ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: «سەن» ئەمەس «مەن»(18)

7,073 قېتىم ئوقۇلدى

مەندىن: پىداگوگىكا كەسپىنى ئوقۇغانلار چوقۇم  مىتوت  دەرسىنى ئېلىشى  زۆرۈر. چۈنكى، ئوقۇتقۇچىدا ئۆزىنى ئىپادىلەيدىغان ماھارەت، مەلۇم دەرىجىدىكى پىسخىكىلىق بىلىم بولمىسا بولمايدۇ.

ھالبۇكى، ئوخشاشلا ئىنسان يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئاتا – ئانىلارچۇ؟ ئاتا- ئانىلىقمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بىزنى بۇ خىل «مىتوتلار» دا تەربىيلەپ چىقىدۇھەم تەربىيلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 ئوي – پىكىرلىرىمىز، مەقسەتلىرىمىز ھەر قانچە دۇرۇس ھەم يوللۇق بولسىمۇ ئۇنى توغرا، ئۈنۈملۈك ئىپادىلەش  ئۈچۈن مۇۋاپىق ئۇسۇل، يول كېرەك بولىدۇ. بۇ يوللارنىڭ ئىچىدە يەنە مۇنداقمۇ  بىر تاكتىكا بار:

ئۇ بولسىمۇ «سەن» ئەمەس «مەن»، بۇ قانداق گەپ؟

 

sayonara no natsu

 

(18)

تەنقىدلەش ئۇسۇلى (4 )

«سەن» ئەمەس «مەن» نى ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلىش

 

قارشى تەرەپكە كۆڭلىڭىزدىكىنى بىلدۈرمەكچى بولسىڭىز«سەن» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «مەن» نى ئالماشتۇرۇپ ئويىڭىزنى بىۋاستە ئىپادىلەڭ، سۆزلىرىڭىز قەلىبكە بارىدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قارشى تەرەپ بىرەر ياخشى ئىش قىلغاندا «بەك خۇش بولدۇم»، «ماڭا چوڭ يارىدەم قىلدىڭىز»،«خاتىرجەم بولدۇم»، «رەھمەت» دىگەندەك قەلبىمىزدىكى رازىمەنلىك، مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرىنى بىۋاستە ئېيتىش،

قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقلىرىغا نىسبەتەن «كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى»، «ھەقىقەتەن قىيىن ئەھۋالدا قالدىم، نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم»، «ئەنسىرىدىم»، «ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلاندىم» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن قەلبىمىزدىكى نارازىلىق تۇيغۇلىرىمىزنى ئېيتىش ئارقىلىق«مەن» نى قارشى تەرەپكە بىۋاستە بىلدۈرەيلى.

 «سەن زادى مۇشۇنداق بولمىغۇر» دىگەندەك ئەيىپلەشلەرنى ئاڭلاپ خاتالىقىنى قىلچە بوينىغا ئالمايدىغان ھەتتا، قارشىلىق كۆرسىتىدىغان بالىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن دېيىلگەن «بۇ قىلغىنىڭدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى» دىگەن سۆزىڭىز بالىڭىزنىڭ قەلبىگە تېخىمۇ تەسىر قىلىدۇ. ھەتتا، خاتالىقلىرىنى بوينىغا ئالىدۇ ھەم تۈزىتىشكە تىرىشىپمۇ قالىدۇ.

بىز يەنىلا ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىزنى چۈشىنىپ كۆرەيلى.

 

«سەن»ئارقىلىق كۆڭلىدىكىنى يەتكۈزگەندە

ئىككى كىچىك دوست قونچاق تالىشىپ قالدى. قىزىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىدىن قونچاقنى تارتىۋالغانلىقىنى كۆرگەن ئانا قىزچاققا خاپا بولدى.

باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى خالىغانچە تارتىۋالىدىغان قانداق شەخسىيەتچى بالىسەن؟- دەپ.

 

***

مەن كەلدىم ،- دەپ ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەن بالىغا ئانىسى خاپا بولۇشقا باشلىدى.

 سائەت بەشكىچە ئۆيگە كەپ بولغىن دەپ دېمىدىممۇ ساڭا؟ سەنغۇ ئەزەلدىن گىپىڭدا تۇرمايسەن زادى- دەپ ئاچچىقلاندى ئانا.

نەدە داۋاملىق گېپىمدا تۇرمايمەن مەن؟- دەپ غۇدۇرىدى بالا.

يۇقاردىكى مىسالدا بۇ بالىلارغا قانداق تەدبىر قوللانغاندا ئۈنۈملۈك بولىدۇ؟

 

«مەن» نى قوللانغاندا

 

«مەن»ئارقىلىق كۆڭلىدىكىنى يەتكۈزگەندە

 

ئىككى كىچىك دوست قونچاق تالىشىپ قالدى. قىزىنىڭ باشقىلارنىڭ قولىدىن قونچاقنى تارتىۋالغانلىقىنى كۆرگەن ئانا قىزچاققا مۇنداق دېدى:

– قىزىم، ئادىشىڭىز قونچىقىنى بۇنداق تارتىۋىلىشىڭىزدىن چوقۇم خاپا بولدى. باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى مۇنداق خالىغانچە تارتىۋالسىڭىزمېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولىدىكەن – دىدى مىھرىبانلىق بىلەن.

***

– مەن كەلدىم، – دەپ ئىشىكتىن كىردى بالا.

– بالام، كېيىن قالدىڭغۇ؟ بەك ئەنسىرەپ قالدىم سەندىن، – دىدى ئانا بالىنىڭ ئالدىغا چىققاندا.

– خاپا بولماڭ ئاپا، – دىدى بالا خاتالىقىنى تونۇپ.

 

مەندىن:

 

بىز ھازىرغا  قەدەر نۇرغۇنلىغان توم-توم كىتابلارنى ئوقۇپ كەلدۇق. تاكى ھازىرغىچە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەتراپىمىزدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت، نىكاھ، پەرزەنت تەربىيەلەشتە بولسۇن نۇرغۇنلىغان باش قېتىنچىلىقلىرىغا دۇچ كەلدۇق. ئادەم بولغانىكەنمىز باشقىلاردىن مىننەتدار،خۇشال بولغان چاغلىرىمىز بولغىنىدەك، نارازى بولىدىغان، كۆڭلىمىز رەنجىيدىغان چاغلىرىمىزمۇ بولىدۇ، ئەلۋەتتە!

بىراق، ھەممىنى ئىچىگە يۈتىۋىتىشنىڭ ئورنى يوق. ئۆزىمىزنىڭ خۇشاللىقىنى، مەمنۇنىيەتلىرىنىلا ئەمەس نارازىلقىمىزنى، كۆڭۈل ئاغرىقىنىمۇ بىۋاستە ئىپادىلەش يېقىنلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ، گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىنىڭ دۇنياسىنى تېخىمۇ كەڭرىتىدۇ.

شۇنداق، مەن ھەرقېتىم پەرزەنت تەربىيەلەش بىلىملىرىنىلا ئەمەس، كىشىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلالمايدىغان شۇ سەۋەبلىك باش قېتىنچىلىقى كۆپيىيىپ كېتىدىغان مەسىللەرنى بەكمۇ ئاددى يېشىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۇشبۇ كىتابتىن مۇشۇنداق يارقىن نوقتىلارغا ئېرىشكىنىمدە يەنە بىر قېتىم بۇ كىتابتىن ھەم مۇئەللىپتىن سۆيۈنۈپ قالىمەن. ئەلۋەتتە، بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ھەر بىر ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنىمنىڭ بۇنى تەرجىمە قىلىپ خالىسانە يەتكۈزىۋاتقان كەمىنىدىنمۇ خۇشال بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

خەير، كۈنلىرىمىزگە بەرىكەت ۋە مەنالار بولسۇن~

 

********************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. بىزدەك ياش ئانىلارغا پەرزەنت تەربىيسگە ئائىت مول مەزمۇنلارنى ئۇزۇلدۇرماي تەمىن ئىتۋاتقان رەيھان ئۇستازغا رەھمەت ،قەلەم ئىزىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن[玫瑰][玫瑰][玫瑰]

  2. رەھمەت سىزگە،مەن بەك ياقتۇردۇم،بۈگۈن بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا شۇنداق جىق مەزمۇنلانى ئوقۇپ چىقىپتىمەن.
    مىنىڭ ئىككى ئوغلۇم بار،بىرسى بىر ياش ئۈچ ئايلىق بىرسى،بىرسى ئۈچ ياش ئۈچ ئايلىق.چوڭ ئوغلۇم كىچىگىنى تولا خاپا قىلىدىغان بولىۋالدى. ئەمىلىيەتتە يولدۇشۇممۇ مەنمۇ چوڭ ئوغلۇمغا بەكراق ئوينۇشۇپ بىرىپ،ھەمراھ بوپ قىلىمىز بولمىسا. لىكىن بەزىدە چوڭىغا سەل چىچىلىپ قالىدىغان بوپ قالدىم، كىيىن شۇنداق پۇشايمان قىلىمەن.بەزىدە ئۇكىسىنى ئۇرىۋالىدۇ.ئەگەر مومكىن بولسا مۇشۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىزمۇ. ئاۋارە قىلدىم.

  3. ئۈچ ياش – بالىلارنىڭ ئەڭ كەپسىز ، قارشىلىق مەزگىلى، چوڭ ئوغلىڭىزنىڭ ئانچە ـمۇنچە بۇنداق قىلىشى بەك نورمالمىكىن دەپ قالدىم …بۇندىن كىيىنكى مەزمۇنلاردىن سىز ئىزدىگەن جاۋاب چىقىپ قىلىشى مۇمكىن ، خالىسىڭىز ، كىيىنكى مەزمۇنلارنىمۇ كۆرۈپ باققايسىز ~ ☕️

  4. ھە ماقۇل مەنمۇ بالامغا خاپا بولماسلىىقا تىرىشاي.رەھمەت سىزگە سىز تەييارلىغان بارلىق مەزمۇنلا مەن ئۈچۈن يىزىلغاندەكلا. ۋاقىت چىقىرىپ ھەممىسىگە دىققەت قىلىمەن.

  5. ھەر بىر يازمىڭىزنى قايتا – قايتا ئوقۇپ چىقىمەن، سىز بىلەن تونۇشۇپ ئاۋازلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئىگە قىلغانلاردىن سۆيۈنىمەن،شۇنداقلا سىزگە تىخىمۇ كۆپ بەرىكەت تىلەيمەن. كۆڭلىمدىكى گەپنى دىيىشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلدۇ، ئۈمۈدۈم -سالامەت بولۇڭ!

  6. سالام خۇشپۇراقلىق رەيھان! مەن سىز بىلەن بىلوگداش، پات-پات سىزدىن ئەھۋال سوراپ تۇراتتىم، مەزگىللەردىن بۇيان تورغا چىقىپ بولالمىدىم، مەن ئىشىنمەنكى، بىر كۈنى سىز بىلەن ھامان ئۇچرىشىمەن، شۇ ئۇچرىشىشقا، دىدارلىشىشقا نەسىب بولسۇن، سىزنى كۆرۈشنى ئىستەيمەن، سىز بىلەن غايىۋى پىكىرلىشىمەن، ئامان بولۇڭ خۇشپۇراقلىق رەيھانىم.
    -ئارمان

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى