سىنتەبىرنىڭ ئاخىرىقى كېچىسى 23:50 ئۆتكەندە، كىتابنىڭ ئاخىرىقى بېتىنى ياپتىم…ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنداق «ئاخىرى قانداق بولار؟» دەپ كىتاب ئوقۇپ باقمىغىلى…كىتابنىڭ ئاخىرىقى بېتىنى ياپقاندىكى ھېسياتىم خۇددى گارسىيا ماركوزنىڭ«يۈز يىللىق غېرىبلىق»نى تۈگەتكەتكەندىكىدەك مۇرەككەپ ھىسيات، چىگىش سۇئاللار…
پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەسىرىنى ھاياتىمدا 2-قېتىم ئوقۇپ بېقىشىم. تۇنجى قېتىم ئالى مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا ئوقۇغان«ئۆلۈۋىلىش سەنئىتى» ماڭا شۇنچىلىك چۈشكۈن ھەم قاراڭغۇ ئەسەر تۇيۇلغانىدى. ئەلۋەتتە، ھازىرقى «مەن» ھالىتىمدە قايتا ئوقۇپ بېقىش پۇرسىتى بولسا، تەپەككۇرۇم يەنە باشقىچە بولۇشى تەبىئى.
يازغۇچىنىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانىمۇ يەنە بىر قاراڭغۇ ئەسەر بولۇپ، ئوقۇۋىتىپ ئاپتۇرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىدىكى ئۆزگىچىلىكتىن زوقلانسام، كىتاب ئاخىرلىشاي دېگەندىمۇ كىتابدىن بىر تولۇق مەزمۇننى چۈشەنگەندەك بولمىغان مەن كىتابتا تەكرار دادىسى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنىدىغان كارىدور، كارىدوردا سۆزلىشىۋاتقان ماشرەڭ كىيىملىك ئىككى ئادەم، مەخپىي بۇيرۇق، قازىناق، رادىئو..دېگەنلەر شۇنچىلىك سىرلىق ھەم چۈشىنىكسىز سۇئال بەلگىلىرىدەك، تاكى كىتابنىڭ ئاخىرىقى بەتلىرىگىچە بۇ سىرلىق سۇئالغا جاۋاب تاپالمىدىم. ئاپتۇر نېمە ئۈچۈن يەرشارىنى كائىناتنىڭ ۋىروسى، ئادەملەرنى يەرشارىنىڭ ۋىرۇسى دەپ قارايدۇ؟
كىتابنى تۈگىتىپمۇ بىر قانچە كۈنلەرگىچە يۇقارقى سۇئاللار ھەققىدە ئويلاندىم ھەم كىتاب ھەققىدە مۇنداراق چۈشەنچىگە ئېگە بولدۇم.
Richard Clayderman – Serenade
ئارقا كوچا
مەن بۇ ناتونۇش شەھەردە ھېچكىمنى تونۇمايمەن. شۇڭا، بىرەر كىم بىلەن دوست بولۇشۇممۇ، بىرەر كىم بىلەن دۈشمەن بولۇشۇممۇ مۇمكىن ئەمەس.
كىتابدىن
رومان «ئارقا كوچا» ۋە «كېسەلخانا»دىن ئىبارەت ئىككى بابتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىكى قۇياش چىقماس شەھەردەك تۇمان باسقان بۇ زۇلمەت، كۈلرەڭلىك، سوغۇق شەھەردە باش پىرسوناژ غېرىبسىنىدۇ، يېتىمسىرايدۇ. شۇنچىلىك بىر چوڭ شەھەردىن ئۇنىڭ ئورۇققىنە گەۋدىسى سىغقۇدەك ئۇنىڭغا تەئەللۇق بوشلۇق چىقمايدۇ! ئۇ شەھەرنىڭ ئارقا كوچىسىدا ئۆتمۈش ھەم ھازىر ئارىسىدىكى خىياللىرى ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرۈپ كاللىسىدىكى ساندىكى غايىبانە ئۆينى ئىزدەيدۇ-يۇ، ھېچكىمنى تونۇمايدىغان، بىرمۇ دوستى ھەتتا دۈشمىنى يوق ئۇشبۇ شەھەرنىڭ سوغۇق ئارقا كوچىسىدا ناتونۇش، ۋەھشى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ-چەيلىنىدۇ..ئۇنىڭ قانلىق تېنى ئۆتۈپ-كەچكەن كشىلەرنىڭ بىپەرۋا ئاياغ تاۋۇشلىرى ئىچىدە ئىڭرايدۇ. ..ھېلىقى سوغۇق ھەقىقەتتىكىدەك، يەرشارىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ ئۆزىلا«جىنايەت»ھېسابلىنىپ قالغىنىدەك، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ جىنايەت ھېسابلىنىدۇ ھەم ۋەھشى، رەزىل كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ!
دادىسىغا ئوخشاشلا سانلارنى«ھاياتىدىن بىشارەت بەرگۈچى»دەپ بىلىدىغان ئۇنىڭغا نىسبەتەن«1046» دېگەن سان شۇنچىلىك بىر سىرلىق سان بولۇپ، بارچىنىڭ باشلانمىسى ھەم خاتىمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن بىشارەت بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم بۇ چىسلانى خاتا يېزىپ قويىدۇ…ئۇ ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، يېزىش توغرا كەلسىمۇ ئامال بار يازمايدىغان ھەتتا خاتا يازىدىغان بۇ چىسلانىڭ دەل ئۇ تېخى 10 ياشلىق ۋاقتىدا دادىسىدىن بارچە جاسارىتىنى يېغىپ ئاپىسىنىڭ قەيەردە ئېكەنلىكىنى سورىغان ھېلىقى كۈنى ئىدى…
ئۇ ھېلىقى كېچىدە كىرلىككە يۆگەلگەن نەرسىنى كارۋىتىنىڭ ئاستىغا ئورەك كولاپ تاشلىغاندا گۈپپىدە قىلىپ چىققان ئاۋازنى ھەر دائىم چۈشلىرىدە ئاڭلايدۇ..ئۇ ئاشۇ مۇدھىش چۈشلەرگە مەھكۇم كارۋىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بۇ سوغۇق، يات شەھەرنىڭ ئارقا كوچىلىرىدا سەرگەردان بولۇشقا رازى بولىدۇ….
ئۇ يات بىر شەھەرنىڭ سوغۇق ئارقا كوچىسىدا قان ئىچىدە ياتقان دەل شۇ پەيتتە ئۇ داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئايالنىڭ ئاۋازىنىڭ دەل ئاپىسىنىڭ ئاۋازى ئېكەنلىكىنى بىلىدۇ.
كېسەلخانا
سەندىن كەلدۇق، ساڭا قايتىمىز.
ئىككىنجى بابى «كېسەلخانا»دا، باش پىرسوناژ ئۆزىنى جىنسى كىسەل دەپ ئويلاپ، چەت بىر جايدىكى مەخپىي دوختۇرخانىغا كېلىدۇ. بۇ «كېسەلخانا» ھېچبىر كېسەل داۋالايدىغان ئورۇنغا ئوخشىمايدۇ. تاملارغا ئورگان سېتىش، ھەر خىل جىنىسى كېسەل…تەشۋىقاتلىرى چاپلانغان، جىنسى كېسەل بىمارلىرى، ۋىرۇسلارنىڭ ماكانى بولۇپ، بۇ يەردىكى مەينەتچىلىك، ۋىرۇسلانغان كىشىلەر پۈتۈن يەرشارىنى مەينەتچىلىك بىلەن تولغاندەك كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆزى كەلگەن كېسەلخانا بىلەن دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن كېسەلخانىنىڭ خىياللىرىنى بىرلەشتۈرىۋىتىدۇ.ئۇنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئارقا كوچىدا قېنى ئېقىپ ئۆلگەنگە قەدەر باشتىن ئۆتكەن كەچمىشلىرى، ھاياتىدىكى سىرلىق سانلار يېشىمى يېشىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئائىلىسىنى قىسقىچە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. دادىسى زوراۋان، نادان، ھەتتا ماڭقۇرت ئەر. ئانىسى قورقۇنچاق، بويسۇنغۇچى ھەم ئېزىلگەن ئانا. ئۇنىڭ ئاكىسى ھەم ئاچىسى بۇ ئائىلىدىن قىچىپ كېتىدۇ. ئۇ بولسا كىچىك چاغلىرىدىن تارتىپ دادىسىنىڭ تىل-ئاھانەت، تاياقلىرى ئىچىدە چوڭ بولىدۇ. ھەتتا، ئۇياقا-يۇرتلاردا سەرگەردان بولۇپ بويۇن قىسىشقا رازى بولدىكى، بۇ قاباھەتلىك ئائىلىدە تۇرغۇسى كەلمەيدۇ!
باش پىرسوناژنىڭ دادىسى سانلار دۇنياسىغا كىرىپ قالغان ئادەم بولۇپ، ئۇ ھۆكۈمەت ناھايتى مەخپى كونتىرۇل قىلىدىغان، يەر ئاستى كارىدورغا ئېلىپ بېرىلىپ، ماشرەڭ كىيىم كەيگەن ئىككى ئادەم تەرىپىدىن داھىينىڭ رەسىمى ۋە دۆلەت گىرىبى بار بىر ئىشخانىدا مەخپىي ۋەزىپە تاپشۇرۇلىدۇ. دادىسى ئۆمۈر بويى قازىناقتا مەخپىي ھالدا رادىئودىن باشقا بىر تىلدا سانلار ئاڭلىتىلىدىغان بىر قانالنى ئاڭلاپ، يىللار بويى بۇ سانلارنىڭ مەخپىي يېشىمىنى تەھلىل قىلىپ،ئۆز ئايالىنى 49 ياشقا كىرگەن، 9-ئاينىڭ9-كۈنىدە ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندەك ئاجايىپ يېشىمغا ئىرىشىدۇ ھەم بىر يېرىم كېچىدە ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ،ئوغلىنىڭ كارۋىتىنىڭ ئاستىغا ئورەك كولاپ شۇ يەرگە كۆمىدۇ! بۇ قانداق پاجىئە! قانداق نادانلىق؟!
بۇرۇنقى زاماندا ئادەملەر ئەسكى ئىش قىلغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ ئۆلۈكىنى سازايە قىلىشارمىشكەنتۇق. كىشىلەر بىلمىگەن يامانلىق بىلەن ئۆلگەن ئادەم ئۆلگەندە شۇنچىلىك سىسىق پۇراپ، باشقىلارنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ ئۆزىنى سازايە قىلارمىشكەنتۇق. دادىسى تېنى ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك گەندە پۇرايدۇ، ئاخىرىقى نەپەسلىرىدە شۇنچىلىك جېنى قىينىلىپ كېتىدۇ.
كىتابنىڭ بۇ بابىدا پۇراق نۇقتىلىق تېما بولۇپ، ئۇ قەيەرگىلا بارمىسۇن ھەر دائىم بىر خىل پۇراقنى سېزىدۇ-يۇ، ئۇنىڭ زادى نېمە پۇراق ئېكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. ھالبۇكى، ئەڭ ئاخىرىقى تىنىقىدا، ئەڭ ئاخىرىقى سەزگۈسىدە بىر ئۆمۈر ئىزدىگەن بۇ پۇراقنى قېنى ئاققان ئارقا كوچىدا مۇزدەك، سوغۇق يەردە ياتقىنىدا تاپىدۇ ھەم بۇ پۇراقنىڭ دەل ئاپىسىنىڭ يەنى ئاپىسىدىن كېلىدىغان نەم لاينىڭ پۇرىقى بىلەن قاننىڭ پۇرىقى ئېكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئۇنىڭغا ھەر دائىم كۆرۈنىدىغان ئىشىكنىڭ دەل بۇ دۇنياغا كەلگەندىكى ئانىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى كارىدور ئېكەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئۇ ئاخىرىقى نەپسىدە ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ. ئاپىسىنىڭ تېنىدىن كېلىۋاتقان قان ھېدىنى پۇرايدۇ…
خاتىمە
رومان ھەقىقەتەن بەك ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان بولۇپ، روماننىڭ بەزى يېزىش ئۇسلۇبى ماڭا «يۈز يىل غېرىبلىق»نى ئەسلەتتى.جورج ئوۋىلنىڭ«1984»ناملىق كىتابنىمۇ، ئاشۇ كىتابتا تەسۋىرلەنگەن قاراڭغۇ، غەلىتە بىر جەمىئەتنىمۇ ھەم ئەسلەتتى…
ئاخىرىقى ھېسابتا، جەمىئەتنىڭ قاراڭغۇ، رەزىل تەرىپى، ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى جاراھىتى ۋە زۇلمىتىنى ئېچىپ تاشلاش، ئەڭ مۇھىمى شۇنداق ئېغىر تىراگىدىيە، قورقۇنچ، ئازابنى تولىمۇ ئاددى، يىنىك، ئۆزگىچە ئىپادىلەش-بۇ روماننىڭ ئەڭ زور مۇۋاپىقىيىتىدىن بىرى بولسا كېرەك دەپ قارايمەن.
**************************
قەلەمدە: رەيھان ئابلەت
1990-يىلى باشلىنىپ 25 يىلدىن كېيىن، يەنى2015-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچ سائەت 12:30 دە ، ئاخىرىقى نۇسخسى تاماملانغان. تەخمىنەن 30 يىلدىن كېيىن نەشىر قىلىنغان.
09/10/2024 10:03 چۈشتىن كېيىن
ئاپتورنىڭ يېزىش ئۇسلوبى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە،تەسۋىرلىرى شۇنداق ئىنچىكەيۇ ھەربىر ئەسىرىنىڭ ئاخىرىنى تەسسەۋۇر قىلىش تەس،ھەر بىر پارچىدىن دائىم ئويلىمىغان بىر نەتىجە چىقىدۇ.
ۋەقەلەرنى يېزىشتىن بەكرەك ئارقا كۆرىنىشى،بولۇپمۇ پىسخىكىلىق ئارقا كۆرىنىشىنى بەكرەك يورۇتۇپ بەرمەكچى بولغاندەك بىلىندى.
باشقا ئەسەرلەردە كۆپۈنچە دۇنيانىڭ يورۇق قاراڭغۇ تەرىپىنى سېلىشتۇرما،ھېكايە شەكىلدە بايان قىلسا،«چوڭ شەھەردە» ئەسەردىكى مەننىڭ خىيالى دۇنياسى ،ئائىلە ئارقا كۆرىنىشى بىلەن جەمىئەتنىڭ قاراڭغۇ ،يىرگىنىشلىك ،رەزىل بىر تەرىپى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن مونولوگ شەكىلدە بىرلەشتۈرۋېتىلگەن.ھەم كىتابنىڭ ئاساسىي مەزموننى تەشكىل قىلغان .
09/10/2024 10:12 چۈشتىن كېيىن
ھەئە. دەسلەپتە زىرىكىشلىك ھەتتا بۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنىڭ دەردى بارمۇ دېگەندەك تەسىر بېرىدۇ. ئەمما، ئىچكىرلىسە بەك چۇڭقۇر مەنا بار.