تور زوراۋانلىقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

تور دۇنياسى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمى. بىزئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىنى ھەمبەھىرلەيمىز، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ خەۋەردار بوپ تۇرىمىز. بۇنى ھەم پايدىلىق ھەم زىيانلىق قوش بىسلىق قىلىچ دېيىشكە بولىدۇ.  توردۇنياسىدىن ئازاريەيدىغان، كۆڭۈل ئاغرىيدىغان ئىشمۇ بوپقالىدۇ. ھەتتا، بىلىپ-بىلمەي تور زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ قالغان بولىشىمىزمۇ مۇمكىن.  ئۇنداقتا، تور زوراۋانلىقىغا نېمىلەر كېرىدۇ؟ مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچىرىغاندا نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟

 

 

もし君を許せたら

 

 

“ヒーローがいなければ、自分のヒーローになればいい。”
電波教師

« قەھرىمانىڭىز بولمىسا ، سىز ئۆز-ئۆزىڭىزنىڭ قەھرىمانى بولۇڭ».

 

بىرىنچى مەخپىيەت

 

ئەگەربىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا كىملىكىڭىزدىن پايدىلىنىپ سىزنىڭ ئىسمىڭىز،سۈرىتڭىز بىلەن باشقىلارغا ئۇچۇر ئەۋەتكەن بولسا، سىز ئاللىبۇرۇن پاراكەندىچىلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ھېسابلىنىسز. مەنچە بىزنىڭ ئالاقە ئەپلىرىمىزدە مۇنداق ئىشلار ئاز ئەمەسقۇ دەيمەن!
يەنە بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان تور زوراۋانلىقى شەخسى سۈرىتىڭىزنى يامان غەرەزدە تەھرىرلەش ياكى ئىززىتىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھاقارەت خاراكتىرىلىك سۆزلەر بىلەن تارقىتىش.

ئۇندىن باشقا خېلى زىيالى دىگەنلەردىمۇ كۆرۈلىدىغان تور زوراۋانلىقىنىڭ يەنە بىر شەكلى بولسا ، باشقىلارنىڭ رۇخسىتىسىز سىنغا ياكى رەسىمگە تارتىپ ئۇ كىشىنىڭ رۇخسىتىسىزلا تورغا چىقىرىش ۋە ئىجتىمائى ئالاقە سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىش.

 

ئىككىنجى مەخپىيەت

يۈز بەرگەن ئىشلارنى تەھلىل قىلىش ۋە دەرىجىسىنى ئېنىقلاش. بۇلارنىڭ  شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە سىزگە قانداق زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشىڭىز كېرەك.

بەزىدە تورداشلار ئوتتۇرىسىدىكى شۇنداقبىر چاقچاقلار ياكى مەقسەتسىز مەزمۇنلار سىزنى بىئارام قىلىشى، تەشۋىشلەندۈرىشى ياكى سىزگە ئازار بېرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇشى مۇمكىن.
يەنە ھەقىقەتەنمۇ ئىككى شەخس ئوتتۇرىسىدىكى گەپنى يايىدىغان، قەستەن قۇسۇر تېپىپ پىتنىخورلۇق قىلىدىغان، ھاقارەت قىلىدىغان، تور غەيۋىتى قىلىدىغان ئادەملەرنى يوق دىگىلى بولمايدۇ.بۇ ئۈچىنچى مۇھىم مەخپىيەتلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئۈچىنجى مەخپىيەت

يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۈچىنچى تەرەپكە ئېيتىش.
ئەگەر قۇرامىغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئاتا-ئانىڭىز ياكى ئوقۇتقۇچىلىرىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ. ئۇ كىشىلەر مەسىلىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ھەل قىلىدۇ. سىزگە ياردەم قىلالايدىغان، قوللايدىغان، چۈشىنىدىغان دوستلىرىڭىز ۋە ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن پاراڭلاشسىڭىز بولىدۇ.

مەندىن: بۈگۈنكى خەۋەردە دىيىلىشىچە، 15 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىسى توردىكى غەيۋەت سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.
مانا مۇشۇنداق توردا قالايمىقان ئۆسەك تارقىتىش، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتى، ھىسياتىغا ھۇجۇم قىلىش ئويلىمىغان مۇشۇنداق پاجىئەلەرگە سەۋەب بولىشى مۇمكىن.

 

تۆتىنچى مەخپىيەتلىك

ئۆزىڭىز ئۇچىرىغان تور زوراۋانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاڭ. ئۇچىرىغىنىڭىز قانچىلىك كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇنداقلا ئۆتكۈزىۋەتمەڭ!نېمە ئىش بولدى؟ مەسىلە قاچان يۈز بەردى؟ قاچانغىچە داۋاملاشتى؟ ئۇنىڭغا كىم قاتناشقان ، ئۇ كىشىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ ئۇنى نېمە قوزغىدى؟

 

بەشىنجى مەخپىيەتلىك

«توغرا يول ھەمىشە مېڭىش ناھايىتى مۈشكۈل، ئەمما بۇ جاپالىق يولمۇ بىزنىڭ ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ».

-كارىن مۇللېر

ئۆزىڭىزنىڭ تور زوراۋانلىقىغا ئۇچىرىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىنكى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش

توردا پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ھەقىقەتەنمۇ ئادالەتسىز ۋە ئازابلىق كەچۈرمىش. شۇڭا، توسۇشنىڭ يولىنى تېپىشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك! شۇڭا، ياردەم سوراشتىن، بوزەك قىلىنغانلىقتىن نومۇس قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش ئۈچۈن بوزەك قىلىشقا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن بىۋاسىتە پاراڭلىشىشنىڭ مۇمكىن ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىشىڭىز كېرەك. بۇ جەرياندا ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭىز، مەسلىھەت بېرىش ئورۇنلىرى ياكى ئادۇكاتلارنى ئارىلىشىشقا چاقىرسڭىز بولىدۇ.

 

 

***************

 

مەنبە: ياپونچە «قەلب كېزىش» تور بېتى
ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: رەيھان ئابلەت

 

ئەسكەرتىش: ئالدىنقى كۈنلىرى باشلاپ قويۇپ بەك چارچاپ كەتكەن بىر كۈنى بىرەر قۇر كۆرۈپلا يوللاپ قويۇپتىمەن. ھەقىقەتەن باشقا يازما ۋە تەرجىمىلىرىمدەك بەك كۆڭۈل بۆلەلمەي قالدىم. سەۋەنلىكى كۆپ ئۇشبۇ تەرجىمىنىڭ پايدىلىنىشقا تېگىشلىك مۇۋاپىق يەرلىرى چىقىپ قالسائەجەپ ئەمەس.

تارقىتىڭ...