باشقىلارغا ھەۋەس قىلىدىغان ئانا

5,448 قېتىم ئوقۇلدى

شۇنداق قارايمەن!

ئىنساندا كەم بولغان شۇ نەرسە ئۇ ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئىزدىنىش، مەنا ھەم ۋايىغا يېتىشكە بولغان ئىستەكنى پەيدا قىلىدۇ.

ھەممە نەرسىسى بەك تولۇق، بەك  مۇكەممەل بولۇپ كەتكەن ھاياتنىڭ ئەھمىتى بولامدۇ، سىزچە؟!

***

بۈگۈنكى مەزمۇن سەل قىزىقارلىق ھەم رىئال بىر تۇرمۇش ھەقىقىتى.

ئاكې خاشى ئەپەندى بۇ بۆلەكنى ئانىلار ھەم ئاياللار ئۈچۈن يېزىپتۇ. بۇ روھى ھالەت ئۇيغۇر ئاياللىرىدىمۇ، ئامېرىكا ئاياللىرىدىمۇ، قىسقىسى، يەر شارىدىكى ئاياللاردا كۆرۈلۈپ قالىدىغان رىئالنىي بىر مەسىلە.

باشقىلارنىڭ بالىلىرى ھەم ئەرلىرىگە ھەۋەسلىندىغان بۇ ئانىلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى:

 

さんぽ-トトロ

 

باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا ھەۋەس قىلىدىغان ئانا

ئاۋۇ بالا نېمىدىگەن قالتىس، ئۆزىنىڭ ئويلىرىنىمۇ ياخشى ئىپادىلىيەلىگەن،– دەپ ئويلدى ماكۇننىڭ ئاپىسى رىكوچىياننىڭ ئاپىسى بىلەن قانداق ئويناش ھەققىدە بەكمۇ كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىۋاتقىنىغا مەستلىكى كېلىپ. بۇقىزچاق داۋاملىق ھەممە بالىلارغا باش بولالايدۇ. بىراق، مىنىڭ بالام كىچىككىنە ئىش بولسىلا يىغلىغان، داۋاملىق مەندىن ئايرىلمىغان…مىنىڭ بالام نىمانچە ئاجىزدۇ..باشقىلارنىڭ بالىلىرى نېمىشقا شۇنداق قالتىستۇ؟! دەپ ئويلىدى ماكۇننىڭ ئاپىسى .

 

ماكۇننىڭ ئاپىسىنىڭ ئويلىرى

ماكۇن خاپا بولماڭ ھە… دېدى، بالىلارغا باشلامچى بولۇپ ئويۇن ئوينىغان قىزچاقنىڭ ئاپىسى قىزىنىڭ ماكۇننى ئارىغا ئالمىغانلىقىدىن خىجىل بولۇپ.

رىكوچىيان داۋاملىق شۇنداق شوخ ھەم غەرەز ئۇقىدۇ جۇمۇ! دېدى ماكۇننىڭ ئاپىسى.

ھەي، بۇ بالىنىڭ شۇ يېرى چاتاق…دوستلىرىغا قاتتىق گەپلەرنى قىلىپ قويۇپ ، دوستلىرىنى بىزار قىلىپ قويامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالىمەن. سىلەرنىڭ ماكۇنغا بەك مەستلىكىم كىلىدۇ، داۋاملىق تاتلىق كۈلۈپ تۇرىدىغان ئاقكۆڭۈل بالا بولدى، شۇڭا ھەممە بالىلارشۇنداق  ياخشى كۆرىدۇ ،- دېدى رىكوچىياننىڭ ئاپىسى.

مىنىڭ بالامنىڭمۇ ماكۇن بىلەن بەك ئوينىغۇسى بار ئىدى ، كىلەر قىتىم بىر ئورۇنلاشتۇرايلى ھە،-دېدى يەنە بىربالىنىڭ ئاپىسى.

ۋوي، ماكۇن تېخى خىراگانامۇ يازالايدىكەندە؟! دەپ ھەيران بولدى يەنە بىرئانا.

ئانىلارنىڭ ماكۇننى “ قالتىس، نىمانچە ياخشى ، ھەجەپ مەستىلىكىم كەلدى..“ دىگەنلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ بالىسىنى“ ئاجىز، يىغلاڭغۇ “ دەپ ئويلايدىغان ماكۇننىڭ ئاپىسى شۇنداق  ئويلاپ قالدى.

ئەسلىدە، ھەممە ئانىلار باشقا بالىلارنىڭ ياخشى تەرىپىنىلا كۆرىدىكەن،- دە؟!

ھەممىلا كىشى باشقىلارنىڭ باللىرىنى ياخشى دەپ ئويلايدىكەندە!

“ باشقىلارنىڭ چىملىقى مىنىڭكىدىن يېشىل“ يەنى ،بىزنىڭ تىلىمىزدا “ قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنۈپتۇ “ دېگەندەك ،  بالامنى باشقا بالىلار بىلەن سىلىشتۇرغانسىرى ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىلا كۆرۈنۈپ ، ئۆزۈمنىڭ بالىسى بەكلا ناچار كۆرۈنىدىكەن. دېمىسىمۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئىلگىرى –كېيىنلىكى  ئوخشاش بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر بالىنىڭ ئارتۇق–كام يەرلىرى بولىدۇ.مەنمۇ بالامنىڭ ياخشى يەرلىرىنى كۆپرەك كۆرۈشنى ئۈگەنمىسەم بولماپتۇ.

خوشنامنىڭ قوش كۆرۈنەر

***

ئەمدى باشقىلارنىڭ يولدىشىغا ھەۋەس قىلىدىغان مۇنۇ ئايالغا قاراپ باقايلى.

نىيى ئەپەندى ھەقىقەتەن بەكلا بالىسىغا ئامراق، كۆيۈمچان دادا! نېمىدىگەن ئېىسىل! ھەقىقەتەن بەكلا ھەۋىسىم كېلىدۇ.

خوشنىمىزنىڭ يولدىشى قاچا يۇيۇش، ئەخلەت تۆكۈش دىگەندەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىدىكەن… نېمىدىگەن ياخشى!!

دوستۇمنىڭ يولدىشى بالىسىنىڭ ھەربىر ئىشىغا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ… بەكلا ھەۋىسىم كېلىدۇ!

شۇنداق! ھەممىلا ئادەم ”باشقىلارنىڭ چىملىقىنى ياپيىشىل“ دەپ ئويلىۋالىدۇ. ئەمدى بىز ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ باقايلى؛

يولدىشىم سالغان كىيىملىرىنى قالايمىقان تاشلىماي رەتلىك قويىدۇ.

يولدىشىم قىلغان ئىشلىرىمدىن، ئەتكەن تاماقلىرىمدىن قۇسۇر ئىزلىمەيدۇ.

بالامنى بۇ دۇنيادا بىردىنبىر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى يەنىلا بالامنىڭ دادىسى.

 

باشقىلارنىڭ ئەرلىرى بەك ئېسىلمۇ ؟

***

بىزگە رىسىق قىلىپ بېرىلگەنلىرىنى بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى، نىھمەتلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى دەپ ئويلىيالىغان ۋاقتىمىز بەخىتنىڭ ئىشىكىنى توغرا تاپقان ۋاقتىمىزدۇر.

بىز قاقشاش، قۇسۇر ئىزلەشنىڭ ئورنىغا مىننەتدار بولۇش، گۈزەللىك، يورۇقلۇق ئىزدەشنى تاللىغىنىمىزدا دۇنيا بىز ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭرىيدۇ.

قەلبىمىز مۇھەببەتكە تولغاندا ھازىرقىدەك چارچاپ بارماقلاردىن تارتىپ سىقىراپ ئاغرىپ كەتسىمۇ، يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش بەخىت تېتيدۇ.😜

 

さんぽ -トトロ

 

***********************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

(ھە راست، بۈگۈن بىر كۈن سىرىتتا بولۇپ قېلىپ، ئەسلى سەھەردە يوللانماقچى بولغان يازمام يېرىم  كېچىگە قالدى… بۈگۈنكى يازمامدا مەيلى ئىملاسىدا بولسۇن… سەۋەنلىكلەر كۆپ بولىشى مۇمكىن… نېمە بولسا بولسۇن… خاتالىقىمنى ئەتە تۈزىتەي… سائەت 12:28 ئۆتۈپ  كېتىپتۇ… خەيرىلىك كەچلەر🌹) 

 

تارقىتىڭ...
  1. بۇ يازمىنى ئوقۇپ ئۆزۈمدە ئاز تولا پەيدا بولىۋاتقان بەزى ئىشلارنى تۈزىتىۋالدىم،رەھمەت سىزگە،ئىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن.

  2. مەن ئوقۇش،خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن دائىم سىرتلاردا بولۇپ قالىمەن. قىزىمغا ئىزچىل مىننەتسىز ھەم دادىلىق ھەم ئانىلىق رولىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئايالىمنى ئويلىسام، ئۇنىڭ ئائىلىمىز ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىگە كۆپ ياخشىلىقلارنى تىلەپ كېتىمەن. بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ ئايالىمنىڭ مەندىن ھېچنىمىنى تەمەننا قىلماي، ئەكسىچە قۇربانلىق بېرىپ تىرىشىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئويلىغىنىمدا، ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل دەقىقىلىرىدە ماڭا نىسىپ بولغان گۈزەل ئايال بىلەن بىرگە تۇرمۇش قۇرغانلىقىمدىن پەخرلىنىمەن. تەشەككۇرلەر بولسۇن، ئائىلە ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارغا، رەھمەتلەر ياغسۇن، يولدىشىغا ئەگىشىپ پاك ئەقىدىدە ئائىلە قۇرىۋاتقان ئاياللارغا!
    يازمىلىرىڭىزغا داۋاملىق بەرىكەت تىلەيمىز.

  3. ئەقلى ـ ھۇشى جايىدا ھەر قانداق بىر ئايال ، يەنى ، مۇتلەق كۆپ ئاياللار يولدىشىدىن كۆپ نەرسىلەرنى تەلەپ قىلمايدۇ ! ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپتىن ئەڭ موھىم كۈتىدىغىنى ـدەل مانا مۇشۇنداق مىننەتدارلىق ھەم ئېتىراپ قىلىنىش !
    ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق سۆيۈندۈم ~ مانا ئەمدى ئولتۇرۇپ جاۋاب يازغۇدەك ۋاقىت تېپىپتىمەن .
    مەنلا ئەمەس ھەر قانداق بىرىنىڭ كۆڭلى ئىللىغۇدەك سۆزلىرىڭىزگە تەشەككۈرلەر ~
    گۈزەل خانىمىڭىزنىڭ بۇ سۆزلىرىڭىزنى كۆرسە ئائىلىسى ئۈچۈن تېخىمۇ مىننەتسىز ئەجىر سىڭدۈردىغىنىغا ئىشىنىمەن ~
    ئائىلىڭىزگە ھەم بارلىق ئائىلىلەرگە تېخىمۇ بەخىتلەر ، مۇشۇنداق مىننەتدارلىققا تويۇنغان سۆيگۈلەر نېسىپ بولسۇن ~ ❤️❤️

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

باشقىلارغا

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى