بالىلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن تەربىيلىگەن ياخشىمۇ؟

4,572 قېتىم ئوقۇلدى

ياپوننىڭ مائارىپ قانىلىدا بېرىلىدىغان جەمىئەتتىكى تۈرلۈك مەسىللەر، جۈملىدىن روھى – پىسخىكا مەسىللىرى تەھلىل قىلىنىدىغان ”Heart-net“ پىروگىراممىسىدا  تەخمىنەن بىرەر يىل ئىلگىرى مۇنداق بىر مەزمۇننى كۆرگىنىم ئېسىمدە.

40  نەچچە ياشلىق ئەر ھاراققا خۇمار بولغان. ھاراق ئىچمىسە كۈنى كۈن بولمىغان ئەر پىسخكىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بۇ ئەرنىڭ بالىلىقىغا چېتىشلىق چىققان. يەنى، ئەر تۆت قېرىنداشنىڭ  ئۈچىنچىسىغۇ دەيمەن. بىراق، ئانىسى بۇ بالىسىغا باشقا بالىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولالمىغان ھەم ئۇنىڭ نەزىرىدە ئانىسى ئۇنى ئانچە ياخشى كۆرمىگەن. بالا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئانىسىغا ياخشىچاق بولۇپ ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئانىسىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن تىرىشقان.

كىچىك ۋاقتىدا مۇشۇنداق تەڭسىز مۇئامىلىدە ئانىسىنىڭ  يىتەرلىك مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئوغۇل چوڭ بولغاندىن كىيىن ئاستا – ئاستا ھاراق ئىچىشكە خۇمار بولۇپ قالغان. يەنى، ئانىسىدىن ئالالمىغان مۇھەببەتنى ھاراق ئارقىلىق تولدۇرماقچى بولغان.

خوش، گىپىمىزگە قايتىپ كېلەيلى.

بۈگۈنكى مەزمۇن ئالدىنقى «بالىنى قاتتىق قول تەربىيلىسە ياخشى» دىگەن نەزىريەدىكى بوشلۇقنىڭ داۋامى بولۇپ، قاتتىق قوللۇقلۇق بالىلارغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئوقۇپ باقايلى.

 

Dvorak – Humoresque

 

بالىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن تەربىيلىسە ياخشى بولىدۇ، يەنى بىزدىكى «جەننەتتىن چىققان كۆك تاياق، يۈگۈرتىدۇ يالاڭئاياق» دىگەن نەزىرىيەدىكى بوشلۇق.

 

(4)

بالىنى كۆپ ئەيىپلىگەندە، خاتالىقلىرىنى يوشۇرىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان بولىۋالىدۇ.

داۋاملىق قاتتىق ئەيىپلىنىدىغان بالا ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، توغرىلىقنى ئۈگىنىش ئەمەس، يەنە ئەيىپلەنمەسلىك، تەنقىدلەنمەسلىك  ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، مەغلۇبىيەتلىرىنى، خاتالىقلىرىنى يوشۇرىدۇ، يالغان سۆزلەيدىغان بولىۋالىدۇ.

بىز بۇ مەسىلىنى يەنىلا ئاددى، ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشىنىمىز.

بالىنى كۆپ ئەيىپلىگەندە، خاتالىقلىرىنى يوشۇرىدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان بولىۋالىدۇ

ئانا: بۈگۈن ئەتىگەن «بېرىپ قويۇڭ» دىگەن رەسىملەرنى ئېگسىگە بەردىڭىزمۇ؟

ئەمەلىيەتتە، رەسىملەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغان قىزچاق راستىنى دىسە ئانىسىنىڭ «سىزگە زادى بىر ئىشنى تاپشۇرغىلى بولمايدۇ…» دەپ ئاچچىقلانغان ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى، – دە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولدى.

ھەئە، بېرىپ قويدۇم، رەھمەت ئېيتتى، – دىدى قىزچاق.

ئانا: ۋۇي، بۇ چاچ قىسقۇچنى قەيەردىن تاپتىڭىز؟، – دەپ سورىدى قىزىنىڭ چېچىدىكى كۆرۈپ باقمىغان چاچ قىسقۇچنى كۆرۈپ.

قىزچاق ئەسلىدە ئادىشىنىڭ بېشىدىكى بۇ چاچ قىسقۇچنى ھەۋەس قىلىپ كۆرمەستە ئېلىۋالغانىدى… بىراق، ئۇ بۇ راست گېپىنى ئانىسىغا قانداقمۇ دىيەلىسۇن؟!

قىزچاق: ئادىشىم بەردى، – دەپ يالغان سۆزلىدى.

ئويلاپ باقايلى، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بالىلىرىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىچىك يالغانلار بارمۇ يوق؟! دىققەت قىلمىساق، بۇ كىچىك يالغانلار چوڭ بولغانسىرى ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسدىكى  ئۆتكىلى بولمايدىغان چۇڭقۇر ھاڭلارغا سەۋەپ بولىدۇ.

 

(5)

ئاتا – ئانىدىن ئەيمىنىش يوقالغاندا، ئەدەب – قائىدە، تۈزۈم – پىرىنسىپ دىگەنلەر ھىچنىمىگە ئەرزىمەس بوپقالىدۇ.

بالىنىڭ ئەيىپلىنىشتىن قورققانلىقى ئۈچۈن خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكى، ئەسكى ئىش قىلمىغانلىقى – ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ بەك ئەدەبلىك، قالتىس قائىدە – يوسۇنلۇق بالا بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

كىچىك ۋاقتىدا ئاتا – ئانىسىدىن قورقۇتۇلۇپ چوڭ بولغان بالىلار چوڭ بولغاندىن كىيىن، بۇ قورقۇتۇشلار كۈچ كۆرسىتەلمەيدىغان بولغاندا،  بالا ئۆز ھەركىتىنى ئۆزىمۇ كونتىرۇل قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

رەسىمدىكى مىسالغا قاراپ باقايلى:

كىچىكىدە قاتتىق قوللۇق بىلەن تەربىيلەنگەن بالا چوڭ بولۇپ ئاتا – ئانىسىغا قول ياندۇرماقتا

ئانا:  ئاتا – ئانىغا گەپ ياندۇرسا بولمايدۇ!، – دەپ بالىنى ھەيۋىسى ھەم قورقۇتۇشلىرى بىلەن چىچىلغان ئويۇنچۇقلىرىنى يۇغۇشتۇرغۇزدى.

دادا :  تاپشۇرۇقۇڭنى تىز ئىشلە! دەپ قوپال بۇيرۇقلىرى بىلەن بالىنى تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزدى.

كىچىك ۋاقتىدا مانا مۇشۇنداق ئاتا – ئانىسىنىڭ قاتتىق كونتىرۇل قىلىشىلىرى، بۇيرۇق بىلەن باشقۇرۇشلىرى ئاستىدا  ئۇلارغا بويسۇنغان بالا بىر ئۆمۈر بۇنداق قورقۇپ ياشىمايتتى.   10 يىلدىن كىيىن بۇ بالا قانداق بولدى؟

بۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇلۇپ چوڭ بولغان بالىلار 10 يىلدىن كىيىن، ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، قوپال تىگىدىغان، ھەتتا قول تەككۈزۈپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئاتا –  ئانىسىغا كۆرسىتىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا بالىلىرىمىزنى قەتئى تەنقىدلىيەلمەمدۇق؟  تەنقىدلەيمىز، بىراق، يولى بىلەن.  بۇ يولنى كىيىنكى مەزمۇنلاردا داۋاملىق ئۈگىنىمىز.

 

***

دۇنيادا پەرزەنتىنى سۆيمەيدىغان  بىرمۇ ئاتا – ئانا بولمىسا كېرەك. بىراق، بالىغا بولغان سۆيگۈنى ئەقىل – پاراسەت ھەم سەۋرىچانلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يەتكۈزۈش ھەقىقەتەن  ئاسان  ئەمەس.

بالىلىرىمىز بالىلىق دەۋرىدە مۇھەببەتكە تويۇنسۇن. يىلىكلىرى مۇھەببەتكە تويۇنغان بالا بىر ئۆمۈر بۇ مۇھەببەتنى قىماردىن، ئىچىملىك – چىكىملىكتىن، بالدۇر مۇھەببەتلىشىشتىن، زوراۋانلىقتىن… ئىبارەت ئىككىلەمچى مۇھەببەتتىن ئىزدىمەيدۇ.

روھى توق چوڭ بولغان بالىلار بەك باي بولۇپ كەتمىسىمۇ، بەك بىلىمنىڭ چوققىسىغا چىقىپ كىتەلمىسىمۇ ئىللىق ئاپتاپ كەبى ئۆزىگە ھەم باشقىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلالايدىغان گۈزەل ھاياتتا ياشىيالايدۇ.

 

مەھەللىرىمىزنىڭ گۈللىرى

 

سەھەر

بەكمۇ چارچىغان بىر ھەپتە بولدى، سىزگىمۇ شۇنداقمۇ؟

قەلبىمىز، روھىمىز ئارام تاپقان كۈنلىرىمىز بولسۇن~🌹

چارچىغان نىرۋىلىرىمىز مۇزىكىدىن تىنچلانغاي~🎵☕️🎵

 

**************************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...
  1. ئالدىنقى مەزمۇننىڭ داۋامى…

ئىنكاس يازىمەن

ئەسكەرتىش: ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىكراندا كۆرۈنىدۇ.

بالىلارنى

باش بەتكە قايتىمەن

© 2024 توكيو خاتىرىلىرى