سۇئال:

 ئىككى ياشلىق ئوغلۇم پەقەت گەپ ئاڭلىمايدۇ، مەن بەكرەك ئەركىلىتىپ چوڭ قىلغاچقا، شۇڭا مۇشۇنداق ئۆزى بىلگەننى قىلىدىغان بوپقالدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. بالامنى گەپ ئاڭلايدىغان قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلسام بولار؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.

– ياپونلۇق ئوقۇرمەن ئانا

 

魔女の宅急便 ー めぐる季節

 

جاۋاپ:

بالىلارنىڭ ئىككى ياش ۋاقتى – دەل ئۇلارنىڭ دەسلەپكى قارشىلىق مەزگىلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن مەزگىلى. (بىر يېرىم ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان ۋاقىت بىرىنجى قېتىملىق قارشىلىق مەزگىلى ھىسابلىنىدۇ.) يەنى، بالىنىڭ ئەڭ كەپسىز، نىمىلا دىسە «ياق!» دەپ تازا قارشىلىق كۆرستىدىغان، كۈچ سەرىپ بولىدىغان مەزگىلى.

(ياپونلار بۇ مەزگىلنى ئابدۇكېرىمكامدەك تۈپتۈزلا تەرجىمە قىلساق  «ئالۋاستى 2 ياش مەزگىلى» دەيدۇ، ئنگىلىزلار ”Terrible twos“ يەنى، قورقۇنچلۇق مەزگىل دەپ ئاتايدۇ.)

شۇڭا، بالىنىڭ گەپ ئاڭلىماسلىقى ئاپىسىنىڭ بەك ئەركىلىتىۋەتكەنلىكىدىن بولماستىن، نورمال ئىككى ياشلىق بالىنىڭ قىلىقى خالاس!

نىمىلا دىسە «ياق» دەپ تۇرىۋېلىشلار، «ئۆزۈم قىلىمەن» دەپ قىلالمىغان ھالىغا ھەممە ئىشلارنى يالغۇز قىلىمەن دەپ ئېسىلىۋېلىشلار… ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرىۋىلىپ، ئاتا – ئانىنىڭ گىپىنى ئاڭلىماسلىقلار بولۇپ تۇرىدىغان، «ھە،- بوپتۇ ئۆزۈڭ بىر قىپ باققىنە!» دەپ تاشلاپ بەرسە، يەنىلا قىلالماي، شۇنىڭ بىلەن «دىدىمغۇ ساڭا! قىلالمايسەن دەپ!» دەپ ئاچچىقلىنىپ قېلىشلار تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بىر مەزگىل.

ھالبۇكى، ئۆسۈپ – يېتىلىش باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ بۇ خىل ئۆز پىكىرىنى ئوچۇق ئىپادىلىيەلىشى، قەلبىنىڭ مۇستەقىللىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى.

يەنى، ئانا بولغۇچى بالىنى ياخشى تەربىيەلىگەنلىكى ئۈچۈن، بالا قەلبىدە مۇستەقىللىق ئېڭى بىخلانغان بولىدۇ، ئانا – بالا مۇناسىۋىتى ياخشى بولغانلىقتىن بالا خاتىرجەم ھالدا ئۆزىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ.

ئەگەر بالىڭىز بۇ مەزگىلدە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسا «بالامنى ياخشى تەربىيلەپتىمەن» دەپ خاتىرجەم بولىسڭىز بولىدۇ.

 «بەك ئەركە قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆز بېشىمچى» دەپ ئويلاپ بالىنىڭ ھەر بىر قارشلىقىنى ئاچچىقلاش – ئەيىپلەشلەر بىلەن باستۇرساق، بالا سىرىتتىن گەپ ئاڭلايدىغان يۇۋاش بالا بولغىنى بىلەن، بالىنىڭ روھىدىكى مۇستەقىللقىنىڭ بىخلىرىنى، ھاياتقا بولغان ئۇرغۇپ تۇرغان ياشاش ئىستىكىنى بالىلىقىدىلا تۇنجۇقتۇرىۋەتكەن بولىمىز.

بىر مەزگىل ھەقىقەتەنمۇ جاپا تارتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، بىراق، 3.5 – 4 ياشلارغا بارغاندا بالىدىكى بۇ دەسلەپكى قارشىلىق مەزگىلىمۇ ئاخىرلىشىپ، بالىنىڭ ئادەمنى چارچىتىدىغان بۇ كەپسىزلىكلىرىمۇ سەل بېسىقىدۇ.

شۇ ۋاقىتقىچە سەۋرىچانلىق بىلەن بالىغا ماسلىشىپ بەرمەكتىن باشقا ئامال يوق دەپ قاراپ، بالىغا يول قويغان تۈزۈك. بالىمۇ كۆڭلىنىڭ چۈشنىلىشكە ئېرىشكەنلىكىدىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ ،- دە پەسكويغا چۈشىدۇ.

يەنى، قانداق ئىشلاردا قانداق يول قويىمىز، مىسال كۆرۈپ باقايلى.

بالىنىڭ ئەركىلەشلىرىنى قوبۇل قىلمىغاندا

نىمىلا دىسە «ياق…ياق» دىگىنىچە يىغلاپ يەردە يېتىۋالغان بالىنىڭ بوۋىسى ئاپىسىغا : «سىز بەك ئەركىلىتىپ مۇشۇنداق گەپ ئاڭلىمايدىغان قىلىپ قويدىڭىز مانا!» دىدى.

بالىنىڭ ئاپىسىمۇ «راستىنلا شۇنداقمىدۇ…» دەپمۇ ئويلاپ قالدى،- دە، بالىغا قاتتىق خاپا بولدى. «بۇنداق ئەركە – نايناقلىقىڭغا ئەمدى يول قويمايمەن!» دەپ قولىدىكى تاياق بىلەن بالىنى قورقۇتتى.

بالىنىڭ گەرچە يەردە يېتىۋىلىپ يىغلاشلىرى بېسىققان بولىسىمۇ، «قىلغۇم بار ئىشلارنى ئېيتساممۇ بولمىغۇدەك…» دەپ روھى چۈشۈپ ئۈمچىيىپلا قالدى.

ئويلاپ كۆرەيلى، مۇشۇنداق قورقۇتۇلۇپ بېسىقتۇرۇلغان بالا قىلغۇسى كەلگەن ئىشلارنى يۈرەكلىك قىلالارمۇ؟ كۆڭلىدىكىنى قورقماي ئېيتالارمۇ؟

ئەسلى بۇ ئانا قانداق پوزىتسىيەدە بولسا ياخشى بولاتتى ؟

بالىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنسەك، بالىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولىدۇ ھەم پەسكويغا چۈشىدۇ

نىمىلا دىسە «ياق…ياق» دىگىنىچە يىغلاپ يەردە يېتىۋالغان بالىغا قاراپ بوۋىسى : «سىز تولا ئەركىلىتىپ مۇشۇنداق قىلىپ قويدىڭىز مانا!» دىدى بالىنىڭ ئاپىسىغا.

بىراق، بالىنىڭ گەپ ئاڭلىماسلىقى مۇستەقىللىققا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئالامىتى. ھازىر دەل بالىنىڭ مۇشۇنداق مەزگىلى بولغاندىكىن، بالامغا ماسلاشماي ئامال قانچە؟!، – دەپ ئويلىغان ئانا بالىسىنى قولىغا ئېلىپ «شۇ، – بالام، بىلىمەن… بىلىمەن، يەنە ئوينىغۇڭ بار ئىدى، -ھە ؟! بولدى… بولدى… يىغلىما… مەن سېنى چىڭ قۇچاقلاپ قوياي…» دىگىنىچە ئوماق قوزىچىقنى چىڭ قۇچاقلىدى.

ئەلۋەتتە، بۇ دىگەنلىك ھەرگىز بالىنىڭ ھەممە ئىشىغا يول قويۇش كېرەك دىگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ ياشتىكى يەنى، دەسلەپكى قارشىلىق مەزگىلىدىكى بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك؟

ئىككى ياشلىق بالىلارغا بولمايدىغان ئىشلارنى ئېنىق قىلىپ «بولمايدۇ» دىيىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى يازمىلاردا تىلغا ئالغاندەك بالىنىڭ دىققىتىنى بۇراش، «قايسسى بولىدىكەن؟» دىگەندەك بالىنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا قويۇش ..دىگەندەك گەپ ئاڭىلىتىش ئۇسۇللىرىمۇ  بار. بەزىدە، بالا بىرەر ئىشنى پەقەت قىلالمىغاندا، «ھازىرچە قىلالمىدى، بوپتىلا» دەپ ۋاقىتلىق ۋاز كېچىمىز.

يەنە مەسلەن، بالا ئوينىغاچ تاماق يىگەن بولسا، يەنى، بالىلارنىڭ تاماق بىلەن ئويۇنچۇقنىڭ پەرقىنى بىلەلمەيدىغان مەزگىلى بولىدۇ، تاماقنى بۇزۇپ – چېچىپ ئويناشنى ياقتۇرىدىغان قىلىقلىرى چىققاندا، ئاتا – ئانا بولغۇچى «مۇنداق قىلىمىز» دەپ ئالدى بىلەن ئۆزى تاماق يېيىشنىڭ توغرا ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەندە، بالا دەماللىققا ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغاندەك تۇرغان بىلەن بالىلارغا خاس ئۆزىنىڭ ھەركىتىنى كۈزىتىدۇ ھەم توغرىسىنى ئاستا – ئاستا ئۈگىنىۋالىدۇ.

جاۋابىم تامام دەيدۇ ئاكې خاشى ئەپەندىم.

ئارزۇلىرىمىزغا يىتىش يولىدا مەغلۇپ بولساقمۇ مەيلى، نىمە بولسا بولسۇن چوقۇم بىر نەتىجىسى بولىدۇ.

خەير، ئارزۇلىرىمىزدىكى كۈنلەرنى كۆرۈش نىسىپ بولسۇن🌹

************************

「 大好き! が伝わるほめ方&叱り方 」

ـ ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى

تەرجىمىدە رەيھان ئابلەت

 

تارقىتىڭ...