇ زېمندا ئۇزۇن تۇرغانسىىرى، بۇلارنىڭ مەتبۇئات ھەم مەدەنىيتى بىلەن ئۇچراشقانسىرى شۇنى بىلدىمكى، بۇلاردىمۇ بەدەننى ئىىسىق تۇتۇش، سوغ ئەپكىتىشتىن ساقىلىنىش دەيدىغان ئۇقۇم باركەن.

بەدەننى ئىللىتىش-قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، ھەر بىر ھۈجەيرىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ھەم بەدىنىمىزدە كۆرۈلگەن ھەر خىل بىئارامچىلىقلارنى پەسەيتىدۇ. تۆۋەندە بەدەننى ئىللىتىشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمەن.

*تۆۋەن بەدەننى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بېرىش. ئەلۋەتتە، ئىسسىقلىق چىلانما دورىلىرى، خۇشپۇراق ئىسىقلىق مايلىرىنى تىمىتىش.. دېگەندەكلەر بىلەن. (دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ تاللايمىز، بۇ يەردە تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمەن)

*ھوشۇق، بەلنى ئىسسىق تۇتۇش، ئىسسىقلىق مايلىرى بىلەن مايلاپ تۇرۇش، چاپلاقلار ئارقىلىق ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش.

بۇرۇن ئۇ يېرىم مۇنداق بولدى، بۇ يېرىم مۇنداق بولدى دېسەم ئانام«قوي ېېغىنى قىززىتىپ مايلاپ بەر»دەيتتى. مانا ھازىرئاناملارغا  ياپوننىڭ پۇراقسىز ئات مايلىرىنى مەن ئەۋەتىپ بېرىدىغان بولدۇم. (ئەلۋەتتە، ئانچە-مۇنچە قوي مىيىدا مايلىنىشمۇ ياخشى)باشقا دۆلەتلەرنى بىلمىدىم. ياپوننىڭ ئات مېيى، قىزىل گۈل مېيى، ئۈستىقۇددۇس، بادام، زەيتۇن مايلىرى پۇراقسىز ھەم بەزىلىرى شۇنداق پەيزى پۇرايدۇ. يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن مايلىنىۋالىسىمۇ شۇنداق راھەت.

*سوغۇق يىمەك-ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتىش.

 ناشتىلىقنىمۇ سوغۇق سالات، ئىچىملىك بىلەن باشلايدىغان، كۈن-كۈنلەپ بىرەر ئىستاكان قىززىق چاي ئىچمەيدىغان، بىرەر ۋاق قىززىق ھورى چىقىپ تۇرغان بىر پىيالە تاماق يىمەيدىغانلارغا «قىززىق بىر پىيالە تاماق يىسىڭىزچۇ ..»دەپ قالىمەن. مۇنداق كۈنۈم-كۈنۈملەپ ئورۇقلايمەن دەپ سوغۇق سالات، ئىچىملىكلە  بىلەنلا غىزالانغانلارغا قارىسىڭىز يۈزىدە نۇر دەيدىغان نەرسە قالمىغان. ئەتىگەنلىرى يىلىمان قايناقسۇ، بولسا ھەسەل، لىمون قوشۇلغان قايناقسۇ، قىززىق ناشتىلىق قىلىش(بولسا ياپونلارنىڭ مىسو شورپىسى، ئونىگىرىسى ئۈچەيگە ئەڭ پايدىلىق)، چۈشلۈك تاماقلارغا  بىزنىڭ زەيتۇن مېيىدا قىلىنغان ئوخشىغان پولو، چامغۇر-سەۋزىلەرسىلىنغان گۈپۈلدەپ يۇمغاقسۈتنىڭ ھېدى كەپ تۇرىدىغان قىززىق شورپا..دېگەندەك تاماقلىرىمىز تەننىڭ ھەم روھنىڭ داۋاسى. قسىقىسى، كۈنىدە بىرەر ۋاق قىززىق تاماق يىيىش ھەم تەڭشەپ يىيىش  تەن ھەم روھىمىزغا دورا.

تەبىئى يىمەك-ئىچمەك-تەنگە شىپاھ

 

*ئاقىسل، تۆمۈر ماددىسى مول بولغان جىگەر، تۇخۇم، توخۇ گۆشى، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش.

ياپونچە تىبابەت ماتىرىياللىرىنى كۆرۈش جەريانىدا ئۆزىمىزنىڭ مىللى تىبابىتىگە قىزىقىپ قالدىم ھەم مىللى تىبابەتتىكى ھۆتەلگە نەشپۈتنى كۆمۈپ يەپ بېرىش، بۆرەك ئاجىزلاپ كەتسە ياڭاق يەپ بېرىش، ھەر پەسىلدە شۇ پەسىلنىڭ كۆكتات-مېۋىلىرىنى يەپ بېرىش، يالاڭئاياق تۇپراققا دەسسەپ بېرىش…دېگەندەك ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان تەبىئەتنىڭ نىھمەتلىرى بىلەن ساغلام ياشاشتىن ئىبارەت بۇ يىلتىزىمىزدىكى بىباھا ئەندىزلەرنىڭ نەقەدەر قىممەتلىكلىكىنى يەنە بىر رەت بىلدىم.

جەمىيەت، تىببى ساھە تەرەققى قىلدى، يەپ-ئىچىدىغانلىرىمىز كۆپەيدى دېگەن بىلەن يەنىلا ئەسلىدىكى تەبىئى تۇپراقتىن ئۈنۈپ چىققان تەبىئەتنىڭ نىھمەتلىرى تەبىئەتنىڭ بىر قسىمى بولغان بىزلەرنىڭ ئەڭ بىخەتەرشىپاسى.

*ئۆسۈملۈك چايلىرىنى ئىچىپ بېرىش.

ئەمەن، چاققاق ئوتلارنىڭ قان تازىلاش رولى بولۇپ چاي قىلىپ ئىچىپ بېرىش، يىمەكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدەندىكى قاننى تازلىغىلى، زەھەرنى ھەيدىگىلى بولىدۇ. 

بابۇنە، ئۈستىقۇددۇسلار، قېزىل گۈلدە چاي قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ،-دېگەندەك، مانا مۇشۇنداق ئەتراپىمىزدىكى تەبىئى ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزدە كۆرۈلگەن ئالامەتلەرگە شىپا تاپساق بولىدۇ.

ئادەت ئاغرىتىپ كېلىش، تىرىككەك بولۇپ قىلىش، كىلماكتىرىيە دەۋرىدىكى يېغىندىكى كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سوغى ئىشىپ كېتىش…دېگەندەك ھەر بىر ئالامەتلەرگە تەڭشىلىدىغان چاي ئوخشىمايدۇ. مانا مۇشۇنداق ئۆزىمىزدىكى ئالامەتلەرنى بايقاپ، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز تىۋىپ بولساق بولىدۇ.(چاي رىتىسىپلىرىنى تەپسىلى دېمىدىم. ھاھا ھا..كېيىن ھەقىلىق دەپ بېرىمەن)

20 ياشلاردىكى ئۆزۈمگە دەيدىغانلىرىم

بەدىنىمىزدە كۆرۈلگەن ھەر خىل ئالامەتلەر بەدىنىمىزنىڭ  بىزگە بەرگەن  سىگىنالى-ئاۋازى ھېسابلىنىدۇ. بەدىنىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، بەدىنىمىزگە ماس كەلگەن تۇرمۇش، يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش-ئەڭ ياخشى ئۆزىمىزنى ئاسراش ھەم ئۆزىنى سۆيۈش ھېسابلىنىدۇ. بۇنى بۇ يىللارغا كەلگەندە ئەمدى چۈشىنىپ يەتكەن مەن ئەينى 20 نەچچە ياشلىق ئۆزۈمگە مۇنداق دەيمەن. 

تويۇم بولىدىغان يازئىدى. مەن  يېقىن ئۆتىدىغان نۇرىمانخان بىلەن ئىشتىن چۈشسەكلا ئۇدا نەچچە كۈن دوغ ئېچىپ قويغىنىمغا ھۆتەل بوپقالدىم. بۇ ھۆتەل خېلى داۋاملاشتى، ھەتتا تويدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، يولدىشىم دوختۇرخانىغا كۆرسەتتى.تەكشۈرۈشتە ھېچنىمە چىقمىدى. ھالبۇكى، بۇ ھۆتەل تاكى ھازىرغىچە سوزۇلۇپ كەتتى. شۇچاغلاردىكى 24ياشلىق قىزچاقنىڭ يېنىدا بولغان بولسام ئۇنىڭغا سوغۇق، مۇز ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكنى، ئاچچىق، سوغۇق يىمەكلىكلەردىن ئۆزۈمنى تارتىشىمنى، يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدىمۇ نورمال تىمپىراتۇرىدىكى، بولسا قىززىق چاي ئېچىشنى ئېيتقان، ئۆزۈمنى ئاسراشنى ئېيتقان بولاتتىم.

تۇنجى تۇغۇتۇم ئىچىدە زۇكام بولۇپ«بەرىبىر دورا ئىچسەم بولمايدۇ» دەپ ئولتۇرۇپ، نەتىجىدە بۇ زۇكام ئۇزاققا سوزۇلۇپ كەتكەن زۇكامغا ئايلىنىپ ئاخىرى دوختۇرغا بارسام«چاڭ-توزان رىئاكسىيەسى» ئېكەنلىكىنى ئېيتتى. ھالبۇكى، تاكى بۈگۈنگىچە بۇنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغان بولدۇم. ئانا يوق يەردە ئۆزى بالا تۇرۇپ ئانا بولغان شۇ ياش ئانىنىڭ يېنىدا بولغان بولسام ئۇنىڭغا:«كېچىلىرى بالاڭ قىرقىراپ يىغلىمىغاندىكىن قېنىپ ئۇخلىۋالغىن، بالىنى زورلاپ ئويغىتىپ ئىمىتىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىينىمىغىن. ئاپتاپ چىققان كۈنلىرى ئۆزۈڭنى ھەم بوۋىقىڭنى بالكوندىكى ئاپتاپقا سىلىپ بەرگىن. ئىككى كۈندە بىر قېتىم يولدىشىڭغا ئېيتىپ يوتقان-كۆرپىلىرىڭنى ئاپتاپقا سەپ بەرگىن.  تۇغۇت ئىچىدە پەيزى تەڭشەلگەن ئۆسۈملۈك چايلىرىدىن، ياتاق ئۆيۈڭگە قويۇلغان نىرۋىنى تىنچلاندۇرىدىغان خۇش-پۇراقلاردىن، يولدىشىڭ ئېتىپ بەرگەن تاماقلاردىن، تۇغۇت ئىچىدىكى كۈتۈنۈشلەردىن ھوزۇرلىنىۋالغىن، ياخشى ئارام ئېلىۋالغىن.»دېگەن بولاتتىم.

تۇغۇتتىن كېيىن ئورۇقلاش ئۈچۈن ياپونچە ژورنالدىن كۆرگەن ئەتىگەنلىك ناشتىلىق ئۈچۈن ھەركۈنى ئوخشىمىغان مېۋە يەپ  ئورۇقلايمەن دەپ ، ناشتىلىقىمغا مېۋىنى توڭلاتقۇدىن ئېلىپلا   مۇزدەك پېتى يەپ، يازدىمۇ توڭلايدىغان بوپكەتتىم…يولدىشىم دوختۇرخانىغا ئاپبارسا، پۈتۈنسۈرۈك دوختۇر«سوغ ئەپ كېتىپتۇ، ئىسسىقراق بىر نەرسە يىسۇن»دېگەن گەپنىمۇ قىلالماي  يولغا سالدى.

شۇ چاغدىكى ئورۇقلاش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارغا ئەگىشىپ، ئۆزىنى قىينىغان ئۆزۈمنىڭ يېنىدا بولغان بولسام ئۇنىڭغا ئەتىگەندە ئويغىنىپلا بىر ئىستاكان قايناقسۇ ۋە ياكى قايناقسۇغا ھەسەل، لىمون، چىيا ئۇرۇقىنى سىلىپ ئىچىۋىلىشىنى، ئەتىگەندە مۇزدەك نەرسىلەردىن ئۆزىنى تارتىشنى، مىۋە يىگۈسى بولسا توڭلاتقۇدىن بالدۇراق چىقىرىپ قويۇپ نورمال تىمپىراتۇرىدا يىيىشنى ئېيتقان، كىتاب، تورلاردا ئېيتقان ئورۇقلاش ئۇسۇللىرىغا ئەگىشىپ كەتمەسلىكنى، ھەممىدىن مۇھىمىنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتى ئېكەنلىكىنى، ئورۇقلىغۇسى بولسا شۇ چاغدىكى بوۋىقىنى ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرىغا سالغاچ، ئۆزىمۇ تەبىئەتتىن ھوزۇرلانغاچ مېڭىپ بېرىشنى، ئەتىگىنى-ئاخشىمى يىنىك يوگا ھەركىتى قىلىپ بېرىشنى ئېيتقان بولاتتىم. 

ئوغلۇمنى تۇغقاندىن كېيىن ياپوننىڭ نەم ھاۋاسىدا بەدىنىم بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ كەتكەندەك بولدۇم ھەم مۇشۇ يەردە بالا تۇغۇپ چوڭ قىلغان چوڭلاردىن مەسلىھەت ئالسام قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم.

ئاخىرى ئۆزۈم ماتىرىيال كۆرۈپ ئىزدىنىشكە باشلىدىم ھەم ياپۇنلارنىڭمۇ سوغ ئەپكەتمەسلىك ئۈچۈن يازدىمۇ پايپاق كىيىدىغان، پۇتىنى ئىسسىق ساقلايدىغان، سوغۇق يىمەك-ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتىدىغان، ھەتتا، سوغۇق كۆكتات سالىتى ئەمەس، كۆكتاتلار شورپىسى،  قىززىق تاماق يىيىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، ۋاننىغا  ئەمەن، زانجىۋىل قاتارلىق ئىسسىقلىق دورىلىرى بىلەن چىلىنىدىغان، ئەمەن يوپۇرمىقى بىلەن ھوردىنىدىغان، ئىسسىقلىق مايلىرىدا مايلىنىدىغان، بەدەننى ئۇۋلايدىغان ئاياللارنى كۈتۈش تەدبىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم. تاكى ھازىرغىچە كارۋىتىمنىڭ بىشىدا ھەر كۈنى  ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇيدىغان تىبابەتكە ئائىت كىتابلىرىم بار.

بەدەننىڭ تەبىئي كۈچى

ئۆزىمىزگە بولغان قارىشىمىز، ئۆزىمىزگە يوللىغان ئېنېرگىيەرىمىزنىڭ تەسىرى ئىنتايىن مۇھىم.

ئادەم ئۈچۈنمۇ بىراۋنىڭ ئارتۇقچە ئەنسىرەشلىرى كىشىنى بىزار قىلغىنىدەك، بەدەنمۇ ئارتۇقچە ئەنسىرەشلەردىن بىزار بولۇشى مۇمكىن.بەدىنىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئۇنىڭ تەبىئىي كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلاپ بېرىڭ ۋە ئۇنىڭغا قوللاش خاراكتېرلىك كۆڭۈل بۆلۈڭ. مانا بۇ بەدەنگە  كۈچ بېرىدىغان ئۇسۇلدۇر.

ئىچكى تۇيغۇلىرىڭىز قانداق بولسا شۇنداق قوبۇل قىلىش، ئۆزىڭىزنى راھەت ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش— مانا بۇنى تەكرار ئېلىپ بېرىش تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇلىدىكى ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان پەقەت ۋە پەقەت سىزگىلا خاس ئۆزگىچە تۇيغۇلىرىڭىزغا ئىشىنىدىغان، قوبۇل قىلالايدىغان، شۇنداقلا ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئۆزىنى سۆيۈشمۇ  ھېسابلىنىدۇ.

بەدىنىمىزدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشقىنىمىزدەك، ھەر بىرىمىز ساغلام ۋە جۇشقۇن بولايلى.بەدىنىڭىزدە تەبىئىي بار بولغان ھاياتى كۈچكە ئىشىنىڭ ھەم ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. سىز ساغلام بولسىڭىز، ھەممە ساغلام بولىدۇ؛ سىز ھاياتى كۈچكە تولسىڭىز، ھەممە ھاياتى كۈچكە تولغان بولىدۇ.

********************************

رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...