پائۇلو كوئېلھونىڭ ≪ئەلكىمياگەر≫ ناملىق رومانى ھەققىدە
 كىتاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 بىرازىليەلىك رومانتىزىم يازغۇچىسى پائۇلو كوئېلھو(Paulo Coelho) نىڭ40 يېشىدا يازغان ئىككىنجى رومانى«ئەلكىمياگەر» 1988- يىلى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى يىللىرى ئانچە كۆزگە چىلىقمىغان رومان1990-يىلى فىرانسۇز تىلىغا تەرجىمە قىلنىش بىلەن بىراقلا داڭق چىقارغان بولۇپ، پاۋلو كوئېلھۇ مۇشۇ رومانى بىلەن مەشھۇر بوپكەتكەن. ھازىرغىچە 81 تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، 170 دۆلەتتە 200 مىلىيون پارچىدىن كۆپرەك سېتىلغان.

پائۇلو كوئېلھو

Chris Spheeris – Juliette

 

ئەلكىمياگەر – ئەسلى پورتىگالچە O Alquimista يەنى، ئولكىمىستا دىگەن سۆزدىن كەلگەن. ئىنگىلىزچىدە ئەلكىمىست بولۇپ، ئەلكىميا – روھى كاماللىقنى، يەنى ئىچكى مەۋھۇم نەرسىنى روشەن ماددىغا ئايلاندۇرغۇچى. قەدىمكى ئەلكىميا تەجىربىخانىلىرىدىكى  مەخپى رېتسىپلار ئارقىلىق قوغۇشۇننى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش تىخنىكىسى بولۇپ، بۇخىل  تەجىرىخانىدا كەشىپ قىلىنىغان ئەبەدىيلىك جەۋھىرىنى ئىچسە قېرىمايدۇ، كىسەل بولمايدۇ. ھېكىمەت تېشىنىڭ كىچىككىنە پارچىسىنى ھەر قانداق مەدەنگە قاتسا ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ .
مانا بۇ ئىلىمگە ئىگە بولغان ئىلاھى ئىستىدات ئىگىلىرى ئەلكىمياگەر دەپ ئاتالغان. يېغىپ ئېيتقاندا، ئەلكىمياگەر- تەبىئەت ۋە دۇنيانى بىلىدىغان ئادەم دىگەنلىك.

ئەندەلۇسلۇق چوپان يىگىت سانتىياگو ئۆز يېزىسىدىكى بەھەيۋەت بىر تۈپ چىنار دەرىخى بار ۋەيرانە تاشلاندۇق چىركاۋدا بۇرۇن كۆرگەن چۈشىنى ئىككىنجى قېتىم يەنە تەكرار كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەرگە كىرىشكە، مەۋئۇتچىنىڭ ھېلىقى قىزى بىلەن قايتا ئۇچىرىشىشقا تۆت كۈن قالغاندا ئاشۇ كونا چۈشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ تەقدىرى ئۆزگىرىدۇ. ياق، ئۆز تەقدىرىنى تاپىدۇ .

شۇنىڭ بىلەن ھاياتىغا بىشارەت بولۇپ كىرگەن چۈش، قېرى سىگان، مەلىكە سىدىق، ڧار-فۇرچى، پاتىمە، ئەلكىمياگەرلەر بىلەن ئۇچىرىشىشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىسپانىيەدىن مىسىر پىرامىدالىرىنىڭ ئېتەكلىرىگىچە ئۆز خەزىنىسىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت ئاجايىپ سەرگۈزەشتىسى باشلىندۇ.

ئۆتكەن يىلى ئۇچراشقان كىتابلىرىم ئىچىدە ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان، ھازىرغا قەدەر ئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ جەۋھەر نوقتىلىرى ۋە ھاياتلىق كۆز قاراشلىرىم بىلەن كۆپ نوقتىلاردا كېسشىپ كەتكەن،ياقتۇرغان كىتابىمدىن بىرى -دەل مۇشۇ كىتاب. غەلىتە مىجەزىمدىن بىرى بىرەركىتاب  ئىچىدىن چىقالمىغاندا، بىر مەزگىل ئىچىدە توختاپلا قالىمەن.كىتابنىڭ شۆھرىتى ۋە ئاپتۇرھەققىدە بۇنىڭدىن ئارتۇق توختالمايمەن. كىتابتىكى قەلبىمنى لەرزىگە سالغان، مېنى كۈنلەپ ئويلاندۇرغان نوقتىلارنى تىلغا ئالماقچىمەن.

 

كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى قولۇمدا يوق. ئۇشبۇ سۈرەت مېنى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن بۇ كىتابقا ئېلىپ كىرگەن ئايجۇلانىڭ بىلوگىدىن رۇخسەتلىك ئېلىندى.
ئاۋازلىق نۇسخسى ئادىرىسى:http://t.cn/AiulDsUP

 تەقدىر يولىدىكى بىشارەتلەر

 

بۇ دۇنيادىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ يولىغا تۈرلۈك بەلگىلەر سىلىنغان.
سەن ئاشۇ بەلگىلەرنى بايقىيالىساڭ خەزىنىگە بارىدىغان يولنى تاپالايسەن.
پەقەت بۇ بەلگىلەرنىڭ سەن ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.
كىتابتىن

تۇنجى  بىشارەت : چۈش

چۈش -پەرۋەردىگارنىڭ ئىنسانلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغان تىلى.
قېرى سىگان

ئەسلىدە روھانى بولىدىغان سانتىياگو دۇنيانى بىلىش مۇقەددەس ئىستىكىدە روھانى بولۇشتىن ۋاز كېچىدۇ. ئەينى چاغلاردا دۇنيا كېزىش ئارزۇسىدا بولغان بولسىمۇ ئاقىۋەت قورساق تويغۇزۇش بىلەن ياشىغان دادىسى ئوغلىغا رازىلىق بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سانتىياگو جاھان كېزىش ئارزۇسىدا چوپان بولۇشنى تاللايدۇ.
ئۇ ئۆز يېزىسىدىكى كونا چىركاۋدا ئىككىنجى قېتىم ئوخشاش مۇنداق چۈش كۆرىدۇ:

سانتىياگو پادا بېقىۋاتقىنىدا بىر ناتونۇش بالا پەيدا بولىدۇ ھەم قويلىرى بىلەن بىللە ئوينايدۇ.
بىر چاغدا بالا پادىچىنى ئالقىنىدا كۆتۈرۈپ مىسىر ئىھراملىرىنىڭ يېنىغا ئەكىلىدۇ ھەم يەنە كەلسەڭ بۇ يەردىن خەزىنە تاپىسەن دەيدۇ.
بالا خەزىنىنىڭ ئورنىنى كۆرسەتمەكچى بولغىنىدا  سانتىياگو ئويغىنىپ كېتىدۇ.
مانا بۇ چۈش – پادىچىنىڭ ھاياتلىق ئارزۇسى، ئۆزتەقدىرىنى تېپىش يولىدىكى تۇنجى بىشارەت بوپقالىدۇ.

 

 

ئىككىنجى بىشارەت: قېرى سىگان

پادىچى يىگىت ئۆزىنىڭ تەكراركۆرگەن چۈشىگە تەبىر ئېلىش ئۈچۈن قېرى سىگاننىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ھەم ھەيران قالارلىق جاۋابقا ئېرىشىدۇ. ئۇ ئۆزخەزىنىسىنىڭ مىسىر ئىھراملىرىدا ئىكەنلىكىدىن بىشارەت ئالىدۇ. بالا ئىككىلىنىش ئىچىدە شەھەرگە كىرىش سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

 

ئۈچىنجى بىشارەت: شاھ مەلىكە سېدىق ۋە تەقدىر ھەققىدە چۈشەنچە 

 

تەقدىر دېگەن زادى نېمە ؟
جىمىكى ئادەملەر ياشلىق پەيتىدە ئۆز تەقدىرىنى بىلىدۇ. ئەنە ئۆمۈر باھارىدا بار بارچە نەرسىلەر ئوچۇق ۋە ئاددى بولىدۇ. ئۇلار خىيال قىلىشتىن قورقمايدۇ. نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
ئەمما، كۆرۈنمەس سىرلىق كۈچ تەقدىرنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنماي ئامال يوقلۇقىغا ئىشەندۈرىدۇ.
بۇ سىرلىق كۈچ ئىنسانلارغا خۇددى ئالدىنى توسۇپ تۇرغان ئېگىز تاغدەك تۇيۇلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئادەملەرگە تەقدىرىنى بەلگىلەش يولىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
ئىنساننىڭ روھى ۋە ئەركىنى بۆيۈك ۋەزىپىگە تەييارلايدۇ.
بۇ ھاياتلىقتا مۇنداق بىر ھەقىقەت مەۋجۇت.
سەن كىم ۋە نېمە بىلەن شۇغۇللىنىشىڭدىن قەتئىنەزەر بىرەر نەرسىنى چىن دىلىڭدىن ئىستىسەڭ، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئېرىشىسەن.

چۈنكى، بۇنداق ئارزۇ ئىستەك ئالەمنىڭ روھىدا بارلىققا كەلگەن.
ئالەم روھى ئىنسان روھىدىن ئوزۇق ئالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسانننىڭ قايغۇ -ھەسرەتلىرىگىمۇ شىرىك بولىدۇ.

ئىنسان پەرزەنتى تۇغۇلدىمۇ ئۇنىڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىسى بار!ئۇ بولسىمۇ ئۆز تەقدىرى يولىدىن ئاخىرغىچە بېرىش ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىش!

شاھ مەلىكە سېدىق

 

شۇنداق قىلىپ پادىچى بالا ئاچا يولدا قىزنى كۆرۈشكە ئۈچ كۈن قالغاندا مەلىكە سېدىققا ئۇچرايدۇ ھەم ھاياتلىق يولىدا بۇرۇلۇش بولۇپ شەھەرگە ئەمەس ئافرىقىغا ماڭىدۇ.

بوۋاي بىلەن پادىچىنىڭ سۆھبىتى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. بوۋاينىڭ سۆزلىرى يۈرەكنى تىتىرىتىدۇ. ئادەمنىڭ يارالمىش ۋەزىپىسى، غايە -ئارزۇ يولىدىكى قېنىنى ئۇرغۇتىدۇ.

مەلىكە سېدىق بالىغا ئۆز تەقدىر يولىدىن بىشارەت بېرىپ ئۇنىڭغا تەقدىر يولىدىن ئاداشقان ئاق بالداقچىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بىرىدۇ. يەنى، ئاق بالداقچىمۇ ئەينى چاغلاردا دۇنيا كېزىش ئارزۇسىدا بولغان بولسىمۇ ئاقىۋەت ئىنساننىڭ ئۆز تەقدىرى يولىدا مېڭىش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سودىگەر پېتى قالغانلىقىنى مىسال كەلتۈرىدۇ ھەم يىگىتكە ئۆز تەقدىر يولىدىن مېڭىشقا مەدەت بېرىدۇ.

ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كەسپى پادىچىلىق، تۇنجى ئۇچراشقان مەۋئۇتچىنىڭ قىزى ھەم خەزىنىدىن ئىبارەت بۇ يوللار ئارسىدا تىڭىرقىغان پادىچى ئاخىرى ئاتا -ئانىسى بىلەنمۇ ئايرىلىپ تۇرۇشقا كۆنگەندەك قويلىرى بىلەنمۇ ئايرىلىشقا كۆنىدىغانلىقىغا، قىزنىڭ ئۆزىسزمۇ ياشىيالايدىغانلىقىغا چىن پۈتىدۇ.
يەنى، بۇ تاللاشتا ئۇ خەزىنىنى تېپىش ئۈچۈن پادىلىرىدىن ۋە قىزدىن ۋاز كېچىدۇ.
دىمەك، تەقدىر دادام ئېيتقاندەك بىر قانچە ئاچا يوللارغا ئايرىۋىتىلگەن. سەن قايسى يولغا ماڭساڭ بولىۋىرىدۇ. بىراق، ساڭا ئەڭ توغرا ۋە پەقەت ۋە پەقەت سەن ئۈچۈنلا بېرىلگەن،  ئۆزۈڭنى تاپالايدىغان شۇ يولنى تاللىيالىشىڭ يەنە ئۆزۈڭگە باغلىق!
تەقدىر دىمەك – ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىنى تاپماق، يارالمىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىماق دىگەنلىكتۇر.

 

تۆتىنجى بىشارەت: كىمياگەر تېشى ھەم ئارزۇ يولىدىكى پىشكەللىك

 

ھەرقانداق ئىزگۈ ئىزدىنىش خەيرىلىك تاڭدىن باشلىنىپ سەمەرىلىك سىناقلار داۋامىدا ھەقدادىغا يېتىدۇ.

ئەلكىمياگەر سۆزىدىن

بوۋاي پادىچىغا قالدۇرغان ئۇرىم دەپ ئاتىلىدىغان ئاق تاش ≪ھەئە ≫ دېگەن مەنىنى، تۇتىم دەپ ئاتىلىدىغان قارا تاش ≪ياق ≫ دىگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بالا ئالامەتلەر توغرىسىدا قارار بېرەلمىگەندە تاشتىن سورىسا جاۋاب بېرىدىغان خاسىيەتلىك كىمياگەر تېشى ئىدى.
ئۇ خەزىنىنى تاپماقچى بولسا بىپايان كەتكەن چۆل -جەزىرىنى كېزىپ ئۆتۈشى، سەپەر يولىدا نۇرغۇنلىغان پۇلى بولىشى كېرەك ئىدى.

پەنجەردىكى ئاشخانىدا تونۇشقان، پادىچىغا يول باشلىماقچى بولغان ئەرەب يىگىت پادىچىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ. تەقدىر يولىدىكى تۇنجى پىشكەللىك يۈز بېرىدۇ.
ئىسپانىيەدىن ئىككى سائەت كېلىدىغان ئافرىقا ئەللىرىدە بىر كۈندىلا60 قويىدىن، پۇلىدىن، يۇرتىدىن ھەتتا قىزدىن ھەممىدىن ئايرىلىپ تەنھا يىڭنىدەك قالغان پادىچى ئارقىغا يانالمايدۇ، ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
مانا بۇ ئارزۇ يولىدىكى بەدەل دەپ ئاتىلىدۇ.
پادىچى چەكسىز ئۈمىدسىزلىك ۋە غېرىبلىق ئىچىدە قالغىنىدا خورجۇنىدىن بوۋاي بەرگەن تاش ئۇنىڭغا كۈچ بولىدۇ ھەم بوۋاينىڭ روھىغا مەدەت بولىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولىدۇ. ئۈمىدسىزلىك پۇچىقىدىن يۇلقىنىپ چىقىدۇ.

بالا دۇنياغا ئالدانغۇچى بىچارىلەرنىڭ كۆزى بىلەنمۇ، تەۋەككۈلچى، خەزىنە ئىزلىگۈچىنىڭ جاسارەتلىك نىگاھى بىلەنمۇ قاراش مۇمكىنلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئاقىۋەت، تەۋەككۈلچىلەرگە خاس جاسارەت يولىنى تاللايدۇ.
ئۇ ھەممىنى يوقاتقان شۇ پەيتتە يەنە ئەڭ قىممەتلىك نەرسىگە يەنى، ھاياتلىق نىشانىغا، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىشتەك كاتتا ھېكىمەتكە ئېگە بولىدۇ.
يەنى، ھەممىنى يوقىتىپ قويغان بولسىمۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى تاپقان بالا سەھەرنى ئۈمىد ۋە ھاياتى كۈچ، تەبەسسۇم بىلەن كۈتىۋالالىدۇ .

 

بەشىنجى بىشارەت: فار -فۇر سودىگىرى

 

بالا پەنجەرگە كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى گاڭگىرىغان، ھېچنىمىسى يوق، قورسقى ئاچقان ھالدا خوجايىنغا ئۇچىرايدۇ. ئۇنىڭدا مەلىكە سېدىقنىڭ شولىسى بار ئىدى.
شۇنداق، ھاياتىمىزدا ئاجايىپ ئادەملەر ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدا روھىمىزنىڭ شولىسىنى، ئۆز تەقدىرىنى ئىزدەپ كېتىۋاتقانلار بىلەن بىللە بولىدىغان ئارزۇلىرىمىز يولىنىڭ بەلگىسىنى ئۇچىرىتىپ قالىمىز.

30 يىل كىچىككىنە دۇككىنىدا ئوخشاش بىر كۈندە ياشاپ كەلگەن سودىگەردىن پادىچى بىر كۈن ئىشلەپ بەرسە، مىسىرغا بارغۇدەك ھەق بىرىشىنى سورىغىنىدا، سودىگەر بىر يىل ئىشلىسىمۇ نەچچە مىڭ چاقىرىملىق مىسىرغا بارغۇدەك پۇل تاپالمايدىغىنىنى، خالىسا ئىككى سائەتلىك ئىسپانىيەگە قايتقۇدەك خىرجەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
دۇنياغا ساددا كۆزى بىلەن قارايدىغان پادىچى شۇنچىلىك بىر قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالىدۇ ھەم ئىشلەپ قالىدىغان تاپقان پۇلىغا قوي سېتىۋىلىپ ئۆزىنىڭ ئەسلى كەسپىنى يەنى، پادىچىلىقىنى قىلماقچى بولىدۇ.

بالا بىر يىل تىرىشىپ -تىرمىشىپ پۇل يېغىپ ئىسپانىيەگە قايتماقچى بولىدۇ.
ئىككىنجى قېتىم تاش يەرگە چۈشىدۇ.
≪ھېچقاچان ئارزۇلىرىڭدىن ۋاز كەچمە، بىشارەتلەرنىڭ ئارقىسىدىن بار !≫
مانا بۇ بالىنىڭ ھاياتىدىكى يەنە بىر سەپەر بىشارىتى ئىدى.

بالىنى بىر تەرەپتە ئىككى سائەتلىك يول ئايرىپ تۇرغان يۇرتى ۋە سۆيۈملۈك قويلىرى، يەنە بىر تەرەپتە خەزىنە ۋە ئۇنىڭغا يېتىش بولغان چەكسىز چۆللۈك تۇراتتى.
مانا بۇ دەل ئىنساننىڭ تاللاش يولىدىكى ھالقىلىق پەيتلەر ئىدى.
ھەر ئىككىسى تەقدىر يولى. بىراق، قايسىسى ھەقىقى تەقدىر؟

 

ئالتىنجى  بىشارەت: جەزىرە سەپىرى، ئىنگىلىز، تۆگىچى ۋە ھازىرنىڭ موھىملىقى

 

بىلىشىڭ كىرەككى، ھەممە سىرۇ-ئەسرالار بۈگۈننىڭ باغرىغا كۆمۈلگەن.
شۇڭا، ئۇنىڭغا پۈتۈن ئەسيادىڭ بىلەن بىرىلسەڭ، ھازىرىڭنى گۈزەللىككە پۈركەيسەن.
دىمەك، بۇ -كەلگۈسۈڭ ئۈچۈن ھازىرقى ئەھۋالىڭنى ياخشىلا.
ئەتىنىڭ غەم -قايغۇسىدا ئەمەس ، بەلكى بۈگۈننىڭ ئوت -پىراقىدا ئۆرتەن.
ھەر بىر كۈنۈڭ تەقدىر دەپتىرىڭگە قانداق پۈتۈلگەن بولسا شۇنداق ئۆتسۇن، -دىگەنلىكتۇر!
شۇنىڭغا ئىشەنچىڭ كامىل بولسۇنكى ، تەڭرى ئىنسانلىرىغا چەكسىز مىھرىبان
ھەر بىر كۈن ئەبەدىيلىكنىڭ بىر بالدىقى ۋە بىر قەدەم يېقنىدۇر.

پالچى ≪يامان گۇي ≫ سۆزىدىن

بالىنىڭ جەزىرە سەپىرى باشلىنىدۇ. ئۇ بۇ يولدا ئۆزىگە ئوخشاش ≪خەزىنە≫ ئىزدەۋاتقان، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەلكىمياگەردىن قوغۇشۇننى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش ئىلمىنى ئۆگىنىشنى ئىزدەپ كېتىۋاتقان ئىنگىلىزنى ئۇچىرىتىدۇ. كارۋان بېشىدىن ئاجايىپ ھەقىقەتلەرنى ئاڭلايدۇ.
بىز پالچى ۋە سىھىرلەرگە ئىشىنىشنى رەت قىلىمىزھەم بىزنىڭ ئەقىدىمىز بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. ھالبۇكى، ئۇشبۇ كىتابتىمۇ پالچىلارنىڭ يامىنى بولغان≪يامان گۇي≫تىلىدىن پالچى -سىھىرلەرنىڭ پەقەت قىسمەن ئاڭلىۋالغانلىرىنى يەتكۈزىدىغانلىقى، بارچە بىلىشنىڭ قۇدىرەت ئىگىسىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكى ئاجايىپ پاساھەت بىلەن بايانلىنىدۇ.
ئاقىۋەت، ئەلكىمياگەر ئىنگىلىزگە ئەمەس پادىچىغا ئۇچرايدۇ. ھالبۇكى، ئەلكىمياگەر كىمياگەرلىكنى، قوغۇشۇننى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش ئىلمىنى بالىغا ئۆگىتەمدۇ؟

 

يەتتىنجى بىشارەت: سۆيگۈ ۋە ئارزۇنىڭ زىددىيەتسىزلىكى

 

سۆيۈپ قالغان چىغىڭدا چىن، ياخشى ۋە گۈزەل بولۇشقا ئىنتىلىسەن!
پادىچى بالا

سۆيگۈنى كۆپتۈرمەستىن،خۇنۇكلەشتۈرمەستىن چىن ماھىيتىنى بۇ قەدەر گۈزەل تەسۋىرلەپ بېرىدىغان كىتابلاركۆپ ولمىسا كېرەك. يۈرەكنى لەرزىگە كەلتۈرىغان يەنە بىر نوقتا دەل پادىچى يىگىتنىڭ قىز بىلەن ئۇچىرىشىشى.

يىگىت تۇنجى قېتىم قىز بىلەن ئۇچىرىشىپلا ئۇنىڭ تەقدىر ئەزەلىگە پۈتۈلگەن قىز ئىكەنلىكىدىن بىشارەت ئالىدۇ ھەم قىزغا باغلىنىدۇ.
سۆيگۈ پاتىمەنىڭ سۆزى بويىچە ئىزاھ ۋە سەۋەب تەلەپ قىلمايدۇ.
ئەلكىمياگەرنىڭ سۆزى بويىچە ئىنساننى ئۆز ئارزۇسى ۋە تەقدىر يولىدىن توسقىنى ئالەم روھىنىڭ قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن ھەقىقى سۆيگۈ ھېسابلانمايدۇ!
سانتىياگو نىڭ سۆزى بويىچە سۆيگۈ ئادەمنىڭ روھىنى تېخىمۇ چىنلاشتۇرىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، گۈزەللەشتۈرىدۇ.
پادىچى يىگىت بارچە مەنزىلىنى قىز يەنى، سۆيگۈ دەپ بىلىپ خورمىلىقتا قالماقچى بولغىنىدا، ئەلكىمياگەر ئۇنىڭغا ناۋادا ئارزۇسى يولىدىن ئاخىرغىچە ماڭماي قىزغا بولغان مۇھەببىتى ئۈچۈنلا بۇ يەردە قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى، ئەسلىدىكى تەقدىر يولىدىن چەتنەپ كېتىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.
يىگىت پاتىمەنى قالدۇرۇپ ئارزۇسى يولىغا ماڭىدۇ. ئۇنىڭغا ئۇچىرىغىنى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزشولىسىدەك ئۆتكۈنچە ھەۋەس بولغىنىدا ئىدى، سانتىياگو قىزنىڭ يېنىدا قالغان تەقدىردىمۇ بۇ سۆيگۈدىن نام -نىشان قالمايتتى.
بۇ نوقتا ≪ئىزدىنىش≫،≪ئانا يۇرت≫ رومانلىرىدىكى ئەلا ، نۇرىلارنىڭ ئۆز غايىسى يولىدا مۇھەببەتنى توسالغۇ دەپ بىلىشى بىلەن ئوخشىمايدۇ.

 

سەككىزىنجى بىشارەت: ئەلكىمياگەر

 

كىتابنىڭ ئەڭ نادىر نوقتىلىرىدىن بىرى- دەل پادىچىنىڭ ئەلكىمياگەر بىلەن بولغان سەپىرى ۋە سۆھبىتى.
كىمياگەر پادىچىغا ئۆز قەلبى، جەزىرە ۋە شاماللار بىلەن يەنى كائىنات بىلەن سۆزلىشىش ۋە بىرلىشىشنى ئۆگىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسلىدە بار بولغانلىرىنى ئەسكەرتىدۇ.

پادىچى نېمە ئۈچۈن شامالغا ئايلىنىدۇ؟
ئەلكىمياگەر ئۇچىرىغان ئەرەب ئەسكەرلىرىگە پادىچى بالىنى شامالغا ئايلىنالايدىغان ئەلكىمياگەر دەپ تونۇشتۇرىدۇ. گەردە شامالغا ئايلىنالمىسا سانتىياگو ئۆلتۈرۈلىدىغان بولىدۇ.
ئەلكىمياگەر ئۆز قاراملىقىدىن قاتتىق چۈچۈگەن پادىچىغا كىمكى ئارزۇ يولىدا ماڭسا بارغانسىرى كۈچىيىدىغانلىقىدىن ،
ئۆلۈم تۇيغۇسىنىڭ كىشىگە كۈچ قۇۋۋەت بېغىشلايدىغانلىقىدىن، ئۆز قەلبى بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ لازىملىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.

 بالا ئۆزقەلبى، شامال، جەزىرە، قۇياش، بۇلارنى ياراتقان ياراتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىدۇ. ئادەمنى، شامالنى، جەزىرىنى… ھەممىنى ياراتقان ئىگىسىنىڭ بىرلىكىگە، ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا دېڭىزنىڭ ، زېمىننىڭ، جەزىرىنىڭ، شامالنىڭ . . . ھەممىنىڭ جەۋھىرى بولىدىغانلىقىغا چىن پۈتىدۇ ھەم بالىنىڭ يۈرىكى ئۆز تەقدىرىگە ئىشىنىشكە ئېلىپ بارغان ياراتقۇچىغا بولغان شۈكۈرلەر بىلەن لەرزىگە كېلىدۇ.
پۈتكۈل ئالەم روھىنىڭ سۆيگۈدىن يارالغانلىقىغا،سۆيگۈ بىلەن بىرى-يەنە بىرىگە ئايلىنالايدىغانلىقىنى قەلبى تەستىقلايدۇ. دىمەك، بالىنىڭ روھى ئالەم روھى بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ.

 

توققۇزىنجى بىشارەت : ئىنسان قەلبى

 

نېمە ئۈچۈن قەلبنى تىڭشىشىمىز لازىم ؟
قەلب بار جايدا خەزىنە بار.
ئەلكىمياگەر

پادىچى ئەلكىمياگەر بىلەن خوشلىشىپ سەپىرىنى يالغۇز داۋاملاشتۇرىدۇ. مەلىكە سېدىق ئېيتقىنىدەك، ئادەمگە تەقدىر يولىدا ئۇچىرىغان بىشارەتلەرنى بىلىش موھىم بولغىنىدەك بۇ بىشارەتلەرنىڭ مەركىزى نوقتىسى ئۆزى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.
ئۇ قەلب بىشارىتى بويىچە كۆز ياشلىرى تامغان جايدىن ماي قوڭغۇزى كۆرىدۇ ھەم قەلبى سەزگەن شۇ جاينى كورلايدۇ ، -يۇ ، ھېچنىمە تاپالمايدۇ.
ئۇ يەرنى كولاۋاتقاندا ئۇرۇشتىن قىچىپ پۇل ئىزدەۋاتقان قاچاقلار كەپقالىدۇ ھەم بالىنى ئاختۇرۇپ ئەلكىمياگەر بەرگەن ئالتۇننى تېپىۋالىدۇ.
قۇدۇقتىن ئالتۇن تېپىۋالالمىغاندىن كېيىن بالىنى ئۆلگىدەك دۇمبالايدۇ. ئەزرائىل كېلىش ئالدىدا بالا ئۆزىنىڭ مىسىر ئىھرامىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلگەن خەزىنە ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ.
قاچاقلار ئاتامانى بالىغا: ئالدانغىنىڭ، ئەخمەقلىقىڭنى چۈشىنىۋىلىشىڭ ئۈچۈن سېنى ھايات قالدۇراي.
مەنمۇ دەل سەن تۇرغان جايدا ئىككى يىل ئاۋۋال بىر چۈشنى نەچچە قېتىم كۆرگەن ئەسكى، بىر تاللا چىنار دەرىخى بار ۋەيرانە ئىبادەتخانىدا خەزىنە بارلىقىنى چۈشۈمدە كۆرگەنمەن . لېكىن ساڭا ئوخشاش ئەخمەقلىق قىلىپ ئىزدەپ بارمىغانمەن.

شۇنداق قىلىپ بالا ئاخىرى ئۆز خەزىنىسىگە ئېرىشكەنىدى.
ئۇ ئاخىرى كونا ئىسپان ساندۇقىغا قاچىلانغان بىھىساب بايلىق تاپتى.
بالا ئۇرىم ۋە تۇرىمنى ساندۇققا سالدى.
ئۆز تەقدىرى يولىدا كېتىۋاتقانلارغا ھايات ھەقىقەتەن خەيرىنى ئايىمايدۇ.
شامال يىگىت جا جېنىدىن راھەتلەنگەن پاتىمەنىڭ تۇنجى سۆيۈشىنى ئېلىپ كېلىدۇ. بالا خورمىزارلىققا قاراپ يول ئالىدۇ !

ياپونچە نۇسقىسى

 

خۇلاسە -كالام : خەزىنە ۋە ئالەم روھى

 

يەر يۈزىدىكى ھەر بىر ئىنسانغا ئاتالغان ۋە بۇيرۇلغان خەزىنە بار. گەپ ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئېرىششىكە ئىنتىلىش- ئىنتىلمەسلىكىدە.

ئەلكىمياگەر

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆز بەختىنى، مەنزىلىنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆز خەزىنىسىنى ئالەمدىن، كەڭرى دۇنيادىن ئىزدەيدۇ، -يۇ، بەخىتنىڭ ئۆز يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

ئاقىۋەت، بالا ئۆز خەزىنىسىنى ئۆز ياشاپ چوڭ بولغان يېزىسىدىن، ئۆز يېنىدىن تاپىدۇ. شۇنداق ئىكەن يەنە نېمىشقا ئۇ ئەلئىھرام ئىتەكلىرىگىچە شۇنچە رىيازەت چىكىشى زۆرۈر بولىدۇ ؟

ئۇنىڭ بۇ سەپىرى ئەمەلىيەتتە قەلب سەپىرى ئىدى. ئۇ ئۆز قەلبىگە يېقىنلاشتى!
ئىزدىنىشنىڭ ھەر لەھزىسى ئىگىسىگە، ئەبەدىيلىككە تۇتاشقان دىيىلگىنىدەك،
پۈتۈن ئالەم روھىنىڭ شولىسى بولغان قەلبىدىن ياراتقۇچىنىڭ ئىنساننى يارىتىش سەۋەبى ۋە مۆجىزىسىنى چۈشەندى ھەم ئارزۇ يولىدا تېخىمۇ كۈچلەندى!

پادىچى بالا قەلبىدىكى ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە قۇلاق سالمىغىنىدا ئىدى،ئاددى بىر روھانى بولاتتى. ھالبۇكى، ئۇ قويلىرىدىن ھەممىگە ئورتاق بىر تىلنى، يەنى كائىنات تىلىنى ئۆگەندى.
بۇ تىل – سىرلىق روھ ۋە ئىلھامنىڭ مۇھەببەت، زوق -شوخ، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن دۇنياغا كەلگەن ئىنسان ھەم مەۋجۇداتنىڭ تىلى ئىدى.

ئۇ چۈشىگە ئىشەنمىگەن بولسىدى ئىلاھى قۇدىرەتنى، بىشارەتنى چۈشەنمىگەن بولاتتى. سىگان، مەلىكە سىدىق، پاتىمە، ئەلكىمياگەرنى ئۇچراتمىغان بولاتتى. تەقدىرىگە ئىشىنىشنى ئۆگەتكەن ياراتقۇچىغا بولغان شۈكرانلىرى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى يېرىپ ئۆتەلمەيتتى!

ھەر بىر ئادەمنىڭ، جۈملىدىن ئۆزىدەك ئاددى پادىچىنىڭمۇ پۈتكۈل ئالەم ئۈچۈن موھىم شەخسلىكىنى، كائىناتتىكى ھەر بىر شەيئى، ھەر بىر زەررىچىنىڭ بىر -بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، پۈتكۈل ئالەمنى ياراتقان سىرلىق كۈچنىڭ گۈزەل شولىسىنىڭ پۈتكۈل ئالەمگە چىچىلغانلىقىنى، ھەر بىر قەلب ۋە بىر تال قۇم زەررىچىسىدىمۇ ئۇنىڭ شولىسى ۋە ئالەم روھىنىڭ بارلىقىنى، بىر -بىرىگە باغلىنىشلىق ئېكەنلىكىدىن ئىبارەت گۈزەل ھەقىقەتنى چۈشەندى.
شۇنداق،بىزمەيلى قەيەردە كىم بولۇپ تۇغۇلغان بولايلى،ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبى بىر مۆجىزە، ھەر بىرىمىزنىڭ يارالمىشى پۈتكۈل ئالەمنىڭ پۈتۈنلىكى ئۈچۈن قىممەتلىك!.
ھەر بىر ئادەم ھەر شەيئى ئۆزىنىڭ يارالمىش ۋەزىپىسى يەنى، ھەقىقى تەقدىرى ئارقىسىدىن مېڭىشى ئۇنى بۆيۈكلۈككە، ئەسلىگە، ياراتقۇچىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ.
ئئەسلىدىلا بۆيۈك نىئمەت ئۈچۈن يارىتىلغان ئىنسان  ئۆزىنى، ئارزۇسىنى، تەقدىرىنى، يەنى، ئۆزخەزىنىسى ئىزدەش ۋە تېپىش جەريانىدا  ئاۋۋالقىدىنمۇ مۇكەممەل ۋە گۈزەل بولىدۇ.
ئەتراپىدىكى شەيئىلەرمۇ، ئادەملەرمۇ  شۇنىڭغا ماس ھالدا گۈزەللىشىدۇ ۋە مۇكەممەللىشىدۇ.

 

********************************

رەيھان ئابلەت

2020.02.13

تارقىتىڭ...