⁨ ⁨ يېقىندا ياپونىيەلىك يازغۇچى ئائوياما مىچىكونىڭ«دۈشەنبە كۈنىدىكى ماچيا»ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم.
بۇ مەن ئوقۇپ چىققان يازغۇچىنىڭ 3-كىتابى. مىچىكونىڭ كىتابلىرىنىڭ تىلى ئاددى، ئەمما ئىللىق تۇرمۇش كارتىنىلىرىغا تولغان. ئۇشبۇ كىتاب ئالدىنقى قېتىم تونۇشتۇرغان «پەيشەنبە كۈنىدىكى قىززىق شاكىلات»قا مۇناسىۋەتلىك قەھۋەخانا ھەم ئادەملەرنىڭ بىر يۈرۈش تۇرمۇش ھېكايىلىرى بولۇپ، بۇ قېتىم ئەسەر ھەققىدە كۆپ توختالمىدىم. ئوقۇۋىتىپ خاتىرىلەپ قويغان قۇرلار ھەم قىسقا ئويلىرىمنى كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەي يوللاپ قويدۇم.

 

Mariage D`amour- Richard Clayderman

 

ئائوياما مىچىكونىڭ«دۈشەنبە كۈنىدىكى ماچيا»ناملىق كىتابىدىن پارچىلار

 

ئىنساننىڭ خاتىرىسى دېگەنمۇ ئېنىقسىز، نازۇك نەرسىكەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىز ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز. ھەتتا ھەرگىزمۇ ئۇنتۇيالمايمەن دەپ ئويلىغان ئىشلارنىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەنە ئۇنتۇيدىكەنمىز.ھەتتا، بۇ خاتىرىلەر ئويلىغىنىمىزدىن يېراق، خاتا يەرگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىنكەن… بەلكىم ھەممىمىز خاتىرىلەرنى ئۆزىمىز خالايدىغان ئۇسۇلدا ئېسىمىزدە ساقلاۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن…

مەندىن: يۇقارقى جۈملە كىتابنىڭ «ساڭا خەت يازىمەن»ناملىق ھېكايىسىدىن ئېلىنغان. ئەر تويدىن بۇرۇن ئايالىغا«سىزنى سۆيىمەن»دەپ خەت يازغىنىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئايالىنىڭ بەكلا كۆڭلىگە كېلىدۇ، ئېرىنى ئۆزىنى قەتئى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك ھېس قىلىدۇ.(قايسى ئايالنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن  ئۇنداق مۇھىم خاتىرىلەرنى ئۇنتۇپ قالسا ھە؟🤔). ئەمما، ئەر ئايالى ياخشى كۆرىدىغان چاينى ئېسىدە ساقلايدۇ ھەم ئۆيدە كۆڭلى يېرىم قالغان ئايالىنىڭ ئامراق چېيىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن ھېلىقى قەھۋەخانىغا بارغىنىدا قەھۋەخانىنىڭ دەم ئېلىش كۈنى دۈشەنبە بولغاچ ئىتىك چىقىدۇ. شۇ ئەسنادا شۇ ئەتراپدىكى ئىچ كىيىملەر ماگزىنىنىڭ  خوجايىنى دۇكاندىكى ئۆمۈچۈكتىن قورقۇپ ئۇنى يارىدەمگە چاقىرىدۇ ھەم كىچىككىنە يارىدەمدىن كېىن رەھمەت يۈزىسىدىن ئەرگە چاي ئىچىش تەكلىۋىنى بېرىدۇ. ئەر ئايالى ئۈچۈن سېتىۋالماقچى بولغان چاينىڭ بۇ يەردىمۇ بارلىقىدىن خۇش بولىدۇ ھەم چاي ئىچكەچ بۈگۈنكى بۇ يەرگە كېلىش مەقسىتىنى ئېيتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار تەبىئى ھالدا پاراڭلىشىش جەريانىدا ھەر ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش شەكلىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلىدۇ ھەم ئۆيگە قايتىپ ئايالىغا يەنە خەت يازىدىغانلىقىنى ئەمما خەتتە نېمە يازغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان، خەت يوقاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ يېنىدا بىر ئۆمۈر ئايالى بولىسلا شۇنىڭ ئۆزى بەخىت ھەم  مۇھەببىتىنىڭ ئىسپاتى ئېكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى كىچىككىنە تۈگۈن يېشىلىدۇ.

يۇقارقى ھېكايدىكى ئەر-ئايالنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسى ماڭىمۇ ياقتى. بىز ئاياللار كۆپىنچە ھالدا ئىنچىكە كىلىمىز. بىز مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلارنى ئەرلىرىمىز ئېسىدە ساقلىيالمىسا يۇقارقى ھېكايىدىكىدەك ئەرنىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىپ قالىمىز. يۇقارقى ئاددى ۋەقەلىكتە ئنىساننىڭ، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بەكمۇ ئاددى ۋەقەلىك ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. ئەرلەر بەزى ئىنچىكە خاتىرىلەرنى ئېسىدە ساقلىيالمىغان بىلەن ئايالى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ئېسىدە ساقلىيالىسا، پات-پات سوۋغا قىلىپ تۇرسا، شۇنىڭ ئۆزىمۇ مۇھەببەت ئەمەسمۇ!

ئىچ كىيىم بەدەنگە بىۋاسىتە تىگىشىپ تۇرىدىغان، ئادەمگە ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان نەرسە. باشقىلارغا كۆرسەتمەيدىغان، ناھايتى كۆڭۈل قويۇپ تاللاشقا، قەدىرلەپ ساقلاشقا  تېگىشلىك، ھەرقانداق كۈندە كەيسىڭىز سىزنىڭ قوللىغۇچىڭىز بولالايدىغان نەرسە. ھەر بىر كېيگىنىڭىزدە بەدىنىڭىز خۇش بولىدۇ. سىز ئاشۇنداق قىممەتلىك، ياخشى  نەرسىلەرگە لايىقسىز.

مەندىن: يۇقارقىسى كىتابىدىكى «باش باھاردىكى قارلىغاچ» قىسمىدىكى ئۆزى تىككەن ئىچ كىيىملەر ماگزىنىنى ئاچقان قىزنىڭ خىياللىرى.

دېمىسىمۇ شۇ ھە! ئىچ كىيىم«خەق كۆرمىگەندىكىن» دەپ ئەسكىنى كىيىۋالىدىغان ئەمەس، خەق ئەمەس، ئۆزىمىز، ئەڭ قىممەتلىك ئۆزىمىز كۆرىدىغان، قىممەتلىك بەدىنىمىزگە ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان، ئۆزىمىزگە خاسلا تاللىنىدىغان، بەدەنگە ئەڭ راھەت، ئەڭ ياخشى، ئېسىل بولغىنى تۈزۈك. بۇمۇ ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم كونكىرىت ئۇسۇلى.

***

توغرا! ئەسلىدە دېمەكچى بولغانلىرىمنى مۇشۇنداق دېيىشىم ئىدى. ئۇرۇشۇپ بولسىمۇ ئىچىمدىكىنى ئېيتىشىم كېرەك ئىدى. جىم تۇرىۋىلىپ، ھەممىنى ئىچىمدە ساقلىماسلىقىم، «مېنى كىچىك كۆرۈپ بوزەك قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئۆزۈمچە ئويلىۋالماسلىقىم كېرەك ئىدى.

مەندىن:  ئۇشبۇ ھېكايىدە مومىسى بېقىپ چوڭ قىلغان قىزچاق كىچىكىدىن تارتىپ مومىسىنىڭ قاتتىق قوللۇقى ئىچىدە چوڭ بولىدۇ. ئۇمومىسىن يېراقتا تۇرۇش ئۈچۈن توكيودىكى ئالى مەكتەپكە كېتىدۇ ھەم شۇ يەردە خىزمەت قىلىپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇنەچچە يىلدا بىر قېتىم كىيوتودىكى مومىسىنىڭ ئۆيگە قايتقاندىمۇ، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەسىملىك تىياتىرنى مومىسىنىڭ «سەن قىلالامسەن؟»دېگەندەك ئىشەنمەسلىك بىلەن ئېيتقان سۆزلىرى بىلەن قىزنىڭ نەچچە يىللىق نارازىلىقى بىراقلا پارتىلايدۇ. كېيىن ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن مومىسىنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رەسىملىك تىياتىرنى ئويناپ بېرىۋاتقىنىدا، مومىسىنىڭ كىچىك بالىلاردەك ھوزۇرلىنىپ ئاڭلاۋاتقىنىنى بايقايدۇ. ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى توسۇق تاملار يېرىلغاندەك بولىدۇ. دېمەك، نارازىلىق، ئاچچىقلارنى ئىچىگە يۈتۈۋەرمەي، ۋاقتىدا چىقىرىۋىتىشمۇ ئوتتۇرىدىكى چۈشەنچ-مىھرنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن.

مېنىڭ 50 دىن ئاشقان بىر خىزمەتدىشىم ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى ئاچچىقلىرىنى، ئانىسىغا بولغان نارازىلىقىنى، قارشىلىقىنى تۇنجى قېتىم يېقىندا ئانىسىغا ئېيتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. بەزىدە بالىلىرىمىزنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋىلىشلىرى، ھەتتا« كىراي» دېيىشلىرىنىمۇ توغرا چۈشەنسەك بولىدىكەن دەپ قالدىم. ئەسلىدە مۇھەببەتنىمۇ، ئاچچىقنىمۇ ئىپادىلىيەلىگەن مۇناسىۋەت ساغلام مۇناسىۋەت ھېسابلىنىدىكەن.

***

كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقاندىكى قىياپىتىنى ياقتۇرىمەن. كىتاب ئوقۇۋاتقان ھالەت تولىمۇ گۈزەل. كىتاب ئوقۇۋاتقان ئادەمنىڭ جىسمى شۇ يەردە بولسمۇ، روھى باشقا بىر يەرلەردە ساياھەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.شۇنداق، گەرچە ئۇلارنىڭ بەدىنى تىنىچ، ئەمما ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى نېمىدۇر ھەرىكەتتە….

مەندىن: يۇقارقىسى، كىتابقا ئامراق بوۋاينىڭ مۈشۈكىنىڭ ئىچكى تەسۋىرى. ئۇشبۇ ھېكايىدە مۈشۈك تۇغۇلۇپلا ئاندىسىدىن ئايرىۋىتىلىدۇ، مۇشۇ بوۋاينىڭ مۈشۈكى بولىدۇ.مەيلى قۇلىقىنىڭ ئاڭلىماسلىقى، بەدىنىدىكى تارتۇقلار، ئۆتمۈشتە قانداق كۈن كۆرگەن بولسۇن، دەل شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە كۆز ئالدىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بوۋاينىڭ بولۇشى، مۇشۇ خاتىرىجەم  ھازىرى بىلەن بەخىتىيار. 

ئادەملەرگە ئەڭ يېقىن ھايۋاندىن بىرى-مۈشۈك بولسا كېرەك. مۈشۈك قانداق بىر ئانا مۈشۈكتىن تۇغۇلىدۇ؟ ئانا مۈشۈك ئۇنى ياخشى باقتىمۇ-يوق؟ مۈشۈكتىمۇ ئارزۇ-ئۈمىد بولامدۇ؟ مۈشۈك بىلەن ئادەملەرنىڭ پەرقى قانچىلىك؟

ئادەملەر ھەر ھالدا مۇتلەق كۆپ ھاللاردا تۇغۇلغان ئانىسىدىن ئايرىۋىتلمەيدۇ.ئادەملەر قەيەردە ياشاشنى ھەر ھالدا تاللىيالايدۇ. ئادەملەردە ئارزۇ-ئۈمىد بولىدۇ. مۈشۈكلەرنىڭ ئەڭ قالتىس يېرى-ئۇلار دەل شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدىكى راھەتلىكنى قەدىرلەيدۇ، ھازىردا ياشايدۇ، خۇددى بالىلاردەك.

***

بىر جۈپلەرنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىرى، قىزىقىشلىرى ئوخشىمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ. بەزىدە ئوخشىمىغان  خاراكتېردىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ تېخى!

ئادەملەرنىڭ چاقنايدىغان ئورنى، ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

مەندىن:  يۇقارقى جۈملە«قارىغاي دەرىخى ئاستىدا»ناملىق قىسمىدىن ئېلىنغان. ئۇشبۇ ھېكايىدە يىگىت ئەسلىدە بەكلا ياخشى ئوقۇغان، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولسىمۇ، تۇرمۇشقا، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە خام. خۇددى بىز دەيدىغان ھېلىقى«كىتاب خالتىسى».

يىگىت تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ بىر ئايدىلا قىز تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلىدۇ. گەرچە ئۇ بار كۈچى بىلەن قىزنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا، ئۆزىنىڭ خاھىشى-تالللىشىنى تاشلاپ قويۇپ قىز ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزىنى ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ….كۈنلەرنىڭ بىردە ئۇ قارىغاي دەرىخى ئاستىدا شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن مەنزىرە ئىچىدە ئۆزىنى قايتا تونۇيدۇ. ھەر بىرئادەمنىڭ چاقنايدىغان ۋاقتىنىڭ، ئورنىنىڭ بارلىقىنى، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى باشقا بىر ئادەم كۆرسىتىشنىڭ قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى يوقىلىقىنى چۈشىنىپ قالىدۇ.

***

مەلۇم بىر يەرگە تاسادىپىي بېرىپ قالسىڭىز ۋە ياكى ئۆزىڭىزمۇ سەۋەبىنى بىلمەستىن ئىختىيارسىز كېلىپ قالغان، ئەمما ئۇ يەردە قانداقتۇر ئۆزىڭىزنى تاپقاندەك تۇيغۇغا كەپقالغان بولسىڭىز، قىزىقارلىق ئەمەسمۇ؟ «مەيلى ئادەم ياكى بىرەر نەرسە بولسۇن، ئۇنى  ئۇچراتقانلا بولسىڭىز، بۇ تەقدىر ھېسابلىنىدۇ.

تەقدىر دېگەن ئۇرۇقغا ئوخشايدۇ. ئۇ بەلكىم كىچىككىنە، ئاددىيلا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ چوڭ بولغاندا ئۇرۇق ۋاقتىدا تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان گۈزەل گۈلگە ۋە ياكى تەملىك مېۋىگە ئايلىنىدۇ.

-ئۇنداقتا بىرلا قېتىم ئۇچىرىتىپ، كېيىن پەرۋىش قىلىش پۇرسىتى يوق «ئۇرۇق»چۇ؟ بۇمۇ تەقدىر بولامدۇ؟

-ئەلۋەتتە، بۇمۇ بىر قېتىم ئۇچرىشىشمۇ تەقدىرى.خۇددى بىز ئاپتەپپەرەسنىڭ ئۇرۇقىنى ، يەنى گازىرنى چىقىۋەتسەك ئۇ بەدىنىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغىنىدەك.

مەندىن:«دۈشەنبە كۈنىدىكى ماچيا»ناملىق ئۇشبۇ ھېكايىدە قىزچاقنىڭ پۈتۈن بىر كۈن ئىشلىرى ھېچ قولاشمايدۇ. يېڭى يىلنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە خاتا ئىشقا بېرىپ قالىدۇ، تاماق ۋاقتىدا كىيىمىنى بۇلغىۋالىدۇ. كۆڭلى چۈشكەن چاپان سېتىلىپ كېتىدۇ. قىزشۇنداق بىر ھېچ ئىشى قولاشمىغان دۈشەنبە كۈنى ئۆزى ئامراق قەھۋەخانىدا بىردەم ئارام ئالماقچى بولىدۇ-يۇ، قەھۋەخانىغا يېقىنلىغاندا، دۈشەنبىنىڭ قەھۋەخانىنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ئېكەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ. شۇ ئەسنادا قەھۋەخانىدىن چىققان خېرىدارنى كۆرۈب  قەھۋەخانا ئالاھىدە پائالىيەت«ماچيا كۈنى»شەكلىدە ئاچقانلىقىنى بىلىپ ئىچىگە كىرىدۇ ھەم شۇ يەردە كۆڭلىدىكى ئادىمىنى ئۇچىرىتىپ قالىدۇ.

بىز بىلىدىغان بىرگەپ بارغۇ«ھەممە ئىشىنىڭ ھېكىمىتى بار»دەپ. بىز بەزىدە  بەخىتسىزلىك دەپ ئويلىغانلىرىمىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە بەخىت قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغىنى بولۇپ چىقىدۇ.

***


چوققىغا يامىشىۋاتقان كىشىنىڭ ئارقىسدا ئۇنى يۆلەۋاتقان سانسىز قوللار بولغان بولىدۇ. ئەگەر، ئاشۇ قوللارنىڭ بىرى كاملا بولسا ئۇ كىشى ئاشۇ چوققىغا ھەگىزمۇ يېتەلمىگەن بولاتتى.
ھەر بىر يەتكەن مەنزىل ھەر بىر ئۇچرىشىش، ھەتتا چىرايىنىمۇ بىلمەيدىغان كىشىلەر بىلەن  قولمۇ-قول باغلانغان ئۈزۈلمەس زەنجىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

ھەممىدىن قالتىس يېرى، شۇ يېراقتىن قول سۇنغان كىشىنىڭ  ئۆزىنىڭ باشقىلارغا قانداق بەخىت ئاتا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىكى. قىلۋاتقان ئىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان كىشىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلالىشىمۇ ناھايتى ياخشى ئىش.

مەندىن: ئۇشبۇ كىتابنىڭ جېنى دەل مۇشۇ جۈملە ھەم بۇ جۈملىنىڭ ئېگىسى بولغان«ئۇستام». باش پىرسوناژ«ماستىر يەنى ئۇستام»باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە سىنىپىدىكى بىر قىزچاق ئۇنىڭغا خەت يازىدۇ ھەم «كەلگۈسىدە كىنگورو بىلەن كۆرۈشكۈم بار»دەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇستام كىنگورونىڭ ماكانى بولغان ئاۋسىترالىيىگە قىزىقىدۇ. چوڭ بولغاندىن كېيىن شۇ يەردە بىلىم ئاشۇرىدۇ ھەم خىزمەت قىلىدۇ. قىزچاقنىڭ شۇ ئاددى بىر خېتى ئۇستامنىڭ ھاياتىغا كۈچ بولىدۇ، ھاياتىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئۇستام تالانتى بار ئەمما تالانتى ئۈچۈن مۇۋاپىق سورۇن يوق ياشلارغا يول ئاچىدۇ. ئەسەردىكى بۇ پىرسوناژ باشتىن-ئاخىرى كۆرۈنمەس يوللار ئارقىلىق باشقىلارغا يول ئاچىدۇ.

 

2026.11.09

 

بۈگۈن دۈشەنبە. دەرىزەم سىرتىدا سوغۇق يامغۇر يېغىۋاتىدۇ.

دەرىزە ئالدىدا ماچيا ئەمەس قەھۋە ئىچكەچ«دۈشەنبە كۈنىدىكى ماچيا»نى ئوقۇۋىتىپ، باغچامدىكى مۇشۇ سوغۇقتا ئېچىلىپ تىتىرەپ تۇرغان بىرجۈپ قېزىل ئەتىرگۈلۈمگە كۆزۈم چۈشتى. «توختا، ماۋۇ سەت يامغۇرلۇق كۈندە ئۆينىڭ ھوزۇرىنى سۈرەيچۇ»دەپ كىتابنى قويۇپ قايچا كۆتۈرۈپ باغچامغا چىقتىم. بىر جۈپ ئەتىرگۈلگە قوشۇپ، ئۆزلىكىدىن ئۆسۈپ قالغان كىچىك ياۋا گۈللەرنىمۇ ئۈزۈپ كىچىك لوڭقىغا چىرايلىق سەپ، بۇ گۈزەللىكتىن مەست بولدۇم ھەم كىتاب بىلەن رەسىمگە تارتىپ قويدۇم.

بۇ چىرايلىق گۈللەرنىڭ سىرىتتا تىتىرەپ تۇرغىنىدىن ھەر بىر قارىسام مېنى خۇش قىلغىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ! گۈلمۇ مېنىڭ ئۈزگىنىمدىن خۇش بولدى،-دەپ ئويلىدىم ئۆزۈمچە.

كىتابنى ئوقۇۋىتىپ ئۆزۈمنىڭمۇ بۈگۈنگە كېلىشىمگە نۇرغۇنلىغان كۆرۈنمەس قوللارنىڭ ماڭا يول ئاچقىنى ھەتتا بېغىمدىكى گۈللەردىن تارتىپ ماڭا كۈچ بەرگىنى يادىمدىن كەچتى…مەن بىلىدىغان-بىلمەيدىغان بۇ كىشىلەرگە ، شەيئىلەرگە غايىپتىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. كىملەرنىڭدۇر مەن ھەم  يازمىلىرىم سەۋەبلىك ۋۇجۇدىدا  يالت قىلىپ چاقنىغان كىچىككىنە نۇردىن خۇش بولىمەن.

*****************

رەيھان ئابلەت

2026.11.21(شەنبە-قەھۋەخانا)

تارقىتىڭ...