توكيو خاتىرىلىرى: 2020.02.06

160 قېتىم ئوقۇلدى

çalıkuşu jenerik – aytekin ataş

 

2020.02.06

بۈگۈن ئۆيدىن تۇنجى ئايرىلغىنىمنىڭ دەل 14 يىللىق خاتىرە كۈنىكەن.

14 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆيدىن ئايرىلىش ھارپىسىدا ئاكامنىڭ بوۋىقىنى بەزلىيەلمەي، بوۋاق بىلەن تەڭ يىغلىغان مەن بۇ يىللاردا نەقەدەر كۆپ يىتىلدىم-ھە؟!

نېمىلەرگە ئېرىشتىم، نېمىلەرنى يوقاتتىم..بۈگۈن بەك ئېغىر خىياللارنى قىلغۇم يوق. لېكىن، شۇنى خاتىرەمگە يېزىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ.
ئانام يېقىنقى كۈنلەرگىچە دەيدىغان: ≪ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ چاغدا ئارقاڭغىمۇ قارىماي كەتكىنىڭ . . . ≫ دەپ .
ئانام ھازىرغىچە بىلمەيتتى. مېنىڭ  مېڭىش ئالدىدا ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىنىڭ سىرتىغا قاراپ سۈرگەن جۇدالىق خىياللىرىمنى، ئايدۇرۇمغىچە ھېچكىمگە كۆرسەتمەي سۈرتىۋەتكەن ياشلىرىمنى، شۇ چاغدا ئارقامغا قاراشنىڭ نەقەدەر ئازابلىقلىقىنى. . .
ئەمدى ئويلاپ باقسام ھاياتىمدا ئەڭ ئېغىر ئالىدىغان ئىشتىن بىرى _دەل خوشلىشىشكەن.

 

تارقىتىڭ...
  1. كوڭلىڭلىزنى چۇشىنىمىز.ھەممىمىز ئارقىمىزغا قارىغىمىز كەلسىمۇ قارىيالماستىن ئوزىمىز توغرا دەپ تاللىغان مەنزىلگە كەتىپ قالدۇق.يوقاتقانلىرىمىز ئەرىشكەنكەنلەردىن كوپ ئارتۇق بوپ كەتتى

  2. ئايرىلىش ئازابىغا نىمە توغرا كەلسۇن؟
    تەسىرلەندىم

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

توكيو

باش بەتكە قايتىمەن

© 2020 توكيو خاتىرىلىرى