يېقىندىن بۇيان تورلاردا تولا ئۇچۇپ يۈرگەن ئاتالمىش«چەك-چىگراسىز مۇھەببەتلىك توي مۇراسىملىرى»نى ھەر قېتىم كۆرگىنىمدە، پۈتۈن-سۈرۈك بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى چىيەنلۇڭخاننىڭ ساراڭلارچە ئاشىق-بىقارارلىقىغا ئېرىپ كەتمىگەن، پادىشاھنىڭ سەلتەنىتى ئالدىدا ئۆزىنى ئەرزانلاشتۇرمىغان، ھەيۋىسى ئالدىدىمۇ قەددىنى پۈكمەي تېنى ۋە روھىنى قوغدىغان ئىپارخاننى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ قالىمەن.
ئەجىبا، ئىپارخان روھى ئۆلدىمۇ؟!
بۈگۈن دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇزۇندىن بېرى قەلەمگە ئېلىش ئارزۇسىدا بولۇپ يۈرگەن «ئىپارخان»ھەققىدە توختىلىمەن.

ئىپارخان كىم؟

 

تارىختىن بۇيان گۈزەل، نازۇك بولۇپلا قالماي، ۋاقتى كەلگەندە دۈشمەنگەن قەھرى بىلەن سانجىلالايدىغان، قولىغا قۇرال ئېلىپ جەڭگە ئاتلىنالايدىغان، غورۇرىنىڭ چەيلىنىشىنى ئۆلۈمدىن ئارتۇق بىلگەن گۈزەل، قەھرىمان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئۇيغۇر روھىنىڭ تاكى بۈگۈنگىچە قانلىرىمىزنى كۈۋەجىتىپ، ئاتەشلەردە ئۆرتىنىشىگە سەۋەب بولۇپ كەلدى!
ئىپارخان-دەل ئۇلارنىڭ بىرىدۇر.

ئىپارخاننىڭ ئەسلى ئىسمى مەمۇرى ئەزەم خان بولۇپ،1734-يىلى قەشقەردە باپكا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
ئۇنىڭ لاتاپەت بابىدىكى تەڭداشسىز گۈزەللىكى ۋە تېنىدىن تەبىئىي ھالدا ئىپار ھىدى كېلىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن خەلق «ئىپارخان» دەپ ئاتىغان.
ئۇيغۇر تارىخچىسى مۇھەممەد سىدىق قەشقەرى ئۆزىنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» نامىلىق ئەسىرىگە ئاساسلانغاندا ئىپارخان ئاپپاق خوجىنىڭ چەۋرىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

1758-يىلى ئىپارخاننىڭ يولدىشى خوجا جاھان ئاكا-ئۇكا بۇرھانىدىن خوجا، جاھانگىر خوجىلار بىلەن بىرگە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قەشقەر ۋە يەركەن مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جەڭلەردە ۋاپات بولىدۇ.
ئىپارخان يولدىشىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئەرەنچە ياسىنىپ، قولىغا قىلىچ ئېلىپ جەڭگە چىقىدۇ.

چىڭ سۇلالىسى جاۋخۇي باشچىلىقىدا زور قوشۇننى توپىلاڭچىلارنى تىنچىتىشقا ئەۋەتكەن بولۇپ، ئادەم سانى جەھەتتىكى چوڭ پەرق تۈپەيلىدىن خوجىلار مەغلۇپ بولۇپ، بەدەخشانغا چىكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
لېكىن، بەدەخشاننىڭ خائىن ھاكىمى ئەھمەد شاھ ئاكا-ئۇكا خوجىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئىپارخاننى ئەسىرگە ئالىدۇ ھەم ئەسىر بويۇمى سۈپىتىدە  جاۋخۇي تەرىپىدىن بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىنىپ چىن خاقانىغا سوۋغا قىلىنىدۇ.
ئىپارخاننىڭ گۈزەل ھۆسنى ۋە لاتاپىتىگە چىيەنلۇڭ خان ئەسىر بوپقالىدۇ.

 ✨

ئىپارخاننىڭ ئوردىدىكى ھاياتى

 

ئىپارخانغا ئاشىق-بىقارار بولغان چىيەنلۇڭ خان ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر-خىل چارىلەرنى قوللانغان.
يۇرت-ماكانىنى سېغىنغان ئىپارخان ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىمارەتلىرىنى سالدۇرۇپ،قەشقەردىن تەخمىنەن 108 ئائىلىلىك يەنى، 705 ئۇيغۇرنى بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ كېلىپ «قەشقەر مەھەللىسى» بەرپا قىلغان ھەم ئىپارخان ئۆز يۇرتىنى سېغىنغاندا كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس «تۇلۇن ئاي راۋىقى» ياسىتىپ بەرگەن.

جۇڭگو تارىخچىسى جى داجۇاڭ ئۆزىنىڭ «ئىپارخاننىڭ ئوردىدىكى ھاياتى»نامىلىق ماقالىسدە بۇ ئىمارەتلەرنىڭ 1911-يىلى چىن خاندانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ، يۈەنشىكەي جۇمھۇرىيەت رەئىسى بولغاندا ئاغدۇرۇپ تاشلانغىنىنى قەيت قىلىدۇ.

ئۇندىن باشقا، چىيەنلۇڭخان مەخسۇس ئىپارخان ئۈچۈن قەشقەردىن ئاشپەز، كىيىم تىككۈچىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر پاسوندىكى كىيىملەرنى تىكتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە تاماقلارنى ئەتكۈزۈپ، تۈرلۈك سوۋغىلارنى بېرىپ تۇرسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنى ۋەھشىلەرچە قىرغان جاللات پادىشاغا نەزەر-كۆزىنى سالمىغان.
خان كۈن بويى چىرايى ئېچىلمىغان ئىپارخاندىن: «مەن قانداق قىلسام سىزنى خۇشال قىلالايمەن؟» دىگەندە:«ۋەتىمىندە غولى تۆمۈردىن، يوپۇرماقلىرى كۆمۈشتىن، مىۋىسى ئالتۇندىن بولغان بىر مېۋە دەرىخى بار، ئاشۇ مېۋە دەرىخىنى سېغىندىم!» دىگەن.
نەتىجىدە چىن خاقانى ئىپارخان ئۈچۈن مەخسۇس بۇ مېۋىنى ئىزدەتكۈزۈپ ئۇنىڭ جىگدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، كىشىلەرنى مەجبۇرى ھاشارغا تۇتۇپ جىگدە كۆچىتىنى بېيجىڭغا يۆتكەشكە سالغان.
جىگدە كۆچەتلىرىنى بېيجىڭغا يۆتكەش سەپىرى باشلىنىپ، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا مانجۇ چىرىكلىرى بىر ياشنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىق سەۋەبىدىن تارىختىكى مەشھۇر ۋەقە «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىڭى يۈز بىرىدۇ ھەم بۇ قوزغىلاڭ قەھرىمان يەتتە قىزلىرىمنىڭ پاجىئەلىك ۋەقەسى بىلەن ئاياغلىشىدۇ.

ئەنە شۇنداق ئىشىق-مۇھەببەت سەۋداسىدا نېمىلەرنى قىلىش ئۈچۈن تەييار تۇرغان چىيەنلۇڭ خان ئىپارخان ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۆگەنگەن بولۇپ، 1736-يىلىدىن1796-يىلغىچە بولغان چىن تىرىتورىيەسى ئىچىدىكى بەش چوڭ مىللەت خەنزۇ، مانجۇ، مۇڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەتدىن ئىبارەت بەش تىللىق لۇغەت تۈزۈلۈپ، بۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن «ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار» نى چىيەنلۇڭ ئۆز قولى بىلەن تەھرىرلىگەنمىش.

مانا مۇشۇنداق ئىپارخاننىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تۈرلۈك چارىلەرنى قوللانغان پادىشاھنى ئۆزىگە يېقىن يولاتمىغان ئىپارخان يەڭ ئىچىدە ساقلىغان خەنجەر ساقلاپ يۈرۈپ، بىر قانچە قېتىم خانغا قول سالماقچى بولغان بولسىمۇ، مەخپىي پايلاقچىلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى تۈپەيلىدىن ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشكەن چىيەنلۇڭخاننىڭ ئانىسى 1765-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى پادىشاھ چىڭداۋدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئەجدادلارنى تاۋاپ قىلىش مۇراسىمىغا كەتكىنىدىن پايدىلىنىپ، خان يوق كۈنلەردە ئىككى نەپەر كىنىزەكنى ئىشقا سېلىپ ئىپارخاننى بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ.
يەنى، قەيسەر، تېز پۈكمەس، نۇمۇسىنى مال -دۇنيادىن، شانۇ-شۆھرەتتىن، ھەتتا ھاياتىدىن ئارتۇق بىلگەن ئىپپەت سىمۋولى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ  پەخىرلىك ئابىدىسى ئىپارخان 31 يېشىدا سۈيقەست بىلەن ۋاپات بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: ئىپارخاننىڭ ئۆلۈمىگە نىسبەتەن يەنە مۇنداقمۇ قاراشلار بولغان.
(1)بەزى مەنبەلەردە چىيەنلۇڭ خاننىڭ ئانىسى ئۇنى ئۆلىۋىلىشكە مەجبۇر قىلىپ شەرەپسىز ياشاششتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىلىپ ئۆلىۋالغان.
(2) خاننىڭ ئانىسى زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرگەن.
(3)بوغۇپ ئۆلتۈرگەن.
مەن ئۇشبۇ يازمامدا بوغۇپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدىم.

 

ئىپارخاننىڭ رەسىمى

 

 

ئىپارخاننىڭ رىتسارلارغا خاس بېشىغا دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا ساۋۇت كەيگەن رەسىمى ئەينى چىيەنلۇخان زامانىسىدا ئوردىدا ئىشلەپ، ئىپارخاننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىتالىيەلىك رەسسام گاستىلىئون يەنى،لىئون تەرىپىدىن سىزىلغان بولۇپ، 1914-يىلى «پىڭتىيەن خان سارىيى» دا نۇرغۇنلىغان ئاسارە-ئەتىقىلەر قاتارىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ھەم شۇندىن ئىتىبارەن ئىپارخاننىڭ نامى تېخىمۇ تونۇلغان. ئۇشبۇ تېمامغا كىرگۈزۈلگەن رەسىم ئەينى چاغلاردىكى گاستىلىئون سىزغان رەسىمگە  ئاساسەن ئابدۇشكۇر كېرەم كۆك ئەپەندى سىزىپ چىققان دىيىلگەن بولۇپ، ھازىر ئەسلى نۇسخسىنىڭ قەيەردىلىكى ماڭا نامەلۇم.

 

1980-يىلى ئۇيغۇر رەسسامى يۈسۈپجان تۇردىيېۋ تەرىپىدىن سىزىلغان يۇقارقى رەسىمىمۇ باركەن.

 

ئىپارخان روھى ئۆلدىمۇ؟

 

روھى ئويغاقلار ئېيتتىكى: ئىپارخان روھى ئۆلمىدى، لېكىن ئاخىرقى نەپەسكە بېرىپ قالدى….

«ئىپارخان روھى ئۆلمىدى، ئۆلمەيدۇ!» دەپ جار سالالمايمەن!  ئۆلمىدى دىيىلگەندىمۇ پىلىلداپ قالغان بۇ روھلارئالدى بىلەن ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان ئازغۇن روھ، زەھەرلىك قوللارتەرىپىدىن سۇندۇرۇلۇپ، تىل-ھاقارەت، زوراۋانلىق بىلەن يەنجىلىۋاتىدۇ…

تارىختىن بۈگۈنگە قەدەر مىلتىق-قىلىچلار ئەگدۈرەلمىگەن بىزلەرنى ھىيلە -مىكىر، ساتقۇنلۇقلار سۇندۇرۇپ كەپتۇ!

سۈكۈتھەر دائىم پەزىلەتتىن دىرەك بەرمەيدۇ. سۆزنىڭ كۆپلىكى قەدىرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىدەك، سۈكۈتنىڭ زىيادىلىكى خارلىق ئەكىلىدۇ.

ئاخىرىدا شەيخ سەئدىنىڭ ئۇشبۇ مىسراسىدا سۆزۈمنى تاماملايمەن.

گەرچە دانا ئېيتۇر: سۇكۇت ساقلاش ئەدەب،

زۆرۈر چاغدا سۆزلەشكە ھەردەم تىرىش.

ئىككى نەرسە ئەقىلسىزلىق: زۆرۈر چاغدا

سۆزلىمەسلىك يا بىمەزگىل چەكتىن ئېشىش.

 

************

 

تەييارلىغۇچى: رەيھان ئابلەت

2020.05.21

تارقىتىڭ...