ياپون پەرزەنت تەربىيەسى: سۇئال-جاۋابلار(2)

6,219 قېتىم ئوقۇلدى

نەرسىلىرىنى يۇغۇشتۇرۇشنى بىلمەيدىغان بالىنى قانداق قىلساق بولار؟

Q&A

 

سۇئال:

ئويۇنچۇقلىرى شۇنچىلىك چېچىلىپ تۇرغىنى تۇرسىمۇ، يۇغۇشتۇرايمۇ دىمەيدۇ. ھەر قېتىم ”ئويۇنچۇقلىرىڭنى رەتلە!“،  ”نەرسىلىرىڭنى رەتلىك، ئاسراپ تۇتمىساڭ، تاشلىۋىتىمەن!“ دەپ ئېيتىپ تۇرساممۇ، نەتىجىدە يەنە ئۆزەم يۇغۇشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىمەن. قانداق قىلغاندا بالامنى نەرسە–كېرەكلىرىنى ئۆزى يۇغۇشتۇرىدىغان، رەتلىك بولۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرەلەيمەن؟

ـ ياپونلۇق ئوقۇرمەن ئانا

 

ゲド戦記 – Tales from Earthsea

جاۋاب:

بالىنى رەتلىك، ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆزى يۇغۇشتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش مەسلىسى ھەر قانداق ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلە بولسا كېرەك. بۇ ھەقىقەتەن بىر قەدەر مۈشكۈل ھەم ۋاقىت كېتىدىغان مەسىلە بولىسىمۇ ئەڭ نىگىزلىك نوقتىنى ئېيتىپ بەرمەكچىمەن.

 

”قالايمىقانچىلىق رەتلەنسە، كۆڭۈلمۇ يورۇپ قالىدۇ“ دىگەن تۇيغۇنى يېتىلدۈرۈش

 

ئالدى بىلەن شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى بالىلاردا رەتلەش، يۇغۇشتۇرۇش دىگەنلەرنىڭ مۇھىملىقى، يۇغۇشتۇرۇلغاندىن كىيىنكى  كۆڭۈلنىڭ ئازادىلىكى دىگەندەك ئۇقۇملار تېخى شەكىللەنمىگەن بولىدۇ. بۇ ياشتىكى بالىلارغا ”نەرسىلىرىڭنى يۇغۇشتۇر!“ دەپ قانچە ۋارقىراپ – جارقىرىسىڭىزمۇ پايدىسىز.

شۇڭا، بۇ مەزگىلدە ”يۇغۇشتۇرغاندىن كىيىنكى كۆڭۈل راھىتى“ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرگەچ، ئاز – ئازدىن بولسىمۇ ئادەتكە ئايلاندۇرۇش مۇھىم.

بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن قىلىدىغىنىمىز بالىلارغا مۇھىت ھازىرلاپ بىرىشتۇر.

بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك نوقتىغا دىققەت قىلىڭ.

 

(1)

 ئويۇنچۇقلىرىنى ئازايتىپ بىرىش

يەنى، ئىشنى ئالدى بىلەن ئويۇنچۇقلارنى ئازايتىشتىن باشلاڭ.

ھازىرقى بالا بار ئۆيلەردا ئويۇنچۇقلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ. كىچىك بالا دىگەن بىر ئوينىسا ھەممە ئويۇنچۇقلارنى چىقىرىپ ئوينىمىغۇچە كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. شۇڭا، بالىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بالا ئانچە ئويناپ كەتمەيدىغان ئويۇنچۇقلارنى باشقا بىر يىشىككە سېلىپ تىقىۋىتىڭ-دە، بالىنىڭ ئويۇنچۇق ساندۇقىغا دائىملىق ئويۇنچۇقلىرىنىلا سېلىپ بىرىڭ.

ئەسكەرتىش: بالىنىڭ ”ئويۇنچۇقلىرىنى ئازايتتىم“ دەپ بەكلا چەكلىمىلىك قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىڭ، بالا يىتەرلىك ئوينىيالايدىغان ھالەتتە بولسۇن.

 

(2)

بالا ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆزى يۇغۇشتۇرالىغۇدەك دەرىجىدىكى قولايلىق ئويۇنچۇق ساندۇقى تەييارلاپ بىرىڭ

كىيىنكى قەدەمدە بالىڭىز ئۆزى باشقۇرالىغۇدەك، نەرسىلىرىنى ئۆزى ئېلىپ سالالىغۇدەك ، ئېچىش– يېپىشلار قولايلىق بولغان ئويۇنچۇق ساندۇقى تەييارلاپ بىرىڭ. ( ساندۇق، تارتما، تاكچە دىگەندەك)

 

(3)

بالىڭىزغا ئويۇنچۇقلىرىنى خالىغانچە ئوينىيالايدىغان بىر بوشلۇق ۋە دائىرە بەلگىلەپ بىرىڭ

بالا ئوينىغاندا ئويۇنچۇقلىرىنى خالىغانچە قالايمىقان چېچىپ ئويناشلىرى بەكمۇ نورمال، ناۋادا بۇ قالايمىقانچىلىقتا سىقىلىپ قالغۇدەك بولسىڭىز، بالىڭىز ئوينايدىغان دائىرە ھەم بوشلۇق بىكىتىپ بېرىڭ. يەنى، بۇ دائىرە بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ھوجرىسى دەپ بىكىتىلگەن بولسا، ”ئويۇنچۇقلارنى بۇ ئۆيدىن باشقا يەرگە قويۇشقا بولمايدۇ“ دىگەندەك بالىڭىز بىلەن كىلىشم تۈزۈپ قويۇڭ.

 

(4)

ئويۇنچۇقلىرىنى رەتلەش ۋاقتى بەلگىلەپ بىرىڭ

مەسلەن، قانچىلىك ئوينىساڭ ئوينا، بىراق، كەچلىك تاماق ۋاقتىغىچە ئويۇنچۇقلىرىڭنى راۋۇرۇس رەتلەپ قويغىن، دىگەندەك كىلىشىملەرنى تۈزۈپ قويساقمۇ بولىدۇ.

 

(5)

بىرلىكتە قىلايلى

قونچاقلىرىڭنى بۇ يەرگە، رەسىمىلىك كىتابلىرىڭنى بۇ يەرگە، ئويۇنچۇقلىرىڭنى بۇ يەرگە قويىمىز، – دىگەندەك، ئالدى بىلەن ئاتا – ئانا بولغۇچى كۆرسەتمە بەرگەچ بالا بىلەن تەڭ يۇغۇشتۇرىمىز.

بالىدا سەل قىزىقىش بولغۇدەك بولغاندا، ”قونچاقلىرىڭنى جايىغا ئەپقويغىنە بالام“، – دىگەندەك بالىنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىشىغا تاپشۇرىمىز، بالا قىلالىغۇدەك بولسا ”رەھمەت“ دەپ خۇشاللىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئۆي يۇغۇشتۇرۇلۇپ بولغاندا، ”ئۆي رەتلىك تۇرسا نىمىدىگەن ياخشى! ئادەمنىڭ كۆڭلىمۇ شۇنداق ئېچىلىپ قالىدىكەن!“ دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ، بالىمىز بىلەن بىرلىكتە بۇ ئازادە مۇھىتتىن ھوزۇرلىنىمىز.

مانا مۇشۇنداق تەكرار ئىشلار ئارقىلىق بالىنى ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە ئاستا – ئاستا كۆندۈرىمىز.

 

مۇھىمى بالىدا شۇ ئىشنى قىلىش ئىستىكىنى يىتىلدۈرۈش، ۋاقىت ئۇقۇمىنى كاللىڭىزدىن ۋاقتىنچە چىقىرىۋىتىڭ

دىققەت قىلىدىغان نوقتا:

ئاتا – ئانا بولغۇچى بالا بىلەن بىرلىكتە قىلغاچ، بالىنى ياردەم قىلدۇرۇش، بالا قىلالىغۇدەك بولسا ”رەھمەت“ ئارقىلىق بالىغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ بالىدا قىلىش ئېڭنى يېتىلدۈرۈش.

ئاتا – ئانىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان خاتالىقتىن بىرى، كۆپىنچە ئەھۋالدا ”نەرسىلىرىڭنى رەتلە!“ دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قويىمىز- يۇ، قانداق رەتلەشنى ئۈگەتمەيمىز، ۋە ياكى، بالىغا ئاچچىقلاپ ئۆزىمىز يالغۇزلا رەتلەپ چۈشۈپ كېتىمىز. يەنى، ئاتا – ئانا بالا بىلەن بىرلىكتە قىلمايدۇ ۋە ياكى ئۆزى يالغۇزلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىدۇ. بەلكىم، بالا بىلەن بىللە قىلايلى دىسىمۇ بالا پەرۋا قىلمىغاندا، ئۆزى جېلى بوپقالىدىغان ئەھۋال ئوموميۈزلۈك بولىشى مۇمكىن.(مەنمۇ شۇنداق)

 مانا مۇشۇنداق ”بالام بىللە يۇغۇشتۇرايلى“ دىسىمۇ گەپ ئاڭلىمىغان بالىغا ئاچچىقلىۋىتش ئالدىدا مۇنداق ئويلايلى. ”ۋاي ھازىرلا يۇغۇشتۇرمىسىمۇ ئادەم ئۆلۈپ قالمايدىغۇ!“ دەپ سەل ئۆزىمىزگە ئازادىلىك بىرىپ، ئىشلارنى مەيلىگە تاشلاپ بېرەيلى. ( ماۋۇ بالا پەقەت قىلمىغاندا ئاتا -ئانىغا بىرىلگەن تەسەللى ھە😜)

شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، كىچىك بالا بار ئۆينىڭ ئانچە – مۇنچە قالايمىقان بولىشى بەكمۇ نورمال ئەھۋال.

بالىلارمۇ ھازىر قىلالمىغان بولسا، كېلەر يىلى قىلالايدىغان بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاستا – ئاستا ئىش ئۇقىدىغان بولىدۇ، ئۆسۈپ – يېتىلىدۇ. شۇڭا، ھەممە ئىشنى بەك مۇكەممەل قىلىمەن دەپ ئېسىلۋالماڭ، يەلكىڭىزدىكى يۈكنى سەل تاشلىۋىتىپ تۇرمۇشقا ئازادىلىك بىلەن يۈزلىنىڭ.

ئاخىرىدا بۇ ئەمەلى مىسال بىلەن سۆزىمىزنى تاماملايمىز.

بالىغا  ئاچچىقلاپ ئاتا-ئانا ئۆزىلا رەتلىۋەتكەندە 

ئويۇنچۇقلىرى قالايمىقان ھالەتتە بىر خىيالىدا يوق كىتاب كۆرىۋاتقان ئوغلىغا ئانا ئاچچىقلاشقا باشلىدى.

-نىمانچە قالايمىقان قىلىۋەتتىڭ! ۋۇي ھەددىنى بىلمەيدىغان!

بالىنىڭ پەرۋاسز كىتابىنى ئوقۇۋىرىشى ئانىنىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى قوزغىدى.

-نەرسىلىرىڭنى يۇغۇشتۇرمىساڭ ھەممىنى تاشلىۋىتىمەن، سەن قالايمىقان قىلىپ بەرسەڭ مەنلا يۇغۇشتۇرامدىمەن ؟!- دىگىنىچە يەنە ئۆزى يۇغۇشتۇرۇپ كەتتى…

(بۇ چاغدا ئانىدا نارازلىق ، قورساق كۆپىكى بولىدۇ)

بالا بىلەن تەڭ يۇغۇشتۇرغاندا

ئۆيلىرىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن ئوغلىغا:

-بالام، ئۆي يۇغۇشتۇرىدىغان ۋاقىت بولدى، كېلە، بىللە يۇغۇشتۇرايلى.

-ئاۋۇ قونچىقىڭنى بۇ ساندۇققا سالىمىز، بىللە قونچاقلىرىڭنى يىغايلى، بولامدۇ؟

-رەھمەت ،- دىدى قونچاقلارنى يىغىشىپ بەرگەن ئوغلىغا.

-ئەمدى كىتابلارنى رەتلەيلى.

بالىمۇ“بولىدۇ“دىگىنىچە ئاپىسى بىلەن بىللە ئويۇنچۇقلىرىنى رەتلەشكە باشىلىدى، بىردەمدىلا رەتلىنىپ بولغان چىرايلىق ئۆيگە قاراپ :

-قارا، ئۆي مۇنداق رەتلىك تۇرسا كۆڭلىمۇ ئېچىلىپ قالىدىكەن كىشىنىڭ،- دىگىنىچە بالا بىلەن تەڭ بۇ رەتلىك ھالەتتىن سۆيۈندى.

 

ゲド戦記 – Aren & Hitaka

 

この世に永遠に生き続けるものなどありはしないのだ。自分がいつか死ぬことを知っているというのは、我々が天から授かった素晴らしい贈り物なのだよ。わしらが持っているものはいずれは失わなければならないものばかりだ。苦しみの種であり、宝物であり、天からの慈悲でもある。わしらの命も

ゲド戦記

ھاياتلىقتا ھىچقانداق نەرسە مەڭگۈ داۋاملاشقان ئەمەس. ئۆزىمىزنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمىزنى بىلگىنىمىزنىڭ ئۆزىمۇ تەڭرىنىڭ بۆيۈك نىھمىتى. ھامان بىر كۈنى بىزدىكى نەرسىلەر بىزدىن ئايرىلىدۇ. ئازاب ـ ئوقۇبەتمۇ، قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزمۇ، ھەتتا، ھاياتىمىزمۇ تەڭرىنىڭ بىزگە بەرگەن ۋاقىتلىق نىھمىتىدۇر.

– كارتۇن فىلىمدىن پارچىلار

 

***********************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. بۇ كىتاپنىڭ خەنزۇچىسى بامىدۇ رەيھان ،،،،مەن ئېغىر ئاياق بىر ئائىلە ئايالى ھەم دوختۇر شۇڭا بالامنى قورسۇقۇمدىن باشلاپ ياخشى كىتاپلارنى ئۇقۇپ ياخشى ئادەتنى يتىلدۈرگۈم بار ئىلگىرى سىزىك تۈپەيلى ھېچ ئىش قىلالمىغان شۇڭا ماڭا ئانا بۇلۇشقا ئائىت ياخشى كىتاپ بولسا تەۋسىيە قىلغان بولسىڭىز ،يولدىشىم ۋاقىتلىق ئۇقۇشقا كەتكەن شۇڭا يولدىشىم كەلگۈچىە بالدمنى تۇغۇپ چۇقۇم ياخشى تەربىيەلىشىم كېرەك ،،،،.،

  2. سالام، ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ نازۇك ئايلىرىنى باشتىن كەچۈرىۋىتىپسىز، سىزگە يېراقلاردىن قۇچاقلىرىم يەتسۇن ❤️
    بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچىسىنى ئىزدەپ تاپالمىغانىدىم، خالىسىڭىز Daiji Akehashi مۇشۇ ئىسىمدا توردىن ئىزلەپ كۆرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
    بۇ ئادەمنىڭ ياخشى كىتابلىرى بەك كۆپ .
    دۇنيادا ئېسىل ئادەملەر بەك كۆپ ، ئۇچىرىشىدىغىنىمىز بىزگە رىسىق بولغىنىدەك، نادىر كىتابلارمۇ بەك نۇرغۇن ، ئوقۇش نېسىپ بولغانلىرى بىزگە رىسىقكەن.
    ياپوننىڭ ھامىلدارلىققا ئائىت كىتابلىرىدا ھامىلدارلىقنىڭ ھەر بىر ئېيىدىكى يىمەك ـ ئىچمەك، ھەرىكەت، ھامىلە ئۆزگىرىشى، دىققەت قىلىدىغان نوقتىلار، ھەتتا ، ئانىنىڭ كيىم ـ كىچەكلىرىدىن تارتىپ بەك تەپسىلى سۆزلەنگەن ياخشى مەزمۇنلار بار …
    مەن بىر پۇرسەت تاپسام ئۆزۈم پايدىلانغان ماتىرياللارنى يېغىنچاقلاپ بىر مەزمۇن تەييارلاپ بىقىشقا تىرىشىپ باقاي.
    بۇنىڭغا ئائىت ئۇيغۇرچە، خەنزۇ تىلىدىكى كىتابلاردىن خەۋىرىم يوقكەن ، كەچۈرۈڭ.☺️
    ئاخىرىدا، يىنىڭىزدا ھەمراھىڭىز يوق كۈنلەردىمۇ غەيرەت بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان ھەر بىر كۈنىڭىزگە ، ۋۇجۇدىڭىزدىكى يېڭى بىر سۆيۈملۈك ھاياتقا تىنچ ھەم يورۇق كۈنلەر نېسىپ بولسۇن دەپ يۈرىكىمدىن تىلەيمەن .❤️

  3. ماڭا بەرگەن تەسەللىي ئېلھام سۆزلىرىڭزگەكۆپ تەشەككۈر،،،،، بولسا بىر ئاشۇنداق قىلسىڭىز،،،،،،،،،،،سىزدىن تېخىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

ياپون

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى