بەدەن بىلەن ئۇلىنىش، ئۆزىگە كۆيۈنۈش، ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ يولىدىن بىرى-ساغلام ئوزۇقلىنىش.
بىر ئادەمنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتى يالغۇز تەننىڭ ساغلاملىقىلا بولماستىن، ئۇنىڭ تېرىسى، چاچلىرى، بەدەن شەكلى، ھەتتا روھى ھالىتىگىچە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.مەن تەبىئەتتىكى تەبىئى ئۆسۈملۈك، ئاشلىق، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي دورىسى ھەم ئېنىرگىيە مەنبەسى ئېكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.
تۈنۈگۈن يىگىلى بولىدىغان ئەتىرگۈل، ياسىمەن چېيى سىتىۋالغاچ، گۈللەردىن ھوزۇرلىنىپلا قالماستىن، يەنە گۈل يەيدىغان رەيھان قىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتىدىنمۇ سۆيۈنۈپ قالدىم.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى يالغۇز رەيھان قىزلا ئەمەس، كۆپىنچىمىز ساغلام يىمەك-ئىچمەككە ئەھمىيەت بىرىدىغان بوپكەتتۇق، بۇ ھەپتە بۇ ئادىتىمىزنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇشقا دېققىتىمىزنى بېرىمىز ھەم تېخىمۇ ساغلام ياشاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
مېڭىگە زىيانلىق يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىڭ
ئەخلەت سالسىڭىز، چىقىدىغىنىمۇ ئەخلەت بولىدۇ.
جورج فىشېل (ئامېرىكىلىق كومپيۇتېر پروگراممىچىسى)
ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدىغان نۇرغۇن يېمەكلىكلەر بولغىنىدەك، ئەكسىچە ساغلاملىقىمىزنى بۇزىدىغان يېمەكلىكلەرمۇ بار-ئەلۋەتتە! ئەقلىي ئىقتىدارىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان، كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، ئېنېرگىيەنى خورىتىدىغان ۋە بېسىمنى ئاشۇرىدىغان تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەرنى بىلىپ قالايلى.
شېكەر-مېڭىگە ئەڭ زىيانلىق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. شېكەرنى ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىش كەيپىياتقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ،قان شېكىرىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شېكەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەن ئادەتتە تاتلىقلارنى بەك يەپ كەتمەيمەن. ئەمما، ئايدا بىرەر قېتىم تورت-ماروژنىلارنى يىيىشىمگە رۇخسەت قىلىمەن.
تۇز-مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنىڭ مېڭىگە، تەپەككۇر قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، دىۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئائىت تەتقىقاتلار بار. 2011-يىلىدىكى تەتقىقاتتا، كۆپ تۇز ئىستېمال قىلغانلارنىڭ دېۋەڭ بولۇش خەۋىپى ئاز تۇز ئىستېمال قىلغانلارغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى بولغان.
مايدا پۇشۇرۇلغان يىمەكلىكلەر-مېڭىگە زىيانلىق. يەنى ھامبۇرگ بولكىسى، بەرەڭگە قەلەمچىسى قاتارلىق تېز تاماقلاردىن ئامال بار يېراق تۇرۇڭ.
بۇ خىل يىمەكلەردىكى تىرانس مېيى ئەستە ساقلاش، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، سۆزلەش ئىقتىدارى ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، ھەتتا مېڭىنىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.
سۈنئىي تالالىق يىمەكلىكلەر- قوشۇمچە ماددىلار، خىمىيىلىك ماددىلار، بوياقلار ۋە ساقلىغۇچى ماددىلار قوشۇلغان پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئامال بار يىمەيلى.
ساغلام ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەردىن يېراق تۇرايلى
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرگە توڭلىتىلغان يېمەكلىك، كونسىرىۋالىق يىمەكلىكلەر كىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەردە كۆپىنچە سۈنئىي تەركىبلەر، خىمىيىلىك ماددىلار ۋە باشقا قوشۇمچە ماددىلار بولىدۇ. يەنە نۇرغۇن قوشۇمچە شېكەر،تۇز/ناترىي بولىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى، تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى تاللاڭ.
تاتلىقلاردىن ئۆزىنى تارتىش
شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرگە كەمپۈت، سوغۇق ئىچىملىكلەر، ئېنېرگىيە ئىچىملىكلىرى، شەربەت،ئوزۇقلۇق قەنتلىرى، پېچىنە-پىرەنىكلەر ۋە تورتلار كىرىدۇ.
تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا مېۋە يېيىش
تاتلىق يېگۈڭىز كەلگەندە مېۋە يەپ بېقىڭ. سىرىتتىكى مېۋە شەربەرتلىرىنىڭ ئورنىغا، ئۆزىڭىز يېڭى مېۋە-كۆكتاتلاردىن مېۋە سۈيى قىلىپ ئىچىپ بىقىڭ. بۇ پەقەت تاتلىقلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە قان شېكىرى ۋە ئېنېرگىيە سەۋىيىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان تالا ماددىسىنىمۇ تەمىنلەيدۇ. سۈنئىي تاتلىقلاردىن كالورىيەسى تۆۋەن بولىدۇ.
يىتەرلىك سۇ ئىچىش
يېتەرلىك سۇ ئىچمىسىڭىز، خاتا ھالدا ئاچلىق ھېس قىلىپ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يىگۈڭىز كەپ كېتىدۇ. تاتلىق يىگۈڭىز كەلگەندە، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بېقىڭ ھەم ھەر كۈنى تەخمىنەن ئىككى لىتىرى سۇ ئىچىپ بېرىڭ.
تاماق ئەتكەندە تۇزنى ئاز ئىشلىتىش
دەم ئېلىش كۈنلىرىم ئۆيدە يالغۇز قالغان تەقدىردىمۇ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن تاماقنى تۈجۈپىلەپ ئېتىپ بېرىمەن ئۆزۈمگە. يېڭى ياپونغا كەلگەن چاغلاردا مۇشۇنداق ئۆيدە يالغۇز قالغان چاغلاردا ئاشقان تاماق ياكى بار نەرسىلەر بىلەنلا ئۇنى-بۇنى قىلىپ ئۆتكۈزىۋىتەتتىم. ھازىر ئۆزۈمگە ئۇنداق ناچار مۇئامىلە قىلمايمەن. بارغانسىرى سۆيۈملۈك ئۆزۈمگە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك مىھمىنىم سۈپتىدە مۇئامىلە قىلىدىغان بولدۇم. ئەڭ ياخشى تائاملارنى ئېتىپ بېرىدىغان، ساغلام يىگۈزىدىغان بولدۇم. گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، ئامال بار تاماقنى ئۆز قولىدا ئەتكەن تۈزۈك. مۇنداق بولغاندا، سىرىتىتىكى تاماقلارغا قارىغاندا مەيلى پاكىزلىك جەھەتتە بولسۇن، مەيلى تەم، خۇرۇچ جەھەتتىن بولسۇن تۇز، شىكەر مىقدارىنى كونترول قىلغان ساغلام تاماق يىيەلەيمىز. ئۆزى ھەم ئائىلىسى ئۈچۈن مەززىلىك، پاكىز، ساغلام تاماق ئېتىپ بېرىشمۇ سۆيۈشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. ئەلۋەتتە، تاماق ئىتىشتىن ھېرىپ قالغاندا، تاماق ئېتىشقا ۋاقىت يوق چاغلاردا سىرىتنىڭ تاماقلىرىمۇ ھوزۇر. مۇنداق چاغدا تېز تاماقلارنى ئەمەس، ياپونچە بىلىق تاماقلىرىنى تاللىساق بولىدۇ.
يەنە بىر رەت تەكرارلىساق، ئىمكانقەدەر يېڭى، تەبىئىي يېمەكلىكلەرنى تاللاش ئەڭ ياخشى ئوزۇقلىنىش.
بىر ئىككى يىل بۇرۇن مەن ئورۇقلاشقا ئائىت بىر تېما چىقارغان. بۇ قېتىم مەقسىتىمىز ئورۇقلاش ئەمەس، ساغلام ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. ئەمما ئورۇقلاشقا ئائىت بۇ تېىمىدىكى ئوزۇقلىنىش ئادىتى يۇقىرىدا بىز سۆزلىگەن ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە ئاساسەن ئوخشاپ قالىدۇ. ئەمما، مەن 16 سائەت ئاچ قىلىشقا، بولۇپمۇ كەچلىرى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى ئاچ قورساقلىققا چىدىيالماي قالغانىدىم. ئۇندىن باشقا ھەر كۈنى ئېغىرلىقنى ئۆلچەش ئۈچ ئايدىن كېيىن ماڭا بىسىم ئەكىلىدىغان بوپقالغان. مۇشۇ ئىككى تەرىپىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يۇقارقى ئورۇقلاش پىروگرامممىسىنى، ساغلام ئوزۇقلىنىشنى ئاساسەن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن دېيىشكە بولىدۇ.ھاھاھا مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا قىزىمغا چىلاپ بەرگەن ئاچچىق تەييار چۆپتىن يىگۈم كېلىپ بىر چوكا تىتىپ بىقىۋاتىمەن. 😝يىگۈسى كەلگەندە ئازراق يەپ قويۇش ساغلاملىققا زىيىنى يوق دەپ قارايمەن ئۆزۈمچە، سىلەرچىچۇ؟ ئۇندىن باشقا ساغلاملىق تاماقلىرى دەپ ئۆزىمىزنىىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىمىزنى چەتكە قىقىپ، ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە سوغۇق سالاتلار بىلەن جان ساقلاشىنمۇ ساغلاملىق دەپ قارىمايمەن. بىزنىڭ لەغمەنلەرئىتالىيە چۆپىدىن ساغلام. ھەپتە-ئون كۈندە بىرەر قېتىم چۈشلۈك تاماققا سەيلىرىنى ئوخشىتىپ چۆپىنى ئازراق قىلىپ بىرەر تەخسە لەغمەن يەپ پۇخادىن چىقىۋىلىش، ھەپتىدە بىرەر قېتىم زەيتۇن مېيىدا ئەتكەن گۆپۈلدەپ زېرىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى چىقىپ تۇرغان ئوخشىغان پولو يەپ قويۇش..بۇ ھەرگىزمۇ ساغلاملىقنى بۇزغانلىق ئەمەس، ئەسلى يىلتىزىدىكى تائاملار بىلەن ئوزۇقلىنىش ئەمەلىيەتتە يىلتىزىغا سۇ بەرگەنلىك، ئەڭ ئالىى ئوزۇقلۇق، قانداق دېىمدىم؟!🥳
بەك زىيادە تاماق تاللاش، بىر تەرەپلىمە ئوزۇقلىنىش بۇنىڭ ھەممىسى بەدىنىمىز ھەم روھىيتىمىزغا بىسىم ئەكىلىدۇ. يۇقارقى ئېيتىلغان بىرقانچە تۈرلۈك يىمەكلىكنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋىلىشتىن ساقلىنىپ، ئامال بار تەبىئى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، سىرىتتا تاماق يىگەندە كېنتاكى يىگەندىن سۇشى يىگەن، پاستا يىگەندىن تارىمنىڭ لەغمىنىنى يىسەك ياخشىمىكىن دەيمەندە!🤣
ئوكەي، يۇقارقى ئۇلانمىدىن ساغلام ئوزۇقلىنىشقا ئائىت تەپسلى مەزمۇننى كۆرۈپ باققايسىز. ئەمسە يەنە 40-50 يىلغىچە تېخىمۇ ساغلام ياشايلى.
http://tokyoxatiriliri.net/wp-admin/post.php?post=11447&action=edit
**************
تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت


















































ئىنكاس يازىمەن