ئالدى بىلەن مۇنۇ سۇئالغا جاۋاب بىرىپ بېقىڭ.

سىز مەلۇم ئۇچرىشىشقا، زىياپەتكە ۋە ياكى خىزمەتكە كېچىكتىڭىز دەيلى، سىزچە قانچە مىنۇتلار ئەتراپىدا كېچىككەن بولسىڭىز “ كېچىككەن “ بولۇپ ھىسابلىنىسىز؟

ئۇندىن باشقا سىز تۇرۇۋاتقان دۆلەت ياكى رايۇندا ئابتۇبۇس، مېترو دىگەنلەر قانچىلىك ۋاقىت كېچىكسە كېچىككەن ھىسابلىنىدۇ؟

جاۋابىڭىزنى بىرىپ بولغان بولسىڭىز راسمىي گېپىمىزنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاستىدىكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ جاۋابلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقايلى.

 

Bond – Victory

***

 ئېنىقلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا:

فىرانسىيەدە 14 مىنۇتتىن ئارتۇق كېچىكسە، ئاندىن كېچىككەن ھىسابلىنىدىكەن.

ئىتالىيەدە 15 مىنۇتتىن ئارتۇق كېچىككەندە، كېچىكىش ھىسابلىندىكەن.

ئەنگىلىيەدە 10 مىنۇتتىن ئارتۇق.

 ياپونىيەدە بىر مىنۇت كېچىكسىمۇ كېچىكىش ھىسابلىنىۋېرىدىكەن.🙄

دىمىسىمۇ ئالى مەكتەپتىكى چاغلاردا  دەرس باشلاشقا  بەش مىنۇت قالسىمۇ، ياتاقتىن چىقماي تۇرۇپ ”بەش مىنۇت دىگەن نۇرغۇن ۋاقىت، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋەتكىلى بولىدۇ“ دەپ خىيالىي يۈرىدىغان مېنى بىر مىنۇت خىزمەتكە كىچىكمەسلىك ئۈچۈن قولۇمدىكى تاماقنى قويۇپ يۈگۈرىدىغان قىلىۋەتكەن ياپونىيەدە بۇ!

بۈگۈن بىز مانا مۇشۇنداق دۇنيادا ۋاقىت قارىشى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان ، پۈتۈن يەرشارىدا بىر كۈن 24 سائەت بولسا،  سائەت سىتىرىلكىلىرى ئادەمنى ھودۇقتۇرۇپ   12 سائەتتەك تۇيۇلىدىغان ۋاقىت بەرىكەتسىز، ھايات جىددىي  بۇ زېمىن  ئىگىلىرىنىڭ ۋاقىت، جۈملىدىن ھاياتىنى تەڭشەش  ئۇسۇلىدىن ئاز – تولا ئۈگىنىپ باقايلى.

 

ئۆزىڭىزدىن ھەقىقى قىلغۇڭىز بار ئىشىڭىزنى سوراپ بېقىڭ

ئارتۇق ئىشلارنى ئارقىغا تاشلىۋېتىش ـ ۋاقىت ئۇتۇشنىڭ ئەڭ قىسقا مۇساپىسىدۇر.
قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا نىسبەتەن ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ.
«بۇ ھەقىقەتەن قىلغۇم بار ئىشمۇ؟»
ئۆزىمىزدىن مۇشۇنداق سەمىمىيلىك بىلەن سوراپ تۇرۇش بىزنى ئۆزىمىز خالىمىغان ئارتۇق ئىشلاردىن ھەم ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن ساقلايدۇ.
مەسلەن : بارغۇڭىز يوق، بارسىڭىزمۇ كۆڭلىڭىز راھەتلىنەلمەيدىغان يىغىلىشلار، مەرىكىلەرگە مەجبۇرى بىرىۋاتامسىز؟ قىلغۇڭىز يوق خىزمەتنى مەجبۇرى قىلىۋاتامسىز؟ ئۆزىڭىز خالىمىغان ئىشلارنى خەقنىڭ كۆڭلى ئۈچۈنلا قىلىۋاتامسىز؟
ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ كۆڭۈل خاھىشىڭىز. كۆڭۈل خاھىشىڭىز يوق ئىشلار ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىش ھاياتنى ئىسراپ قىلغان بىلەن باراۋەر.

 

باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە بەلگىلىك مۇددىئايىڭىز بولسۇن

ئەلۋەتتە، ماۋۇ يەردىكى مۇددىئالار ھەرگىز ھېلىقى ”پايىدىلىنىشلار“نى  كۆرسەتمەيدۇ جۇمۇ.
باشقىلار بىلەن مەقسەتسىز ـ مۇددىئاسىزلا كۆرۈشۈش، مەززىسىز پاراڭ، كۆڭۈلسىز  ئىشلار ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەيلى شەخسى ئۇچىرىشىش ياكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچىرىشىشلاردا بولسۇن قارشى تەرەپتىن ئېرىشىدىغانلىرىمىز، قارشى تەرەپكە يەتكۈزمەكچى بولغانلىرىمىىز دىگەندەك مەقسەت ئېنىق بولۇش مۇھىم.

 

ھەر كۈنلۈك ئىشنى ئەسلەپ يەكۈنلەپ چىقىش

بىر كۈن ئاخىرلاشقاندا، شۇ كۈندە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى، ئۇچراشقان ئادەملەرنى قايتا ئەسلەپ بىر كۈنلۈك ھاياتىمىزدىن يەكۈن چىقىرىشمىز   پېشىپ ـ يىتىلشىمىزگە پايدىلىق.

دىققەت قىلىدىغىنىمىز، ئىنسانچىلىقتا خاتالىقتىن خالى بولالمايدىغان ئۆزىمىزنى خاتالىقلىرىمىز ئۈچۈن بەك زىيادە ئەيىپلەپ قەلبىمىزنىڭ زىندانلىرىغا سولىۋەتمەسلىك. خاتالىقىمىزنى تونۇپ ئۇنىڭدىن مەلۇم يەكۈن چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن سۆيۈملۈك ئۆزىمىزنى كەچۈرىۋەتسەك، باشقا قىلغان ياخشى ئىشلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە ماختاپ بەرسەك، شۇ كۈنى بولۇپ ئۆتكەن كىچىككنە ئېللىق خاتىرىلەر،  ھەتتا، قۇياش نۇرىدىن، چىرايلىق يوپۇرماقلاردىن، بىر ئىستاكان قەھۋەدىن، كىتابىمىزدىكى قالتىس قۇرلاردىن …ئالغان كىچىككىنە خۇشاللىقلىرىمىز ئۈچۈن يەنە بىر كۈلۈمسىرەپ شۇ بىر كۈنلۈك ھاياتىمىزنىڭ يېشىمىنى قەلىپ خاتىرىمىزگە يېزىپ  بولۇپ يېڭى بىر كۈننى كۈتىۋالساق تېخىمۇ چاقنىغان، ئىجابىي  ئۆزىمىزنى تاپالايمىز.

 

خىزمەت، ئائىلىنىڭ سىرتىدىكى ئۆزىنى تېپىپ چىقىش

خىزمەت، ئائىلىدىن سېرىت ئۆزىڭىزنىڭ قېزىقىش -ھەۋەسلىرىنى، ئۆزىڭىزگە خاس ھاياتىڭىزدا ئەڭ قىلغۇڭىز بار ئىشلارنى ئويلاپ بېقىڭ.
نىمىلەرنى ئۈگەنگۈڭىز، نىمىلەرنى قىلغۇڭىز، قەيەرلەرگە بارغۇڭىز، كىملەر بىلەن ئۇچراشقۇڭىز، قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشكۈڭىز  بار…
مانا مۇشۇنداق ئويلىنىش ئارقىلىق ۋاقىتنى ئەسلى سەرپ قىلىشقا تىگىشلىك تەرەپلەرنى تېپىپ چىقالايمىز.

كۆپىنچە كىشىلەر، بولۇپمۇ ئاياللار پۈتۈنلەي ئائىلە ۋە ياكى خىزمەت بىلەنلا بولۇپ ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەسلىدىكى ئۆزىنى قەلبىنىڭ چۇڭقۇر يەرلىرىدە چاڭ-توزان باسقان ھالەتتە كۆرۈپ قالىدۇ،-دە تۇرمۇشنى، ھاياتنى مەنىسىز ھېس قىلىدۇ.

ۋاقتىمىزنىڭ، ھاياتىمىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ بىر قىسمى دەل ئۆزىمىز ھەم ئۆزىمىزنىڭ شەخسى ئارزۇ-ئىستەكلىرى، قېزىقىشلىرى ئۈچۈن سەرىپ قىلىنغاندا،  ئائىلە، خىزمەت دىگەنلەر ئۈچۈنمۇ كۈچ ۋە ئېنىرگىيەلەرگە تولىدىغانلىقىمىزنى ئۇنۇتمايلى.

 

قەرەرلىك ھالدا يېڭى ئادەملەر، يېڭىچە ئىشلار بىلەن ئۇچىرىشىپ تۇرايلى

بەك تار دائىرىگە، تار كىشلىك  مۇناسىۋەت ، رامكىلارغا كىرىپ قالغان تەپەككۇر ھاياتتىكى يېڭىلىقلارنى، ئىھتىماللىقلارنى ئازلىتىۋىتىدۇ.
مەلۇم بىر چەك بېكىتىپ ئايدا بىرەر قېتىم دىگەندەك  يېڭى  ئادەملەر، تەپەككۇرى ئىلغار ، مۇۋەپىقىيەتلىك كىشىلەر، يېڭىچە  ئىشلار بىلەن ئۇچىرىشىپ تۇرساق، يېڭى ـ يېڭى ئىشلارنى سىناپ باقساق ھاياتىمىزنىڭ ئۆزگىچە ،پارلاپ تۇرغان بەتلىرىدىن بەھىرلىنەلەيمىز!

 

ئىنتىرنېت، تېلىۋىزۇر دىگەنلەرگە ھەر كۈنى بىر سائەت ۋاقىت بىرەيلى

كۆرۈشكە تېگىشلىك پىروگرامما، خەۋەر، ئۇچۇرلارغا پەقەت بىر سائەت ئاجىرىتىپ ۋاقتىمىزنى ئامال بار پايدىلىق، ئۈنۈمى بار ئىشلارغا سەرىپ قىلايلى.
بىر سائەت؟! بەك سەمىمىيلىك بىلەن دەۋەتسەم، تەرجىمە، ئانچە – مۇنچە يازمىلار، ئۇچۇر – ئالاقە… دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى تېلىفۇن، كومپىيۇتىرغا باغلىنىپ قالغان بۇ كۈنلەردە بىر سائەت  يىتەرمۇ ھە؟! شەخسەن ماڭا يەتمىگۈدەك! ئىككى سائەت قىلىپ باقامدۇق يە؟!😜

 

 

تۇرمۇشنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن، قائىدە – پىرىنسىپلىرىدىن، پەلسەپە – نەزىرىيەلەردىن، تۈرلۈك رامكا – قورغانلاردىن، ھەتتا ۋاقىتنىڭ كونتىرۇللىقىدىن .. چارچىغان روھىمىز ھەم تىنىمىزنى  بىر پەس ئازاد قىلىش تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى ئۇتۇش ئۈچۈن قوللانغان يەنە بىر خىل ئاقىلانە ۋاقىت تەڭشەش بولسا كېرەك.

ئېرىشكەنلىرىمىز يوقاتقانلىرىمىزدىن كۆپرەك بولغان ھاياتتا ياشاش نېسىپ بولسۇن~

 

*******************

پايدىلانغان مەنبە: ”ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان ئادەتلەر “ ناملىق ياپونچە ژورنال

رەيھان ئابلەت

2017.11.02

 

تارقىتىڭ...