توكيونىڭ يامغۇر پەسلىنى، كۈن-كۈنلەپ قۇياش نۇرىنى كۆرەلمەيدىغان مۇشۇ 6-ئايىنى ئانچە ياخشى كۆرەلمەيمەن…ئەمما، بۈگۈنكى يامغۇردىكى گۈللىرىمنىڭ گۈزەللىكىدىن، يامغۇر ئاۋازى ئىچىدە ئىچكەن قىززىق قەھۋەرىمدىن ئالغان ھوزۇر ۋە ئىلھامنىڭ  شاراپىتى بىلەن سىلەرگە يېقىندا ئوقۇپ تۈگەتكەن خال ئېلرودنىڭ«مۆجىزىلىك سەھەر»ناملىق كىتابىنى ئورتاقلاشماقچىمەن.

سەھەر ئورنىدىن تۇرۇش بىلەن مۇۋەپپەقىيەت ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش باركەن. ئەتىگەنلىك ئويغىنىش ۋاقتىڭىز ئۆزگەرسە، ھاياتىڭىزمۇ ئۆزگىرىدۇ.ئەتىگىنى ئويغانغاندا، قىلغان تۇنجى ئىشڭىز پۈتۈن بىر كۈنىڭىزگە، تاكى شۇ كۈن ئاخىرلاشقانغا قەدەر تەسىر قىلالايدۇ،-دەيدۇ بۇ كىتابتا.

ئۇنداقتا سۇئال: بۈگۈن سەھەر ئويغانغىنىڭىزدا نېمە ئىش قىلدىڭىز؟ نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟ ئورنىڭىزدىن تۇرۇشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە بولدى؟

جاۋاب: سەھەر ئويغىنىپ كارۋاتتىن قوپماي بەش-ئون مىنۇت ھەرىكەت ئىشلىدىم ھەم بۈگۈننى گۈزەل بىر كۈن قىلىمەن دەپ ئويلىدىم. (مەن)

سۆيۈملۈك دالايلاما 14 مۇنداق دەيدۇ:

ھەركۈنى كۆزىڭىزنى ئاچقاندا مۇنداق ئويلاڭ.بۈگۈنمۇ ساق-سالامەت ئويغىنالىغىنىمدىن، ھاياتلىقىمدىن بەخىتلىكمەن. ئىنسان بولۇش سۈپتىم بىلەن قىممەتلىك ھاياتتا ياشايمەن ھەم ھاياتىمنى بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن ئىسراپ قىلمايمەن. ئۆزۈمدە بار ئېنىرگىيەرىمنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۆزۈمنى ياخشىلاش ۋە باشقىلارغا كۆيۈنۈش، يارىدەم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن.

خوش، دالايلامانىڭ نەسىھىتىدەك ھەر كۈنى ئوخشاش سۆزنى قىلىپ كەتمىسەكمۇ، بىر كۈننى شۈكۈر، مىننەتدارلىق، گۈزەل ئارزۇ-تىلەكلەر ھەم ئارزۇيىمىزغا يېتىش ئۈچۈن ئېلىنغان قەدەملەر بىلەن باشلاش-نەقەدەر گۈزەل باشلىنىش! شەخسەن مەن ھەركۈنۈمنى بولمىسىمۇ، مۇتلەق كۆپ كۈنلىرىمنى ئەنە شۇنداق باشلىيالىشىمنى خالايمەن. بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىم دەل  ئاشۇنداق بىر ئىددىيەدىكى كىتاب.

ئۇنداقتا، تەپسىلاتىنى «توكيو خاتىرلىرى»دىن قەھۋەرىمىزنى ئىچكەچ، ئاۋۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغاچ كۆرۈپ چىقامدۇق؟!

رەيھان قىزنىڭ كىتاب ئوقۇشى كۆپىنچە ھاللاردا قەھۋە ھەم گۈلدىن ئايرىلالمايدۇ.دېمەك، كىتاب ئوقۇشمۇ بىر خىل ئارام ئېلىش.

RAIN – Sulton Ali Rahmatov

ئۇشبۇ كىتابنىڭ سىزگە ئييتىدىغانلىرى

 

بىرىنجىدىن: سىز ناھايتىمۇ ساغلام، باي، بەخىتلىك، مۇھەببەتلىك. ئۇتۇق قازىنىشقا ئەرزىيسىز ھەم سىزدە ئاشۇنداق بولۇشقا سالاھىيتىڭىز ۋە كۈچىڭىز بار.

ئىككىنجىدىن: ئارزۇيىڭىزدىكى  خىزمەت، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئۇتۇق، غايىۋى تۇرمۇشنى قوغلىشالايسىز. ھەم ئاشۇ خىل ھاياتتا ياشاش ئۈچۈن ھەر كۈنى ۋاقىت ئاجىرىتالايسىز ھەم تىرىشالايدىغان بولىسىز.

ئۈچىنجىدىن: سەھەرنى گۈزەل بىر شەكىلدە باشلاش ئارقىلىق  ئاشۇ بىر كۈننى مەنىلىك، غەلبىلىك ياشاپ، ئارزۇيىڭىزدىكى ھاياتقا قەدەممۇ-قەدەم  يېقىنلىشالايسىز.. .

سىز ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك دەپ قارامسىز؟ تېخىمۇ بەخىتلىك، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولغان ئۆزىڭىزدە ياشاش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟ دەپ قارايسىز؟

سىز ئۆزىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە بەخىتلىك قىلالىسىڭىز، ئۇشبۇ دۇنيا تېخىمۇ بەختىيار بىر ماكانغا ئايلىنىدۇ.ئۆزىڭىزنىڭ بەخىتلىك بولۇشىغا رۇخسەت بېرىڭ

ئارزۇيىڭىزدىكى ھاياتتا ياشىشىڭىز ئۈچۈن قانداق بىر ئادەتلەرگە ئىھتىياجىڭىز بار؟ بۇنى ئۆزىڭىز تېپىشىڭىز، تاللىشىڭىز، يېتىلدۈرشىڭىز كېرەك. ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ قالتىس ئۆزىڭىز بولۇپ، ئويلىغىنىڭىزدەك ياشاش ئۈچۈن ھەر كۈنى دېققىتىڭىزنى شۇ تەرەپكە قارىتىشىڭىز كېرەك. 

ئەڭ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچى – سىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرۇن ۋە ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش.

سىز خالىسىڭىزلا ھاياتقا ئۆچ بولغۇدەك، دۇنياغا ئاچچىقلانغۇدەك مىليونلىغان سەۋەبنى تاپالىغىنىڭىزدەك، ھاياتنى سۆيگۈدەك، خۇشال ياشىيالىغۇدەك مىليونلىغان سەۋەبنىمۇ  ئوخشاشلا تاپالايسىز. شۇڭا، ئاقىلانىلىك بىلەن تاللاڭ.

نېمە ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىڭىزنىڭ ھېس قىلغۇڭىز بار شەكىلدە ھېس قىلغىلى، يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى قانداق قوبۇل قىلىشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.

بىزنىڭ ئەسلى فىتىرتىمىزدە مەيلى قانچىلىك قىيىن ئەھۋالغا قىلىشىمىزدىن قەتئىنەزەر، ئۇنى قانداق ھالدا قوبۇل قىلىش ئەركىنلىكىمىز بار بولغان بولىدۇ.مەيلى مۇھىت ۋە ياكى جىسمىمىز باشقىلار تەرىپىدىن قانچىلىك  كونتىرۇل قىلىنىشقا ئۇچىرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەركىنلىكىگە دېققىتىنى بەرگىلى، ھەر قانداق مۇھىتقا قايسى خىل روھى ھالەتتە تاقابىل تۇرۇشنى تاللاش ئەركىنلىكى بولىدۇ.ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ ئەركىنلىكى-ئۆزىگە ئاتا قىلىنغانلىرىغا ئۆزىدە قانداق بىر پوزىتسىيەدە بولۇشنى تاللاش ئەركىنلىكىدۇر.

ھاياتىمىزدا بىز ئۆزگەرتەلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان ئىشلار بار. بۇنىڭغا ئېسىلىۋىلىپ شۇ بىر كۈننى، ھاياتنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق. ھاياتتىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ھوزۇرلىنىش، يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھاياتتا ياشاش( ئەلۋەتتە، ماددى تۇرمۇشقىلا قارىتىلمايدۇ) ئۈچۈن ھاياتىمىزدا مۇنداق بىر ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارساق ھاياتىمىزغا تېخىمۇ يارقىن رەڭلەرنىڭ  قېتىلىشى  ئېنىق.

مەسلەن، ئۆزىمىزگە ئۆسۈپ-يېتىلىدىغان ئۆزىمىزگە تەئەللۇق ۋاقىت يارىتىش. يەنى بۇ ۋاقىتنى دەل سەھەر ۋاقتىدا ئاتا قىلىش.

يېقىندىن بىرى، ئەتىگەنلىرى ئورنۇمدىن تۇرغۇم كەلمەي،  ئاران-ئاران ئورنۇمدىن تۇرىۋاتقان مەن«مۇنداق قىلسىڭىز ھاياتىڭىز مۆجىزىگە تولىدۇ، مۇنداق پەيزى بوپ كېتىدۇ…» دەيدىغان پاساھەتلەردىن تەسىرلىنىپ «ئەتىدىن باشلاپ مۇنداق قىلىمەن» دەيدىغان ھاياجاندىن ئۆتۈپ كەتكەن بولساممۇ، ئامال بار كىتابدىن ماڭا مەنپەئەت تېگىدىغان بىرەر ئىددىيەلىرىنى تېپش ئۈچۈن بولسىمۇ ئوقۇپ چىقتىم ھەمدە بەزى مۇھىم قۇرلارنى خاتىرىلەپ قويدۇم.  سەمىمىيلىك بىلەن دېگەندە، ئۆزۈمگە بەك يۇقىرى تەلەپ قويىۋالماي، ئۆزۈمگە بىسىم چۈشۈرمىگەن ئاساستا ھازىرمۇ بار بىر قىسىم  تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلاشتىم.

ئاپتۇر ئەتىگەنلىك ئادەتنى تۆۋەندىكى 6 تۈرگە مۇجەسسەملىگەن ھەم بۇنىڭ تەپسىلاتى ئۈستىدە توختالغان. يەنى:

1.تىنىچلىنىش 2. ئىجابى بىشارەت بېرىش 3.تەسەۋۋۇر قىلىش 4.كىتاب ئوقۇش 5.كۈندىلىك خاتىرە يېزىش 6.ھەرىكەت قىلىش. 

مەن بۇنى ئۆزۈمنىڭ كۈندىلىك ئادىتىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سىلەرگە قىسىقىچە ئېيتىپ بەرمەكچىمەن.

1.تىنىچلىنىش

ھەر كۈنى سائەت 7:00 دە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ھاپىلا-شاپىلا تەييارلىقىڭىزنى قىلىپ ئىشقا ماڭىدىغان، ياكى قوپۇپلا بالىلارنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشنى باشلايدىغان سىز بۈگۈن قۇشلارنىڭ ئاۋازى ئىچىدە 5:00دە ئويغاندىڭىز. ئۆي ئىچى جىمجىت، سىرىتتىن پەقەت قۇشلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ..شۇنداق راھەت بىر كەيپىيات.

سىز ئالدى بىلەن كارىۋاتتا ياتقان پىتىڭىزبەش-ئون مىنۇت ھەرىكەت ئىشلىدىڭىز. بۇ چاغدا ئېغىر بەدەنلىرىڭىز يېنىكلەشكە باشلىدى. ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بېشىڭىزغا قويۇپ قويغان بوتۇلكىدىكى سۇدىن بىر قانچە يۇتۇم ئىچتىڭىز. ئاندىن قولىڭىزنى يۇيىۋىتىپ ئىستاكانغا قايناقسۇ قۇيۇپ قۇيۇپ، تازلىق ئۆيىگە كىرىپ چىققۇچە سوۋۇپ تەييار بولغان قايناقسۇغا لىمون، ھەسەل قىتىپ ئىچىۋىتىپ، ھاۋالىق، مەنزىرىلىك ئۆيگە كىرىپ ئەتىگەنلىك «تىنچلىنش»نى باشلىدىڭىز.

بىز مۇسۇلىمانلارنىڭ ئەڭ گۈزەل تىنچلىقىدىن بىرى ناماز.ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تاھارەت ئېلىش يەنى پاكىزلىق، ئاندىن پاكىز جايدا ئىبادەت قىلىش تىنچلىنىشنىڭ ئەڭ گۈزەل شەكلى ئېكەنلىكىنى بۇ كىتابنى ئوقۇۋىتىپ يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھېس قىلدىم.

2. ئىجابى بىشارەت بېرىش

سىزنىڭ تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ گۈزەل بولغۇڭىز بار. پۇلىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىنى خالايسىز. خىزمەتتە تېخىمۇ كۆزگە كۆرۈنگىڭىز بار. سىزنىڭ بالىلىرىڭىز ئۈلگە قىلىدىغان، سىزدىن ئىپتىخارلىنىدىغان ئانا بولغۇڭىز، ھەمراھىڭىزنىڭ بەكمۇ قەدىرلەيدىغان، سۆيىدىغان ئايالى بولغۇڭىز بار. سىزنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ سۈپەتلىك ياشىغۇڭىز بار. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىزگە ئاۋازلىق ئېيتىڭ. (دۇئا قىلىڭ)

3.تەسەۋۋۇر قىلىش

ئارزۇلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ ھەم دەل شۇ خىل ھىسياتنىڭ تەمىنى تېتىپ بىقىڭ.  ئارزۇيىڭىزدىكى تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى ئويلاڭ. مەسلەن، بالىلىرىم تولىمۇ ۋاپادار، كۆيۈمچان، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزلىرى قىلىدىغان، تىرىشچان ياخشى بالىلار.

مەن يەنىلا 25 يېشىمدىكى گۈزەللىكىمنى ساقلاپ قالالىدىم. ھېلىمۇ ھەم 25 يېشىمدا ياشاۋاتىمەن. تىرەم ھېلىمۇ 20 ياشلىق قىزلارنىڭكىدەك، ئېغىرلىقىم يەنىلا  ئۆلچەملىك، بەدىنىم شۇنداق گۈزەل…دېگەندەك.

4.كىتاب ئوقۇش

مەن ئىككى يىل بۇرۇن ئاتايىن كىتاب ئوقۇش گورۇپپىسىدىن بىرنى تەشكىللىدىم. شۇ چاغدا ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان گېپىمدىن بىرى«ئالدىراش بولۇپ كىتاب ئوقۇغۇدەك ۋاقىت چىقىرالمىدىم»دېگەن سۆز بولدى. ناۋادا سىز كۈندۈزى بەكلا ئالدىراش بولۇپ ۋاقىتڭىز بولمىسا، ھەر كۈنى ئەتىگەن بىرەر سائەت بۇرۇن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ 15مىنۇت سائەت توغۇرلاپ قويۇپ كىتاب ئوقۇپ باقسىڭىزچۇ؟

پىقىرغا نىسبەتەن ھەر كۈندىكى قەھۋە ۋاقتىم پەقەت ئۆزۈمگە تەئەللۇق كام دېگەندىمۇ 15 مىنۇتلۇق ۋاقىت بولۇپ، قەھۋە بىلەن كىتاب مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئارام ئېلىش شەكلىم ھەم ھەر كۈنلۈك ئىنىرگىيە مەنبەرىمدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 

5.كۈندىلىك خاتىرە يېزىش

مەن ھەركۈنى ئەمەس كۆپىنچە سەھەرلەردە كۈندىلىك خاتىرە يازىمەن. كاللامدىكى مەسىللەرنى رەتلەش ۋە ياكى شۇ كۈنى ئۆزۈم ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىمنى ئۆزۈمگە ئەسكەرتىش ئۈچۈن. ئەلۋەتتە، خاتىرە يېزىش  ئارقىلىق ئىشلار، ئۆزى ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلارنى يېزىشنىڭ   شۇ كۈننى گۈزەل بىر كۈن قىلىش ئۈچۈن يارىدىمى بار دەپ قارايمەن.

 

6.ھەرىكەت قىلىش

ئەتىگەنلىك تىلەكلىرىڭىزنى تىلەپ بولۇپ، تەنتەربىيە كىيىمىڭىزنى، ئايىغىڭىزنى كىيىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىڭىز. جىمجىت يوللاردا قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئىچىدە مېڭىش، ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ ھارارىتىگە مەڭزىڭىزنى يېقىش، تەبىئەت ئىچىدە ئاستا كۆزلىرىڭىزنى يۇمۇپ يوگا ئويناش…بۇ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سەھەر ھەم سەھەردىكى ھەرىكەت.

مۇشۇنداق ئەتىگەنلىرى مېڭىشقا چىقالىغان كۈنلىرىم روھىم قايتىدىن كۈچكە تولىدۇ، روھىم يېڭىلىنىدۇ، ئۆزۈمنى قايتىدىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك يېنىك، غەمسىز، بەختىيار ھېس قىلىمەن.

بۇ كىتابنىڭ ماڭا ئەڭ يارىغىنى« سەھەردە قىلىنغان ھەرىكەت ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەدەنگە بەكرەك پايدىلىق. مەيلى بىر مىنۇت بولسىمۇ ھەرىكەت قىلىپ بېرىڭ.»دېگەن سۆزى. شۇڭا، سىرىتقا چىقالمىغان كۈنلىرى پەقەت بولمىسا ئۆيدە بىر مىنۇت بولسىمۇ ھەرىكەت ئىشلىسەك بولىدۇ.

مەن يۇقىرىدا بۇ كىتابنىڭ ئاساسلىق ئىددىيەسىنى تۇرمۇش ئادىتىمگە ماسلاشتۇرۇپ سۆزلىدىم. سىلەرمۇ ئەتىگەنلىك بۇ ئالتە ئادەتنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇپ باقساڭلار،  ئۆززۈڭلارغا تەئەللۇقلىرىنى قوبۇل قىلساڭلار بولىدۇ.

يۇقىرى سەۋىيەدىكى تۇرمۇشتا ياشاش دېگىنىمىز قانداقتۇر بەك ھەشەمەتلىك ياشاش دېگەنلىك بولماستىن، ئەڭ مۇھىمى قەلبى تىنچلانغان، تۇرمۇش رىتىمى ھەم تىرىشچانلىقى بەدەن ھەم قەلبنى راھەتلەندۈرىدىغان بولۇشى دەپ قارايمەن.

****************************

رەيھان ئابلەت

2025.06.05

تارقىتىڭ...