ئاخىرىقى قېتىم بەدىنىڭىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭىز قاچان؟ تاماقنى پەقەت قوساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا يەۋاتامسىز؟ ئۇيقۇ سۈپىتىڭىز تۆۋەن ھەم قىسقىمۇ؟ ھەرقانچە ئۇخلىسىڭىزمۇ ئەتگىنى قوپسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئېغىر ھېس قىلامسىز؟ئادەت مەزگىلىڭىزدە پۈتۈن بەدەنلىرىڭىز ئۇرۇپ-چىقىۋەتكەندەك ئاغرىمدۇ؟ بەدىنىڭىز ھەر خىل سىگىناللارنى ئەۋەتىپ تۇرسىمۇ پەرۋا قىلمايۋاتامسىز ۋە ياكى ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىشنى بىلەلمەي قىلىۋاتامسىز؟

بۈگۈنكى تېما پەقەت خانىم-قىزلارغا ئاتالغان. يەنى، ياپون ئاياللار ساغلاملىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى، ئوزۇقلۇق پىسخىكا مەسلىھەتچىسى كاۋازوئى ئاكىنىڭ«تەبىئى ھالدا ساغلاملىقنى ياخشىلاش ئادىتى»ناملىق كىتابى. بۇ دەل ئەينى ۋاقتىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش زىيادە ئالدىراشچلىق ئىچىدە ئۆزىنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتقان، سالامەتلىكىدىن مەسىلە چىقىۋاتقان…جاپاكەش ئاياللارغا ئاتالغان.

كاۋازوئى ئاكى 2-بالىسىغا ئېغىر ئاياغ بولغىنىدىن خۇشال بولغان كۈنلەردە دوختۇرخانىغا تەكشۈرتۈشكە بېرىپ، دوختۇرنىڭ بالىنىڭ بىنورمال تۇغۇلۇپ قىلىش ئىھتىمالى بارلىقىنى ئېيتقىنىدا، قاتىتىق چۈچۈيدۇ، شۇ چاغدىلا تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يۈرۈپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالغىنىنى، بەدىنى بەرگەن سىگىناللارغا دېققەت قىلمىغىنىنى بايقايدۇ ھەم شۇندىن كېيىن ساغلاملىق ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ ھەم  ئىزدىنىشلىرى ۋە ئۆز تەجىربىلىرى مۇجەسسەملەشكەن ئۇشبۇ كىتابنى يېزىپ چىقىدۇ.

 كىتابتا يەتكۈزۈلمەكچى بولغىنى«توغرا بولغان غىزالىنىش ئۇسۇلى»،«مۇكەممەل بولغان ساغلام تۇرمۇش ئادىتى»دېگەندەكلەر بولماستىن، كۈچىمەستىن پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك تاللاشلارنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر.

ئۇشبۇ كىتاب تۇرمۇش، خىزمەت، ئائىلە ئۈچۈن ئۆزىنى بەكرەك ئۇرۇپ چارچىتىۋالغان، ئۆزىنى، ئۆز ساغلاملىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ئاياللار ئۈچۈن يېزىلغان  بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ قەلبى ۋە بەدىنىنىڭ ئاۋازىغا قايتا قۇلاق سېلىشقا، ئۆزىنى تېخىمۇ قەدىرلەشكە دەۋەت قىلىدۇ.

 

Historia-De-Un-Amor

 

تەبىئى ھالدا ساغلاملىقنى ياخشىلاش ئادىتى

 

 ئاياللارنى قۇتقۇزىدىغىنى قەتئى ئىرادە بولماستىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك-كىچىك ئادەتلەر

*ئىزچىل چارچاش داۋاملىشىش.

*ئادەت مەزگىلىدە PMS كۆرۈلۈش.

*ئاسانلا كۆڭلى پاراكەندە بولۇش.

*بىر ئىشلارغا ئاسانلا ئاچچىقى كېلىش، ئۇخلىيالماسلىق.

*ھېچقانداق سەۋەبسىز سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولماسلىق.

قاتارلىق ئۆزىدە كۆرۈلگەن مەسىللەرنى ھەل قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان ئاياللاريەنە تىرىشچانلىق كۆرسىتىىشىڭىز ھاجەتسىز، پەقەت ھەر كۈندىكى كىچىككىنە تاللاشلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز بولىدۇ.يەنى ئاياللارنى قۇتقۇزىدىغىنى«قەيسەر ئىرادە»دېگەنلەر بولماستىن، كىچىك ئادەتلەر، يەنى، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز ھاجەتسىز بولغان كىچىككىنە ئۆزگىرىش.

مەن بەدىنىمدىن كەلگەن سىگىناللارغا قۇلاق سىلىپ، بەدىنىمگە يۈزلەنگەندىن كېيىن، يەنى غىزالىنىش ئۇسۇلۇمغا ئازراق دېققەت قىلىپ، ئۈچەي خىزمىتىمنى ياخشىلىغاندىن كېيىن ئۇيقۇ سۈپىتىممۇ، كەيپىياتىممۇ ياخشىلىنىشقا باشلىدى. دېمەك، بەدىنىم ماڭا جاۋاب قايتۇرىدى،-دەيدۇ كاۋازوئى. شۇنداق، بەدەن بىلىدۇ، سىزنىڭ ھەر كۈندىكى كىچىك-كىچىك تاللاشلىرىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى بەدىنىڭىزدە بىركۈندىلا ئەمەس ئاستا-ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلىغىنىنى بايقايسىز.

بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ بېقىڭ.

ئۈچەي ۋە روھى ھالەتنى تەڭشەيدىغان يىمەك-ئىچمەك ئادىتى، بەدەن بىلەن قەلبنى تەڭشەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەدەننىڭ ئەسلى رىتىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

ئۈچەي-ئادەملەرنىڭ 2-مېڭىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇڭا، ئۈچەي خىزمىتىنىڭ ياخشى بولۇشى كەيپىياتقىمۇ تەسىر كۆرىستىدۇ. ئاياللارنىڭ بەدىنى كىچىككىنە تاللاشلارنىڭ يىغىندىسىدىن ئاستا-ئاستا تىنىچ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ.

ئەتىگەنلىك قايناقسۇ، ئىسسىق ناشتىلىق، تاماقنى ئالدىرىماي چايناپ يىيىش، كەچتە چۇڭقۇر نەپەس ئېلىش، تېلىفۇندىن بىر پەس يىراق تۇرۇش..قاتارلىق تولىمۇ ئاددى بولغان ھەم سىز قىلالايدىغان بۇ ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ.

ئاشقازان-ئۈچەينى ئارام ئالدۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى-روزا تۇتۇش.

رامىزان تۇتۇش سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ-يوق؟ دېگەنگە بېرىلىدىغان جاۋاب ھامان ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.ئەمما، ئاشقازان-ئۈچەي باكتېرىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئېنىقلا ناھايتى پايدىلىق ئۇسۇل.

ئۈچەي باكتېرىيەلىرى ئېچىتىش ئۈچۈن يېمەكلىك سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك تالاسى ۋە باشقا تەركىبلەرنى دائىم قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت تاماق يېمىگەندە، ئۈچەي باكتېرىيەلىرىنىڭ پائالىيىتى ۋاقىتلىق ئاستىلايدۇ.

بىر مەزگىل ئارتۇقچە تاماق يېگەندىن كېيىن ئاشقازان-ئۈچەي چارچاپ كەتكەندە، خىزمەت رېتىمنى قايتا تەڭشىمەكچى بولغاندا، رامىزان تۇتۇش ئاشقازان-ئۈچەينى ئارام ئالدۇرۇشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى.

بەدەن-ئەسلىدە كۈچلۈك قوغداش سىسىتىمىسى بولۇپ، ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى بولىدۇ. بەدەننىڭ بۇ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەبىئى يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش، ۋاقتىدا ئارام ئېلىش، يىنىك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بىرىش، ئەڭ مۇھىمى ھېچنىمىنى ئۆزىگە بىسىم قىلمىغان ھالدا بەدەننىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشىسە بولىدۇ.

بەدىنىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ قويۇش ھەم ئۆزىگە ئىجابى سۆزلەرنى قىلىش

ئانچە-مۇنچە خاتىرە يازامسىز؟ خاتىرىگە بەدىنىڭىزدىن كىلىۋاتقان ئاۋازلارنىمۇ خاتىرىلەپ قويامسىز؟ كىتابتا«ئۆزىڭىزنى تەڭشەش خاتىرىسى»يېزىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ خاتىرىلەپ قويۇش ھەرىكەتلىرىڭىزنى قاتتىق كونترول قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بەدىنىڭىز ھەم قەلبىڭىزدە دەل شۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە نېمىلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان سىزگە تەئەللۇق جاي ھازىرلاشتۇر. ئەلۋەتتە، بەك قىلىپقا چۈشۈرىۋىلىشنى خالىمىسىڭىز، ماڭا ئوخشاش كۈندىلىك خاتىرىڭىزگە خاتىرىڭىزنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە خاتىرىلەپ ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنى مۇكەممەل يېزىشىڭىزنىڭ، ھەر كۈنى يېزىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق.

«بۈگۈن قانداق كۈن بولدى؟»، «بەدىنىڭىز قانداق ھېس قىلدىڭىز؟»، «سىزنى تەسىرلەندۈرگەن بىرەر ئىش بولدىمۇ؟»پەقەت بىرلا سۆز بولسىمۇ بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى «ئىنكار قىلىش»تىن ساقلىنىش ھەم ئۆزىڭىز بولماقچى بولغان ئوبرازنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇنى يېزىپ قويۇش.

ئوي-پىكىرلىرىڭىزنى سۆزگە ئايلاندۇرۇپ، خاتىرىلەپ قويۇش ئارقىلىق، مېڭىڭىز ئۇلارنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىدۇ. ئۆزىڭىزگە بولغان بېسىم يېنىكلىگەندە، مېڭىڭىز ۋە بەدىنىڭىز تەبىئىي ھالدا ئەڭ ياخشى ھالىتىڭىزگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلايدۇ. ئۆزىڭىزگە قىلغان ئىجابى  «سۆزلەرنىڭ توپلىنىشى» تېخىمۇ راھەت بەدەنگە ئېرىشىشكە ياردەم بېرىدىغان ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

 

بۈگۈن ھاۋا تۇتۇق.7-ئاينىڭ ھېلىقى چىدىغۇسىز ساڭناغا كىرىپ قالغاندەك ئىسسىقى سەل بىسىققان. شۇتاپتا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكى، خۇشپۇرىقىدىن مەست بولغان ھالدا  بەدىنىمنىڭ، قەلبىمنىڭ تولىمۇ راھەت ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ تۇرۇپتىمەن. ئادەم سائەت مانچىدە مۇنداق نەرسە يىسە، مۇنداق ھەرىكەتنى مۇنچىلىك ۋاقىت قىلىپ بەرسە ساغلام بولغىلى، ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى مانى يەپ بېرىڭ. ھەر كۈنى ئاۋۇنى قىلىڭ…دېگەندەك كۆرسەتمىلەردىن تۇرۇپلا ئادەمنىڭ چارچايدىغىنىنى، ئەسلىدە مىڭىگە كىرىۋاتقان ئۇچۇر بەك كۆپ بوپكەتسىمۇ بولمايدىغىنىنى بايقاپ قالدىم.

بەدىنىمىزنىڭ ئاۋازىغا دېققەت قىلغىنىمىزدا مۆجىزە-سېھىر دېگەنلەرنىڭ يېراقتىكى ئالاھىدە يەرلەردە بولماستىن، يېنىمىزدا، ھەر كۈنى ئۇچىرىشىپ تۇرىۋاتقان ئەتراپىمىزدا ئېكەنلىكىنى بايقايمىز-دەيدۇ نانائې سۇزۇكى.

ئەسلىدە بەدەننىڭ ناھايتى مۇكەممەل قوغداش سىسىتىمىسى بولىدىكەن. پەقەت بەدەن نېمىنى خالاۋاتىدۇ، نېمە دەۋاتىدۇ،-بەدەننىڭ ئاۋازىغا دېققەت قىلساق، دۇنيادىكى بارچە «ئۇنى قىلىڭ، بۇنى قىلىڭ»لارنى چۆرۈپ تاشلاپ پەقەت ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىگە خاسلا ياشاش ئۇسۇلىنى، بەدىنىمىزنىڭ پەقەت ئۆزىگە خاسلا بىردىنبىر مەخپي شىپىرىنى تىپىپ چىقالايدىكەنمىز.

مەن يېقىنقى يىللاردا دەل مۇشۇنداق تەبىئەتتىن كېلىدىغان مۆجىزە-سىھرلەرگە تېخىمۇ باغلىنىپ قىلىۋاتىمەن، سىھىرلىنىۋاتىمەن.

ھەر كۈنى ئۆسۈملۈك-گۈل چايلىرىنى ئىچىش، چاچنى قارا، ياخشى ساقلاش ئۈچۈن كاۋا ئۇرۇقى، قارا كۈنجۈت قاتارلىق تەبىئىي يىمەكلىكلەردىن كۇمۇلاچ ياساپ ئىستىمال قىلىش، ئۆز قولۇم بىلەن روزىمەرې قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردىن ئۆسۈملۈك مېيى ياساپ ھەپتىدە بىر قېتىم چاچنى ئوزۇقلاندۇرۇش…دېگەندەك «سىھىرىگەرلىك» بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن ھەم بۇنىڭغا ئائىت ماتىرياللارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن.

مېنىڭ 66ياشلىق ئوقۇغۇچۇمنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بەك رىتىملىق. ئەتىگىنى ھەر كۈنى سەھەر ئۈچ خىل ئىچىملىك يەنى پۇرچاق سۈتى، پەمىدۇر سۈيى، سەۋزە سۈيى ئىچىدۇ، مېڭىشقا چىقىدۇ. ئادەتتە تاتلىقلارنى بەك يىمەيدۇ. يۈزىدە قورۇقمۇ يوق، تېخى پارقىراپ تۇرىدۇ.

يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشتا ياشاش ھەرگىزمۇ ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەمەس، ئۆزىگە خاس رىتىمدا ساغلام، تىنىچ،مۇھەببەتلىك ياشاشتۇر.

سىزنىڭ 20 ياشتىكى گۈزەللىكىڭىز ياشلىقنىڭ كۈچى. 30 ياشتىكى گۈزەللىكىڭىز سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىز. 40 ياشتىمۇ ، ھەتتا 80 ياشتىمۇ چىرايلىق بولالىشىڭىز سىزنىڭ چىرايلىق ياشىيالىغىنىڭىزدا. چىرايلىق ئايال بىر ئۆمۈر چىرايلىق تۇرالىشى ناتايىن. ئەمما، چىرايلىق ياشىغان ئايال موماي ھالىتىدىمۇ  ئاياللىق گۈزەللىكىنى يوقاتمايدۇ.

 

*******************

رەيھان ئابلەت

تارقىتىڭ...