ئىنسان ئۆز مەقسىتى ۋە تەقدىرى يولىدا توختىماي ئىلگىرلەشكە مۇھەببەتنىڭ زىيانلىق ئەمەسلىكىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئەگەر توسالغۇ بولسا،
دىمەك، بۇ ئىنسانىيەتكە ئورتاق تىل ۋە تەبىئەتكە مۇخالىپ چىن سۆيگۈ بولماي قالىدۇ.

*

ئەلكىمياگەر دېگەن نېمە گەپ ؟
بۇ تەبىئەت ۋە دۇنيانى بىلىدىغان ئادەم دىگەنلىك.
ئەلكىميا دېگەن روھى كاماللىقنى، يەنى ئىچكى مەۋھۇم نەرسىنى روشەن ماددىغا ئايلاندۇرغۇچى.

*

كۆزۈڭنى يۇمۇپ قەلبىڭدىن كېلىۋاتقان ساداغا قۇلاق سال. ئۇنىڭدا ئالەم روھىنىڭ شولىسى بار!چۈنكى، ئىنسان قەلبى ئالەم روھىدىن يارالغان، ئۇ يەنە ئالەمگە قايتىدۇ.

*

جەننەتنىڭ بىز ياشاۋاتقان دۇنيادىن نۇسخا ئېلىپ ياسالغانلىقىنى دانىشمەنلەر ئاللىقاچان يېزىشقان.
دېمەك، مانا شۇ ئالەمنىڭ مەۋجۇتلىقى بۇنىڭدىن مۇكەممەلراق يەنە باشقا بىر ئالەمنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

*

ھەرقانداق ئىزگۈ ئىزدىنىش خەيرلىك تاڭدىن باشلىنىپ سەمەرىلىك سىناقلار داۋامىدا ھەقدادىغا يېتىدۇ.

*

يەر يۈزىدىكى ھەر بىر ئىنسانغا ئاتالغان ۋە بۇيرۇلغان خەزىنە بار. گەپ ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىششىكە ئىنتىلىش ئىنتىلمەسلىكىدە.

*

نېمە ئۈچۈن قەلبنى تىڭشىشىمىز لازىم ؟
قەلب بار جايدا خەزىنە بار.

*

ئىنساننىڭ قەلبى دائىم ئۆز ساھىبىغا يارىدەم قىلامدۇ ؟
ھەممىسىگە ئەمەس ، پەقەت تەقدىرى ئارقىسىدىن كىتىۋاتقانلارغا.
بالىلار، سەرخۇشلار ھەم قېرىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. جاۋاب بەردى قەلب
بۇ ئۇلار ھەر قانداق خەتەردىن خالى دىگەنلىكمۇ ؟
ياق، بۇ ئۇلارنىڭ قەلبى ئۇلاردىكى بارلىق يوشۇرۇن قۇۋۋەتنى ئويغىتىش بىلەن مەۋجۇت دىگەنلىك.

*

قەلب -ئارزۇلىرى يولىدا ئاداشسا ئۆرتىنىدۇ.

*

ئىزدىنىشنىڭ ھەر لەھزىسى ئىگىسىگە، ئەبەدىيلىككە تۇتاشقان.

*

ئۆزگىنىڭ تەقدىرىگە ئارىلاشقانلار ئۆز تەقدىرىگە ئىگە بولالمىغانلار.

*

ئادەم روھىنىڭ قۇدىرىتى ئۇنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىدە.

*

سازاڭ قۇرۇتنىڭ تەبىئىتىدە دېڭىز مەۋجۇت. ئۇشبۇ جەزىرە كۆك دېڭىزغا ئايلانمىغىچە سازاڭ ئۆز تەبىئىتىدىن ياتلاشمايدۇ.

*

ھەركىمنىڭ ئۆز يولى بار، مەلۇم نوقتىغا بارغاندا ئۇ كىسىشىدۇ. شۇڭا بىر ماددا باشقا مادىغا ئايلىنىش كېرەكتۇر .

*

جاھاندىكى ھەر بىر ئادەم مەيلى قايسى ئش بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن قەتئىنەزەر دۇنيا تارىخى ئۈچۈن موھىم رول ئويناۋاتقان بولىدۇ. لېكىن، ئۇ ئادەم بۇنى ئۆزلىرى چۈشەنمەيدۇ.

ئەلكىياگەر

 

📖

ئەڭ بەخىتلىك ئادەم دىلىدا ئىگىسى بىلەن بولغان ئادەم.

*

سۆيسەڭ نېمىگە خالىساڭ شۇنىڭغا ئايلىنالايسەن.

*

ئەلكىميا شۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇتكى:

، جىمىكى بارلىق ئۆز خەزىنىسى ئىزدىسۇن ،تاپسۇن ! شۇنىڭدىن كېيىن ئاۋۋالقىدىنمۇ مۇكەممەل ۋە گۈزەل بولۇشقا ئىنتىلسۇن!
ئۆز ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ۋە مۇكەممەلراق بولىشىنى ئىستىسەڭ، ئەتراپىدىكى شەيئىلەرمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا گۈزەللىشىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ.

*

سۆيۈپ قالغان چىغىڭدا چىن، ياخشى ۋە گۈزەل بولۇشقا ئىنتىلىسەن!

*

جاھان بىنا بولغاندا كىشىلەر ئەسلىدە بىر تىلدىلا سۆزلەشكەن. بىراق ، كېيىنچە بۇ تىل ئۇنتۇلغان.

*

ئالەمدە روھ بار ! بۇنى چۈشەنگەن ئادەم دۇنياغا ئورتاق تىلنىمۇ چۈشىنىدۇ.

*

ھەر كىمنىڭ دۇنيانى ئۆگىنىدىغان ئۆزىگە خاس ئۇسۇلى بار ، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ماڭا ماس كەلمەسلىكى تۇرغان گەپ. ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلماسلىقىم پەزىلەت ئەمەس .

*

تاڭ ئالدىدىكى زۇلمەت ھەممىدىن قاراڭغۇ.

پادىچى بالا

 

📖

 

بىلىشىڭ كىرەككى، ھەممە سىرۇ -ئەسرالار بۈگۈننىڭ باغرىغا كۆمۈلگەن.
شۇڭا، ئۇنىڭغا پۈتۈن ئەسيادىڭ بىلەن بىرىلسەڭ، ھازىرىڭنى گۈزەللىككە پۈركەيسەن.
دىمەك، بۇ -كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن ھازىرقى ئەھۋالىڭنى ياخشىلا.
ئەتىنىڭ غەم -قايغۇسىدا ئەمەس ، بەلكى بۈگۈننىڭ ئوت -پىراقىدا ئۆرتەن.
ھەر بىر كۈنۈڭ تەقدىر دەپتىرىڭگە قانداق پۈتۈلگەن بولسا شۇنداق ئۆتسۇن، -دىگەنلىكتۇر!
شۇنىڭغا ئىشەنچىڭ كامىل بولسۇنكى ، تەڭرى ئىنسانلىرىغا چەكسىز مىھرىبان
ھەر بىر كۈن ئەبەدىيلىكنىڭ بىر بالدىقى ۋە بىر قەدەم يېقنىدۇر.

پالچى ≪يامان گۇي ≫

📖

ئىنسان سۆيۈلگنى ئۈچۈن سۆيىدۇ .
مۇھەببەت ئىزاھلاشنى تەلەپ قىلمايدۇ.

پاتىمە

📖

 

بۇ دۇنيادىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ يولىغا تۈرلۈك بەلگىلەر سىلىنغان.
سەن ئاشۇ بەلگىلەرنى بايقىيالىساڭ خەزىنىگە بارىدىغان يولنى تاپالايسەن.
پەقەت بۇ بەلگىلەرنىڭ سەن ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.
كىتابتىن

تەقدىر دېگەن زادى نېمە ؟
جىمىكى ئادەملەر ياشلىق پەيتىدە ئۆز تەقدىرىنى بىلىدۇ. ئەنە ئۆمۈر باھارىدا بار بارچە نەرسىلەر ئوچۇق ۋە ئاددى بولىدۇ. ئۇلار خىيال قىلىشتىن قورقمايدۇ. نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
ئەمما، كۆرۈنمەس سىرلىق كۈچ تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنماي ئامال يوقلۇقىغا ئىشەندۈرىدۇ.
بۇ سىرلىق كۈچ ئىنسانلارغا خۇددى ئالدىنى توسۇپ تۇرغان ئېگىز تاغدەك تۇيۇلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئادەملەرگە تەقدىرىنى بەلگىلەش يولىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
ئىنساننىڭ روھى ۋە ئەركىنى بۆيۈك ۋەزىپىگە تەييارلايدۇ.

*

بۇ ھاياتلىقتا مۇنداق بىر ھەقىقەت مەۋجۇت.
سەن كىم ۋە نېمە بىلەن شۇغۇللىنىشىڭدىن قەتئىنەزەر بىرەر نەرسىنى چىن دىلىڭدىن ئىستىسەڭ، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئېرىشىسەن.

*

چۈنكى، بۇنداق ئارزۇ ئىستەك ئالەمنىڭ روھىدا بارلىققا كەلگەن.
ئالەم روھى ئىنسان روھىدىن ئوزۇق ئالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسانننىڭ قايغۇ -ھەسرەتلىرىگىمۇ شىرىك بولىدۇ.
ئىنسان پەرزەنتى تۇغۇلدىمۇ ئۇنىڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىسى بار!ئۇ بولسىمۇ ئۆز تەقدىرى يولىدىن ئاخىرغىچە بېرىش ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىش!

شاھ مەلىكە سېدىق

📖

******************************

تەييارلىغۇچى : رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...